ھەدسىزلىكنىڭ ئارسىز يۈزلىرى
ھەدسىزلىكنىڭ ئارسىز يۈزلىرى
(1)
ئوقۇماق ۋە بىلمەك ئۆز نۆۋىتىدە بولماق ۋە پىشىپ يېتىلمەك ئىشىدۇر. بىر نەرسىنىڭ بولارى بىلەن بولۇشى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ئادەم بالىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بولارى دېگىنىمىز ئۇنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتتە بولماسلىقىنى، بولۇشىنىڭ ئارقىسىدا نە بىر ھىممەتنىڭ، نە بىر تەربىيەنىڭ، نە بىر كۆڭۈل قويۇشنىڭ سايىسى تېپىلماسلىقىنى، ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بولغىنى دېگىنىمىز كۆرگەن تەربىيە ۋە ئالغان ئىلىمىگە ئۇيغۇن دەرىجىدە سۈپەتلىك ئىنسان بولغىنىنى، تىرىشچانلىققا يارىشا مۇئەييەن خاراكتېر ئىگىسى بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پىشىپ يېتىلىشى دېگىنىمىز بولسا، ئۇنىڭ ئەقىلنى زەكاۋەت بىلەن، روھىنى پەزىلەت بىلەن بېزىشىنى، ئىلىمنى ئەمەل بىلەن تاكامۇللاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇلار ئىنساننى ئىلىمدىن مەرىپەتكە، مەرىپەتتىن پەزىلەتكە، پەزىلەتتىن كامالەتكە ئېرىشتۈرگۈچى خۇسۇسىيەتلەر، پاسىق ئىنساندىن پازىل ئىنسانغا، ناقىس ئىنساندىن كامىل ئىنسانغا ئايلاندۇرغۇچى خىسلەتلەردۇر. بولۇپمۇ بۇ ئىلىم پەيغەمبەر مىراسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەت روھىدىن ئوزۇق ئالغان، ئۇنىڭدىن بىر كىشىلىك نېسىۋە ئالغان ئىلىم بولغىنىدا شۇنداق. ناۋادا بۇ ئىلىمنى ئالغۇچى تەلەپكارلىقىدا خالىس بولغىنىدا، شۈبھىسىزكى بۇ ئىلىم ئۇنىڭغا ياسانچۇقلۇقنى ئەمەس، سەمىمىيلىكنى، سۈنئىيلىكنى ئەمەس ئەمەلىيەتچانلىقنى، داپشاقلىقنى ئەمەس، تەۋازۇنى بېغىشلايدۇ. تالىبۇلئىلىم بولغۇچى ئەگەردە خالىسلىقىغا ئالىلىقنى، مۇتالەئەسىگە چالىلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغىنىدا بولسا، يۇقىرىقىدەك ئىلىمدىن كېلىدىغان فەيز ۋە ئاتايى - بەخشلەردىن بەھر ئالالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئورنىنى سەمىمىيەتسىزلىك، ياسالمىلىق، مەككارلىق ۋە ھارامزەدىلىك خاراكتېرلىرى ئېلىشقا باشلايدۇ. بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئاينىش نادانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، چالىلىقتىن، پىشماسلىقتىن، سويمىلىقتىن كېلىپ چىققان ئاينىش ئاپەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، جاھالەتنى ئەتراپقا يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جاھالەتچىلىكنىڭ ئىجتىمائىي خەتىرىنىڭ نادانلىقنىڭ خەتىرىدىن ئارتۇق بولۇشى، بىدئەتچىلىكنىڭ خەتىرىنىڭ ئاشكارا كۇپرىدىن يامان بولۇشى مۇشۇ نۇقتىدىندۇر. بۇنداق تۈردىكىلەرنى ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن پارازىتقا، تەشبىھتە شۇمبۇياغا ئوخشىتىش مۇمكىن.
ئىلىمدىن كېلىدىغان مەرىپەت ئۆز نۆۋىتىدە كىشى ئۈچۈن ئۆزلۈك، خاراكتېر ۋە پاراسەت تىكلەشنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇشبۇ مەرىپەتنىڭ ئەڭ جانلىق خۇسۇسىيىتى بولسا، ھەد - ھۇدۇدنى بىلدۈرۈشتۇر. «ئۆزىنى تونۇغان رەببىنى تونۇيدۇ»، ھېكمىتىدىكى «ئۆزىنى تونۇش»تىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەردىن بىرىمۇ كىشىنىڭ ئۆز ھەددى - ھۇدۇدىنى مۆلچەرلەشنى بىلىشى، ئونتولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئىدراك قىلىشى، ئەپىستمولوگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ ئۆزىنى خالىقنىڭ بىلىشى ئالدىدا بىلىمسىز سانىلىدىغانلىقىغا تەسلىم بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ بىلدۈرگەنلىرىنىلا بىلىشتىن ھالقىيالمايدىغان، ئۆز ئۆزىدىن تەڭرىگە موھتاج مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىشى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەللامىلەردىن ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىينىڭ مەزكۇر ھېكمەت ھەققىدىكى بايانىدا «ئۆزىنى تېگىشلىك ئورۇنغا قويۇشنى، ھەددىنى ئاشماسلىقنى» بىلىش دەپ كۆرسىتىشىمۇ مۇشۇ نۇقتىدىندۇر. دېمەك ھەددىنى دەڭسىيەلمەسلىك، ئۆزىگە تېگىشلىك ماقامنى توغرا مۆلچەرلىمەسلىكمۇ بىر تۈرلۈك مەرىپەتسىزلىك، ئىدراكىي قۇۋۋەتتە پىشىپ يېتىلمەسلىك، پەزىلەت بابىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىلىق جۈملىسىدىندۇر.
(2)
ھەد كەلىمىسىنىڭ سۆز مەنىسى: سىزىلغان چەكنى، چەك -چېگرانى كۆرسىتىدۇ. چەك چېگرا دېگىنىمىز ھالقىشقا بولمايدىغان، دەسسەپ چەيلەنسە ياكى دائىرىسىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كەتسە، بولۇشقا تېگىشلىك يېرىدىن چىقىپ كەتسە بولمايدىغان ياساق قويۇلغان دائىرىدۇر. بۇ مەنىدىن ھەد بىلىش يولسىزلىشىشتىن ساقلىنىشتۇر. «يولدىن چىقماڭ، خاندىن قورقماڭ» دېگەن ماقالنىڭ روھىمۇ مانا بۇ يولسىزلىشىشتىن ئۆزىنى تارتىش كېرەكلىكىگە، ھەددىنى بىلىش كېرەكلىگە ئىشارەتتۇر. ھەد - ھۇدۇد بىلمەسلىكنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئۆزىنى چاغلىماسلىق ياكى ئۆزىنى چاغلىيالماسلىقتۇر. ئۆزىنى چاغلىماق چېگراسىنى دەڭسىمەك ۋە ھەددىنى بىلمەكتۇر. ئۆزىنى چاغلىغان قازى ئالدىغا بارماس، دەيدۇ، ئەجدادلار. بۇ يەردىكى قازى ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچىلارغا، ئىش بۇزارلارغا ھەد بىلدۈرگۈچى، ئاشقان چېگراسىدىن ياندۇرۇپ قانۇن بەلگىلىگەن ھۇدۇد ئىچىگە قايتۇرۇپ كەلگۈچى ۋەزىپىدارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى يەنە ئىلىم ساھەسىگىمۇ تەتبىقلاش مۇمكىن. يەنى ھۇدۇدىنى پەرق قىلمىغانلارغا ھەددىنى ئەسلىتىش، يولسىزلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتنى يولىغا سېلىش، چېگراسىنى بىلىشكە چاقىرىش ئىلىم بېرىلگەنلەر توپىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرىدىن بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە بۇمۇ ئىلىم ساھەسىنىڭ نازارەتسىز، ساھىبسىز قالماسلىقى كېرەكلىكى ئۈچۈن قويۇلغان مەنىۋى ياساقتۇر.
