Jump to content

ھەر قەسىدە، ھەر سۆيگۈ

ئورنى Wikipedia

ھەر قەسىدە، ھەر سۆيگۈ

ئۇنسىي ئەلھاج


ھەر قەسىدە - شېئىرنىڭ باشلىنىشى،

ھەر سۆيگۈ - ئاسماننىڭ باشلىنىشى.

يىلتىز تارتقىن مەندەك شامالدا،

ئايلاندۇرغىن تۇپراققا مېنى.

شامال دەرەخنى ئازاپلىغاندەك ئازاپلايمەن سېنى،

دەرەخ تۇپراقنى سۈمۇرگەندەك سۈمۈرىسەن مېنى.

سەن كىچىك دىلبەر،

سەن ئىستىگەن ھەر نەرسە

بېغىشلىنار ساڭا، بېغىشلىنار ئەبەدىيەتكە.

ئارىمىزدىكى پەرق ئازابىدا باغلانغانچە ساڭا،

ئايرىۋالىمەن سېنى ئۆزۈڭدىن،

ئايرىۋالىسەن سەنمۇ مېنى ھەم،

قۇچار بىزنى مەنانىڭ سەرخۇشلىقى،

يېڭىلىنىمىز ئېزىپ كەتكۈچە،

تەكرارلىنىمىز توزۇپ كەتكۈچە،

غايىپ بولىمىز چەكلەردىن ئېشىپ،

سائادەتلىك ھىجران ئىلكىدە...

كىرىپ كېلىمىز گۈلسىمان يوقلۇققا

قالدۇقلاردىن پاكلانغان ھالدا.

تۇتىۋالغىنىم سەن ئەمەس، بەلكى -

سەرخۇشلۇق روھى!

... چەكلىرىمنى بىلەي دېسەملا

ئۇچۇرۇپ كېتەر مېنى قايتىدىن

ئېزىقىشقا تەربىيەلەش قاناتلىرى.

كىمگىمۇ سۆز ئاچالىسۇن توقلۇقتىن ئاچلىق؟!

كىمگىمۇ دەرد ئېيتالىسۇن زېرىكىشتىن ئىشق نەشتىرى؟!

ئەنە، غالىپ ھەقىقەتنىڭ چۆلىدە

رەت قىلغىلى بولمايدىغان ئەلەملىك ۋىسال!

‹‹ياق! ياق!» دەپ كىمگىمۇ توۋلىيالىسۇن

بىر چاقچاقتەك ئۇشتۇمتۇت ۋىسال،

بىر بىمەنە ئايال مەسىھتەك،

ھەقىقەتنىڭ چۆلىدە مۇزلىغان بىر شاپتۇلدەك؟!

ئېگەر باشنى ۋىسالىڭ

ئەستىن چىققان ئىستىخىيە ئېغىرلىقىدا.

شۇڭا، «ماقۇل! ماقۇل!›› دەيمەن،

ھەمدە يۇكسەك بالكۇندىن

ھەر بىر قېتىم يىقىلسام ئالغا

بىر مۇساپە تاشلاپ سۆيگۈدە،

بىر مۇساپە كۆيدۈردۈم دەرھەق

ئۆلۈمىڭنىڭ ئۆمرىدىن، دىلبەر!...

يۈكسىلەر

يىلتىزلىرىڭ يۈكسىلەر قايتىپ

قايتىپ بارار تۇنجى دەرەخكە،

ئەي، تۇنجى ئانا،

ئەي، ئاخىرقى مەشۇق،

ئەي، دىل يانغىنى،

ئەي، ئۆگزىلەرنىڭ ئالتۇنى، رۇجەكلەرنىڭ قۇياشى،

ئەي، يۈزۈمگە چۈشكەن چاقماق شولىسى،

ئەي، كىيىكىم ھەم ئورمىنىم،

ئەي، ئورمىنى قىزغىنىشىم ئەرۋاھلىرىنىڭ،

ئەي، ئۆستەڭ بويىدا ماڭا قارىغان

‹‹يېقىن كەلگىن›› دېگەن كىيىكىم،

يېقىنلىشىپ بارىمەن ساڭا،

چاتقاللاردىن ئۆتىمەن گويا نىگاھتەك،

چەشمىلەرگە ئايلىنار قۇملۇق،

بىر كىيىكى بولىسەن شۇنداق

مېنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈرلىرىمنىڭ،

سەندىن قاچسام، يۈرىكىمدىن ئۈنىسەن،

مەندىن قاچساڭ، كېلەر سېنى قايتۇرۇپ

ئېسىمنىڭ بوسۇغىسى ئاستىدا

يوشۇرۇپ قويغان ئەينىكىڭ.

