ھەقىقەت ۋە «مەنپەئەت» توقۇنۇشىدا سىياسەت ۋە ھەققانىيەت كىرىزىسى (1)
ھەقىقەت ۋە «مەنپەئەت» توقۇنۇشىدا سىياسەت ۋە ھەققانىيەت كىرىزىسى (1)
1
تارىخ قىسسىلىرىدە بايان قىلىنىدۇكى، ئىسلام قوماندانلىرىدىن بىرى زور قوشۇنى بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈش قىيىن بولغان بىر قەلئەنى مۇھاسىرىگە ئالدى. شەھەرنى ئېلىش ئاشۇ قەلئەنى بۆسۈپ ¬چىقىشقا قاراشلىق ئىدى. قوشۇن شەھەرنى ئېلىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. قەلئەنى تېز پۈكتۈرەي دەۋاتقان پەيتتە شام نامىزى ۋاقتى بولۇپ قالدى. ئۇرۇش شىددەتلىك، ناماز ۋاقتى قىسلاشماقتا ئىدى. قۇماندان بۇيرۇق چۈشۈردى:
− قوشۇن ئىككىگە بۆلۈنسۇن. يېرىمى جەڭنى داۋام قىلسۇن، يېرىمىمىز نامازغا تۇرايلى. ئۇندىن كېيىن جەڭ قىلغان قىسىم نامازغا تۇرسۇن، بىز مۇھاسىرىنى داۋام قىلايلى.
ئاخشام ۋاقتىدا قوشۇننىڭ ئىككىگە ئايرىلىشى، يەنە كېلىپ دۈشمەن تەرەپ ئاخىرقى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جان جەھلى بىلەن تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئۇرۇش نەتىجىسى مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىشىمۇ ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس ئىدى. قوماندان بۇيرۇق بېرىۋاتقان بۇ ئەسنادا يېنىدىكى گېنېراللاردىن بىرى ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۈلگۈردى ۋە:
- قوماندان! شۇ تاپ قەلئە يىقىلاي دەپ قالدى. بۆلۈنۈپ ئالمىشىپ جەڭ قىلساق شەھەر ھالقىلىق پەيتتە قولدىن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. قەلئەنى بۆسۈپ شەھەرگە كىرىپ ئاندىن ناماز ئۆتىسەكچۇ؟ دېدى.
شۇ ھامان قوماندان مۇنۇ تارىخىي جاۋابنى بەردى: يولىدا جان پىدا قىلىپ كۈرەش قىلىۋاتقان، ئۇرۇشنى مەنىگە ئىگە قىلىۋاتقان قىممەتلىرىمىزنى تەرك قىلىپ تۇرۇپ غەلىبە قىلىدىغان بولساق، بۇنداق غەلىبىنىڭ نېمە مەنىسى قالىدۇ!؟
ئەلقىسسە، بىر غايە ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان، ئالىي بىر نىشان ئۈچۈن داۋا قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇنى يوللۇق قىلغان نەرسە ئۇشبۇ نىشان ۋە غايە ئارقىسىدا ياتقان قىممەتلەر ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. چۈنكى، قىممەتلەر ئاسىيلىق بىلەن ئىسياننىڭ، كۈرەشچى بىلەن باندىتنىڭ، تېررورىست بىلەن جەڭچىنىڭ، ئىنقىلابىيلىق بىلەن قاراقچىلىقنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرغۇچى پاسىللاردۇر. قىممەتلەر چەيلەنگەندە قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار، يولىدا تۆكۈلگەن قانلار، سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەر مەنىسىزلىشىدۇ. بەلكى خەير بىلەن شەر، شەر بىلەن خەير پەرقسىزلىشىدۇ. قىممەت قاراشلار گويا يەر-زېمىننىڭ قايماسلىقى ئۈچۈن تاغلارنى قوزۇق قىلىپ يارىتىلغانلىقى مىسالى پىرىنسىپلارنىڭ قايماسلىقى ۋە مۆدۈرمەسلىكى ئۈچۈن قېقىلغان قوزۇقلاردۇر. قوزۇقلار يىمىرىلسە مەزمۇتلۇقىنى يوقاتسا يەر قايىدۇ، چېدىر چۆكىدۇ، قۇببە ئۆرۈلىدۇ. مەيدانغا كېلىدىغىنى خارابىلىك، بەتبەشىرىلىك ۋە ۋەيرانچىلىق بولىدۇ. قىيامەت تەسۋىرىدىكى تاغلارنىڭ توزغاققا ئايلىنىشى ۋە يەر-زېمىننىڭ توزانغا ئايلىنىشى مىسالى پىرىنسىپسىزلىق، تۇتامسىزلىق خاھىشلىرى ئەۋجىيدۇ. بىباھالىق قىممەتلەر باھاغا يارايدىغان ماتاغا، مەنپەئەت بەدىلىگە چۈشۈپ بېرىلىدىغان تاۋارغا، ئوڭاي سېتىلىدىغان ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. پاساتچىلىق مانا بۇ خارابىلەردە تىرىلىپ قوپۇشقا باشلايدۇ. ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق ئورنىنى تۇتۇرۇقسىزلىق، سېتىلمىلىق ئىگىلەيدۇ. بۇ ۋەجىدىن غايە قانچە ئۇلۇغ، قانچە ئالىي بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا يېتىدىغان يول ۋە ئۇسۇللارمۇ ھەرقاچان قىممەتلەر سۈزگۈچىدىن ئۆتۈشى، تەدبىر ۋە تاكتىكا دائىرىسىدە يولغا قويۇلۇشى زۆرۈر. قىممەت ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشقان پەيتلەردە بولسا، ھەر ئىككىسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئاساستا چىقىش يولى ئىزدەشكە تىرىشىلىشى كېرەك بولىدۇ. نامازدىن ئىبارەت ھەربىي تۈزۈم شەكلىنى ئالغان بىر ئىبادەتنىڭ، يەنە كېلىپ ئىنسانغا ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى ئاستىدىكى تۇپراقتىن مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىندا ئادالەتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا مەسئۇلىيەتدار ۋە جاۋابكار جانلىق ئىكەنلىكنى ئۇنتۇلدۇرمايدىغان، گويا بۇ روھنى يوقىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ھەربىي ھالەتتە تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈش مىسالى كۈندە بەش قېتىم سىگنال چېلىنىپ تۇرۇش تۈزۈم قىلىنغان، ئاللاھنىڭ ئۆيىگە، يەنى مەسچىتكە خۇددى ئەسكەر گازارمىغا توپلانغاندەك توپىلىنىپ سەپراسقا تۇرۇش مانېۋىرى بىلەن ئىنساننى ئويغاق تۇتۇش كۆزلەنگەن، ئەزان (جاكارلاش) ئارقىلىق مۇسۇلماننىڭ قۇلاق تۈۋىدە، ئېڭىدە، شوئۇرىدا ھەق ئۈچۈن داڭ ئۇرۇپ تۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ئىبادەتنىڭ جەڭنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىمۇ تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئارقىسىدىكى ھېكمەت مانا بۇ مۇۋازەنەتنى تەڭشەش، مەنپەئەت ۋە پىرىنسىپاللىق ئارىسىدا تاللاشتا قىممەتلەر سۈزگۈچىدىن چوقۇم ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ يول تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئىنسانغا تەلقىن قىلىش جۈملىسىدىندۇر. مانا بۇ مەنىدىكى ھېكمەتلىك نامازنىڭ، يەنى ئىنسانغا ئىنسانىي مەسئۇلىيەت شوئۇرىنى يۈكلىگۈچى كۈندىلىك ئىبادەتنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىمۇ، جەڭنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك دەقىقىلىرىدىمۇ، زەپەر ۋە غالىبلىق، غەنىيمەت ۋە غەلىبە كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندىمۇ تەرك قىلىشقا ئىجازەت قىلىنماسلىقىنىڭ ھېكمىتى. شۇنداقلا ئۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ دەقىقىلىرىدىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقنىڭ، ئىنسانلىق