Jump to content

ھەزىلگە يۇغۇرۇلغان رەزالەت

ئورنى Wikipedia

ھەزىلگە يۇغۇرۇلغان رەزالەت

بەزىلەرنىڭ گېپىچە «lost» سۆزىنى غايىب بولغان دەپ ئالسا ئەرەبچە بولغان بولۇپ قالارمىش، «يوقالغان» دەپ ئالسا ئاندىن ئۇيغۇرچە بولارمىش. يەنى «غايىب» دەپ ئالماسلىقنىڭ باھانىسى سۆزنىڭ يىلتىزى ئەرەبچە بولغانلىقىمىش، «يوقالغان» دەپ ئالسا ئۇيغۇر تىلى يوقالمىغانلىقنى ئىپادىلىگەن بولارمىش. توۋا، ئەستەغپىرۇللا!!! تىل فاشىستلىقىنى ۋەتەندە مەجبۇرىيلىقتىن دېدۇق، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنى تىل قاسسىپى دېدۇق. ئۇنداقتا مەجبۇرلۇقتىن سۆز ئىچىش مۇمكىن بولمايدىغان چەتئەلدىكى تىل قاسساپلىقىنى، سۆزلۈك فاشىستلىقىنى نېمە دېگۈلۈك؟ خالىسانە ماڭقۇرتلۇقمۇ ياكى ياتنىڭ پوقىغا تېيىلىش ئىشتىياقىنىڭ تىراگېدىيەلىك نەتىجىسىمۇ، بىلىپ بولمىدى. ئەمما ھەۋەسكار تىلشۇناسلىقنىڭ ھامان سۈيى چىقماي قالمايدىغانلىقىنى كۆرەر بولدۇق. بىر سۆزنى تەرجىمە قىلىشتا سۆز تەرجىمىسىنىڭ ئۇدۇل لۇغەت مەنىسىگە چۈشۈشىلا ئەمەس، مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ئاتالغۇ بولۇش ياكى بولماسلىقى نۇقتىسىدىن ھەمدە ئاپتورنىڭ مەزكۇر سۆزنى قوللىنىشىدىكى مۇددىئانى يورۇتۇشتا ئۇيغۇنلاشقان ياكى ئۇيغۇنلاشمىغانلىق نۇقتىسىدىن كۆزىتىلىپ تەرجىمە بېرىلىدۇ. تەرجىمە قىلغاندىمۇ ئىككىنچى تىلدىكى سۆز ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدىن مۇناسىپ سۆزنى تاللاشنىڭ ۋە ئۆرۈلگەن تىلدىكى مەقسەتنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇشنىڭ مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكى تەرجىمىچىلىكنىڭ ئاددىي قائىدىلىرىدىندۇر. ھالبۇكى، تەرجىمىدە مەلۇم سۆز ئۈچۈن ئىككى تەڭداش مەنىدىكى سۆز تېپىلدى دېگەندىمۇ تەرجىماننىڭ قايسى سۆزنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى بولغاندىن سىرت ئۇنىڭ تاللىغان سۆزنى ئىشلىتىشىدىكى چىقىش نۇقتىسى قانداقتۇر ئۆز تىلىنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئۆز كۆرۈپ يەنە بىرىنى ئۆگەي قىلىۋېلىش، ياكى ئۆز خىيالىچە ئايرىمىچىلىق قىلىپ تۇرۇپ ئۆز دەپ قارىغاننى ئۆگەيلىگەندىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئۆگەي كۆرگەننى يەكلەش خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بولماسلىقى، بەلكى ئانا تىل قامۇسىغا تەۋەلەشكە بولىدىغان بارلىق سۆزلەر ئىچىدىن ئاغدۇرۇلغان تىلدا دەل ۋە ئېنىق مەنىنى ئىپادىلەشكە قايسى سۆز ياكى ئاتالغۇ باب كەلسە شۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك بولىدۇ. بولمىسا تىل ئىرقچىلىقىدىن، فاشىست زېھنىيەتنىڭ ئاسارىتىدىن ئوزۇقلىنىشتەك تىل ۋاباسىدىن زەرەتلىنىش ۋە ئوقۇرمەنگىمۇ بۇ مەشئۇم ۋابانى يۇقتۇرۇپ قويۇش ھېچ گەپ ئەمەس. غەرب كولونيالىزم زېھنىيىتىنى مول ئۇچۇر ۋە بىر تەرەپلىمە ئىدىيەلەر بىلەن تەمىنلەشكە خىزمەت قىلغۇچى غەرب ئوريانتالىزمىنىڭ تىپىك خاسلىق ۋە خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىدە قويۇق مۇجەسسەم قىلغان «يوقالغان مەرىپەت» ئاتلىق ھەجىملىك ئەسەرنىڭ ئىسمىنى «يوقالغان» ياكى «غايىب» دەپ تەرجىمە قىلىشتا ئوقۇرمەن ۋە تەرجىمە مەسئۇللىرىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا، ئاڭلىق ئوقۇرمەن توپىدىكى ھۇشيارلىق ۋە ئوقۇرمەنلىك مەسئۇلىيەتنىڭ ئىپادىلىرىنى كۆرسەك، تەرجىمە مەسئۇللىرىدىكى تىل قاسساپلىقىدىن ئۆتە تىل ئىرقچىلىقى ۋە ئۆز تىلىغا بولغان ھەزىلكەشچە تۇتۇملىرى، بىپەرۋالىقلىرى كىشىنى ئېچىندۇرماي تۇرالمايدۇ. ئەلۋەتتە بىز توغرۇلۇق چەتئەللىكلەر كىتابلا يازسا ئاۋام بىلەن تەتقىقاتچى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى، ئەسەرنىڭ خاراكتېرىنى دەڭسىمەيلا