يولسىزلىشىش باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلۇشقا قاراپ ماڭغانغا ئوخشاش، چېگراسىدىن ئورۇنسىز ھالقىش ۋە ھەددىنى بىلمەسلىك ئەۋج ئالغان ۋە ھۇدۇدىغا تۇشلۇق ماقامدا تۇرۇشنى بىلمىگەن ھەدسىزلەر تائىپىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىمۇ شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلمىي ئاتموسفېراسىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشنى، مەرىپەت ئەھلى بىلەن مەرىپەتنى تون قىلىۋالغان ئىلىم مەككارلىرىنىڭ، ئىلىم ساھەسىدىكى شۇمبۇيا تىپىدىكى ئىلىم قويمىچىلىرىنىڭ پەرقسىزلىشىشىنى، سۈزۈك بىلەن بۇزۇقنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەنپەئەت، نوپۇز ۋە شۆھرەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىشتىن لەززەت ئالىدىغانلار، شۇنداقلا مۇئەييەن غەرەزنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە سۈنئىي پىروجىلەرنىڭ مەھسۇلاتى بولغانلار بىلەن سۈزۈك ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، مەرىپەت بۇلاقلىرىدىن روھىيىتىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ساغلام ئىلىم ۋە پىكىر ئەربابلىرىنىڭ ئورنى قالايمىقانلىشىشقا، ھەتتا پەگاھقا تېگىشلىكى تۆرگە، تۆرگە تېگىشلىكى پەگاھقا چۈشۈپ قېلىشقا، لايىقلار بىلەن نالايىقلارنىڭ ئورنىنىڭ ئالمىشىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت بولسا، ئىلىمنىڭ قەدر - قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشى، مال - ماتالاشتۇرۇلىشى، مۇستەقىل خاراكتېردىن بېقىندىلىققا چۈشۈپ قېلىشى ياكى ئاللىقانداق ياسالمىلىقلارنىڭ ۋەياكى بىرىلىرىنىڭ كۈتۈۋاتقىنىدەك سۈنئىي باشلامچى تىكلەش پىلانلىرىنىڭ پارچىسى بولۇش پوتېنسىيالىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ھەد - ھۇدۇد پايخانلىقى، بۇزۇلۇش ۋە پۇچەكلىشىشنىڭ باش كۆتۈرۈشى مۇئەييەنلىشىدۇ. ناۋادا بۇ خىل ۋەزىيەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە زېمىن ھازىرلىشى ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيلىشىپ بولغان، ھەتتا ئاڭقىرىپ يەتكۈسىز دەرىجىدە جەمئىيەتنىڭ روھىنى قاپلاپ ئۈلگۈرگەن بولسا، مۇنداق جەمئىيەتنىڭ چۈشكۈنلۈكتىن قوپالماس بولۇپ قېلىشى، ئىستىقبال يولىنىڭ نەپەس ئالغۇسىز دەرىجىدە ئىس - تۈتەكلەر قاپلىشى، تۇمانلىقلىقىدىن يول كۆرۈنمەس، يولىنى تاپالماس بولۇپ قېلىشى مۇقەررەردۇر.
(3)
سەھىھ ھەدىسلەردە «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىسىنى سۆزلەپ يۈرۈشى سۆزلىگۈچىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر»، دېيىلىدۇ. دەرۋەقە ھەدىس بۇ يەردە مەسىلىنىڭ ۋەزنىنى دەڭسىمەستىن ئۇدۇل كەلگەن يەردە سۆزلەپ يۈرۈشنى، ياكى ئاڭلاشقىلا تايىنىپ ئۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئېنىقلىماستىن سۆزلەشنى، ۋەياكى راست سۆزنىمۇ ئۆز ماقامىغا، ماكانىغا چۈشۈرگەن ئاساستا سۆزلىمەستىن ئۇنى تېگىشلىك ھۇدۇدىغا باب كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى دەڭسىمەستىن سۆزلەپ يۈرۈشنى يالغانچىلىقنىڭ، يالغانچىلىقنى يايغانلىقنىڭ ئورنىدا بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. كۈنىمىزگە قارىغىنىمىزدا، تاغنى باغ، باغنى تاغ قىلىپ تەسۋىرلەيدىغان يازارلارنىڭ «زىيالىي» ئاتىلىپ كۆككە كۆتۈرۈلۈشى، قالپاققا تۇشلۈق ئىلىمدىن دەسمىيسى يوق قەلەمكەشلەرنىڭ يۈزىنى چىمىلداتماستىن «تەتقىقاتچى» داۋرىڭىنى سېلىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىجتىمائىي ئىلىم ئاتموسفېراسىدىكى بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل ھۇدۇدىنى دەڭسىيەلمەيدىغان، ئۆزىنى چاغلىماي ھەر تېمىغا بۇرنىنى سوقىدىغان چاكىنا تىپلارنىڭ ھە دېسىلا يالغان - ياۋىداقلىقتا ئوڭايلا چېنىپ يۈرۈشى، پەرداز - ئەندازلىرى بۇزۇلغان ھامان چاپان يەڭگۈشلەپ توختىماسلىقى قاتارلىقلارنى ئىلىمدە قويمىچىلىقتىن، پىكىردە شالغۇتلۇقتىن، خۇلۇق ۋە تۇتۇملاردا چاكىنىلىقتىن ساقلىنالماي كېلىشىنىڭ سەۋەب - بائىسلىرىدىن، دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ئىزاھلارغا كۆرە ئىلىم قويمىچىلىقىنى نامايىش قىلالايدىغان، ساختىلىقنى ئەدەبىي يېزىققا تۆكۈپ ئۇستاتلىق قىلىشتا ھەد بىلمەيدىغان مەككار بىر تائىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىقنى قالپاق قىلىپ كىيىۋېلىشىنى، ھەددىنى بىلمەسلىكىنى نېمە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەربىر ئاقىل ئوقۇرمەن ئۈچۈن ئايدىڭ بولغان بىر مەسىلە. لېكىن بۇ يەردە يۇقىرىقىدىنمۇ كىشىنى ئويغا سالىدىغان، دىققەتتىن چىقىرىشقا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە تۇرۇپتۇ. ئۇ بولسىمۇ دىنىي ئىلىم ساھەسىدىن نان يەۋاتقانلارنىڭمۇ مەزكۇر ھەدسىزلىكنى دوراپ بېقىشقا تۇتۇنۇشى، قالپاقسىراش خاھىشلىرىنى دىنىي بوياقتا بوياپ باقماقچى بولۇشى، تۆت ئادەمنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇرالىغانلىقىدىن قۇتراپ، ۋەز - تەبلىغىدىن قولغا كەلتۈرگەن ھۆرمەت ئېتىبارلىرىدىن جۈرئەتلىنىپ ئۆزىنى چاغلىماسلىقى، ھەدسىزلىككە قەدەم ئېلىشىدۇر.
ئەلۋەتتە بىر قىسىم شالغۇت زېھنىيەتلىك زىيالىي تائىپىسىنىڭ قالپاقسىرىشىنى، يېزىش ھۈنىرىنى نىقاب قىلىپ «تەتقىقاتچى» قالپىقىنى كىيىۋېلىشلىرىنى ئۇنىڭ خەلققە سۇنغانلىرىنى ئاساس قىلىپ ساختىلىقىنى ئېچىپ تاشلىغىلى، ئىلىم ۋە پىكىر تارازىسىغا تارتىپ تۇرۇپ رەسۋاسىنى چىقارغىلى، ئالغان تەربىيەسى، كىشىلىكى ۋە زېھنىيىتى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بولۇپمۇ ئىسلامىي روھتىن يوقسۇز ھەمدە ئەخلاقىي قىممەتلەرگىچە ماتېرىيالىستلاشتۇرۇشنى شوئار قىلغان بىر شالغۇت مائارىپنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ مەسىلىنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. ئەمما يۇقىرىقىدەك ئىلىم ۋە مەرىپەت ئۇقۇملىرىنىڭ ئۇلتاشلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى بىلەن جۇلالاتقان، ھېكمەت ۋە پەلسەپە ئېكىنزارلىقلىرىنى ساپ ۋەھىينىڭ زىلال سۇلىرى بىلەن سۇغۇرۇپ ماڭغان دىن ئىلمىنىڭ تەلىم تەربىيەسىنى كۆرگەنلەردىن سادىر بولۇشقا باشلاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش ھەقىقەتەنمۇ كىشىگە زورلۇق كەلتۈرىدۇ.
ئالايلۇق، يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر «ئۆلىما» ئاتلىق توپ ئىچىدە بوي كۆرسىتىپ يۈرگەن، ۋەزخانلىقنىڭ مېزىنى چىقىرىپ كېلىۋاتقان تەبلىغچى ئاتامانلاردىن مەلۇم پەرق ياساشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان، بولۇپمۇ كامېرالىق تەبلىغچىلىقنىڭ نەشرىنى بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈش قەستىدە دىنىي ساھەدىكى يۇتۇبېرلىقنى بازار تاپقۇزۇۋاتقان ئىستۇدىيەچى توپنىڭ مەلۇم كاتتىبېشىنىڭ «ئىسلام بىلىملىرى تەتقىقاتچىسى» نامىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى دىققەت تارتتى. ئۇنىۋېرسىتېت تەربىيەسىنىمۇ تۈزۈك كۆرمىگەن بىر تالىپنىڭ، يەنە كېلىپ مەزكۇر ساختا قالپاقنى ئۆز سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلەۋاتقان مەزكۇر ئاتالمىش «تەتقىقاتچى»نىڭ بۇنداق ۋەزنى ئاددىي بولمىغان، كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ پۇل، نوپۇز، ھە - ھۇچىلارنىڭ دۇمباقچىلىقلىرىمۇ يوللۇقلاشتۇرالمايدىغان، ئەكسىچە بۇ قالپاقنىڭ ئەمەلىي سۇنۇملىرى ئارقىلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تەتقىقات سۈپىتىدە سۇنالىغانلارغا يارىشىدىغان، پاخاللاشتۇرۇشقا بولمايدىغان قالپاق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئەقەللىي تەلەپ بولغان بىر تۇتۇم ئىدى، ئەلۋەتتە. چۈنكى بىز «ئىسلامىي بىلىملەر تەتقىقاتچىسى» دەۋاتقان ۋاقىتتا دەرھال تەسەۋۋۇرىمىزغا كېلىدىغىنى مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ ھەد ھۇدۇدى بولىدۇ. بۇ چاغدا مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ زېھنىمىزدىكى مۇقابىلى شەرئىي ۋە دىنىي ئىلىملەر ھەققىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلەرنى سۇنغانلارنى چېگرالايدىغانلىقىنى، ھەتتا تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان، تەرجىمە ئەسەرلەرنى سۇنۇۋاتقان كۆپ سانلىق دىنىي ساھە تەرجىمان تالىبۇلئىلىملەرنىڭمۇ (ئۆز نۆۋىتىدە بۇمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ساھە) بۇ كاتېگورىيەگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى بۇ ئاتالغۇ ھەد - ھۇدۇدى ئېتىبارى بىلەن كۈنىمىز ئاكادېمىيەسىدە ياكى بولمىسا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئومۇملاشقان ئىلمىي تەتقىقات ئەندىزىسىگە رىئايە قىلغان ۋە ياكى كەڭ مەنىدە تەتقىقات سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن دىنىي ساھەدىكى مۇستەقىل ئەسەر سۇنغۇچىلارنى، ياكى بولمىسا بەلگىلىك ئىسلامىي تېمىلاردا ۋەياكى ئىسلامىي پەنلەرنىڭ مەلۇم ساھەسىدە مۇئەييەن تەتقىقات ماقالىلىرىنى سۇنۇش بىلەن تونۇلغان ياكى تونۇلۇۋاتقانلارنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. دېمەك بۇ ئاتالغۇ ئۇشبۇ كاتېگورىيە ئۈچۈن ھەد قىلىپ چېگرالانغان ۋە شۇ تەرزدە ئىشلىتىلىدىغان ئىلمىي ئاتاقتۇر. ھالبۇكى مەزكۇر ئاتاقنى ئۆزىگە قالپاق قىلىشنى راۋا كۆرگۈچىنىڭ قاملاشتۇرۇپ يېزىلغان سالام خېتى چاغلىق بىرەر سۈپەتلىك ئىنشاسى ئورتالىقتا يوق بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىگە بۇ قالپاقنى راۋا كۆرۈپ مەيدان قىزىتىۋاتقانلىقى، دەرۋەقە بۇ يەردە خۇپسەنلىككە مېلەنگەن ئېغىر دەرىجىدىكى ھەدسىزلىكنىڭ، ھەد - ھۇدۇد پايخان قىلىنىشنىڭ، زىيالىيلىقتىكى داپشاقلىقنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتىنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «كىتابسىز رەسۇل» بولمىغانغا ئوخشاش بىرەر كەسپىيلىكى بار، ئىلمىيلىككە تويۇنغان ئەسەرلىرى بولمىغان تەتقىقاتچىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر بار بولغىنىدا بۇ ئېنىقلا ئىلمىي كاززاپلىق، ساھەنىڭ نامرات قېلىشى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىغانلىق بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «تەتقىقاتچى»نىڭ قىلمىشى بولسا، مۇشۇ تۈردىكى ساختا قىياپەت ئىجاد قىلىشتۇر. يەنە كېلىپ مەزكۇر «تەتقىقاتچى»نىڭ ئەل جامائەت بىلىدىغان كەسپىنىڭ تالىپلىقتىن ئىستۇدىيەچىلىك ۋە يۇتۇبېر تەبلىغچىلىقىغا يۆتكەلگەن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇملۇق بىر مەسىلە. شۇنداق تۇرۇپ گويا كۈنىمىزدە ئىلىم ئەنئەنىمىزدىكى «موللا»، «ئۆلىما» ئاتاقلىرىنىڭ پۈچەكلىشىشى ئاز كېلىۋاتقاندەك، مەزكۇر ئاتاقتىكى توپتىن سەكرەپ چىققان بىر تالىپچاقنىڭ ئۆز توپىدىن پەرقى يوق ھالدا تەتقىقاتچى ئاتالغۇسىنىمۇ پۈچەكلىكنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىشى مۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدىغان، ئاددىي ھادىسىلەردىن قارىغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. خۇددى قۇرئان كۇرسلىرىنىڭ بىر چىرايلىق ئەنئەنىۋىي ئاتىلىشى بولغان «قارىخانا» دېگەن ئىسمى تۇرۇپ، ھەمدە ئىسمى ۋە جىسمى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە ئائىت بولغان ساغلام بىر ئاتالغۇ تۇرۇپ، ئۇنى ياشارتىش ۋە سۈپىتىنى كۆتۈرۈش تامامەن مۇمكىن بولىدىغان بىر شارائىتتا بارنى چۆرۈپ تاشلىغىنىغا، ئورنىغا بىر نېمە مائارىپى، بىر نېمە ئاكادېمىيەسى دېگەندەك قويغان ئىسمى رېئاللىقتىكى جىسمىغا پەقەتلا چۈشمىگەن ماركىلىق ۋىۋىسكىلارنى قادىۋالغىنىغا ئوخشاش، مەزكۇر يۇتۇبېرچى تالىپچاقنىڭمۇ ئۆزىگە خوپ كېلدىغان ئاتاقلارنى بىر چەتكە قايرىپ «تەتقىقاتچى» تەخەللۇسىنى ھايا قىلماستىن پاخاللاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، پۈچەكلەشتۈرۈشنىڭ قۇربانى قىلىۋاتقانلىقىنى ھەقىقەتەن ئىلىم پايخانلىقىنىڭ، ئاتاقسىراش داپشاقلىقىنىڭ ساھە ئايرىمايۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى، يۇقۇملۇق كېسەل مىسالى ساھەمۇساھە كۆچۈۋاتقانلىقىنىڭ ئالدىن سىگنالى دېيىشكە بولىدۇ.