ئۇرۇش شاخلىرى سېنىڭ قوللىرىڭ،

سېنىڭ قوللىرىڭ -

مەندىن ئېلىنغان شېرىن ئىنتىقام قوللىرى،

كۆزلىرىڭنىڭ قوللىرى،

بەڭۋاش ئۆسمۈر قىزنىڭ قوللىرى،

سېنىڭ قوللىرىڭ - باشلارنىڭ تۈنى!

ئولتۇراقلاشتىڭ ئىچىمدە

بىزنى باشقىلار ئاڭلىمىسۇن دەپ،

كۆزلىرىڭگە بىر قورقۇنچ تولغان

شۈركەنگەن ھەم سۈر باسقان قورقۇنچ

ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقتەك گويا...

تاشلانماقتا تېنىڭدىن سۆزلەر

گۈللۈك قاسراقتەك،

ئايان بولماقتا يالىڭاچلىقىڭ

ئۆينىڭ ئىچىدە،

مۇشتۇمدىكى ئالۋۇندەك چەكسىز -

بىردىنبىر سۆز ئايان بولغاندەك.

كۈندۈزنىڭ ئورمىنىدىن كىم مېنى ساقلار؟

كىم مېنى ساقلايدۇ تۈن ئالتۇنىدىن؟

ھېچقانداق بىر تەشنالىققا ئوخشىمايدۇ بۇ،

بۇ - ئۆتۈشنىڭ تەشنالىقى سېنىڭ تېنىڭدىن،

ھېچقانداق بىر ئۈمىدكە ئوخشىمايدۇ بۇ،

ئۈمىدى بۇ -

يوقىلىشنىڭ جەننىتىگە قاچقۇچىنىڭ.

خاتالىقنىڭ ئەرۋاھىدىن يىراق تۇرايلى،

ئۇ بالدۇرلا ئۈستىمىزگە بېسىپ كەلمىسۇن،

تارتىۋالمىسۇن،

ئۆچۈرۈپ قويمىسۇن،

ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن ئۆلمەس نەرسىنى،

ئاندىن ئۆلۈك ھالدا ياشاپ قالمىسۇن ئۇ!

سۆيگۈ مېنىڭ نىجادلىقىم، ئەي، تولۇنئاي،

سۆيگۈ خورلۇقىم،

ئۆلۈمىمدۇر سۆيگۈ مېنىڭ، ئەي، تولۇنئاي.

تەرك ئېتىمەن زۇلمەتنى، پەقەت

پاناھلىنىش ئۈچۈن سېنىڭ يالىڭاچلىقىڭغا،

نۇرنى تەرك ئېتىمەن، پەقەت

زۇلمىتىڭدە سەرخۇشلىنىشقا.

كۈندۈز ئويۇنىنى كۆزلىرىڭ ئۇتار،

تۈن ئويۇنىنى كۆزلىرىڭ ئۇتار،

ئۇتار بارلىق شارائىتلاردا،

ئۇتار تۈرلۈك كېلىماتلاردا،

دىن داۋاملىق ئۇتقاندەك ئۇتار

ئۇتقاندىمۇ،

ئۇتتۇرغاندىمۇ.

ئېلىپ كېتىمەن چوغنىڭ كەينىگە

گۈزەللىكىڭنىڭ يالدامىسىنى

ئۇنتۇلغان ئەستەك يوقالمايدىغان،

ئىشغال قىلار ھەممە يەرنى ئۇ

سېنى شۇنچە ھەيران قالدۇرۇپ:

قانداقلارچە قېرىيدۇ ھەممە،

پەقەت سەنلا چوڭايمايدىغان!

كۆزلىرىڭنىڭ ئالتۇنى ئاقار

تومۇرلىرىمدا.

تونۇيالماس بوپقالدى مېنى

قارغۇلاردىن باشقا ئادەملەر،

كۆرەر سۆيگۈنى قارغۇلار چۈنكى!

ماڭا تەۋە نەرسە سەندىكى

تېنىڭ ئەمەس، بەلكى روھىدۇر -

تۇنجى ئىستەكنىڭ.

تېنىڭ ئەمەس،

بەلكى تۇنجى تەننىڭ يادروسى،

روھىڭ ئەمەس،

ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر بەلكى

دۇنيا تۇمانى قاپلاشتىن بۇرۇنقى.

كۆتۈرىلەر قۇياش تېنىڭدە،

توڭلايسەن ئەمما،

چۈنكى قۇياش كۆيدۈرەر،

كۆيدۈرگۈچى ھەممە نەرسە سوغۇقتۇر

ئۆزىدىكى چەكسىز قۇۋۋەت تۈپەيلى.