ھاياجان ئىچىدە تەرجىمە قىلىۋالىدىغان ئادىتىمىز تۈرتكىسىدە تىلىمىزغا ئاغدۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ تەتقىقات سۈپىتىدە ئىنگلىزلارنىڭ تۈركىستان جۇغراپىيەسىنى، جۈملىدىن بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى ئىزدىنىش ئۇرۇنۇشى بولۇشى، شۇنداقلا ئەسەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا گۈللەنگەن بىر دەۋرنى مەركەز قىلىپ كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات (ئەمەلىيەتتە بۇنى بىر تۈرلۈك ئىدىيەۋى ئوپېراتسىيە دېگەن تۈزۈك) سۈپىتىدە يېزىلغان ئەسەر بولغانلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇلۇشى، پەرقلىق پىكىرلەر بىلەن ئۇچرىشىش كۆزلەنگەنلىكى نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە بولىدىغان رېئاللىق بولسىمۇ، ئەمما تەرجىمىگە بارمىقى تەگكەن «شۇناس»لارنىڭ ئانا تىلغا بولغان قاسساپچە تۇتۇم، فاشىستچە زېھنىيەتنىڭ يالدامىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇنى قالپاقلىق تىلشۇناسلارنىڭ پايخان قىلىشتا رول ئېلىشى ئاددىي قاراشقا، كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغان نۇقتىدۇر. ئەگەر بىز جاھالەت ئۇقۇمىنى ئوقۇش ۋە مەلۇمات ئامبىرىغا ئايلىنىشنىڭ قارىمۇقارشىسىنى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇم بولماستىن ئاڭ - ساپادىكى زىللىق، ئۆتكۈرلۈك ۋە چوڭقۇرلۇققا كىرەلەيدىغان ئاڭلىقلىق، شۇنداقلا ھەقىقەت ۋە سەپسەتىنى پەرقلەندۈرگۈچى پاراسەتكە چېتىلىدىغان زېھنىيەتكە ئالاقىدار بىر ئۇقۇم دەپ قارىساق، شۈبھىسىزكى، تىلنى قىرقىپ يوقىتىش بىلەن يەكلەپ يوقىتىش ئوتتۇرىسىنى ئايرىيالمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئاڭقاۋ زىيالىيلىقنىڭ پالاكەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمەي بولمايدۇ. بۇ تۈر زىيالىيلىقتىن خۇددى ئەسەرنىڭ ئىسمىدىكى «ENLIGHTENMENT» سۆزىنىڭ ئايدىڭلىنىش ياكى ئەسلىدىكى يىلتىز مەنىلىرىدىن بىرى بولغان ئويغىنىش قاتارلىق مەنىلىرىنى خاتا ھالدا «مەرىپەت» دەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇم جەھەتتىكى زىيىنىنى پەرقلەندۈرمىگىنىگە ئوخشاشلا ياتنىڭ دېپىدا ئۇسسۇل ئويناشتىن ھالقىيالمىغان بىر زېھنىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقنى چۈشىنىشىپ يېتىش مۇمكىن، ئەلۋەتتە!!! چۈنكى تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ھەرقانداق بىر تىل ئەربابى ياكى شۇناسىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى يىلتىزى ئەرەب ۋە ئەجەمدىن قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن ۋە سۆز زاپىسىغا، ئەدەبىي ياكى ئاغزاكى تىل ئادىتىگە كىرگۈزۈپ بولغان سۆزلەرگە، ئۇقۇم - ئاتالغۇلارغا ئۆز ۋە ئۆگەي مۇئامىلىسى قىلىشى، تۈركىي تىلى دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش ياكى يەكلەش خاھىشىدا بولۇشى خۇددى مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئەدىب، تىلشۇناس مۇتەپەككۇر جەمىل مەرىچ [Cemil Meriç]نىڭ سۆزى بويىچە پەقەت ۋە پەقەت جاھالەت بىلەنلا ئىزاھلاشقا بولىدىغان مەشئۇم ھادىسىدۇر. شۇنداقلا بۇ يەنە مىللىي تارىخىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات ھالقىلىرىغا ۋە تاكامۇللىشىش جەريانىغا، قىسقىسى تىل ۋە تەپەككۇر تارىخىغا بولغان ھەقىقىي مەرىپەتتىن يوقسۇزلۇقنىڭ، قىسقا مۇساپىلىك جەريانغا ۋاقىپلىقتىن كەلگەن بىلەرمەنلىكتىن كېلىپ چىققان جاھالەت ۋە كىبىرنىڭ مەھسۇلىدۇر. قارىغاندا ساھەگە ساۋاتسىزلىقتىن كەلگەن جاھالەت ئازلىق قىلىپ قالغاندەك، ئۇقۇمۇشلۇق جاھالەتنىڭ كۆرسىتىدىغان كۈنلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدىغان ئوخشايمىز. خەير...

