Jump to content

ھۆرلۈككە مۇنتەزىر ئاسارەت شۇئۇرى

ئورنى Wikipedia

ھۆرلۈككە مۇنتەزىر ئاسارەت شۇئۇرى

قانداقلا بىر مۇستەملىكىچى ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلققە بىر نەرسىنى سۇنۇۋاتقان بولسا، شۇنداقلا بۇنى گويا لۇتفى ئېھسانىدەك كۆز - كۆز قىلىۋاتقان، چىرايلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسا، دېمەك بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر خەلققە بەدەل تۆلەتكۈزۈش، تەقدىم قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن نەرسە ئورنىغا بەدەل بولۇشقا يارايدۇ دەپ قارىغان يەنە بىر نەرسىنى تارتىۋېلىش، خەلقنى ئېلىۋېلىنغان ئۇ نەرسىدىن ئالاقىسىنى ئۈزدۈرۈش، ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، مۇستەملىكىچىلىكتە بىر نەرسە تەقدىم قىلىنمايدۇ، بەلكى قاتتىق ياكى يۇمشاق ئۇسۇلدا تېڭىلىدۇ. پەرق قىلماق كېرەككى، ئەگەردە مۇستەملىكىچىنىڭ سۇنۇۋاتقىنى سۈنئىيلىك بولسا، تارتىۋالماقچى بولغىنى تەبىئىيلىك، ساپلىقتۇر. تەقدىم قىلىۋاتقىنى ياسالمىلىق بولسا، سۇغۇرۇۋالماقچى بولغىنى ئەسلىيلىكتۇر. دېمەك، مۇستەملىكىچى كۈچ بىر نەرسىنى قۇلاققا ئوقۇۋېرىش ئارقىلىق كۆپ تەكرارلاپ ياد قىلىۋەتمەكچى، ئىزىپ ئىچۈرۈۋەتمەكچى بولسا، قارشىلىقىدا يوقىلىشىنى ۋە ئۇنتۇلۇشىنى ئىستەۋاتقىنى ئۇنىڭ قارىمۇقارشىسىدىكى ئەسلىيلىك ۋە ھەقىيقىلىق بولىدۇ. مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ بىزگە توختىماي تەلقىن قىلدۇرۇپ كەلگەن «شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن»، «ئازادلىقتىن كېيىن» دېگەن سۆزلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇۋېتىشى ۋە بىزنىڭ ھەر قېتىم ئاڭلىغاندىكى قارشىلىق ئېڭىمىزدا مەزكۇر تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال سۆزلەردىن بىنورماللىق ھېس قىلماس بولۇپ كېتىشىمىز، ئەكس تەسىرى كۆرۈلمەستىن ئاڭلىغانچە يۇمشاپ كېتىشىمىز، زېھنىيىتىمىزگە قىلچىلىك ئەكس تەسىر ئېلىپ كەلمەيدىغان دەرىجىدە نورمال ئاڭلىنىدىغان ھالغا كېلىشى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى ھەقىقەت ئورنىغا سەپسەتىنى، رېئاللىق ئورنىغا سۈنئىيلىكنى، تارىخ ئورنىغا سەپسەتىنى دەسسىتىش پىلانلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە مۇۋەپپەققىيەتلىرىنىڭ مەھسۇللىرىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە ئاڭلاشقا گۈزەل ئەمما رېئاللىقىمىزدا ئورنى يوق بولغان مەزكۇر ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» ئەپسانىسىدە مىللەتنىڭ ھەر زامان ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك بولغان، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تۇتاشتۇرۇپ ئۆزىنى ئويغاق تۇتۇشقا، قارشىسىدىكى مۇستەملىكىچىلەر ئالدىدا سەگەكلىكنى ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغان «ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىق، ئەسىرلىك ۋەزىيىتىدە ئىكەنلىكتىن ئىبارەت» ئەسلىي شۇئۇرنى، ۋىجدانىي ئويغاقلىققا ئۈندىگۈچى ھەقىقىيلىقنى زېھىنلەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش، ئاڭ ۋە تۇيغۇلاردىن سۈپۈرۈپ يوقىتىش مەقسەت قىلىنغان. ھەمدە بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى رېئال ۋەزىيىتىنى ئىدراك قىلىپ قېلىشىنىڭ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى چۈشىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆزلەنگەن.