ھەر قەسىدە - سۆيگۈ قەلبىدۇر،

ھەر سۆيگۈ - ئۆلۈم قەلبىدۇر

تەڭداشسىز ھاياتلىقتا سوقۇدىغان.

ھەر قەسىدە ئاداققى بىر قەسىدىدۇر،

ھەر سۆيگۈ - ئاداققى چۇقان،

ئەي، چوڭقۇرلۇققا يىقىلىشنىڭ كۆلەڭگۈسى،

ھەر سۆيگۈ - ئاداققىچە ئۆلۈش دېمەكتۇر.

تېنىڭ ئەمەس سەندىكى مەن تۇتقان نەرسە،

يۈرىكىدۇر بەلكى ئاللاھنىڭ،

مەن توختىماي مۇجۇيمەن ئۇنى

چاقماقتەك ئۆتكۈنچى سەرخۇشلىقىنىڭ

ياڭراق چۇقانى

يېنىكلەتكەي مەڭگۈلۈك ئازابىمنى دەپ!


(ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى)


مەنبە: «بەرقىي» مۇنبىرى




ئەرەبچىسى:


كلُّ قصيدة ، كلُّ حبّ

أنسي الحاج


كلُّ قصيدةٍ هي بدايةُ الشعر

كلُّ حبٍّ هو بدايةُ السماء.

تَجذري فيّ أنا الريح

اجعليني تراباً.

سأعذبكِ كما تُعذب الريحُ الشجَرَ

وتمتصّينني كما يمتصُّ الشجرُ التراب.

وأنتِ الصغيرة

كلُّ ما تريدينه

يُهدى إليكِ الى الأبد.

مربوطاً إليكِ بألم الفرق بيننا

أنتَزعُكِ من نفسكِ

وتنتزعينني،

نتخاطف الى سكرة الجوهريّ

نتجدّد حتى نضيع

نتكرّر حتى نتلاشى

نغيبُ في الجنوح

في الفَقْد السعيد

ونَلِجُ العَدَم الورديّ خالصَين من كلّ شائبة.

ليس أنتِ ما أُمسك

بل روح النشوة.

... وما إن توهّمتُ معرفةَ حدودي حتى حَمَلَتني أجنحةُ التأديب الى الضياع.

لمنْ يدّعي التُخمةَ، الجوعُ

ولمن يعلن السأمَ، لدغةُ الهُيام

ولمن يصيح » لا! لا!«، ظهورٌ موجع لا يُرَدّ

في صحراء اليقين المظفَّر.

ظهورٌ فجأةً كدُعابة

كمسيحةٍ عابثة

كدُرّاقةٍ مثلَّجة في صحراء اليقين،

ظهوركِ يَحني الرأسَ بوزن البديهة المتجاهَلَة

فأقول له » نعم! نعم! «،

والى الأمام من الشرفة الأعلى

كلّما ارتميتُ مسافة حبّ

حرقتُ مسافةً من عمر موتكَ

كائناً من كنتَ!...

ترتفعُ

ترتفع جذوركِ في العودة

تمضي

واصلةً الى الشجرةِ الأولى

أيّتها الأمُّ الأولى

أيتها الحبيبةُ الأخيرة

يا حَريقَ القلب

يا ذَهَبَ السطوح وشمسَ النوافذ

يا خيّالةَ البَرق المُبْصر وجهي

يا غزالتي وغابتي

يا غابةَ أشباح غَيرتي

يا غزالتي المتلفّتة وسط الفَرير لتقول لي: اقتربْ،

فأقترب

أجتاز غابَ الوَعْر كالنظرة

تتحوّل الصحراء مفاجرَ مياه

وتصبحين غزالةَ أعماري كلّها،

أفرّ منكِ فتنبتين في قلبي

وتفرّين منّي

فتعيدكِ إليّ مرآتكِ المخبأة تحت عتبة ذاكرتي.

يداكِ غصونُ الحرب

يداكِ يدا الثأر اللذيذ مني

يدا عينيكِ

يدا طفلةٍ تَرتكب

يداكِ ليلُ الرأس.

تُسكتينني كي لا يسمعونا

ويملأُ الخوفُ عينيكِ

مُدَلّهاً مختلجاً بالرعب

كطفلٍ وُلد الآن.

تنسحب الكلمات عن جسدكِ

كغطاءٍ ورديّ.

يَظهر عُريكِ في الغرفة

ظهورَ الكلمة الأوحد

بلا نهائيّةِ السراب في قبضة اليد.

مَن يحميني غابَ النهار

مَن يحميني ذَهَبَ الليل.

