Jump to content

ھەربىر ئىشتا بىر ھېكمەت

ئورنى Wikipedia

ھەربىر ئىشتا بىر ھېكمەت


ئوت ئاپىتى ۋە ئوت نۇرى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، زەمبىرەك ئوقى تېگىپ چۆكۈپ كەتكەن بىر پاراخوتتىكى كىشىلەردىن پەقەت بىرەيلەنلا ھايات قېلىپ، بىر يېگانە ئارالغا چىقىپ جاپالىق كۈن كەچۈرۈپتۇ.

ئۇ باشقىلارنىڭ كېلىپ قۇتقۇزىۋېلىشى ئۈچۈن، ھەركۈنى قىرغاق بويىدا تۇرۇپ ئاق بايراق لەپىلدەتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولماپتۇ.

بىر كۈنى كېچىدە ئۇنىڭ مىڭبىر جاپالاردا قۇرۇۋالغان كەپىسىگە ئوت كېتىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپتۇ.

ـــ مېنىڭ بىردىنبىر ماكانىم، ئازغىنە تۇرمۇش بۇيۇملىرىمنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ كۈل بولدى. ئاھ پەلەك، نېمىشقا مېنى ئۆلۈمگە قىستايدىغانسەن؟ ـــ دەپ نالە قىپتۇ ئۇ قايغۇرغان ھالدا.

بىر ئازدىن كېيىن، بىر پاراخوت ئارالغا يېقىنلىشىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرىۋاپتۇ. ئۇ پاراخوتتىكىلەردىن ئۆزىنى قانداق بايقىغانلىقىنى سورىغاندا، پاراخوتتىكىلەر ئۇنىڭغا:

ـــ بىزمۇ بۇ يەردە ئادەم بارلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئارالدىن چىققان ئوت يورۇقىنى كۆرگەن پاراخوت باشلىقى بىزنى بۇ يەرگە قاراپ بېقىشقا ئەۋەتكەنىدى، ـــ دەپتۇ.

ئۇنىڭ بايىقى ئاغرىنىشلىرى مىننەتدارلىققا ئايلىنىپتۇ. چۈنكى، ئۇ تەقدىر مېنى ئاشۇ ئوت بىلەن قۇتقۇزۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلاپتۇ.

ھېكمەت: ئېرىشىش ۋە يوقىتىشنىڭ ئېنىق چەك-چېگرىسى يوق، ئۇلار ئۆزئارا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىرەر نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا، بەلكىم شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەرسىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.


سۇدىكى چۈمۈلە توپى

ئەتىگەندىن ياغقان قاتتىق يامغۇر گۇگۇم ۋاقتىغىچىمۇ توختىمىغاچقا، يامغۇر سۈيى توسمىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆيلەر كەلكۈندە غەرق بوپتۇ. سەھەردە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر سۇ ئاستىدا قالغان ئۆيلىرىگە ئىچى سېيرىلغان ھالدا قارىشىپ تۇراتتى. ئارىدىكى بىر كىشى توساتتىن ۋارقىرىۋەتتى:

— قاراڭلار، ئاۋۇ نېمە؟

كىشىلەر نەزىرىنى بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ كەلكۈنگە ئاغدۇردى ۋە كەلكۈن ئىچىدە توپقا ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئېقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھېلىقى قارا توپ بىر چۆكۈپ بىر لەيلەپ ئېقىپ، قارىماققا ئادەمگە ئوخشايتتى. بىر كىشى كەلكۈن ئىچىگە تاقلاپ چۈشۈپ، قارا توپقا يېقىنلاشتى ۋە ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئارقىغا قايتىپ قىرغاققا يېنىپ چىقتى.

— بىر توپ چۈمۈلىكەن،— دېدى ھېلىقى كىشى.

— چۈمۈلە؟— سورىدى باشقىلار ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭقىرالماي.

كىشىلەر گەپلىشىپ بولغۇچە، چۈمۈلە توپى قىرغاققا بارغانسېرى يېقىنلاشتى. كىشىلەر قارا توپنى ئاخىرى ئېنىق كۆردى: ئۇ كىچىك پۇتبولچىلىك چوڭلۇقتىكى بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشقان قاپقارا چۈمۈلىلەر توپى ئىدى. كۈچلۈك كەلكۈن چۈمۈلە توپىغا ئۇرۇلۇپ، بەزى كىچىك چۈمۈلە توپلىرىنى چوڭ توپتىن ئاجرىتىۋېتەتتى.