ناۋادا بىز بۇ خۇسۇستا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، تۈرلۈك شەرئىي تېمىلاردا مول ھوسۇللۇق ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان ۋە بىر قاتار دىنىي ئەسەر ھەمدە مول ھەجىمدىكى ئىجتىھاتلىق پەتىۋا مەجمۇئەلىرى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ «ئاتالغۇلارنىڭ پىكىرگە ۋە ھەرىكەتكە بولغان تەسىرى» ناملىق ماقالىسىدە تىلغا ئالغان بەزى نۇقتىلارنى دىققەتكە ئالساق، بولۇپمۇ ئەتەي بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كېلىشىۋېلىش يولى بىلەن چاقىرىش مودىسى پەيدا قىلىپ قول - قولچە «موللا» ياساپ چىققانلىق ھادىسىلىرىنى ۋە دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي كۆز قاراشلىرىنى دىققەتكە ئالساق، ئۇستىلىق بىلەن تارقىتىلغان مەزكۇر ئاتالمىش «ئىسلام بىلىملىرى تەتقىقاتچىسى» ناملىق پىروپاگانداچىلىقنىڭمۇ بىر تۈرلۈك سۈنئىي نوپۇز ئۆستۈرۈش ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، بەزىبىر ئاق - قارىنى پەرق ئېتىش ئېڭى يىگلەشكە باشلىغان كۆتۈرمىچى تىپلارنىڭ «شۇنچە يىل دىن ئوقۇپ، تەبلىغ سۆزلەپ، دەرس سۆزلەپ كېلىۋاتقانكىن، تەتقىقاتچى دېسە نېمە بوپتۇ»، دەيدىغان تۇتۇرۇقسىز ۋە بىمەنە باھانىنى سايىۋەن قىلىۋالغان «تەتقىقاتچى زات» ياساپ چىقىش سەتچىلىكلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا يەنە «تاغدا يولۋاس بولمىغان پەيتتىن پايدىلىنىپ مايمۇندىن پادىشاھ ياساپ تۇتقۇزۇش» ھىلىسىنىڭمۇ ئىزنالىرىنى بايقاشقا بولىدىغان مەشئۇم ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى يەنە پېشقەدەم يازغۇچىمىز، شۇنداقلا دەۋا رەھبىرى، ھەمدە سىياسىي ئوبزورچى غۇلام ئوسمان ياغما ئەپەندىنىڭ سۈنئىي يېشىل چىراغ يېقىش ئارقىلىق «ئۆلىما»، «دەۋەتچى»، ياساپ چىقىش، خەلققە بۇنى يۇتقۇزۇپ يېتەكچى داھىي تىكلەش، يالغان مۇجاھىد ياساپ قەھرىمان دەۋاچى ياساپ چىقىش قاتارلىق خۇسۇسلاردىكى بىر قاتار مۇھاكىمىلىرىدىن، ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرى ئاساسىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەمەلىي مىساللىرىدىنمۇ تەكىتلەشكە بولىدۇ.
(4)
نۆۋىتى كەلگەن ئىكەن، شۇ نۇقتىنىمۇ ئەسكەرتمەي بولمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ مەزكۇر ئاتاقتىكى «ئىسلام بىلىملىرى» ئاتالغۇسىدۇر. بىلىم سۆزىنىڭ چاغداش ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئىلىملەردىن سۈزۈلۈپ چىققان مەلۇم خۇلاسىلەرگە، كىشىدە يېتىلگەن مول مەلۇماتقا تايانغان قۇرۇلمىغا ياكى بولمىسا كىشىلىك ساپانىڭ ئىلىم بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالىتىگە ياكى بولمىسا مەلۇم ساھەدىكى بىرەر پەننىڭ ساۋات خاراكتېرلىك مەسىلىلىرى، قائىدە - قانۇنلىرىغا ۋاقىپ بولۇشتەك مەلۇمات جۇغلانمىسىغا قارىتىلىدىغانلىقى ئاتالغۇ ھەققىدە ئىزدىنىپ باققۇچىلار ئۈچۈن ئېنىق بىر ئۇقۇم. دېمەك «بىلىم» كەلىمىسى مۇئەييەن ساھەنىڭ پەنلىرىنى كۆرسىتىشكە تېخىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. ئىلىم ۋە بىلىم ئايرىمىسىدەك توقۇناق ۋە تۇتامسىز ئايرىش شەكلىمۇ بىزدە چاغداش تۈركىيە تۈركچىسىدە ئايرىلغاندەك ئۇنداق رادىكال شەكىلدە ئايرىلغانمۇ ئەمەس. شۇنداقلا تۈركىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىش ئوبيېكتى بولغاندەك پەن ۋە دىنىي ساھەلەر ئارا توقۇنۇش ۋەزىيىتىنىمۇ ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن، مەسىلىنى قاراتمىلىقى ۋە ئۇقۇم مەزمۇنى ئېنىق بولغان «ئىلىم»، «پەن»، ياكى «ئىلىم - پەن» دېگەنگە ئوخشاش تامامەن ئېھتىياجلىرىمىزنى راۋا قىلالايدىغان، مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغان ئۇقۇملىرىمىز بار بولغان بىر ۋەزىيەتتە، بىزدىكى ئورنى بىلەن باشقا تۈركىي قەۋم ئارىسىدىكى ئىشلىتىش ئورنى پۈتۈنلەي ئاسمان - زېمىن بولغان بىر سۆزنى گويا «ئىسلام ئىلىملىرى» دەپ ئالساق بىر يەرلىرىمىز كەملىك ھېس قىلىدىغاندەك، زىيالىيچە تۈس ئالالمايدىغاندەك، گويا زامانىۋى ئەمەستەك تۇيغۇغا قامىلىپ ئۆزىچە كەمسىنىپ ئىلىم سۆزىنى «بىلىم» دەپ تەرجىمە قىلىۋېلىشىمىز، ئاندىن ئۇنى ئىلىم ئۇقۇمى ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇۋېتىشىمىز ئۆز ھۇدۇدىمىز بىلەن باشقا ھودۇدلارنى ئايرىماسلىقىمىزنىڭ، شەكلىيلىققا مايىل بىر تۈرلۈك ھۇدۇدسىزلىقنىڭ ئىپادىلىرى دېيىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن يەنە توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش قىزغىنلىقىغا بىلىپ بىلمەي ئۆزىمىزنى تۇتقۇزۇپ قويۇۋاتقانلىقىمىزنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. قىسقىسى، چاغداش تىل مۇھىتىمىزدا ئورنى بولمىغان، تۈركىيە تۈركچىسىدىكى كاشىلىلاردىنمۇ خالىي ھالدىكى «ئىلىم»، «پەن» ۋە «ئىلىم - پەن» قاتارلىق ئورنى كەلگەن يېرىدە لايىقىدا ئىشلىتىپ ئېھتىياجىمىزنى قامدىيالايدىغان ئاتالغۇلىرىمىز بار ئەھۋالدا؛ جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىلىم - بىلىم» توقۇنۇشىغا ئېلىپ بارمايدىغان مەزمۇت ئاتالغۇلىرىمىز بار ئەھۋالدا دادىل قوللىنىشنى بىلىشىمىز ئەقەللىيلىكتۇر. دېمەك، بىزدىن تامامەن باشقا مۇھىتتا قوللىنىش جەھەتتىن ئورنى ئېنىق بولغان، ئەمما چاغداش تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئۆتنە ئېلىپ ئەكىرگەن تەقدىردە چاغداش تىلىمىزغا قارىتا بىرەر ئىلمىي قىممەت قاتمايدىغان، ئەكسىچە تۈركىيە ئىلىم ئاتموسفېراسىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان كاشىلىسىنى بىزگە تەڭ سۆرەپ ئەكىرىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان، يەنە كېلىپ سېكۇلار زېھنىيەتنىڭ پەيدا قىلغان «ئىلىم - بىلىم» ئايرىمىسى سەپسەتىسىنى مەنبە قىلغان ئەبجەش بىر ئاتالغۇنى كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى دىققەتكە ئالماستىن گويا ئۇيغۇرچىدا ئىلمىي ئاتالغۇدەك بىمالال ئىشلىتىپ يۈرۈش، كەلسە - كەلمەس ئاتاق قىلىپ ئەكىرىش ئىشنىڭ ماھىيىتىدىن خەۋەردارلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن غىدىق قوزغايدىغان ئورۇنسىز ۋە ئەھمىيەتسىز بىر ئىشتۇر. ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، بىلىم ئاتالغۇسى تۈركچىدە كۆپىنچە ئىلىم - پەن مەركەزلىك پوزىتىپ ئىلىملارنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، پوزىتىۋىستلار نەزىرىدە تەجىربىچىلىككە ياتىدىغان ئىلىملەر بىلىم دائىرسىگە كىرىدۇ. يەنى ۋەھىيىنى مەنبە قىلىدىغان شەرئىي ئىلىملەر بىلىم دائىرسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ نۇقتىدىنمۇ مەزكۇر ئاتالمىش «ئىسلام بىلىملىرى تەتقىقاتچىسى»نىڭ ئەبجەشلەشكەن بىر ئاتاقنى ئىشلىتىشكە زورۇقىشىمۇ داپشاقلارچە كىيىۋالغان قالپىقىغا خىلاپ ھالدا بىر تۈرلۈك تەتقىقسىزلىق، تەھقىقسىزلىق ۋە كەسىپ ئەخلاقى نۇقتىسىدىن تېتىقسىزلىق دېيىشكە بولىدۇ.
