Jump to content

ھەربىر كۈنۈڭ توي بولسۇن

ئورنى Wikipedia

ھەربىر كۈنۈڭ توي بولسۇن

نىكاھ ئوقۇلۇپ، قىز كۆچۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەرنىڭ ھودۇقۇش ۋە تەقەززالىق ئارىلاش كۈتىدىغىنى، يۈزلىنىدىغىنى توي ئاخشىمىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ئەرنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنتۇلغۇسىز كېچىدۇر. ئۇنى قانداق كۈتۈۋېلىش ۋە قانداق ئۆتكۈزۈش بىر ئەر ئۈچۈن خېلى چوڭ سىناق. بەلكىم تويدىن بۇرۇن ھالالدىن بولمىغان يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈپ باققانلار – «چەكلەنگەن مېۋە»نى يەپ باققانلار (بۇنداق ئەرگە چەكسىز لەنەتلەر بولسۇن) بۇ كېچىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈشى ياكى بېسىقىپ تۇرغان ھايۋانىي نەپسىنى ئەركىن قاندۇرىدىغان توسقۇنسىز كېچە دەپلا قارىشى مۇمكىن. بىز بۇلارنىڭ نىكاھ ئالدىدىكى تەنتەك شاللاقلىقىغا چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىمىز. شەك - شۈبھىسىزكى، بىر قىز بىر ئەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىززەت - نەپسىنى، شەرم - ھاياسىنى ئون نەچچە ھەتتا يىگىرمە نەچچە يىل ئاۋايلاپ ساقلايدۇ. ئۆزىنى ياتنىڭ كۆزىدىن، ھارام نىيىتىدىن ئامالنىڭ بارىچە ئېلىپ قاچىدۇ. ئىپپەت - ھايا خۇددى چىرايلىق قۇتىغا سېلىپ قويۇلغان، بارچىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان، ئەمما كۆرگىلى بولمايدىغان خۇش پۇراق بۇيۇمغا ئوخشايدۇ. ئىبن تۇفائىلنىڭ «ھەييە بىننى يەقزان ھەققىدە قىسسە» ناملىق ئېسىل ئەسىرىدە يەقزاننىڭ ئادەمنىڭ جېنىنى ئىزدەپ نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى سۆزلىنىدۇ. يەقزان مال بوغۇزلانغاندا چىققان ئىسسىق، بىلىنەر - بىلىنمەس سۇس ھوردىن كېيىنلا مالنىڭ جىمىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە دەرھال مالنىڭ ئىسسىق يۈرىكىنى ئېلىپ يېرىپ كۆرىدۇ. چوغدەك ئىسسىق يۈرەكتىن ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئىسسىق، بىلىنەر - بىلىنمەس سۇس ھور كۆتۈرۈلۈپلا لىغىلداپ تۇرغان يۈرەك جىمىپ قالىدۇ. مالدىكى، يۈرەكتىكى ھارارەتمۇ ئاشۇ ئىسسىق، سۇس ھور چىقىپ كەتكەندىن كېيىنلا سوۋۇشقا باشلايدۇ. يەقزان بۇنى «جان» دەپ ھېسابلايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر قىزنىڭ ئىپپىتى ئۇنىڭ قىزلىق قىممىتىنىڭ جېنىدۇر. ئۇ ھەممىنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ، ئەمما ئىپپەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇ ئەتراپقا خۇش پۇراق ھىد تارقاتمىغان بىلەن ھەممىنى مەست قىلىدۇ، قىزلارنى ئىسسىق، ئىللىق، قىممەتلىك قىلىدۇ. ھالال قىلىپ ئۆلتۈرۈلمىگەن مەكرۇھ بولغان مالنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولامدۇ؟ ھارام بولغان قوينى كىم يەيدۇ؟ يېسەك گالدىن ئۆتۈشىدە گەپ يوق. ئەمما ساغلام ئەقىل - ئېتىقاد بۇنى رەت قىلىدۇ.