چۈمۈلە توپى قىرغاققا تېخىمۇ يېقىنلاشتى، توپ بىر قەۋەت بىر قەۋەتتىن پارچىلىنىپ، ئۈستى تەرەپتىكى چۈمۈلىلەر ئوڭۇشلۇق ھالدا قىرغاققا چىقتى. كەلكۈن ئىچىدىمۇ ئاز بولمىغان چۈمۈلە توپى قالدى، ئۇلار قىرغاققا ئوڭۇشلۇق چىققان چۈمۈلىلەر ئۈچۈن ھاياتىدىن ۋاز كەچكەنىدى. كەلكۈن ئىچىدىكى چوڭ توپتىن ئايرىلغان ئۇششاق توپتىكى چۈمۈلىلەر ئەمدى قىرغاققا چىقالمايدۇ، چۈنكى، ئۇلار ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. ئەمما، چۈمۈلىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرىمۇ يەنىلا بىر-بىرىگە مەھكەم چاپلاشقان ھالەتتە ئىدى.

ھېكمەت: قورقۇنچلۇق ئاپەت ئالدىدا، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئۇنىڭدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، ئاپەت ئالدىدا شەخسنىڭ ئازغىنە كۈچى بىلەن ئۆزى بىلگەنچە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئېنىقكى بۇ  مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


بۆك

دوختۇر بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان سۇزان ئىسىملىك ئوماق بىر قىزنىڭ بەدىنىدە ئۆسمە ئۆسۈۋاتقانلىقىغا دىئاگنوز قويۇپ، ئۇنىڭ چوقۇم ئۈچ ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ دالانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

قىز دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئورۇقلاپ تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن بولۇپ، بۇرۇنقى شوخلۇقلىرىمۇ قالمىغانىدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى چىرايلىق ئالتۇنرەڭ چاچلىرى ئاساسەن چۈشۈپ تاقىر باش بولۇپ قالغىلى ئاز قالغانىدى. گەرچە ئۇنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچى ۋە تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى راك كىسىلى بىلەن قارشىلىشالىسىمۇ، ئەقىللىكلىكى ۋە ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنلىكى بىلەن كەم قالغان دەرسلىرىنى تولۇقلاپ كېتەلىسىمۇ، ئەمما، ھەركۈنى تاقىر باش مەكتەپكە بېرىش، ئالتە-يەتتە ياشلىق بىر قىزچاققا نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىش ئىدى.

سۇزاننىڭ مۇئەللىمى ئۇنىڭ بۇ خىل ئازابىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەچكە، ئۇ مەكتەپكە قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىنىپتا ناھايىتى قىزغىن ۋە تەنتەنىلىك ھالدا:

— كېلەر دۈيشەنبىدىن باشلاپ، ھەرخىل بۆكلەرنى تونۇشنى ئۆگىنىمىز. شۇڭا ھەممىڭلار ئۆزۈڭلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان بۆكلەرنى كىيىپ كېلىڭلار، قانچە ئالاھىدە بولسا شۇنچە ياخشى!— دەپتۇ.

دۈشەنبە كۈنى مەكتەپتىن ئايرىلغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان سۇزان يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تونۇش سىنىپىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەمما، ئۇ بۆك كىيىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدا ئۇزۇنغىچە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ.

ئاخىر، ئۇڭايسىزلانغان ھالدا سىنىپقا كىرىپتۇ. ئەمما، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى بۆك كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالا-بۇلىماچ بۆكلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنىڭ بېشىدىكىسى ناھايىتى ئاددى بولغاچقا، ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمايتتى. بىردەمدىن كېيىنلا، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ھېچقانداق نەرسىنىڭ دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھۇزۇر ئىلكىدە تاتلىق كۈلۈمسىرىدى.

كۈنلەر شۇ تەرىزدە ئۆتىۋېرىپتۇ، سۇزانمۇ، باشقا ساۋاقداشلىرىمۇ دائىم بۆك كىيىپ يۈرۈيدىغانلىقلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشىپتۇ.

ھېكمەت: قىيىن كۈندە قالغانلارغا ھېسداشلىق قىلىش، تەسەللى بېرىشتە ئۇنى كۆپچىلىك بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، قەلبىدىكى ئازابىنى ئۆزىگىمۇ، كۆپچىلىككىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇپ، ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىغۇدەك جاسارەتكە ئىگە قىلىپ، نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ ياخشى ئۇسۇل بولمىسا كېرەك.