خاتىمە
قۇرئاندا قىلمىغانلىرىنى قىلغان كۆرسىتىپ ماختىنىش ئەيىبلەنسە، پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدە ئۆزىدە يوقنى بار قىلىپ كۆرسەتكۈچىلەر «ياسىنىۋېلىشقا ئۇرۇنغان يالغانچى شاھىت»قا ئوخشىتىلىدۇ. دەرۋەقە ئىلىم ئەخلاقىدا ھاياغا ئورۇن بېرىلمىگەندە شەرەپتىن، غۇرۇردىن سۆز ئېچىش بىھۇدىلىكتۇر. ئۆز ئىدىيەسىدە تۇتاملىق بولغان كىشى ئۈچۈن سەمىمىيەت ھەر ۋاقىت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىدىيەسى بىلەن ئەمەلىيىتىدە، دەۋاسى بىلەن ھەرىكىتىدە تۇتاملىق بولۇش دېيىلگەندە، مىسال تەرىقىسىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئادمىرالى جېرېمىينىڭ مەشھۇر ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىنى ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇندىن يىگىرمە يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە جېرېمىي ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغىلا ئاتاپ بېرىلىدىغان بىر مېدالنى ئۆزىگە بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەتەي تاقىۋالىدۇ ۋە بۇنى بىر مۇخبىر بايقاپ سۈرۈشتۈرىدۇ. قىلمىشىدىن نومۇس قىلغان، ئۆز ساھەسىگە، سەپداشلىرىنىڭ ئوبرازىغا كەلتۈرگەن بۇ داغنى نومۇس بىلگەن جېرېمىي يېنىدىكى قورالى بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋالىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن خاتاسىنى تونۇپ، ھەم ئائىلىسىگە، ھەمدە ئۆز ساھەسىدىكى قوشۇنىغا ئايرىم - ئايرىم ئىككى پارچە كەچۈرۈم سوراش خېتى يېزىپ كېتىش ئارقىلىق سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە بىر تارىخىي ھادىسىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. گەرچە مەدەنىيىتىمىزدە ئىنساننىڭ ئۆلۈۋېلىشى ئىنتايىن ئېغىر ئېلىنىدىغان، ئەقىدىمىزدە كەچۈرگۈسىز گۇناھ قىلمىش بولسىمۇ، ئەجەبا، ئىلىم ۋە دىن مەيدانلىرىدا بوي كۆرسىتىپ يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئەقەللىي ھالدا نومۇس تۇيغۇسى يوقالماسلىقى، ھەددىنى بىلىپ قەدەم ئېلىشى، داپشاقلىقتا ئەزۋەيلىمەسلىكى كېرەك ئەمەسمۇ؟
دەرھەقىقەت، ئىلىم - مەرىپەت مەشئىلى ئۆز ئەھلىنىڭ تەرىپىدىن ئەزىزلىنىشى كېرەككى، ھەددىنى بىلمەسلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكى، ئەھلى بولمىغان كاتېگورىيەدە ئەھلىيەت دەۋا قىلىدىغان نائەھلىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى لازىم .چۈنكى بۇ يالغۇز ئىلىمنىڭلا ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ توختىمايدۇ. بەلكى بۇنىڭ ئىجتىمائىيلىقتا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن سەلبىي تەسىرلىرى جەمئىيەت ئېڭىغا گويا نورمالدەك ئورۇنلىشىپ ماڭىدۇ ۋە سۆكۈپ ئېلىۋېتىش قىيىن بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلىنىشقا، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشىغا خىزمەت قىلىدۇ. ھەد - ھۇدۇد بىلىش ئۇشبۇ ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەبىئىي تەقەززا، جاھالەتنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەتلەردۇر. ئەگەردە بۇ ئۆسمە دىننىڭ سايۋىنى ئاستىدا ئۈندۈرۈلگەن تەقدىردە مەسىلىنىڭ جىددىيىتى ۋە خەتىرى قاتمۇقاتلىشىدۇكى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە سەل قاراش، مۇنداقلا ئىشتەك ئۆتۈپ كېتىش، مەسىلىگە «شۇنچە خىزمەت قىلىۋاتقانكىن ئۇنچىلىك دەۋالسا نېمە بوپتۇ»، «دەپ قويغانغا نېمە بولاتتى» دېگەندەك قاراساۋاتچە مۇئامىلە قىلىش بولسا، ئۆز نۆۋىتىدە يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ يىلتىز تارتىشىغا كۆز يۇمغانلىققا، ئىلىمنىڭ، دىننىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىش مۇمكىنچىلىكلىرى ئۈچۈن يوچۇق ئېچىۋاتقانلىققا، تۇتۇرۇقسىز باھانىلەر بىلەن سەل قارىغانلىققا باراۋەردۇر.
بۇنىڭ يەنە مەۋجۇت ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنىڭ چاك - چېكىدىن يېرىلىشىغا، قۇتۇپلىشىشىغا ۋە قارغۇلارچە ئەگىشىش قىزغىنلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولۇپ، ئاقىۋەت نوپۇز مونوپوللۇقىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ۋە ئەخلاقىي چىرىكلىكنىڭ يوللۇقلىشىشىغا زېمىن ھازىرلايدىغانلىقى شۈبھىسىز. ئەگەر بىز گازىر - پۇرچاقچىلىقتىن سىياسىي داھىيلىققا كۆچۈپ كەسىپ يېڭىلىغان ۋە ياساپ چىقىلغان «داھىي»لىرىمىزنىڭ 10-20 يىللىق دەۋا تارىخىدا مىللەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى مال - ماتا ئورنىدا قانداق بازارلىق مالغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، 10-20 يىللىق جەرياندا ھەر تۈرلۈك ئىلمىي ئورگان ۋە دىنىي ئوقۇش تارىخىغا سىغىنىپ تۇرۇپ كونتروللۇقنى قولغا ئېلىش قەستىدىكى دىنىي ئاتاقتىكى كىشىلەرنىڭ بۇ تۈر ساختا داھىيلىقنىڭ بازىرىنى قانداق چىقارغانلىقىنى، ھەتتا مىللەتنى ئىندىجىنىسلىقتىن ئىبارەت تارىخىي رەزالەتكە مۇپتىلا قىلىش ۋە مىللەت تەقدىرىنى خالتا كوچىغا باشلاشتەك خىيانەتنى دادىل تەنقىدلەشتىن نېرى تۇرۇشقا ئاشۇ دىنىي تونلۇق كاتتىباشلارنىڭ قانداق ئۈلگە بولۇپ بەرگەنلىكلىرىنى پەملىگەن چېغىمىزدا، بۈگۈنكى شوخىنىڭ ئۇزۇنغا بارماي خوخىغا ئايلىنالايدىغانلىقىنىمۇ، بۈگۈنكى شۇمبۇيانىڭ ئەتىدە مىللەتكە نەشتەر بولۇشتىن يانمايدىغانلىقىنىمۇ پەملەشكە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ بىر مىللەتتىن ئىلىمنى تارتىپ ئېلىشتىكى قانۇنىيىتىنىڭ ئىلىمنىڭ ھەققىنى بېرەلەيدىغان ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەبزى روھ قىلىش ئىكەنلىكى، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ سىياقىدا، ئۇلارنىڭ ئۇنۋانلىرىدا، قىياپەتلىرىدە كۆرۈنىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشى نەتىجىسىدە ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازغۇنلۇققا سۆرەپ ئەكىرىدىغانلارنىڭ پەيدا بولۇشى تۈپەيلى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پەيغەمبەر بېشارەتلىرى ئىلىم ساختىلىقىنىڭ، دىنىي ئاينىشنىڭ ھەدسىزلىشىش ۋە يولسىزلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەددىنى بىلمەس داپشاق تىپلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى، پەللىمۇپەللە، غېرىچمۇغېرىچ سۈنئىي نوپۇز پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىشى بۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنى يەنە مىللەتنى قايسى تۈر ھالاكەتكە باشلايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشكە يېتەرلىك كۆرسەتمە ۋە ھالاكەتتىن ئالدىنقى سىگنال، دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۈگۈننىڭ ئاقىللىرى ساختىلىشىشقا كۆز يۇمغىنىدا، بۇ ئۇلارنىڭ ئەتىنىڭ شۇمبۇيالىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلىرىگىمۇ كۆز يۇمۇشنى ئۆزىگە راۋا كۆرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمىسىمۇ ھەقنى ھەق، خاتانى خاتا دېيەلمەيدىغانلار سەركە ئاتىلىدىغان جەمئىيەتتە، ھەرتۈرلۈك ئاينىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىمۇ توسوپ بولغىلى بولمايدۇ. خۇددى بۈگۈنكىدەك نورمال بىلىنىدىغان بولۇپ كەتكەن تالايلىغان بىنورماللىقلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا خېرىدارى، ھىماتچىسى، ئاقلامچىسى ۋە يالاقچىسى بولغىنىغا ئوخشاش كەلگۈسىدىمۇ بۈگۈندىن پەرقسىز ھالدا بۈگۈندىن ئېغىر بولغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسى بوھراننىڭ سەۋەبكارلىرىنى ئاقلايدىغانلار، ئاسارەت ئاستىدا ئېڭراشنى پىداكارلىق چاغلايدىغان ۋە بۇنى ھەققانىيەت يولىدىكى جان پىدالىقتىن ئەلا بىلىدىغان ماڭقۇرتلار توپىنىڭ ھاكىم كۈچ ئورنىغا چىقىشىمۇ يىراق بولمايدۇ. چۈنكى، ئەجدادلار ئېيتقىنىدەك: كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
دەرھەقىقەت، كۈنىمىز رېئاللىقلىرى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن سانسىزلىغان ئىبرەتلەرگە، مەسئۇلىيەت ئەھلى ئۈچۈن قۇلاقنى يوپۇرۇۋالغۇسىز ئاگاھلاندۇرۇشلارنى، سەگەكلىشىشكە چاقىرىدىغان سىگناللارنى چېلىپ تۇرۇپتۇ. بىراق كۆرمەكتىمىزكى، تەلەپكە لايىق تەقدىمنىڭ بولمايۋاتقانلىقى، كۆز ئالدىدىكى مەسخىرىۋازلىقلارغىمۇ جايلاپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلارنىڭ چەكلىك بولغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. دىن ۋە ئىلىم ساھەلىرىدە سەزگۈرلۈكنى يوقىتىش، ئاڭسىزلىشىش بۇ دەرىجىدە بولسا، بۇنداق بىر جەمئىيەت ئاتموسفېراسىدا ھەقىقىي ئىلىمنىڭ قەدرى - قىممىتى چۆكمەي، سۈزۈك دەۋانىڭ بازىرى كاساتلاشماي، ئىسلاھات ئەھلىنىڭ يولى تىكەنلەشمەي تۇرالىسۇنمۇ؟ ۋادەرىخاھ!!!
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-03-30
----------
مەۋلان مۇھەممەت
ھەممىسى ئوخشاش ، يازغان ئىككى تال نەرسىسىنى خەق ئوقۇپلا قويسا بەك نوچى ئوخشايمەن دەپ ئۇدۇل كەلگننى يېزىۋېرىدىغان گەپ، ھەد ، ھۇدۇد دىگۈدەك نى نى ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ ، قوپاپ يىللاردىن خەلىققە مەنىۋىي ئوزۇق بېرىۋاتقان بىرسىگە (ھەد)تىن دەرىس بېرىپ تەنقىدلىگۈدەك نىمە بولغانتى ؟ زادى بىلىملىك ئادەم باشقا ئەقىللىق ئادەم يەنە باشقا ، لاتىلىشىڭلا داۋاملىق لاتىلىشىڭلا ئاز بوپ قالدى .
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
مەۋلان مۇھەممەت كە:
ھەد - ھۇدۇد دېگۈدەك نى - نى ئىشلارغىمۇ بىر - بىرلەپ نۆۋىتى كېلىدۇ ۋە كېلىۋاتىدۇ. لاتىلىشىش دەپ قالسىڭىز باشنى قۇمغا تىقىۋېلىپ رېئاللىقنى كۆرمەس بولۇۋېلىپ قارىسىغا سۆزلەيدىغانلارنى لاتىلاشتى دەيمىز. ھەد ھۇدۇدتىن دەرس بېرىپ قويغىدەك نېمىش بولغاندۇ دەپ خۇپسەنلىك قىلدىغانلار چوقۇم چىقىدىغان بولغاچقا، نېمە بولغانلىقىنى يازمىدىمۇ، پاكىتلىق رەسىمى بىلەن چىقىرىپ قويغان. دەرس بېرىشكە تېگىشلىككە دەرسىنى بېرىشنى لاتىلىشىش دېمەيمىز، ئەكسىچە پاكىت تۇرسا گەپ يورغىلىتىشنى لاتىلىشىش دەيمىز. ئۇقۇمنى جايىغا تېپىپ ئىشلىتىشنى بىلمىگەننى لاتىلىشىش دەيمىز. شۇنچە ئىزىپ چۈشەندۈرسىمۇ ھەدسىزلىككە لىللا پوزىتسىيە تۇتۇش ئورنىغا خۇددى ئورتالىقتا مەسىلە يوقتەك مۇئامىلە قىلغاننى لاتىلاشتى دەيمىز. تېما مەزمۇنى بىر ياقتا قېلىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلەر تۇرسىمۇ گويا چوقۇنىدىغان بۇتىغا ئىگە چىققاندەك كەلتۈرگەن مىسالغا تاقىلىپ ئىلىم ساھەسىدىكى كىرىزىسلارغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماسلىقنى داۋاملىق لاتىلىشىشنىڭ تەرەپدارى دەيمىز.
مەۋلان مۇھەممەت
ھەممىسى ئوخشاش ، يازغان ئىككى تال نەرسىسىنى خەق ئوقۇپلا قويسا بەك نوچى ئوخشايمەن دەپ ئۇدۇل كەلگننى يېزىۋېرىدىغان گەپ، ھەد ، ھۇدۇد دىگۈدەك نى نى ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ ، قوپاپ يىللاردىن خەلىققە مەنىۋىي ئوزۇق بېرىۋاتقان بىرسىگە (ھەد)تىن دەرىس بېرىپ تەنقىدلىگۈدەك نىمە بولغانتى ؟ زادى بىلىملىك ئادەم باشقا ئەقىللىق ئادەم يەنە باشقا ، لاتىلىشىڭلا داۋاملىق لاتىلىشىڭلا ئاز بوپ قالدى .
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
مەۋلان مۇھەممەت كە:
ھەد - ھۇدۇد دېگۈدەك نى - نى ئىشلارغىمۇ بىر - بىرلەپ نۆۋىتى كېلىدۇ ۋە كېلىۋاتىدۇ. لاتىلىشىش دەپ قالسىڭىز باشنى قۇمغا تىقىۋېلىپ رېئاللىقنى كۆرمەس بولۇۋېلىپ قارىسىغا سۆزلەيدىغانلارنى لاتىلاشتى دەيمىز. ھەد ھۇدۇدتىن دەرس بېرىپ قويغىدەك نېمىش بولغاندۇ دەپ خۇپسەنلىك قىلدىغانلار چوقۇم چىقىدىغان بولغاچقا، نېمە بولغانلىقىنى يازمىدىمۇ، پاكىتلىق رەسىمى بىلەن چىقىرىپ قويغان. دەرس بېرىشكە تېگىشلىككە دەرسىنى بېرىشنى لاتىلىشىش دېمەيمىز، ئەكسىچە پاكىت تۇرسا گەپ يورغىلىتىشنى لاتىلىشىش دەيمىز. ئۇقۇمنى جايىغا تېپىپ ئىشلىتىشنى بىلمىگەننى لاتىلىشىش دەيمىز. شۇنچە ئىزىپ چۈشەندۈرسىمۇ ھەدسىزلىككە لىللا پوزىتسىيە تۇتۇش ئورنىغا خۇددى ئورتالىقتا مەسىلە يوقتەك مۇئامىلە قىلغاننى لاتىلاشتى دەيمىز. تېما مەزمۇنى بىر ياقتا قېلىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلەر تۇرسىمۇ گويا چوقۇنىدىغان بۇتىغا ئىگە چىققاندەك كەلتۈرگەن مىسالغا تاقىلىپ ئىلىم ساھەسىدىكى كىرىزىسلارغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماسلىقنى داۋاملىق لاتىلىشىشنىڭ تەرەپدارى دەيمىز.
مەۋلان مۇھەممەت
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان گەپتانلىق بىلەن پىتقا چاپان كەيگۈزۈپ ئۇدۇل كەلگەنگە چالماڭلارنى ئېتىۋېرىڭلا ، ياخشى قىلىۋاتىسىلەر!
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
مەۋلان مۇھەممەت
ئىنكاسلىرىڭىز پىتقا قانداق چاپان يېپىشنىڭ ئۆرنىكى بولۇۋاتىدۇ. ئۇدۇل كەلگەنلەرگە ئەمەس، جايىغا ئاتىدىكەن دەپ بىلگەيسىز!