شوئۇرنى يوقىتىپ قويۇشقا، جانىۋار كەبى يول تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقنىڭ، ئۇتۇقنى كۆزلەپ، يەنى دۇنيالىق ھەمدە ئۆتكۈنچى بىر زەپەرنى كۆزلەپ سەۋەبسىز رەۋىشتە قىممەتلەرنى چەيلەشكە بولمايدىغانلىقنىڭ، مەنپەئەتنى چىقىش قىلىشتىمۇ ئادالەتپەرۋەرچە ئەمەس، ئاداۋەتخورچە تۇتۇم بەلگىلەشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوقلۇقىنىڭ ھېكمىتى. تارىختىكى شانلىق غەلىبىلەر، قازانچ ۋە ئۇتۇقلار مانا بۇ قىممەتلەرنى بىردەممۇ كۆز ئالدىدىن يوقىتىپ قويمىغان، مەيلى سىياسىي، مەيلى دۇنياۋى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بولسۇن، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن ھەر مىللەت ئۇلۇغلىرىنىڭ قولىدا روياپقا چىققان ۋە بۇ قىممەتلەر سايىسىدە ئەۋلادلىرى ئارىسىدا، تارىخ ئالدىدا دائىما پېشانىسى يورۇق ئەجداد بولۇپ كەلگەن.
2
يىراق تارىختىكى ئۆرنەكلەرنى قويۇپ بۈگۈنىمىزگە قارايدىغان بولساق، يۇقىرىقى خۇسۇسلاردا ئۈلگىلىك شەخسىيەتلەر ۋە مىساللار ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس. زامانىمىزنىڭ نادىر سىياسىيئونلرىدىن، جۈملىدىن قەلەم ۋە ئەلەم بابىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۆرنەك بولغان، بولۇپمۇ مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىمىزدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش تەجرىبىلىرىنى، دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، شۇنداقلا ئۆزىمىزدىكى دىنىي ئاينىش، ئىدىيەۋى چېكىنىش ھەمدە پىكرىي قالاقلىقلارنى تۈزىتىشتە كۆپ تەرەپلىمە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا تېگىشلىك شەخسىيەتلەردىن بىرى بولغان سىياسىي رەھبەر ئەلىي ئىززەت بېگوۋىچ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى ئەنە شۇ ئۈلگىلىك شەخسىيەتلەر ۋە مىساللار بىلەن تولغاندۇر. تۆۋەندىكى مىسال ئەنە شۇ ئۈلگىلىك شەخسىيەت ۋە مىساللار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سىرىپلارنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھايات-ماماتلىق جەڭلەردىن بىرىدە ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ لېيتنات دەرىجىلىك بىر ھەربىي قوماندان قول ئاستىدىكى بىر خىرىستىيان پولكوۋنىكغا ئۇنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى رەنجىتىدىغان تەرزدە ھاقارەت قىلىدۇ. رەنجىگەن خىرىستىيان پولكوۋنىك ۋەزىيەتنى باش قوماندان ئەلىيگە مەلۇم قىلىپ گېنېرال ئۈستىدىن ئەرزى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. قوماندان ئەلى شۇ ھامان ھەربىي سوت ئېچىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ چاغدا مەزكۇر ھادىسە ئەسكەرلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەلىينىڭ ئەتراپىدىكى قوماندانلار بولسا، ئەلىيگە بۇ ئىشتا مەسلىھەت بېرىشكە چۈشىدۇ. چۈنكى مەسىلە گېنېرال لېيتنات دەرىجىسىدىكى بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ، يەنە كېلىپ قولىدا تالاي جەڭگىۋار