ليس أيَّ شوقٍ بل شوقُ العبور

ليس أيَّ أملٍ بل أملُ الهارب الى نعيم التلاشي.

فليبتعد شَبَحُ الخطأ

ولا يقتحْمنا باكراً

فيخطف ويطفىء

ويَقتل ما لا يموت

لكي يعيش بعد ذلك قتيلاً.

الحبّ هو خلاصي أيّها القمر

الحبّ هو شقائي

الحبّ هو موتي أيّها القمر.

لا أخرج من الظلمة إلاّ لأحتمي بعريكِ ولا من النور إلاّ لأسكر بظلمتك.

تربح عيناكِ في لعبة النهار وتربحان في لعبة الليل.

تربحان تحت كلّ الأبراج وتربحان ضدّ كل الأمواج.

تربحان كما يربح الدِين عندما يربح وعندما يَخْسر.

وآخذ معي وراءَ الجمر تذكارَ جمالكِ أبديّاً كالذاكرة المنسيّة،

يحتلّ كلَّ مكان وتستغربين

كيف يكبر الجميع ولا تكبرين.

ذَهَبُ عينيكِ يسري في عروقي.

لم يعد يعرفني إلاَّ العميان

لأنهم يرون الحبّ.

ما أملكه فيكِ ليس جسدكِ

بل روحُ الإرادة الأولى

ليس جسدك

بل نواةُ الجَسد الأول

ليس روحكِ

بل روحُ الحقيقة قبل أن يغمرها ضباب العالم.

الشمس تشرق في جسدكِ

وأنتِ بردانة

لأن الشمس تَحرق

وكلّ ما يَحرق هو بارد من فرط القوّة.

كلّ قصيدةٍ هي قَلْبُ الحبّ

كلّ حبٍّ هو قلبُ الموت يخفق بأقصى الحياة.

كلّ قصيدةٍ هي آخرُ قصيدة

كلّ حبٍّ هو آخرُ الصراخ

كلّ حبٍّ، يا خيّالةَ السقوط في الأعماق، كلّ حبٍّ هو الموت حتى آخره،

وما أُمسكه فيكِ ليس جسدكِ

بل قَلْبُ الله

أعصره وأعصره

ليُخدّر قليلاً صراخُ نشوتِهِ الخاطفة

آلامَ مذبحتي الأبديّة.




ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە:


كُلُّ قَصِيدَةٍ، كُلُّ حُبٍّ

ھەر قەسىدە، ھەر سۆيگۈ


أنسي الحاج

ئۇنسىي ئەلھاج


كُلُّ قَصِيدَةٍ هِيَ بِدَايَةُ الشِّعْرِ

كُلُّ حُبٍّ هُوَ بِدَايَةُ السَّمَاءِ.


ھەر قەسىدە - شېئىرنىڭ باشلىنىشى،

ھەر سۆيگۈ - ئاسماننىڭ باشلىنىشى.


تَجَذَّرِي فِيَّ أَنَا الرِّيحُ

اجْعَلِينِي تُرَابًا.

سَأُعَذِّبُكِ كَمَا تُعَذِّبُ الرِّيحُ الشَّجَرَ

وَتَمْتَصِّينَنِي كَمَا يَمْتَصُّ الشَّجَرُ التُّرَابَ.


يىلتىز تارتقىن مەندەك شامالدا،

ئايلاندۇرغىن تۇپراققا مېنى.

شامال دەرەخنى ئازاپلىغاندەك ئازاپلايمەن سېنى،

دەرەخ تۇپراقنى سۈمۇرگەندەك سۈمۈرىسەن مېنى.


وَأَنْتِ الصَّغِيرَةُ

كُلُّ مَا تُرِيدِينَهُ

يُهْدَى إِلَيْكِ إِلَى الْأَبَدِ.


سەن كىچىك دىلبەر،

سەن ئىستىگەن ھەر نەرسە

بېغىشلىنار ساڭا، بېغىشلىنار ئەبەدىيەتكە.


مَرْبُوطًا إِلَيْكِ بِأَلَمِ الْفَرْقِ بَيْنَنَا

أَنْتَزِعُكِ مِنْ نَفْسِكِ

وَتَنْتَزِعِينَنِي،

نَتَخَاطَفُ إِلَى سَكْرَةِ الْجَوْهَرِيِّ

نَتَجَدَّدُ حَتَّى نَضِيعَ

نَتَكَرَّرُ حَتَّى نَتَلَاشَى

نَغِيبُ فِي الْجُنُوحِ

فِي الْفَقْدِ السَّعِيدِ

وَنَلِجُ الْعَدَمَ الْوَرْدِيَّ خَالِصَيْنِ مِنْ كُلِّ شَائِبَةٍ.


