ئىسھاق ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ھەزرىتى ئىسھاق)

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئىسھاق ئەلەيھىسسالام

توغۇلغان يېرى كەنئان
ئاتا ئانىسى ئىبراھىم ۋە سارە
نەسەبى إسحاق بن إبراهيم بن تارح بن ناحور بن ساروغ بن راغو بن فالغ بن عابر بن شالح بن أرفخشذ بن سام بن نوح.
ئۆمۈر يولداشى رەبەقا
ئەۋلادلىرى يەئقۇب ۋە ئەۋاس

ھەزرىتى ئىسھاق (ئەرەبچە:إسحاق، ئىبرانىيچە:יִצְחָק)ھەز. ئۈچ ئىلاھىي دىننىڭ ئورتاق ئاتاسى قەبۇل قىلىنغان ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ سارەدىن بولغان ئوغلى ۋە ئىككىنچى فەرزەندى ۋە قۇرئاندا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىندۇر. ھەزرىتى يەئقۇب ۋە ئەۋاسنىڭ ئاتىسى. يەئنى، بەنى ئىسرائىل، ھەزرىتى ئىسھاقنىڭ پۇشتىدىن كەلمەكتە.

ئىسمى ۋە كىشىلىكى[تەھرىرلەش]

"ئىسھاق" ئۇيغۇرچە كۈلۈپ تۇرىدىغان چىراي دېگەنلىك بولىدۇ.
ئىسلام مەنبئەلىرىچە ھەزرىتى ئىسھاق: ئالىم، ئىگىز، قارا كۆزلۈك، بۇغداي ئۆڭلۈك، خۇشچىراي، تىلى راۋان، ساچ ساقاللىرى ئاپئاق بىرىدۇر.
ئىسھاق ئە.س ناھور بن بەتۇئەلنىڭ قىزى رەبەقادىن يەئقۇب ۋە ئەۋاس ئىسىملىك قوشكىزەك ئوغۇللۇق بولغان.

قۇرئاندا ئىسھاق[تەھرىرلەش]

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەم﵇ • ئىدرىس

نۇھ﵇ • ھۇد﵇ • سالىھ

ئىبراھىم﵇ • لۇت

ئىسمائىل﵇ • ئىسھاق

يەئقۇب﵇ • يۇسۇڧ

ئەييۇب﵇ • شۇئەيب

مۇسا﵇ • ھارۇن

داۋۇد﵇ • سۇلايمان

زۇلكېڧىل﵇ • يۇنۇس﵇ • ئىلياس

ئەليەسە﵇ • زەكەرىيا

يەھيا﵇ • ئىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى ئىسھاق قۇرئان كەرىمدىمۇ ماختالغاندۇر:
وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ (٤٥) إِنَّا أَخْلَصْنَاهُم بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ (٤٦) وَإِنَّهُمْ عِندَنَا لَمِنَ الْمُصْطَفَيْنَ الْأَخْيَارِ (٤٧)
ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن (45) ئۇلارنى بىز پاك - خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق (46) ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر (47) (ساد: 45-47)

وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ نَافِلَةً ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا صَالِحِينَ (٧٢)
بىز ئۇنىڭغا (يەنى ئىبراھىمغا) ئىسھاقنى بەردۇق، (ئۇ پەرۋەردىگارىدىن سورىمىسىمۇ) يەئقۇبنى ئوشۇق بەردۇق (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى نەۋرە قىلىپ ياكى ئىبراھى ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىۋىدىن زىيادە قىلىپ بەردۇق)، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ئادەملەر قىلدۇق (ئەنبىيا: 72)

الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى الْكِبَرِ إِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ الدُّعَاءِ (٣٩)
جىمى ھەمدۇسانا ياشانغىنىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن ئاللاھ قا خاستۇر! پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (يەنى دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر)(ئىبراھىم: 39)