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئابدۇراھمان ئارىف قا:
مېنىڭ ئاۋام ئالدىدا توغرا دېيىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ شەكلىگە، غۇلغۇلىسىغا قاراپلا تەسۋىب قىلىپ ئولتۇرىدىغان ئادالەت تارازام يوق. ئەكسىچە تەسۋىب قىلىشقا قانائەت قىلمىغان ئۇنى زورىغا كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇچۇرىدىغانلار مېنىڭ تەنقىد ئوبيېكتلىرىمدۇر. سىز تەنقىدلەشكە تېگىشلىك ئوبيېكتنى، تەنقىد قىلىنىۋاتقان مەسىلىنىمۇ ئىلغا قىلىپ بولالمىغاچقا تەنقىدكە ۋەز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ ئاۋارە بولماي سىزمۇ ئۆزىڭىز دېگەندەك چۈشۈپ قالدىغان جاينى تاپالىسىڭىز سىزمۇ تەنقىد يېزىڭ، جاۋابىڭىزغا ۋەز ئارىلاشتۇرماي جاۋاپ قايتۇرۇش ماڭا قالسۇن. ئۇنداق قىلالمىسىڭىز يېرىم يارتا ئوقۇيدىغانلارغا ئوخشاش 《ئۇنداق بولسىڭىز بۇنداق بوپ قالىسىز》، دېگەندەك تېرە تاراقشىتىشلار ئۆزىڭىزدە قالسۇن! مەن ئۇنداق بولسا مۇنداقنى ئەمەس، دەل ئاشۇنداقنى پاكىتلىق تەنقىدلىدىم. ئارتۇق خاۋاتىردە بولمىغايسىز. مەسىلىنىڭ ۋەزنىگە چىشى پاتىدىغانلار، شەخسىي ئەقلى بىلەن ئانالىز قىلدىغانلار بولسا كەلسۇن. ساھەدىن خەۋرى يوق، ئىلمىي ساھەنىڭ بوسۇغىسىغا كەلمەي تۇرۇپ قايتىپ ئۆگىنىپ قالغانلار ھەددىنى بىلىپ سۈكۈت قىلسا بىرى ئۇلارنى گاچا دەپ قالمايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت...
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئابدۇراھمان ئارىف
سىزنىڭ چۈشىنىمەن، بىلىمەن دەپ قىلغان گەپ ئەگىتىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىدە دېمەكچى بولغىنىڭىز ئېنىق. ئەگىتىپ ئەكېلىپ گەپنى تاقىماقچى بولغان يېرىڭىزمۇ چۈشىنىشلىك. ياقتۇرماسلىقىڭىزنىڭ ئارقىسىدا ياتقان تىپىرلاشلارنىڭ نېمىنىڭ ئۈندىشى ئىكەنلىكىمۇ مەلۇملۇق. ئاخىرقى تەۋسىيە، ئۆزىڭىزنىڭ چېنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۈركچە ئەبجەش سۆزلەرنى، جۈملە شەكىللىرىنى ئەتەي ئارىلاشتۇرۇپ يېزىپ جان قىينىمىغايسىز. تىلنى ئەتەي بۇزۇشتەك سەت كۆرۈنىدىغان ئىشنى چۈمپەردە قىلىۋالسىڭىزمۇ بەرىبىر خاراكتېرىڭىزنى يوشۇرۇپ قالالمايسىز. خەير، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن!
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئابدۇراھمان ئارىف
ئاشۇ مەلۇم ئوبيېكت تەنقىدكە لايىق بولمىسا گېپىڭىز ئازراق چەك باسار، تەنقىدكە لايىق بىرسى بولغاندا تەنقىدلەنسە ئۇنى مىسال قىلىپ تەنقىدلىسەڭ بولمايتتى، دۈشمەنلىكىڭ باركەن، دېسىڭىز يولسىزلىق قىلغان، قارشى تەرەپ ئۈچۈن كۆتۈرگىلى باھانە ئىزدىگەن بولىسىز.
سىز يازمىنىڭ باش قىسمىنى ۋەز دەۋاتقان بولسىڭىز بىرىنچىدىن تەنقىد يېزىش ئەمەس، جايلاپ ئوقۇشنىمۇ بىلمەيدىغان، بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە شىلتىڭ ئېتىپ باقىدىغان گۈدەككەنسىز. ئىككىنچىدىن بىر تېمىغا كىرىشتە، مەسىلىنى يورۇتۇشتا ئاشۇ تېمىنىڭ ئائىتلىنىدىغان ساھەنىڭ تۇتۇمىنى، مەسىلىنىڭ ساھەدىكى ۋەزنىنى، قىممىتى دېگەنلەرنى تەھلىل قىلىش، ئۇنىڭ قارمۇقارشىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى يورۇتۇش قاتارلىقلار ئەقەللىي قائىدە. بۇنىمۇ چۈشەنمىسىڭىز ئوقۇشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدىغان بىرسى ئىكەنلىڭىزنى بازارغا سالغان بولىسىز. قورسقىڭىزدا ئوماچقا باقماي بۇنى ۋەز دەپ قويغىنىڭىزغا ۋەز بولۇپ قالمايدۇ. سىز بۇنى ۋەز دەۋالسىڭىز ئاۋۇ ئاتالمىش تەتقىقاتچىنىڭ ۋىدىيولىرىنى تەتقىقات لېكسىيەسى دەيدىغان ئوخشىمامسىز؟
چۈشۈرۈش سۆزىنىمۇ لايىقىدا ئىشلىتىڭ. چۈشۈرۈش بولسىلا خاتا بولمايدۇ. ھەددىنى بىلمەي ساختا تەتقىقاتچىلىقنى بازارغا سالسا، ئۆزىنى دەڭسىمەي چىقىۋالغان يېرىدىن چۈشۈرۈش، ھەدسىزلىكىنىڭ ۋەزنى قەدەر ھەددىنى بىلدۈرۈش خاتا ئىش ئەمەس. قارشى تەرەپ چۈشكەندە بەك چۈشۈپ كېتەمدۇ، ياكى ھەددىنى بىلىپ ئىناۋىتى بىلەن چۈشەمدۇ بۇنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئاندىن قالسا بۇنىڭ دەرىجىسىنى سىز قاتارلىق ساختا تەتقىقاتچىلىق ھادىسىلىرى بازارغا سېلىنغاندا كۆز يۇمۇۋالىدىغان، تەنقىدلەنگەندە پەيدا بولۇپ «ئۆچمەنلىك قىلدى» دەپ ئۇششۇقلۇقنى بازارغا سېلىشىپ بېرىدىغان قۇيرۇقلىرى ئويلاشسا بولىدۇ.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئابدۇراھمان ئارىف
1. ماڭا ئۆزۈمنىڭ يازمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىش ئورنىغا ۋەز بىلەن تەنقىدنىڭ پەرقىنى ئايرىشنى ئۆگىنىڭكى ئىنكاسىڭىزدا ۋەز بىلەن تەنقىدىي نەزەرنىڭ قانچىلىك پەرقى بارلىقىنى بىلىدىغان بىرسىدەك گەپلەر يېزىلسۇن.
2. تەنقىدكە چىدىيالماسلىقىڭىزنىڭ ۋەز بولۇشقىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، دەۋاتقىنىڭىزنىڭ ئۆزىڭىز تىرناق ئىچىگە ئالغان «ۋەز»لىكىنى مۇشۇنداق بىلىشكە باشلاڭكى پاكىتلىق نەرسە ئالدىدا پاكىتقا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئاتالمىش تەتقىقاتچىلىقنىڭ ھەدسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ. ئاندىن ئۇسلۇب ۋە خاراكتېرگە يامىشىڭدە، سىزگە ئۇسلۇب ۋە خاراكتېر ھەققىدە ساۋات بېرەي. شۇ چاغدا ھەر ئىشنىڭ باسقۇچىنى دىتلىيالماي تۇرۇپ مانىڭدىن قۇسۇر چىقىرالمىغۇدەكمەن، ئاۋۇ يېرىنى غاجىلاپ دىققەت بۇرىسام بولغىدەك، دەيدىغان ئاقماس تاكتىكىنىڭ بۇ يەردە ئاقمايدىغانلىقىنىڭ ھېكمىتىنى چۈشىنىپ قالىسىز.
3. ئاۋامنىڭ تارازىسىنى بىر نەرسە دېمەيۋاتىمەن. ئىلمىي تارازا ئارقىلىق ساختا «تەتقىقاتچى»لىقنى تەنقىدلەۋاتىمەن. ئاتالمىش «كىبر»، ھېلىقىدەك گەپ تېپىپ بېرەلمەي كەپلەشكەندە دەۋالىدىغان «يۇشۇرۇن ئۆچمەنلىك» دېگەندەك قالپاقچىلىقنى ئىشلەتكەن ۋە ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ ساھىبى ئۈچۈن كۆتۈرمىچىلىكىنى پەش قىلغان تىپلارنىڭ چىقىشى بۇ سەھىپىدە يېڭىلىق ئىش ئەمەس. ھەم بۇنداقلاردىن يالغۇز سىزلا يوق. ھەممىسى بۇرنىغا يېگەن، بۈگۈنى كانىدەك يامىشىپ ئەتىسى خاتاسىنى تونۇپ ئۆزىنى سورىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. تەنقىد قىلىنسا بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى قارشى تەرەپنى ئۆزىگە يوشۇرۇن ئۆچمەنلىكى بار بىرسى، دەپ ئويلىۋېلىشتەك بىچارىلىك، پىسخىك بۇزۇقلۇق يوق. بۇ پەقەت روھىيىتى خەسىسلىشىپ كەتكەن ۋە چىقىۋالغان تامدىن قانداق چۈشۈشنى بىلمەيدىغان نائەھلىلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان ئۇششۇقلۇق ھۈنىرى خالاس! ئاۋاملىق قىلدىغانلارمۇ سىزدەك ئاۋامىلىقنىڭ دۇمباقچىسى بولۇشنى ئىلمىيلىكنىڭ ئالدىغا قويۇپ رېئاللىققا كۆز يۇمۇۋالىدىغانلاردۇر. ئاۋامىلىقنىمۇ چۈشىنىڭكى ئىلمىيلىق كۆزىڭىزگە «ئۆچمەنلىك»تەك، تەنقىدلەش «كىبىر»دەك كۆرۈنۈۋالمىسۇن! بولمىسا مۇشۇنداق ساپاسىز كۆتۈرمىچى ئورنىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنالمايسىز.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئىزاھات:
ھەدسىزلىكتە، ئارسىزلىقتا ئۇچىغا چىققانلارنى مەخسۇس ئاقلىغىلى كىرىپ قاملاشتۇرالمىغان، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلۇقىدىن دەيدىغاننى دەپ بولۇپ قۇسۇقنى ياندۇرۇپ ئىچكەن تەرزدە يازغانلىرىنىڭ ھەممىنى يۇيۇۋالغان ئابدۇراھمان ئارىف ئىسىملىك كۆتۈرمىچى تورداش. بۇ تورداشمۇ تەرەپپازلىق شەكلىدە كىرىپ ساختا تەتقىقاتچىلىقنى ھىمايە قىلىشنى قاملاشتۇرالماي ئۆزىنى ئۆزى چاندۇرۇپ قويۇپ ئاخىرىدا بارلىق ئىنكاسلىرىنى يۇيۇۋاپتۇ. ۋاقىت - زېھىن ئىسراپ قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان مەزكۇر ئاۋارىگەر تورداش نۇرغۇن ئىنكاسلارنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولۇپ تۇرۇپ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئۆزىنى چاندۇرىدىغان ئىنكاسلىرىنى ئۆچۈرۈۋالغانلىقى ئۇنىڭ ئاتالمىش ساختا تەتقىقاتچى مۇھەممەد رەھىمگە چېتىشلىق شەخىسلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئىنكاس يازغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى كىرىپ پىكىر قاتناشتۇرالماي ئىت - مۈشۈكلىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇشتەك نا ئەھلىلىك دىن ئوقۇغانلىق داۋرىڭى سېلىۋاتقانلار ئۈچۈن بەكمۇ ياراشمايدىغان قىلىق. مەزكۇر تورداش بۇنىڭدىن كېيىن سەھىپىمىزدە قارشى ئېلىنمايدۇ. شۇنداقلا سەھىپىمىز مەزكۇر ئابدۇراھمان ئارىف نى ئىككىنچى نومۇرلۇق قوغلاندى ئېلان قىلىدۇ ۋە سەھىپىنىڭ قەيېرىدە ئىنكاسى كۆرۈلسە شۇيەردە چەكلەپ تازلايدىغانلىقىنى، كۆرگەنلا يېرىدە «تاخ» دەپ ھەيدەپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئالىپ ئارسلان غا:
بۇزۇلۇشقىمۇ كۆڭۈلچەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغاننى بۇزۇلۇپتۇ دەيمىز. ئىلىم ساھەسىدە سىزدەك ئويلاپ ئون تەپمە ھالال قىلىپمۇ بىر «تەتقىقاتچى»نىڭ ياسىلىشىغا يول چىقارغىلى بولمايدۇ. سىزدەك ئويلايدىغانلارغىمۇ يازمىدا يەر بېرىلگەن. زورۇقمىغايسىز.
Sedef Uygur
سىز يازىدىغاننى يېزىپ ، ئىنكاسلارنى ئۈچۈرۈپ ماڭىدىكەنسەز ھە ؟ شۇنداقتىمۇ يېزىپ قۇياي .
بۇنچىلىك ئۇزۇن تەنقىتنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولدىڭىز؟ ئەگەر بىر نەرسە يازغىڭىز بولسا ، يازىدىغان نەرسە تاپالماي بۇنداق ئاقماس نەرسىلەرنى يېزىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ . نۇرغۇن تىمىلار بار ، قول يازمىلار بار شۇلارنى ئەۋەتىپ بىرەي . مۇشۇ سەۋىيەرىڭىز بىلەن يېزىپ گۈل كەلتۈرىۋىتىسز
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Sedef Uygur
ھۆرمەتلىك سەدەپ خانىم، سىزمۇ بۇ تەنقىدتىكى دۇمباقچىلاردىن بىرى ئەمەسمۇ؟ يەنە قايسى يۈز بىلەن بۇنداق ئىنكاس يازغانسىز؟ تېما مەزمۇنى ئېنىق، سەۋىيەمۇ ئېنىق. شۇنداق تۇرۇپ بۇنداق تېمىلاردا پۇتىدا ئويلاپ، بارمىقىدا خەت يازىدىغانلار، ئالدى بىلەن ئاۋۇ مەسىلىنىڭ ئوپئوچۇق تەنقىدكە لايىقلىقىنى پەملىگۈدەك ساپاسى يوق تۇرۇپ ھېسسىياتىدا تىك - تاك توپچە سەكرەيدىغانلار پېتىغدايمەن دېسە، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈپ يېزىشىدىغان ۋاقتىم يوق. قوليازمىدىن ئۇۋا ياسىغان ئادەمگە ئىش ئۆگەتسىڭىز، ئىلمىي ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىغا پىكىر قىلىۋاتقان كىشىگە قىلغىلى ئىش تاپالماپسىز دېسىڭىز ئوڭ گەپ بولمايدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىز ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇيالمايدىغان قوليازمىلارنى يىغىۋېلىپ بىلىمداندەك بولۇۋالماي، كۈدە - كۆرپىڭىزنى سېتىپ، ئىلىمنىڭ ئىشىنى ئىلىم ئەھلىلىرىگە قويۇپ قويسىڭىز ھەر ئىش ئۆزىنىڭ ئەھلىنى تاپسا، ھەر كاسىپ ئۆز ئىشىنى قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ ماقۇل سىزدەك قوليازما يىغىۋېلىپ ئۆزىنى «بىلىمدان» ئويلايدىغان بىرى چىقىپ كامېراچى ئارتىستىن بىرىگە: مەن سىزنى تەتقىقاتچى دەپ تونۇشتۇرۇپ سورۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەي دېدىمۇ دەيلى. قارشى تەرەپ ئاڭلىق تالىپ بولسا، بىرىنچى بولۇپ ئاۋۇ لايىھەنى كۆرگەن چاغدا، مەن دېگەن تەتقىقاتچى ئەمەس، مېنىڭ ئىشىم ماۋۇ، كەسپىم ماۋۇ، مۇنداق دېسەك ماڭا مۇناسىپ بولار، دېمەكتە يوق، خۇشياققانچە ئاپىرىپ ھەمبەھرىلىسە بۇنداق داپشاقلىققا بۇنچىلىك تەنقىد ئازلىق قىلىدۇ. سىزگىمۇ تەۋسىيە، ھەركىم ئۆزىنىڭ «دۇكىنى»غا ساھىب چىقىشنى قاملاشتۇرغاي!
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى