ھەبىبۇللاھ كۈسەنى

ئورنى Wikipedia

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، ئۆلىمالار بىرلىكى دەۋەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى 1974ـ2ـ4 كۇچار ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. كېچىكىدىن تارتىپ ئائىلىسىدە دىنى تەلىم ئالىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1994-يىلغىچە ۋەتەننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى بەزى مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ دىنى دەرسلىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.

  1994-1996 يىل ئارىسىدا پاكىستاندا ئەرەبچە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىدۇ. 1997-1998 قاتار ئۇنىۋېرسىتىدا كەسپى ئەرەب تېلى دىپلومى ئالىدۇ.
  1999ـ 2001 ئارىسىدا يەمەن جۇمھۇرىيىتى ئەلئەيمان ئۇنىۋېرسىتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمەجىد ئەلزىندانىنىڭ خۇسۇسىي يېتەكچىلىكىدە تەۋھىد ۋە قۇرئان-ھەدىستىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ناملىق دەرسلىكلىرىگە ئالاقىدار بەزى مۇھىم پەنلەردىن ئىجازەت ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆز دائىرىسىدە دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە مىللەتنى ئىلىم ئىرپان بىلەن يېتەكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، 2003-2006 يىللار ئارىسىدا ئۈرۈمچىدە ئەرەب تېلى مەكتىپى ئاچىدۇ .
   2012 -يىلدىن تا ھازىرغا قەدەر تۈركىيىدە «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى» مەكتىپىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
    ئۇستاز كۈسەنى ھازىرقى زامان مېدىيا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنتېرنېت تور ساھەسىدە دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ۋە بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇستازنىڭ ھازىرقى قەدەر: دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى ناملىق 64 قىسىم ئاۋازلىق ئەسىرى ۋە ئائىلەم جەننىتىم ناملىق 16 قىسىملىق سۈرەتلىك ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرتۈرلۈك تېمىلاردا جانلىق دەرسلەرنى مىللىتىمىزگە سۇندى ۋە بۇ ساھەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھتىن ئۇستازغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.