بىر كۈنى بىر بۇرادىرىمىز قوي گۆشىنىڭ ھالال - ھارىمى بارمۇ دېگەن گەپتە بىرسى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قېلىپ مۇنداق دەپتۇ:

_ قوينىڭ ئۆزى ھالال، ئەمما ھارام يېيىش ئۇسۇلدا مەۋجۇت: 1. بوغۇزلاشتا؛ 2. پىشۇرۇشتا؛ 3. يېيىشتە.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ: «خوتۇن ئەسلى بىر گۆشتۇر. گۆشنى ئوبدان ساقلىمىسا پۇراپ قالىدۇ». گۆشنى قانداق يېيىشنى بىلمىسە ھالالمۇ ھارامغا ئۆزگىرىپ قالىدىغان گەپ.

شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر قىزنىڭ ئىپپىتى ئەسلى پاك، ھالال ۋە مۇقەددەس كېلىدۇ. ئىپپەتكە بولغان تونۇش، ساداقەت دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى قىزلارنى، ئوغۇللارنى تۈرلۈك - تۈمەن يوللارغا سۆرەيدۇ. نىكاھتىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق يېقىنچىلىق ھەر ئىككى جىنسقا ئازاب - ئۆكۈنۈشتىن بۆلەك نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ قىزلىق پاكلىقى، شەرم - ھاياسىنى پاكىز ساقلاپ، ئۆز نەپسى - لەۋزىنى تاپشۇرغان ئېرىگە يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن قىزلار ئەڭ سۆيۈملۈك، بىباھادۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا نىكاھقىچە يات جىنسقا يامان ئوي، شەھۋەت نىيىتىدە بولماي پاك پېتى ئۆزىنى تىزگىنلەپ كېلەلىگەن يىگىتلەرمۇ ماختاش، تەرىپلەش، ئەزىزلەشكە ھەممىدىن بەكرەك لايىقتۇر. شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد خەلقىمىزنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزلارغا ئەيىب قويۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە يانداش ئاھاڭدا، ئەرلەردىنمۇ ئىپپەتسىز كىشىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلايدۇ.

بۇرادەر، سىز ئۆزىڭىزنى ھالا بۈگۈنگە، توي كۈنىگە قەدەر تىزگىنلەپ كېلەلىگەن بولسىڭىز، سىزگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەتلەر ياغقاي.

توي ھارامنى ھالال قىلغۇچى بۈيۈك نېئمەتتۇر. توي ئاخشىمى ئۇزاقتىن بېرى بىر - بىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، مېھىر دەرياسىدا ئېقىپ، ئاشىقلىق قوقاسلىرىدا پۇچىلىنىپ كەلگەن ئىككى ياشنىڭ ئارىسىدىكى تام - توساقلار كۆتۈرۈۋېتىلگەن، رەھمەت ياغقان ئاخشامدۇر. شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ ۋە گۈزەل، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ. توي ئاخشىمى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر قالمىغان نىكاھلىق تۇرمۇش خۇددى تۇزسىز تاماققا ئوخشاش كۆڭۈللەرنى غەش قىلىدۇ. شۇڭا يېنىكلىك، قوپاللىق، رەھىمسىزلىك، ئالدىراڭغۇلۇقتىن، شەخسىيەتچىلىكتىن ئامالنىڭ بارىچە نېرى تۇرۇڭ. توي كۈنى بەلكىم قىز - كېلىنچەك بىر كۈن ئاچ قېلىشى، ھېرىپ كېتىشى ۋە ياكى بەك جىددىيلىشىپ تەمتىرەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن مۇلايىملىق بىلەن ئەھۋال سوراڭ ۋە كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان، ھەر ئىككى تەرەپكە خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى نورماللاشتۇرۇڭ. ھە دېسىلا ئوخلاش، يېتىش، بىرگە بولۇشنىڭ گېپىنى قىلماڭ. مۇنداق قىلىش قارشى تەرەپنى ئوڭايلا «توي – جىنسىيەت ئۈچۈنلىمۇ» دېگەن ئويغا ئەكىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ھەتتا بەزى قىزلاردا قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. قىزلارنىڭ ھالىغا يېتىش، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ سەمىمىي رازىلىق ئاساسىدىكى ئىتائىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. سىز بۇ نۇقتىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ. توي ئاخشىمى – جىنسىيەت ئاخشىمىلا ئەمەس. سىز بەلكىم، تېخى ۋاقىت ئۇزۇنغۇ، باشقا گەپلەرنى كېيىن قىلىشساقمۇ كېچىكمەيمىز، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئايال بىلەن سەمىمىي سىردىشىش، مۇمكىن بولسا بىر - بىرىنىڭ مىجەزى ياقتۇرىدىغان - ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرى، قىزىقىشى، ئار - ئايال بىر - بىرىدىن كۈتىدىغانلىرىنى بىر - بىرىگە ئىزھار قىلىش كېرەك. بىر ئەر توي ئاخشىمى ئايالىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىسە، بۇ ھال ئەر - خوتۇن ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى ۋە ھۆرمەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئايالىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى ھۆرمەتلەڭ، ئۆزىڭىزنىلا ئويلىماڭ. ئايالىڭىزنىڭمۇ چىن سۆيگۈ - ھېسسىياتىنى قوزغاشقا تىرىشىڭ. ھەدىستە دېيىلگەندەك: «بىر كىشى ئايالىغا مۇھەببەت بىلەن قارىسا ۋە ئايالى ھەم ئۇنىڭغا شۇ كەيپىياتتا يۈزلەنسە، ئاللاھ تائالا ئىككىلىسىگە رەھمەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ ۋە قوللىرىنى قوللىرىغا قويغاندا ئىككىلىسىنىڭ گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ». مەيلى ھەرقانداق ئىش قىلماڭ ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭ. بىر - بىرىڭلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە ھەرگىز قارىماڭلار. يېقىنچىلىقتىن كېيىنلا پاكلىنىڭ ۋە رەپىقىڭىز بىلەن بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز ھەققىدە پاراڭلىشىڭ. سىزمۇ، ئايالىڭىزمۇ بېسىم ياكى ھاردۇق ئەمەس، يەڭگىللىك، ئازادىلىك، راھەت ھېس قىلالىساڭلار ۋە يانمۇ - يان يېتىپ ھاياتلىقتىكى پاكلىق، ۋاپا، چىن سۆيگۈ ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان بۇ بۈيۈك نېئمەتنىڭ بەخت بۇلاقلىرىغا چۆمۈلسەڭلار بەخت - لەززەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟...

ئەمما، بۇندىن كېيىنمۇ توي كېچىسىدىكىدەك قىزغىنلىق، كۆيۈنۈشنى يوقىتىپ قويماڭ. ئايالىڭىزنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ تاشلىۋەتمەڭ. بەخت تۇيغۇسىغا ئارقىڭىزنى قىلىۋالماڭ. ئۇلۇغ مۇتەسەۋۋۇپ جالالىدىن رۇمى ئوغلى ۋەلەدنىڭ تويىدا شۇنداق پىچىرلىغانىدى: «بۈگۈن سېنىڭ نىكاھ ئايىمىڭدە، كۆزۈم ۋە كۆڭلۈمنىڭ نۇرى بولغان پاتىمە – بانۇنى ياخشى كۆرگەيسەن، دەپ ساڭا تاپشۇردۇم. چۈنكى، بۇ سەن ئۈچۈن زور سىناشتۇر. ئۈمىد شۇكى، ئۇنىڭغا دائىم ئادالەت مۇقامىدا مۇئامىلە قىلغايسەن. ھىممەت - ھىمايىتىڭنى ئۇنىڭدىن ئايىمىغايسەن. ئاتاڭنىڭ يۈزى - ئۆز يۈزۈڭ، پەرزەنتلىرىڭنىڭ نامى - نومۇسى يورۇق ۋە ساپ بولسۇن دېسەڭ، ئايالىڭ بىلەن ئۆتكەن ھەربىر كۈنۈڭ – توي، ھەربىر كېچەڭ – نىكاھ ئاخشىمى بولغاي».

بۇ سىزنىڭمۇ ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.