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-02-13

---

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Furkat Mahmud Ghazi غا:

يازما سىزنى بۇنچىۋالا ھاۋشىتقان بولسا، تەنقىد ھەقدادىغا بېرىپتۇ. كەمىنە تېخى كىتاب ئۈستىدە رەسمىي توختالمىدىم، كىتاب ئەمدى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئامازونغا يېڭى قويۇلغان چاغلاردا كىتابنى ئەكەلدۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىپ بولغان. ناتونۇش، بىلمىگەن، چۈشەنمىگەن نەرسىگە قارىغۇلارچە داپچىلىق قىلىش داپشاق زىيالىيلىقتىن باشقىلارغا ئاشقىنى يوق. ھاراق ئىچىپ غەرق مەست بولۇۋېلىپ يېزىش سىزدەك خىتايچىدىن باشقا تىلدا تەپەككۇر قىلالمايدىغان، خىتاي تامغا بېسىپ بەرمىسە مۇستەقىل جۈملە قۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان خىيالپەرەسلەردىن ئايلانسۇن! يازمىدىمۇ ئاۋۇ تىل قاسساپلىقىنى نۇقتىلىق تەنقىدلىدىم، خالاس. قالدىسى قوشۇمچە. كىتاب ئۈستىدە خالسام مەخسۇس توختىلىشىم مۇمكىن. سىز بۇنداق ئۈسسۈپ كىرىپ چالۋاقاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئىنكاسىڭىزدا «بىزلەرنى يىرگىندۈردى» دېگىنىڭىزدىكى ئاتالمىش بىزلەر كىمۇ بىر بىلدۈرۈۋېتىڭ. بۇ ئاتالمىش «سىزلەر» كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان شىئە ئىسمائىلىيە باتىنىي تائىپىسىنىڭ ئۇيغۇرچە شۆبىلىرىمۇ، ياكى شالغۇت زىيالىيلار كۇلۇبىنىڭ گىلدىڭباش قەلەمكەشلىرىمۇ، ياكى ئانا تىلنى كەلسە - كەلمەس سويۇپ يەيدىغان لالما چەۋەندازلامۇ مەلۇم قىلىۋەتسىڭىز، شۇنىڭغا بېقىپ «سىزلەر»نىڭ شىنجاڭچە ۋە شالغۇتچە كاللىڭىزلار يېتىدىغان تىلدا جاۋاب قايتۇراي. بىھۇدە ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن! ئەگەر بۇ «سىزلەر» ئۆزىڭىزلا بولسىڭىز، بىشەم خوتۇندەك قازان - قومۇچ چاقماي ئادەمدەك گەپ باشلاڭ، بولمىسا ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىدىغان يەرگە خاتا كېلىپ قالغان بولىسىز...


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى