ھەسرىتىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلۇغ
ھەسرىتىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلۇغ
ئۇنسىي ئەلھاج
مەن سۆيگەن كىمسەن؟
پۇتلىرىنىڭ تۈۋىدە بېشىمنى كۆتۈرىدىغىنىمسەن.
كۈنلىرىم بار ئۆمرۈم يوق ئىدى.
ھۆرلۈكىمنى خۇشتارلىقىمنىڭ كرېستىغا مىخلاپ قويۇپ ئاندىن باي بولدۇم. ئاشۇ ئايالغا ئىمان ئېيتتىم، كۆزۈم ئېچىلدى. يەردىكى بىر تامدەك تۇرغىنىم يوق، بەلكى، بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى پەيدا بولغۇسى غايىبلىققا ئايلانغان ھالدا بىر - بىرىمىزنىڭ قېشىدا پەيدا بولۇش ئۈچۈن، نىگارىم ماڭا قاراپ كەلگەن كۈنى يەرگە ئايلاندىم.
شۇغىنىسى، ھەسرىتىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلۇغ. سۆيۈملۈكىڭنىڭ ئۆز تېنىدا ئوت بولۇپ يېقىلىشغا ھەمدە ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك يالغۇز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيدىغانلىقىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئۆلىۋېلىشىغا ئەرزىيسەن.
مەن ئۈچۈندۇر سۆيگۈ، سەن ئۈچۈندۇر سەييارىلەر، كېمىلەر. ئەي، پارتلاپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىدىغان ھەم خۇش پۇراقتەك ۋارقىرايدىغان ئايال، راستچىللىقى بىلەن يوشۇرۇن، راستچىللىقى بىلەن ئاشكارا ئايال؛ ئەي، يۇمۇلغان ئاغزى يۈگەن، ئېچىلغان ئاغزى ئالۋۇن ئايال؛ ئەي، دۇنيانى ئۆزىگە خۇددى شۇڭقاردەك خۇددى بىنەپشىدەك سەجدە قىلدۇرغان ئايال! بۇرۇنقى زاماندا مېنى خۇدا ياراتقان، شۇڭا مەۋجۇد بولمىدىم.
سەن بولغاندىن كېيىن، كارۋىتىڭدا خۇدانى ياراتتىم. ھەمدە تېنىڭ ئۈستىدە تېنىمدىن تۇغۇلدۇم.
(ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى)
مەنبە: «بەرقىي» مۇنبىرى
ئەرەبچىسى:
حُزْنِي عَظِيمٌ نَعَمْ
أنسي الحاج
مَنْ أَنْتِ الَّتِي أُحِبُّهَا؟
أَنْتِ الَّتِي عِنْدَ قَدَمَيْهَا أَرْفَعُ رَأْسِي.
كَانَتْ لِيَ أَيَّامٌ وَلَمْ يَكُنْ لِيَ عُمْرٌ.
اغْتَنَيْتُ لَمَّا صَلَبْتُ حُرِّيَّتِي عَلَى شَغَفِي. آمَنْتُ بِتِلْكَ
الْمَرْأَةِ، وَإِنِّي أُبْصِرُ. وَمَا وَقَفْتُ كَجِدَارٍ فِي الْأَرْضِ بَلْ
غَدَوْتُ الْأَرْضَ يَوْمَ سَارَتْ إِلَيَّ حَبِيبَتِي لِتَحْضُرَنِي
وَأَحْضُرَهَا غِيَابًا وَرَاءَ غِيَابٍ.
...
أَمَّا حُزْنِي فَعَظِيمٌ نَعَمْ. وَتَسْتَحِقِّينَ أَنْ يُضْرِمَ حَبِيبُكِ
النَّارَ فِي جَسَدِهِ وَيَنْتَحِرَ احْتِجَاجًا لِأَنَّكِ لَا تَعْرِفِينَ كَمْ
أَنْتِ أَنْتِ وَحْدَكِ.
مِنْ أَجْلِيَ الْحُبُّ، مِنْ أَجْلِكِ الْكَوَاكِبُ وَالْمَرَاكِبُ.
أَيَّتُهَا الْمَرْأَةُ الَّتِي تَصْمُتُ بِانْفِجَارٍ وَتَصِيحُ كَالْأَرِيجِ،
الْمَحْجُوبَةُ بِصِدْقِهَا الْمَكْشُوفَةُ بِصِدْقِهَا، أَيَّتُهَا الَّتِي
فَمُهَا الْمُطْبَقُ أَكَمَةٌ وَفَمُهَا الْمَفْتُوحُ سَرَابٌ أَيَّتُهَا الَّتِي
يَسْجُدُ الْعَالَمُ لَهَا كَالصَّقْرِ وَكَالْبَنَفْسَجَةِ، قَدِيمًا
خَلَقَنِي اللهُ، لِذَلِكَ لَمْ أُوجَدْ.
وَلَمَّا أَنْتِ، خَلَقْتُ اللهَ فِي سَرِيرِكِ. وَوُلِدْتُ مِنْ
جَسَدِي عَلَى جَسَدِكِ.
ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە:
حُزْنِي عَظِيمٌ نَعَمْ
ھەسرىتىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلۇغ
أنسي الحاج
ئۇنسىي ئەلھاج
مَنْ أَنْتِ الَّتِي أُحِبُّهَا؟
مەن سۆيگەن كىمسەن؟
أَنْتِ الَّتِي عِنْدَ قَدَمَيْهَا أَرْفَعُ رَأْسِي.
پۇتلىرىنىڭ تۈۋىدە بېشىمنى كۆتۈرىدىغىنىمسەن.
كَانَتْ لِيَ أَيَّامٌ وَلَمْ يَكُنْ لِيَ عُمْرٌ.
كۈنلىرىم بار ئۆمرۈم يوق ئىدى.
اغْتَنَيْتُ لَمَّا صَلَبْتُ حُرِّيَّتِي عَلَى شَغَفِي.
ھۆرلۈكىمنى خۇشتارلىقىمنىڭ كرېستىغا مىخلاپ قويۇپ ئاندىن باي بولدۇم.
آمَنْتُ بِتِلْكَ الْمَرْأَةِ، وَإِنِّي أُبْصِرُ.
ئاشۇ ئايالغا ئىمان ئېيتتىم، كۆزۈم ئېچىلدى.
وَمَا وَقَفْتُ كَجِدَارٍ فِي الْأَرْضِ بَلْ غَدَوْتُ الْأَرْضَ يَوْمَ سَارَتْ إِلَيَّ حَبِيبَتِي لِتَحْضُرَنِي وَأَحْضُرَهَا غِيَابًا وَرَاءَ غِيَابٍ.
يەردىكى بىر تامدەك تۇرغىنىم يوق، بەلكى، بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى پەيدا بولغۇسى غايىبلىققا ئايلانغان ھالدا بىر - بىرىمىزنىڭ قېشىدا پەيدا بولۇش ئۈچۈن، نىگارىم ماڭا قاراپ كەلگەن كۈنى يەرگە ئايلاندىم.
أَمَّا حُزْنِي فَعَظِيمٌ نَعَمْ.
شۇغىنىسى، ھەسرىتىمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلۇغ.
وَتَسْتَحِقِّينَ أَنْ يُضْرِمَ حَبِيبُكِ النَّارَ فِي جَسَدِهِ وَيَنْتَحِرَ احْتِجَاجًا لِأَنَّكِ لَا تَعْرِفِينَ كَمْ أَنْتِ أَنْتِ وَحْدَكِ.
سۆيۈملۈكىڭنىڭ ئۆز تېنىدا ئوت بولۇپ يېقىلىشغا ھەمدە ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك يالغۇز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيدىغانلىقىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئۆلىۋېلىشىغا ئەرزىيسەن.
مِنْ أَجْلِيَ الْحُبُّ، مِنْ أَجْلِكِ الْكَوَاكِبُ وَالْمَرَاكِبُ.
مەن ئۈچۈندۇر سۆيگۈ، سەن ئۈچۈندۇر سەييارىلەر، كېمىلەر.
أَيَّتُهَا الْمَرْأَةُ الَّتِي تَصْمُتُ بِانْفِجَارٍ وَتَصِيحُ كَالْأَرِيجِ،
ئەي، پارتلاپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىدىغان ھەم خۇش پۇراقتەك ۋارقىرايدىغان ئايال،
الْمَحْجُوبَةُ بِصِدْقِهَا الْمَكْشُوفَةُ بِصِدْقِهَا،
راستچىللىقى بىلەن يوشۇرۇن، راستچىللىقى بىلەن ئاشكارا ئايال؛
أَيَّتُهَا الَّتِي فَمُهَا الْمُطْبَقُ أَكَمَةٌ وَفَمُهَا الْمَفْتُوحُ سَرَابٌ،
ئەي، يۇمۇلغان ئاغزى يۈگەن، ئېچىلغان ئاغزى ئالۋۇن ئايال؛
أَيَّتُهَا الَّتِي يَسْجُدُ الْعَالَمُ لَهَا كَالصَّقْرِ وَكَالْبَنَفْسَجَةِ،
ئەي، دۇنيانى ئۆزىگە خۇددى شۇڭقاردەك خۇددى بىنەپشىدەك سەجدە قىلدۇرغان ئايال!
قَدِيمًا خَلَقَنِي اللهُ، لِذَلِكَ لَمْ أُوجَدْ.
بۇرۇنقى زاماندا مېنى خۇدا ياراتقان، شۇڭا مەۋجۇد بولمىدىم.
وَلَمَّا أَنْتِ، خَلَقْتُ اللهَ فِي سَرِيرِكِ.
سەن بولغاندىن كېيىن، كارۋىتىڭدا خۇدانى ياراتتىم.
وَوُلِدْتُ مِنْ جَسَدِي عَلَى جَسَدِكِ.
ھەمدە تېنىڭ ئۈستىدە تېنىمدىن تۇغۇلدۇم.