Jump to content

ھەسرەت ناخشىسى

ئورنى Wikipedia

ھەسرەت ناخشىسى

ئاپتورى: بەي جۈيى ( تاڭ دەۋرى )

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلخۇمار يۈسۈپ


قىز- سەتەڭگە زوقى بولغاچ نەۋقىران تاڭ خانىنىڭ،

ئىزدىسە چىقماي خىلى، يىللار ئۆتۈپ دەۋرانىنىڭ.

بىر پەرى رۇخسار رەسىدە بوپتۇ ياڭ جەمەتىدە،

ساقلىغان ئەلدىن نىھانە ھوجرىسى خىلۋەتىدە.

تەس ئىكەن زىبا جاناننىڭ يۈرمىكى چۈمكەپ بېشى،

تاللىنىپتۇ ئوردىغا بانۇ بولۇپ خان ياندىشى.

قايرىلىپ باققاچ كۈلۈپ ناز- ئىشقىدا ئويناتسا قاش،

بارچە دىلبەر چېھرىدىن ئۆچكەي ھەسەتتە نۇر- قۇياش.

باش باھاردا ئىلتىپات بوپتۇ ئاڭا خان ئارشىڭى،

بەدىنى چاقناپتۇ سۇدا ياغ ئۇيۇتقاندەك يېڭى.

مىسلى گۈل بەرنا- لېۋەننى چۆرە قىز قولتۇقلىبان،

ئۆزگىچە ھىممەت كۆرۈپتۇ خانىدىن شۇندىن بۇيان.

ئەبرى ساچىغا تاقاپ شاھنازى قىسقۇچ گۈل بىكەچ،

خان بىلەن زەرباب چىدىردا ئۆتكۈزۈپتۇ تۇنجى كەچ.

قىسقا تۈندىن رەنجىشىپ تۇرۇپتۇ چۈش مەھەلىدە،

شۇ پېتى خان بوپتۇ چىقماس ئوردىغا قەرەلىدە.

قىزمۇ نائىل بوپتۇ خاننىڭ ھەمدىمىگە  ھەردېمى،

كۈندۈزى بىللە سەيردە ھەم تۆشەكداش ئاخشىمى.

تۇرسا ئۈچمىڭ نازىنىن يەكتا سۈزۈكلۈك- ئاقلىقى،

شۇ بىرىگە بوپتۇ بەخشەندە خاقان ئامراقلىقى.

تارىنىپ زەرخانىدە خاننى كۈتكەي ناز پەرەس،

ھۆسنىگە پەيزىن قوشۇپ قاشتاش راۋاقتا چالا مەست.

يۇرت سوراپتۇ بەگ بولۇپ قەۋمۇ- ئۇرۇق ھەمشىرىسى،

بارچە دىلدا ياڭ جەمەت قوزغار ھەۋەس شان- جىلۋىسى.

ئۇشبۇ ھالەتتىن جىمى چوڭ- قېرى ئۆزگەرتىپ قارار،

خار كۆرۈپ ئوغلىنى، ئەيلەپتۇ قىزىنى ئەتىۋار.

ئوردا قاشتاش راۋىقى كۆكتە بۇلۇتنى بويلىبان،

تارقىتۇر ئۇندىن مەيىن شامال ئەزىم كۈي ھەر تامان.

قۇشۇلۇپ نەي- تار كۈيى لەرزان ئۇسۇل، مۇڭ نەزمىگە،

كۈن بويى تۇرسىمۇ خان قانماس ئىكەن بۇ بەزمىگە.

ياڭرىغاندا سۈر بىلەن يۈياڭدا جەڭنىڭ ناغرىسى،

چۆچۈشۈپتۇ ئۈزۈلۈپ «لىباس كۈيى» نىڭ تارىسى.

كۆتۈرۈلۈپ توققۇز قۇرۇق بالىقتىمۇ  چاپقۇن- بوران،

زور قوشۇن باشلاپ قېچىپتۇ كۈن پېتىش جەنۇپقا خان.

كەپتۇ پەرتۇغلۇق قوشۇن ئىلگىرلىبان ئالغاچ تىنىم،

قاپتۇ ئاستانە يىراقلاپ شەرقىدە يۈز چاقىرىم.

