ھەسەل ۋە ياڭاق تورتى

ئورنى Wikipedia

ھەسەل ۋە ياڭاق بولسا تورتى شەكلى كۆركەم ،كەسمە يۈزى رەڭگارەڭ ،تاتلىق ،كۆپ خۇرۇچلۇق ،ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

 

لازىملىق ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

7پارچەلازىملىق ماتىرياللارتۇخۇم بەش دانە، شېكەر 70 گرام، ئۇن 300 ~ 400 گرام، ئەبجەش ياغ ئۈچ ئاش قوشۇق، لىمون پوستىنىڭ قىرىندىسى بىر دانە، مۇئەتتەر ئىككى تامچە.

ئىچ خۇرۇچى ئۈچۈن: تەييار كىرىم بىر چوڭ قۇتا، توغرالغان ياڭاق مېغىزى 200 گرام، ھەسەل 70 گرام، بانان ئىككى تال.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. تۇخۇم، شېكەر، لىمون پوستىنىڭ قىرىندىسى ۋە مۇئەتتەر ئوبدان كۆپتۈرۈلىدۇ. ئۇن ئاز-ئازدىن قوشۇلۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. يۈزىگە ئېرىتىلگەن ياغ سېلىنىپ، بەك قوچۇۋەتمەي، خېمىرغا يېدۈرۈلىدۇ. ياغلانغان لېسقا بۇ سۇيۇق خېمىر تۆكۈلۈپ 200 گرادۇسقا توغرىلانغان دۇخوپكىدا 20 مىنۇت پىشۇرۇلۇپ، سوۋۇتىلىدۇ.

2. كىرىم پاراشوكى سۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، قويۇق قىيام ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ، بانانلار تىلمىلىنىدۇ.

3. سوۋۇغان تورت ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ كېسىلىدۇ. بىر قاتنىڭ ئۈستىگە ھازىرلانغان كىرىم سۈرتۈلۈپ، كىرىمنىڭ يۈزىگە بانان تىلمىلىرى تىزىلىدۇ، بانانلارنىڭ ئۈستىگە يەنە كىرىم سۈرتۈلىدۇ.

4. ھەسەل بىلەن ياڭاق مېغىزى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كىرىمنىڭ يۈزىگە سۈرتۈلىدۇ. ئۇنىڭمۇ ئۈستىگە يەنە نېپىز بىر قات كىرىم سۈرتۈلىدۇ. ئاندىن ئىككى قات تورت پارچىسى يېپىشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭمۇ ئۈستى شاكىلات ئېرىتمىلىرى بىلەن پەردازلىنىدۇ. غىش شەكلىدە كېسىلىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.