لوڭقا قويۇش

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ھىجامەت)

لوڭقا قويۇش ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە ھىجامەت قويۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

لۇڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى بولسا ئوت كۈچى بىلەن لوڭقا ئىچىگە تەتۈر بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇنى بەدەن سىرتى يۈزىنىڭ مەلۇم يېرىگە قويۇپ شورۇتۇش ئارقىلىق لوڭقا قويغان ئورۇننىڭ تېرە ئاستىدىكى يىغىلىپ قالغان گاز خاراكتېرلىك چىقىرىندى ماددىلارنى تېرە تۆشۈكچىسى ئارقىلىق چىقىرىش ھەم قان شورۇتۇش ئارقىلىق كېسەللىك ماددىنى چىقىرىپ، كېسەل داۋالايدىغان بىر خىل ئۇسۇلدىن ئىبارەت.

لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار ۋە ھەر خىل سايمانلار ئارقىلىق لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ھېلى ھەم ھازىرغا قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۈنۈملىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «دەستۇرۇل ئىلاج» ، «ئاقساراي» ، «ئېكسىرى ئەزەم» قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «شەخەك قويۇش» دەپ ئاتىلىپ ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە شەخەك قويۇلىدىغان ئورۇنلار ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرغا قويۇلغان. ھازىر بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. كۆپ لوڭقا تۈرلىرىمۇ سۇلياۋدىن ياسالغان، پار- پۇردىن ياسالغان، ئەينەكتىن ياسالغان، بامبۇكتىن ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەينەكتىن ياسالغان لوڭقا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. (ئىلگىرى ھايۋان مۈڭگۈزلىرىدىن، مىستىن ياكى پار-پۇردىن ياسالغان لوڭقا ئىشلىتىلەتتى.

لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1) لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېرە ئاستىغا يىغىلىپ قالغان ھەر خىل بۇزۇق ماددىلارنى يەنى غەيرىي تەبئىي خىلىتلار ۋە يەل قاتارلىقلارنى قوزغاپ ۋە چىقىرىپ تاشلاپ توقۇلما ۋە ئەزالارنى يات ماددىلاردىن تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

2) لوڭقا قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇنغا يىغىلىپ قالغان قان زەردابى، يىرىڭ قاتارلىقلارنى سۈمۈرتۈپ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاپ يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ۋە ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىغىلى بولىدۇ.

3) لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدىكى پايدىلىق تەركىبلەرنىڭمۇ چىقىپ كېتىشىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، دورا ئارقىلىق داۋالاشتا بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە سۈرگە بەرگەندە كېسەللەنگەن ئورۇندىكى يات ماددىلار، غەيرىي تەبئىي خىلىتلار چىقىپ كەتكەندىن سىرت بەدەنگە پايدىلىق بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ چىقىپ كېتىدۇ. لوڭقا قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا پەقەت يەرلىك ئوروندىكى بۇزۇلغان خىلىتلار ۋە يات ماددىلار چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

https://web.archive.org/web/20171029130202/http://nurluk.biz/?p=199#top