ھېكىم نۇر

ئورنى Wikipedia

لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل.مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.