بۇندا سەپ ئىسيان قىلىپ قويغاچقا خاننى نائىلاج،

دارغا ئاپتۇ نازىنىننى شۇندىلا سەپ تىنجىغاچ.

ئۈزۈلۈپ، قاپتۇ لەئىل- زەر ئۈنچىسى تۇپراقسايان،

قاپتۇ قاشتاش تارغىقى ھەم قىسقۇچى- سۇمرۇغسىمان.

قۇتقۇزالماي داڭ قېتىپ خان، باش قاماللاپ، زار- پىغان،

قايرىلىپ بۇ پاجىئەگە تۆكتى كۆزدىن ياشۇ- قان.

ھۇشقىرىپ سۆرۈن شامال چاڭ توزۇتۇپ تاغدىن ھە دەپ،

ئاسما تاغيولدىن ئۆتۈپ شەمشەر ئېغىزغا كەپتۇ سەپ.

باغرىدا ئىمىي تېغىنىڭ زەپ شالاڭ يولۇچىلار،

تۇغ- ئەلەملەر شۇنچە رەڭسىز، كۈنمۇ ئاجىز پارقىرار.

شۇ دىيارىنىڭ زىبا تاغ ھەم زىلالە سۇلىرى،

قوزغىتىپتۇ خاندا ھىجران- سېغىنىش تۇيغۇلىرى.

خان دالا ئوردىسىدا ئايغا قاراپ سۇلغۇن- غېرىپ،

جۆر بولۇپ كولدۇرما كۈي، يامغۇر تۈنى باغرىن يېرىپ.

ئوڭشىلىپ چەرخۇ- پەلەك، تەختىگە قايتىش يولىدا،

توختىۋاپتۇ يارى جان بەرگەن داۋاننىڭ بويىدا.

ئات داۋاننىڭ لاي- سېغىزلىق توپىسىدا مۇڭسىنىپ،

چۆلدەرەپ قاپتۇ مازارى، قاشتېشى چېھرى قېچىپ.

خان- ۋەزىرلەر يىغلىشىپ ئېتەكلىرى نەم بوپ تولۇق،

ئاپتۇ يول ئاستانىگە، ئات قامچىلاشقا رايى يوق.

شۇ پېتى تۇرغانىكەن كۆل باغچىسى كۆرسە كېلىپ،

سۇدا نىلۇپەر تېنچ، مەجنۇن سۆگەتلەر باش ئېگىپ.

يار يۈزىدەك نىلۇپەر ۋە قاشىدەك تال ياپرىقى،

ئۇشبۇ ھالدىن نە ئەجەبتۇر ياش تاراملاپ ئاقمىقى.

نە كېرەك؟! نورۇز ساباسى چىللىسا ھەر يان چېچەك،

نە كېرەك؟! كۈز يامغۇرى چۈشسە چىنارغا ئۈنچىدەك.

ئورۇنۇپ گويا بولۇق ئوت- خەسكە ئوردا ئىچ- تېشى،

ھەممە ياق خازان ئارا قالغان سىياق كۆرۈنگۈدەك.

ئاق كىرىپتۇ نەزمىگاھتا كۈيچى قىزنىڭ باشىغا،

چۆرىلەر چېھرىمۇ رەڭسىز ھەم دېدەكخانە ئارا.

يالتىراق قوڭغۇز پەرىشان كەزدى ئوردىنى كېچە،

ئۇيقۇسىزدۇر خان چىراقتا ياغ تۈگەپ تاڭ ئاتقۇچە.

ھەر تۈنى جېسەڭ دېڭى ساناپ يېتىپ غەمكىن- بىدار،

تىكىلىپ يۇلتۇز توپىغا تاڭ- شەپەققە ئىنتىزار.

چۈشسە قوش ئۆردەكسىمان كاھىشقا قىروۋدىن چېچەك،

كىممۇ بار زەرباب، سوغۇق يوتقاننى تەڭ ئىللىتقۇدەك.

بولدى بىر يىل باقىي ۋە پانىيدا ئايرىم يۈرگىلى،

نە سەۋەب كەلمەيدۇ روھى چۈشىدە بىر كۆرگىلى.

بار ئىكەن چاڭئەندە مەشھۇر، يۇرتى لىن چوڭلۇق پىرىم،

ئەپ كېلەركەن چاقىرىپ روھنى زېمىنغا بېجىرىم.