مانا بۇ نۇقتىلار ئېنىق بولغان ۋاقىتتا، بىزنى ئۆز تىلسىملىرى بىلەن مەپتۇن بولۇشقا چاقىرىۋاتقان، ئەپسانىلىرى ئارقىلىق ئاڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىستەكلىرى تامان يۆنەلدۈرۈشتە، ئوڭايلا قايىللىق كۈچىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتە رول ئويناپ كەلگەن ۋە بوينىمىزغا ئەپسۇنلۇق تۇمار كەبى ئېسىۋېلىشىمىزنى، كۈي قىلىپ ئوقۇشىمىزنى، خور بولۇپ تەڭكەش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» سەپسەتىسىنىڭ ئەسلىي مۇددىئاسى، غەرىزىمۇ ئېنىق بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر سەپسەتىنىڭ ئەسلىسىنىڭ مۇستەملىكچىلەر سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقىنىدەك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى، سۈنئىينىڭ ئورنىدا ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك شۇئۇرنىڭ ئاتالمىش «ئازاد بولغانلىق» شۇئۇرى ئەمەس، بەلكى ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىق شۇئۇرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئۇشبۇ «ئاسارەتتە قالغانلىق» شۇئۇرى زېھنىمىزدە ئورۇن تۇتقان مۇددەتچە «ئازاد قىلىنغانلىق» ئەپسۇنلىرى ئۆز خاسىيىتىنى يوقىتىشقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاڭ - تەسەۋۋۇرىمىزمۇ بىزگە سۈنئىي تۇيغۇلارنى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىدۇ، ئەكسىچە يولىمىز ۋە مەنزىلىمىزنى ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇپ  ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداپ ئۆتۈشنى بەس قىلىشقا چاقىرىدۇ. سۈنئىي خىياللار قورشاۋىدا گاڭگىرىماسلىق كېرەكلىكىگە، ئىرادىمىز ۋە غايىمىزنى مۇستەملىكىچى كۈچ ئالدىدا تەسلىم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەر قاچان ئاجىز ئىكەنلىكىمىزنى تەن ئېلىپ يوۋاشلىشىشىمىزنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىگە ئۈندەيدۇ. شۇنداقلا كۆرۈۋاتقان كۈنىگە خوش بولۇپ ئىزچىل مۇستەملىكىچىلەرگە ئىتائەتكار قۇللار دەرىجىسىدە كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كېتىشتىن ئۈزۈل - كېسىل بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

  دەر ھەقىقەت، «ئاسارەتتە قالغانلىق» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلەر ياساپ بەرگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» نامىدىكى سۈنئىي ئەپسۇنلارنى ئىشلىمەس قىلىشقا يارايدىغان، ئىدىيەۋى زەھەرلىرىنىڭ تەسىرىنى قايتۇرىدىغان تىرياقتۇر. شۇنداقلا ئۇ بىزنى ئىچىدە ئەسىر قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان زېھنىي لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشىمىزنى تەمىنلەيدىغان، زېھنىي ئەسىرلىك زەنجىرلىرىنى چىقىپ تاشلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇتىدىغان ئەينەكتۇر. ئۇ ئېڭىمىزغا مەھكەم ئورنايدىكەن، بىزگە مەھكۇملۇقىمىزنى ھېس قىلدۇرۇپ، شېرىن چۈش دەپ خىيال قىلىپ قالغانلىرىمىزنىڭ ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ چۈشى ئەمەسلىكىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان چۈشلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ مەنىلەرگە يۇغۇرۇلغان «ئاسارەت» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن ئويغىنىش داڭلىرىنى ئۇرۇش كېرەكلىكىنى پىچىرلاپ تۇرغۇچى ئۈندەك، بىراۋلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان «ئازاد بولغانلىق» ئەپسانىلىرىگە مىراب بولۇپ كېتىشىمىزگە توسقۇن بولۇپ تۇرغۇچى رېئاكسىيە، ئۆز ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزگە تايىنىپ روھىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەنبىھلىگۈچى ئاگاھ، ھەمدە «ھۆر ۋەتەن» ۋە «ھۆر دۆلەت» قۇرۇپ چىقىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەلقىن قىلىپ تۇرغۇچى سىگنالدۇر.

-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى