ھېسابلاش ئادىتى

ئورنى Wikipedia

ھېسابلاش ئادىتى

ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا سودا - سېتىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغاچقا شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزىگە خاس ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ تاپقان. بۇ قۇمۇلاق ھېسابىدىن ئىبارەت. بۇ ھېسابات قوي ياكى توشقان قۇمۇلىقىنى سان ئورنىدا قوللىنىش ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان بولغاچقا <قۇمۇلاق ھېسابى> دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك. كېيىنچە ئۇششاق شېغىل تاش، قوناق، ياماق (داچەن) دىن پايدىلىنىدىغان بولغان. بۇنىڭدىن قۇمۇلاق ھېسابىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ھېسابلاش ئادىتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. قۇمۇلاق ھېسابىنىڭ ھېسابلاش قائىدىسى مۇنداق: ھېساب چىقىرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا يىگىرمە- ئوتتۇز تال قۇمۇلاق (تاش، قوناق ياكى داچەن) ھازىرلىنىدۇ. ئاندىن قۇمۇلاقلار قوشۇلىدىغان، ئېلىنىدىغان ساننىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىك تەرتىپتە يەرگە تىزىلىدۇ. تىزىش تۈپ سان ۋە مۇرەككەپ سان بىرلىك تەرتىپى بويىچە بولىدۇ. قۇمۇلاقلار شۇ تىزىش تەرتىپى ئاساسىدا خۇددى چوت - سەنپەن ئۇرۇقلىرىنى يۆتكەپ، قوشقاندەك قۇمۇلاق ئۇرۇقلىرىنىڭمۇ ئورنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كونكرېت ھېسابلاش قائىدىسى چوت - سەنپەن ھېسابلاش قائىدىسىگە ئوخشاش. بۇ ئوخشاشلىققا ئاساسەن، قۇمۇلاق ھېسابىنى <يەر چوتى" ياكى ئىپتىدائىي ھېسابلاش شەكلىدىن بولسىمۇ، ھېسابلاش قائىدىسىنىڭ چوت - سەنپەن ھېسابلاش قائىدىسى بىلەن ئوخشاشلىقى ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بەلگىلىك ئىلغار ھېسابلاش تېخنىكىسى سەۋىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇمۇلاق ھېسابى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى چوت - سەنپەن ھېسابى بىلەن بىر قاتاردا تا 50 - يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بەزى يېزا - قىشلاقلاردا شېغىل تاش ياكى قوناق بىلەن شۇ ئۇسۇلدا ھېساب چىقىرىدىغانلار ھېلىھەم مەۋجۇت. 

يەڭ سودا ھېسابى. بۇ بىرخىل سودا باھا كېلىشىمى دائىرىسدىلا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئاساسەن سودىگەر، بىدىكلەر ئارىسىدىلا ئومۇملاشقان. سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئېغىزدا باھالاشماي باھانى قوللىرىنى يەڭلىرىگە تىقىشىپ بارماقلىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۇقتۇرۇشىدۇ. شۇڭا ئۇ <يەڭ سودىسى> دەپ ئاتالغان. يەڭ سودىسى كۆپىنچە نەق مەيدان سودىسىدا رىقابەت، قىزغىنىش يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا قوللىنىلىدۇ. ئۇسۇلى: 

ئەگەر بەش بارماق قوشۇپ تۇتولسا، بەش، ئەللىك، بەش يۈز. . . ئۇقۇمىنى؛ باش بارماق ياكى بىگىز قول، ئوتتۇرا قولىنىڭ بىرى تۇتۇلسا، بىر، ئون، بىر يۈز، بىرمىڭ، ئون مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ ئىككى بارماق قوشۇپ تۇتۇلسا، ئىككى، يىگىرمە، ئىككى يۈز، ئىككى مىڭ، . . . ئۇقۇمىنى؛ ئۈچى قوشۇپ تۇتۇلسا، ئۈچ، ئوتتۇز، ئۈچيۈز، ئۈچ مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ تۆتى قوشۇپ تۇتۇلسا، تۆت، قىرىق، تۆت يۈز، تۆت مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ باش بارماق بىلەن چىمچىلاق قوشۇپ تۇتۇلسا، ئالتە، ئاتمىش، ئالتە يۈز، ئالتە مىڭ . . . ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. 

ئەگەر باش بارماق بىلەن بىگىز قول كېرىلسە، سەككىز، سەكسەن، سەككىزيۈز، سەككىز مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ بىگىز قول ئىگىلىپ تۇتۇلسا، توققۇز، توقسان، توققۇز يۈز، توققۇز مىڭ . . . ئۇقۇمىنى؛ باش بارماق بىلەن چىمچىلاق، يان قول قوشۇپ تۇتۇلسا، يەتتە، يەتمىش، يەتتە يۈز، يەتتە مىڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بارماقلار تۈگۈپ مۇشت قىلىپ تۇتۇلسا، شۇ سودىلىشىۋاتقان نەرسىنىڭ ئادەتتە بولۇۋاتقان باھاسىغا يېقىن مەلۇم بىر چوڭ سان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر شۇنداق سان ھېسابىدىكى باھاغا يەنە ئازراق باھا قوشۇشقا توغرا كەلسە، ئۈنلۈك قىلىپ تۇرۇپ مۇشتىنى تۇتۇپ <ماۋۇ ئانىسى> دەپ بارماقلىرىنى بوشاشتۇرۇپ يۇقىرىقىدەك بارماق تۇتۇش ھالىتىدىن بىرنى تەكرارلاپ، <ماۋۇ بالىسى> دەپ قوشماقچى بولغان باھانى ئۇقتۇرىدۇ. ئادەتتە بەزىلەرنىڭ پىچىرلاشقىنىغا قاراپ يېنىدىكىلەر <نىمە يەڭ سودىسى قىلىشىۋاتىسىلەر>، <ئىككىسىنىڭ يەڭ سودىسى بار> دەپ چاقچقاق قىلىش ئادىتى شۇ ئۇسۇلغا تەقلىد قىلىش ئاساسىدا كېلىپ چىققان. 

مۇندىن باشقا بارماق ھېسابىمۇ بولۇپ، پەقەت تۈپ سانلارنىلا قوشۇشتا قوللىنىلىدۇ. بارماق ساناش گەرچە ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇسۇل بولسىمۇ، ھازىرغىچە يەنىلا ئۆز رولىنى يوقاتقىنى يوق. بالىلارغا ساناق ئۆگىتىش ۋە ئاددىي قوشۇش - ئېلىش ئەمىلىنى ئۆگىتىشتە مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا بارماق كۆرسىتىپ سان (باھا سانى) ئىپادىلەيدىغان ئۇسۇلمۇ بار. مەسىلەن، ئۈچ بارماق كۆرسىتىلسە، ئۈچ، ئوتتۇز، ئۈچيۈز، ئۈچ مىڭ . . . ؛ بەش بارماق كۆرسىتىلسە، بەش، ئەللىك، بەش يۈز، بەش مىڭ . . . نى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر بەش بارماق تەڭ ئارقىغا، ئالدىغا قىلىپ ياكى ئىككى قولىنىڭ ئالقىنى ئالدىغا قىلىپ كۆرسىتىلسە، ئون، ئون مىڭ . . . نى ئۇقتۇرىدۇ، بەزىدە بۇ ئۇسۇل <گاچا ھېسابى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى سودىگەر گاچىلارغا مال باھاسىنى بارماق كۆرسىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇقتۇرىدۇ. گاچىلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن باھالىشىدۇ. 

ئادەم بېشى توغرىسىدىكى ئوخشىتىشلار: ئەجدادلىرىمىز ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئادەم يېشىغا قاراپ، ئادەمدە كۆرۈلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن: 

ياش

1 ئەتىۋارلىق

5 خۇمارلىق 

10 ئەكە

20 بۆرە

30 قاپلان

40 ئارسىلان 

50 توختا

60 ئاختا

70 پاختا

80 تاختا

2 - ۋارىيانتى 

20 تەلۋە 

30 سەركە

40 بۇقا

50 يىگىنىڭ يەللىك

60 كۆپىدە ياتمىش

70 دۇنايدىن كەتمىش

80 يەر بىلەن يەكسەن

90 كەم سان .