ئۇمۇ خاننىڭ ئىشقىزار ھىجرانىدىن باغرى ئېرىپ،

ئىشقا ساپتۇ ئىزدىمەككە بار كارامەتنى يىغىپ.

ئاتلىنىپ ھەيدەپ بۇلۇت، ئاسمان يېرىپ چاقماق بولۇپ،

گاھى ئۆرلەپ كۆككە، گاھ يەرگە چۆكۈپ تاپماق بولۇپ.

ئىزدىسە ئەرشىن مۇئەللەق بىرلە يەر زۇلمەتىدىن،

ھېچ تاپالماپتۇ لېكىن ئىككى جاھان خىلۋەتىدىن.

ئاخىر ئاڭلاپتۇ دېڭىزدا بارلىقىن پەرى تېغى،

ئاق بۇلۇتقا ئورۇنۇپ مەۋھۇم تۇراركەن ھەر چېغى.

راۋىقى رەڭدار بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە چاقنار تېرەن،

ئىچىدە بىر توپ پەرىزات ھەر بىرى نازۇك- لېۋەن.

ئارىسىدا بار ئىمىش تەيجىن ئىسىملىك ھۆر پەرى،

ھۆسنى گۈلدەك، تېرىسى قار، ئېھتىمال خان دىلبەرى.

زەر قۇرۇق قاشتاش ئىشىكتە بار ئىكەن قورۇقچى قىز،

دەپتۇ پىر: «ھۆر كېنىزىكىگە كەلگىنىم يەتكۈزسىڭىز».

«ئەلچى كەپتۇ خانىدىن» دېگەن خەۋەر ھۆرگە كېلىپ،

بەرگىدەك قات- قات چىمىلداقتىن تۇرۇپتۇ تاڭ قېلىپ.

كىيىنىپتۇ قوينىدىن تاشلاپلا پەرلىك تەكرىنى،

زەپ راۋان قايرىپ كۆمۈش توساقنى، مارجان پەردىنى.

چالا جۆندەپلا چېچىنى ئالدىراپ قىلماي گىرىم،

تاجىنى قىڭغىر تاقاپ يۈگرەپ چىقىپتۇ ھۆر خېنىم.

ئوينىتار سەرخۇش شامال دولقۇنلىتىپ لىباسىنى،

ئەسلىتىپ ئوردىدىكى «لىباس كۈيى» رەققاسىنى.

كەھرىۋا چېھرىنى غەمناكلاپتۇ  ياشى چەمبىرەك،

نەۋ باھار قالغان كەبى يامغۇردا گويا ئاق چېچەك.

خانغا ئىيتىپتۇ تەشەككۈر كۆزىگە سۆيگۈ تولۇپ،

لالە چېھرى، زىل ئۈنى كەتكەنىكەن تەڭ يوقۇلۇپ.

«ياشنىغان بانۇ سارايدا سۆيگۈ سۇلدى زەپ بۇرۇن،

كۈن ئۆتەر تەمسىز پەرىگاھتا يەنە قانچە ئۇزۇن.

باش ئېگىپ باقسام يېنىشلاپ ئالىمى پەرشىن تامان،

ھېچ كۆرۈنمەس شەھىرىم چاڭ ئەن پەقەت كۆردۈم تۇمان.

ئەستىلىك بولغاي پەقەت مەندىن بۇ كونا ئەھدىگۇ،

يەتكۈزۈڭ ياقۇت قۇتام، زەر قىسقۇچۇمنى سىز شۇبۇ.

تەڭ ئالايلى پارچىلاپ قىسقۇچنى ئىككى بۆلۈشۈپ،

ھەمدە ياقۇت قۇتىنىڭ زەر كەشتىسىن تەڭ ئۆلۈشۈپ.

بولسا ئىشقى رېشتىمىز مەھكەملا ياقۇت- زەر مىسال،

ئەرشى يا پەرشىندە بىر كۈن ئەيلىگەيمىز بىر ۋىسال.»

خوشلىشاردا پىر بىلەن ئەيلەپ يەنە ھاۋالە سۆز،

بار مۇجەسسەم سۆزىدە قىلغان قەسەملەر يۈزمۇ- يۈز.

