ھەدىيە توختامى

ئورنى Wikipedia
 11- باب ھەدىيە توختامى
  185- ماددا ھەدىيە توختامى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىنىڭ مال- مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان توختامدۇر.
  186- ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال- مۈلكىنىڭ ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى ھەدىيىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئەخلاق- مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى ھەدىيە توختامى ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامىدا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.
  187- ماددا ھەدىيە مال- مۈلۈكلەردىن تىزىملىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە بېجىرىشكە توغرا كېلىدىغانلىرىدا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.
  188- ماددا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋنلىق، ئەخلاق مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى ھەدىيە توختامى ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامىدا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال- مۈلكىنى تاپشۇرمىسا، قوبۇل قىلغۇچى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  189- ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال- مۈلكىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇۋەتسە، يوقىتىۋەتسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  190- ماددا ھەدىيىدە مەجبۇرىيەت يۈكلەنسە بولىدۇ.
  ھەدىيىدە مەجبۇرىيەت يۈكلەنگەن بولسا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
  191- ماددا ھەدىيە مال- مۈلۈكتە نۇقسان بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، مەجبۇرىيەت يۈكلەنگەن ھەدىيە مال- مۈلۈكتە نۇقسان بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى ساتقۇچى بىلەن ئوخشاش جاۋابكارلىقنى يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت دائىرىسىدە ئۈستىگە ئالىدۇ.
  ھەدىيە قىلغۇچىلاردىن نۇقساننى قەستەن ئېيتماي ياكى نۇنسان يوقلۇقىغا كاپالەت بېرىپ، قوبۇل قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  192- ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
  (1) ھەدىيە قىلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزسە؛
  (2) ھەدىيە قىلغۇچىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسا؛
  (3) ھەدىيە توختامىدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا.
  ھەدىيە قىلغۇچى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزىدۇ.
  193- ماددا ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھەدىيە قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالسا، ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ھەدىيىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ۋارىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يۈرگۈزىدۇ.
  194- ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقى ئىگىسى ھەدىيىنى بىكار قىلغاندا، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىدىن ھەدىيە مال- مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  195- ماددا ھەدىيە قىلغۇچىلاردىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ناچارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ياكى ئائىلە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكەنلىرى ھەدىيە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋەرمىسىمۇ بولىدۇ.