ھۈسەيىن تاش

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

Tash2.jpg

ھۈسەيىن تاش 1966-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ. 1989-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ۋە «شىنجاڭ پولات-تۆمۈر گېزىتى»دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

ھۈسەيىن تاشنىڭ ۋەكىللىك ھىكايە-پوۋىستلىرىدىن: «ئاق كىيىملىك پەرىزات»، «كۆلەڭگە»، «سېختىكى ئىشلار»، «قاباھەتلىك چۈش»، «يىرگىنىش»، «ئۈرۈمچىنىڭ جىلۋىسى»، «روھنىڭ قۇدرىتى»، «يىلان يىللىق قىز»، «سەۋدايىلار شەھرى»، «جىن باسقان مەھەللە»، «ئاجرىشىش خىتابنامىسى»، «چىڭقى چۈشتىكى مۇھەببەت»، «ئۈرۈمچىنىڭ چۈشى» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا «ئۈرۈمچىنىڭ چۈشى» ۋە «سەۋدايىلار شەھىرى» ناملىق ھىكايەتلەر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر پارچە رومانى مىللەتلەر نەشىرىياتىغا تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، تېخى نەشىر قىلىنمىغان ئىدى.


ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ھىكايە-پوۋېستلىرى بىلەن ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان تالانتلىق يازغۇچى ھۈسەيىن تاش 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە راك كېسەللىكى بىلەن قازا قىلدى ۋە باگاڭ مەسچىدىدە پېشىن ۋاقتىدا نامىزى چۈشۈرۈلۇپ، ئۈرۈمچى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.