ئارىمىزدىكى پەرق ئازابىدا باغلانغانچە ساڭا،

ئايرىۋالىمەن سېنى ئۆزۈڭدىن،

ئايرىۋالىسەن سەنمۇ مېنى ھەم،

قۇچار بىزنى مەنانىڭ سەرخۇشلىقى،

يېڭىلىنىمىز ئېزىپ كەتكۈچە،

تەكرارلىنىمىز توزۇپ كەتكۈچە،

غايىپ بولىمىز چەكلەردىن ئېشىپ،

سائادەتلىك ھىجران ئىلكىدە...

كىرىپ كېلىمىز گۈلسىمان يوقلۇققا

قالدۇقلاردىن پاكلانغان ھالدا.


لَيْسَ أَنْتِ مَا أُمْسِكُ

بَلْ رُوحُ النَّشْوَةِ.

... وَمَا إِنْ تَوَهَّمْتُ مَعْرِفَةَ حُدُودِي حَتَّى حَمَلَتْنِي أَجْنِحَةُ التَّأْدِيبِ إِلَى الضَّيَاعِ.


تۇتىۋالغىنىم سەن ئەمەس، بەلكى -

سەرخۇشلۇق روھى!

... چەكلىرىمنى بىلەي دېسەملا

ئۇچۇرۇپ كېتەر مېنى قايتىدىن

ئېزىقىشقا تەربىيەلەش قاناتلىرى.


لِمَنْ يَدَّعِي التُّخْمَةَ، الْجُوعُ

وَلِمَنْ يُعْلِنُ السَّأَمَ، لَدْغَةُ الْهُيَامِ

وَلِمَنْ يَصِيحُ »لَا! لَا!«، ظُهُورٌ مُوجِعٌ لَا يُرَدُّ

فِي صَحْرَاءِ الْيَقِينِ الْمُظَفَّرِ.


كىمگىمۇ سۆز ئاچالىسۇن توقلۇقتىن ئاچلىق؟!

كىمگىمۇ دەرد ئېيتالىسۇن زېرىكىشتىن ئىشق نەشتىرى؟!

ئەنە، غالىپ ھەقىقەتنىڭ چۆلىدە

رەت قىلغىلى بولمايدىغان ئەلەملىك ۋىسال!


ظُهُورٌ فَجْأَةً كَدُعَابَةٍ

كَمَسِيحَةٍ عَابِثَةٍ

كَدُرَّاقَةٍ مُثَلَّجَةٍ فِي صَحْرَاءِ الْيَقِينِ،

ظُهُورُكِ يَحْنِي الرَّأْسَ بِوَزْنِ الْبَدِيهَةِ الْمُتَجَاهَلَةِ

فَأَقُولُ لَهُ »نَعَمْ! نَعَمْ!«،


‹‹ياق! ياق!» دەپ كىمگىمۇ توۋلىيالىسۇن

بىر چاقچاقتەك ئۇشتۇمتۇت ۋىسال،

بىر بىمەنە ئايال مەسىھتەك،

ھەقىقەتنىڭ چۆلىدە مۇزلىغان بىر شاپتۇلدەك؟!

ئېگەر باشنى ۋىسالىڭ

ئەستىن چىققان ئىستىخىيە ئېغىرلىقىدا.

شۇڭا، «ماقۇل! ماقۇل!›› دەيمەن،


وَإِلَى الْأَمَامِ مِنَ الشُّرْفَةِ الْأَعْلَى

كُلَّمَا ارْتَمَيْتُ مَسَافَةَ حُبٍّ

حَرَقْتُ مَسَافَةً مِنْ عُمْرِ مَوْتِكَ

كَائِنًا مَنْ كُنْتَ!...


ھەمدە يۇكسەك بالكۇندىن

ھەر بىر قېتىم يىقىلسام ئالغا

بىر مۇساپە تاشلاپ سۆيگۈدە،

بىر مۇساپە كۆيدۈردۈم دەرھەق

ئۆلۈمىڭنىڭ ئۆمرىدىن، دىلبەر!...