شۇ يىلى ئوردا ئارا تۇمۇز ئېيىنىڭ يەتتىسى،

نىسىپى تۈندە خان بىلەن يالغۇز قىلىشقان ئەھدىسى:

«كۆكتە ئۇچقايمىز بولۇپ تۇتاش بەدەنلىك ئىككى قۇش،

يەردە بولغايمىز ئۆسۈشكەن غوللىرى چىرماش قومۇش».

بولسىمۇ قانچە ئۇزۇن توختار ھامان چۆرگۈلەپ چەرخ،

ئۆكسۈگەيمۇ مەڭگۈ بۇ ھەسرەت لېكىن، ھەي، ۋادەرىخ!


长恨歌

朝代:唐代

作者:白居易


汉皇重色思倾国,御宇多年求不得。

杨家有女初长成,养在深闺人未识。

天生丽质难自弃,一朝选在君王侧。

回眸一笑百媚生,六宫粉黛无颜色。

春寒赐浴华清池,温泉水滑洗凝脂。

侍儿扶起娇无力,始是新承恩泽时。

云鬓花颜金步摇,芙蓉帐暖度春宵。

春宵苦短日高起,从此君王不早朝。

承欢侍宴无闲暇,春从春游夜专夜。

后宫佳丽三千人,三千宠爱在一身。

金屋妆成娇侍夜,玉楼宴罢醉和春。

姊妹弟兄皆列土,可怜光彩生门户。

遂令天下父母心,不重生男重生女。

骊宫高处入青云,仙乐风飘处处闻。

缓歌慢舞凝丝竹,尽日君王看不足。

渔阳鼙鼓动地来,惊破霓裳羽衣曲。

九重城阙烟尘生,千乘万骑西南行。

翠华摇摇行复止,西出都门百余里。

六军不发无奈何,宛转蛾眉马前死。

花钿委地无人收,翠翘金雀玉搔头。

君王掩面救不得,回看血泪相和流。

黄埃散漫风萧索,云栈萦纡登剑阁。

峨嵋山下少人行,旌旗无光日色薄。

蜀江水碧蜀山青,圣主朝朝暮暮情。

行宫见月伤心色,夜雨闻铃肠断声。

天旋地转回龙驭,到此踌躇不能去。

马嵬坡下泥土中,不见玉颜空死处。

君臣相顾尽沾衣,东望都门信马归。

归来池苑皆依旧,太液芙蓉未央柳。

芙蓉如面柳如眉,对此如何不泪垂。

春风桃李花开日,秋雨梧桐叶落时。

西宫南内多秋草,落叶满阶红不扫。

梨园弟子白发新,椒房阿监青娥老。

夕殿萤飞思悄然,孤灯挑尽未成眠。

迟迟钟鼓初长夜,耿耿星河欲曙天。

鸳鸯瓦冷霜华重,翡翠衾寒谁与共。

悠悠生死别经年,魂魄不曾来入梦。

临邛道士鸿都客,能以精诚致魂魄。

为感君王辗转思,遂教方士殷勤觅。

排空驭气奔如电,升天入地求之遍。

上穷碧落下黄泉,两处茫茫皆不见。

忽闻海上有仙山,山在虚无缥渺间。

楼阁玲珑五云起,其中绰约多仙子。

中有一人字太真,雪肤花貌参差是。

金阙西厢叩玉扃,转教小玉报双成。

闻道汉家天子使,九华帐里梦魂惊。

揽衣推枕起徘徊,珠箔银屏迤逦开。

云鬓半偏新睡觉,花冠不整下堂来。

风吹仙袂飘飘举,犹似霓裳羽衣舞。

玉容寂寞泪阑干,梨花一枝春带雨。

含情凝睇谢君王,一别音容两渺茫。

昭阳殿里恩爱绝,蓬莱宫中日月长。

回头下望人寰处,不见长安见尘雾。

惟将旧物表深情,钿合金钗寄将去。

钗留一股合一扇,钗擘黄金合分钿。

但教心似金钿坚,天上人间会相见。

临别殷勤重寄词,词中有誓两心知。

七月七日长生殿,夜半无人私语时。

在天愿作比翼鸟,在地愿为连理枝。

天长地久有时尽,此恨绵绵无绝期。