تَرْتَفِعُ

تَرْتَفِعُ جُذُورُكِ فِي الْعَوْدَةِ

تَمْضِي

وَاصِلَةً إِلَى الشَّجَرَةِ الْأُولَى

أَيَّتُهَا الْأُمُّ الْأُولَى

أَيَّتُهَا الْحَبِيبَةُ الْأَخِيرَةُ

يَا حَرِيقَ الْقَلْبِ

يَا ذَهَبَ السُّطُوحِ وَشَمْسَ النَّوَافِذِ

يَا خَيَّالَةَ الْبَرْقِ الْمُبْصِرِ وَجْهِي

يَا غَزَالَتِي وَغَابَتِي

يَا غَابَةَ أَشْبَاحِ غَيْرَتِي

يَا غَزَالَتِي الْمُتَلَفِّتَةَ وَسَطَ الْفَرِيرِ لِتَقُولَ لِي: اقْتَرِبْ،


يۈكسىلەر

يىلتىزلىرىڭ

يۈكسىلەر قايتىپ

قايتىپ بارار تۇنجى دەرەخكە،

ئەي، تۇنجى ئانا،

ئەي، ئاخىرقى مەشۇق،

ئەي، دىل يانغىنى،

ئەي، ئۆگزىلەرنىڭ ئالتۇنى، رۇجەكلەرنىڭ قۇياشى،

ئەي، يۈزۈمگە چۈشكەن چاقماق شولىسى،

ئەي، كىيىكىم ھەم ئورمىنىم،

ئەي، ئورمىنى قىزغىنىشىم ئەرۋاھلىرىنىڭ،

ئەي، ئۆستەڭ بويىدا ماڭا قارىغان

‹‹يېقىن كەلگىن›› دېگەن كىيىكىم،


فَأَقْتَرِبُ

أَجْتَازُ غَابَ الْوَعْرِ كَالنَّظْرَةِ

تَتَحَوَّلُ الصَّحْرَاءُ مَفَاجِرَ مِيَاهٍ

وَتُصْبِحِينَ غَزَالَةَ أَعْمَارِي كُلِّهَا،


يېقىنلىشىپ بارىمەن ساڭا،

چاتقاللاردىن ئۆتىمەن گويا نىگاھتەك،

چەشمىلەرگە ئايلىنار قۇملۇق،

بىر كىيىكى بولىسەن شۇنداق

مېنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈرلىرىمنىڭ،


أَفِرُّ مِنْكِ فَتَنْبُتِينَ فِي قَلْبِي

وَتَفِرِّينَ مِنِّي

فَتُعِيدُكِ إِلَيَّ مِرْآتُكِ الْمُخَبَّأَةُ تَحْتَ عَتَبَةِ ذَاكِرَتِي.


سەندىن قاچسام، يۈرىكىمدىن ئۈنىسەن،

مەندىن قاچساڭ، كېلەر سېنى قايتۇرۇپ

ئېسىمنىڭ بوسۇغىسى ئاستىدا

يوشۇرۇپ قويغان ئەينىكىڭ.


يَدَاكِ غُصُونُ الْحَرْبِ

يَدَاكِ يَدَا الثَّأْرِ اللَّذِيذِ مِنِّي

يَدَا عَيْنَيْكِ

يَدَا طِفْلَةٍ تَرْتَكِبُ

يَدَاكِ لَيْلُ الرَّأْسِ.


ئۇرۇش شاخلىرى سېنىڭ قوللىرىڭ،

سېنىڭ قوللىرىڭ -

مەندىن ئېلىنغان شېرىن ئىنتىقام قوللىرى،

كۆزلىرىڭنىڭ قوللىرى،

بەڭۋاش ئۆسمۈر قىزنىڭ قوللىرى،

سېنىڭ قوللىرىڭ - باشلارنىڭ تۈنى!


تُسْكِتِينَنِي كَيْ لَا يَسْمَعُونَا

وَيَمْلَأُ الْخَوْفُ عَيْنَيْكِ

مُدَلَّهًا مُخْتَلِجًا بِالرُّعْبِ

كَطِفْلٍ وُلِدَ الْآنَ.


ئولتۇراقلاشتىڭ ئىچىمدە

بىزنى باشقىلار ئاڭلىمىسۇن دەپ،

كۆزلىرىڭگە بىر قورقۇنچ تولغان

شۈركەنگەن ھەم سۈر باسقان قورقۇنچ

ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقتەك گويا...


تَنْسَحِبُ الْكَلِمَاتُ عَنْ جَسَدِكِ

كَغِطَاءٍ وَرْدِيٍّ.

يَظْهَرُ عُرْيُكِ فِي الْغُرْفَةِ

ظُهُورَ الْكَلِمَةِ الْأَوْحَدِ

بِلَا نِهَائِيَّةِ السَّرَابِ فِي قَبْضَةِ الْيَدِ.


تاشلانماقتا تېنىڭدىن سۆزلەر

گۈللۈك قاسراقتەك،

ئايان بولماقتا يالىڭاچلىقىڭ

ئۆينىڭ ئىچىدە،

مۇشتۇمدىكى ئالۋۇندەك چەكسىز -

بىردىنبىر سۆز ئايان بولغاندەك.


مَنْ يَحْمِينِي غَابَ النَّهَارِ

مَنْ يَحْمِينِي ذَهَبَ اللَّيْلِ.

لَيْسَ أَيَّ شَوْقٍ بَلْ شَوْقُ الْعُبُورِ

لَيْسَ أَيَّ أَمَلٍ بَلْ أَمَلُ الْهَارِبِ إِلَى نَعِيمِ التَّلَاشِي.


كۈندۈزنىڭ ئورمىنىدىن كىم مېنى ساقلار؟

كىم مېنى ساقلايدۇ تۈن ئالتۇنىدىن؟

ھېچقانداق بىر تەشنالىققا ئوخشىمايدۇ بۇ،

بۇ - ئۆتۈشنىڭ تەشنالىقى سېنىڭ تېنىڭدىن،

ھېچقانداق بىر ئۈمىدكە ئوخشىمايدۇ بۇ،

ئۈمىدى بۇ -

يوقىلىشنىڭ جەننىتىگە قاچقۇچىنىڭ.


فَلْيَبْتَعِدْ شَبَحُ الْخَطَأِ

وَلَا يَقْتَحِمْنَا بَاكِرًا

فَيَخْطِفَ وَيُطْفِئَ

وَيَقْتُلَ مَا لَا يَمُوتُ

لِكَيْ يَعِيشَ بَعْدَ ذَلِكَ قَتِيلًا.


خاتالىقنىڭ ئەرۋاھىدىن يىراق تۇرايلى،

ئۇ بالدۇرلا ئۈستىمىزگە بېسىپ كەلمىسۇن،

تارتىۋالمىسۇن،

ئۆچۈرۈپ قويمىسۇن،

ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن ئۆلمەس نەرسىنى،

ئاندىن ئۆلۈك ھالدا ياشاپ قالمىسۇن ئۇ!


الْحُبُّ هُوَ خَلَاصِي أَيُّهَا الْقَمَرُ

الْحُبُّ هُوَ شَقَائِي

الْحُبُّ هُوَ مَوْتِي أَيُّهَا الْقَمَرُ.


سۆيگۈ مېنىڭ نىجادلىقىم، ئەي، تولۇنئاي،

سۆيگۈ خورلۇقىم،

ئۆلۈمىمدۇر سۆيگۈ مېنىڭ، ئەي، تولۇنئاي.


لَا أَخْرُجُ مِنَ الظُّلْمَةِ إِلَّا لِأَحْتَمِيَ بِعُرْيِكِ وَلَا مِنَ النُّورِ إِلَّا لِأَسْكَرَ بِظُلْمَتِكِ.

تَرْبَحُ عَيْنَاكِ فِي لُعْبَةِ النَّهَارِ وَتَرْبَحَانِ فِي لُعْبَةِ اللَّيْلِ.

تَرْبَحَانِ تَحْتَ كُلِّ الْأَبْرَاجِ وَتَرْبَحَانِ ضِدَّ كُلِّ الْأَمْوَاجِ.

تَرْبَحَانِ كَمَا يَرْبَحُ الدِّينُ عِنْدَمَا يَرْبَحُ وَعِنْدَمَا يَخْسَرُ.


تەرك ئېتىمەن زۇلمەتنى، پەقەت

پاناھلىنىش ئۈچۈن سېنىڭ يالىڭاچلىقىڭغا،

نۇرنى تەرك ئېتىمەن، پەقەت

زۇلمىتىڭدە سەرخۇشلىنىشقا.

كۈندۈز ئويۇنىنى كۆزلىرىڭ ئۇتار،

تۈن ئويۇنىنى كۆزلىرىڭ ئۇتار،

ئۇتار بارلىق شارائىتلاردا،

ئۇتار تۈرلۈك كېلىماتلاردا،

دىن داۋاملىق ئۇتقاندەك ئۇتار

ئۇتقاندىمۇ،

ئۇتتۇرغاندىمۇ.


وَآخُذُ مَعِي وَرَاءَ الْجَمْرِ تِذْكَارَ جَمَالِكِ أَبَدِيًّا كَالذَّاكِرَةِ الْمَنْسِيَّةِ،

يَحْتَلُّ كُلَّ مَكَانٍ وَتَسْتَغْرِبِينَ

كَيْفَ يَكْبُرُ الْجَمِيعُ وَلَا تَكْبُرِينَ.


ئېلىپ كېتىمەن چوغنىڭ كەينىگە

گۈزەللىكىڭنىڭ يالدامىسىنى

ئۇنتۇلغان ئەستەك يوقالمايدىغان،

ئىشغال قىلار ھەممە يەرنى ئۇ

سېنى شۇنچە ھەيران قالدۇرۇپ:

قانداقلارچە قېرىيدۇ ھەممە،

پەقەت سەنلا چوڭايمايدىغان!


ذَهَبُ عَيْنَيْكِ يَسْرِي فِي عُرُوقِي.

لَمْ يَعُدْ يَعْرِفُنِي إِلَّا الْعُمْيَانُ

لِأَنَّهُمْ يَرَوْنَ الْحُبَّ.


كۆزلىرىڭنىڭ ئالتۇنى ئاقار

تومۇرلىرىمدا.

تونۇيالماس بوپقالدى مېنى

قارغۇلاردىن باشقا ئادەملەر،

كۆرەر سۆيگۈنى قارغۇلار چۈنكى!


مَا أَمْلِكُهُ فِيكِ لَيْسَ جَسَدُكِ

بَلْ رُوحُ الْإِرَادَةِ الْأُولَى

لَيْسَ جَسَدُكِ

بَلْ نَوَاةُ الْجَسَدِ الْأَوَّلِ

لَيْسَ رُوحُكِ

بَلْ رُوحُ الْحَقِيقَةِ قَبْلَ أَنْ يَغْمُرَهَا ضَبَابُ الْعَالَمِ.


ماڭا تەۋە نەرسە سەندىكى

تېنىڭ ئەمەس، بەلكى روھىدۇر -

تۇنجى ئىستەكنىڭ.

تېنىڭ ئەمەس،

بەلكى تۇنجى تەننىڭ يادروسى،

روھىڭ ئەمەس،

ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر بەلكى

دۇنيا تۇمانى قاپلاشتىن بۇرۇنقى.


الشَّمْسُ تَشْرِقُ فِي جَسَدِكِ

وَأَنْتِ بَرْدَانَةٌ

لِأَنَّ الشَّمْسَ تَحْرِقُ

وَكُلُّ مَا يَحْرِقُ هُوَ بَارِدٌ مِنْ فَرْطِ الْقُوَّةِ.


كۆتۈرىلەر قۇياش تېنىڭدە،

توڭلايسەن ئەمما،

چۈنكى قۇياش كۆيدۈرەر،

كۆيدۈرگۈچى ھەممە نەرسە سوغۇقتۇر

ئۆزىدىكى چەكسىز قۇۋۋەت تۈپەيلى.


كُلُّ قَصِيدَةٍ هِيَ قَلْبُ الْحُبِّ

كُلُّ حُبٍّ هُوَ قَلْبُ الْمَوْتِ يَخْفِقُ بِأَقْصَى الْحَيَاةِ.


ھەر قەسىدە - سۆيگۈ قەلبىدۇر،

ھەر سۆيگۈ - ئۆلۈم قەلبىدۇر

تەڭداشسىز ھاياتلىقتا سوقۇدىغان.


كُلُّ قَصِيدَةٍ هِيَ آخِرُ قَصِيدَةٍ

كُلُّ حُبٍّ هُوَ آخِرُ الصُّرَاخِ

كُلُّ حُبٍّ، يَا خَيَّالَةَ السُّقُوطِ فِي الْأَعْمَاقِ،

كُلُّ حُبٍّ هُوَ الْمَوْتُ حَتَّى آخِرِهِ،


ھەر قەسىدە ئاداققى بىر قەسىدىدۇر،

ھەر سۆيگۈ - ئاداققى چۇقان،

ئەي، چوڭقۇرلۇققا يىقىلىشنىڭ كۆلەڭگۈسى،

ھەر سۆيگۈ - ئاداققىچە ئۆلۈش دېمەكتۇر.


وَمَا أُمْسِكُهُ فِيكِ لَيْسَ جَسَدُكِ

بَلْ قَلْبُ اللهِ

أَعْصِرُهُ وَأَعْصِرُهُ

لِيُخَدِّرَ قَلِيلًا صُرَاخُ نَشْوَتِهِ الْخَاطِفَةِ

آلَامَ مَذْبَحَتِي الْأَبَدِيَّةِ.


تېنىڭ ئەمەس سەندىكى مەن تۇتقان نەرسە،

يۈرىكىدۇر بەلكى ئاللاھنىڭ،

مەن توختىماي مۇجۇيمەن ئۇنى

چاقماقتەك ئۆتكۈنچى سەرخۇشلىقىنىڭ

ياڭراق چۇقانى

يېنىكلەتكەي مەڭگۈلۈك ئازابىمنى دەپ!