ئەسكەرلىرى، پولكوۋنىكلىرى بار بىر ئەمەلدارنىڭ مەسىلىسى بولۇپ، نەتىجىدە ئەلىينىڭ يېنىدىكىلەر بۇ ئىشقا مۇداخىلە قىلماقچى، ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بىر خىرىستىيان پولكوۋنىكنىڭ مۇسۇلمان گېنېرال ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنى دەپ ھەربىي سوت ئېچىلىپ يۈرۈشى ئەپسىز بولىدىغانلىقى، مەرتىۋىسى ئۈستۈن گېنېرال سوتقا تارتىلسا ئەسكەرلەر ئارىسىدا ياخشى بولمايدىغانلىقى، ئىش يامىنىغا تارتىپ قالسا، قوشۇندا بۆلۈنۈش خەۋپى بارلىقى، كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا بۇنداق بۆلۈنۈشنىڭ مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى قاتارلىق زەنجىرسىمان خۇلاسىلەر ئارقىلىق ئەسكەرتىپ ئارىغا كىرمەكچى بولۇشىدۇ. دېمىسىمۇ ۋەزىيەت ھەرقانداق سەۋەب بىلەن بۆلۈنۈشكە بولمايدىغان بىر ۋەزىيەت ئىدى. ئەمما ئەلىي ھېچكىم كۈتمىگەن ھەققانىي جاۋابنى بېرىدۇ ۋە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىز ئۇرۇشتا ئىكەنلىكىمىزنى باھانە قىلىپ ئادالەتتىن ۋاز كېچىدىغان ئىشىمىز بولسا، بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلمايلا قويايلى».
مانا بۇ ئالدىنقى قىسسەنىڭ تارىخىيلىقىنى زامانىمىزدا ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن، ئىسلامىي قىممەتلەرنى ئىنسانىي مەۋقە ۋە سىياسىي تۇتۇملاردا قانداق توغرا ئىشلىتىشنى بىلگەن بىر داھىينىڭ، بىر دۆلەت ئاتىسىنىڭ، بىر سىياسىيوننىڭ ئۆز مىللىتى ھەمدە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن خەلقىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلىشىنىڭ سىرى. خەلقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن تارتىپ تاكى دۆلەت قۇرۇپ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتەك مۈشكۈل بىر ۋەزىپىنى ئورۇندىغان، غەرب مەدەنىيىتى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جۇغراپىيەلەرنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بىر زېمىننىڭ بارچە خەلقىنى مۇستەقىللىق بىلەن شەرەپلەندۈرگەن بىر مۇسۇلمان سىياسىيوننىڭ تۇتۇمى. مەزكۇر ھادىسىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى مۇستەقىللىق كۆرۈشىدە قانداق قىلىپ بىر مۇسۇلمان رەھبەرنىڭ خەلقى ئىچىدىكى خىرىستىيانلارنىمۇ ئەسكەر ۋە قوماندان سۈپىتىدە ئۆز سېپىگە ئىختىيارلىقى بىلەن تارتالىغانلىقى، ئىشەنچىسىنى قازىنالىغانلىقى، ئۇلارنى قوشۇنىنىڭ پارچىسى قىلالىغانلىقى، ئىچىگە قاتالىغانلىقى. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇق كۈرىشىمىزدە ھەممە باراۋەر ھالدا مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپمۇ، ئوخشاش ئۇيغۇرلۇقنى پەش قىلىپ تۇرۇپمۇ ھەممە بىر قوشۇن سۈپىتىدە مۇستەقىللىق سېپىدە كۆرۈنەلىشى مۇرەككەپ ھالغا كېلىپ قالغان، ئۇيۇشۇش مەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇرلۇق نامىغا مۇخالىپ بولغان چېچىلىش سۈپىتىنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈرلۈك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ چېچىلاڭغۇلىشىپ كەتكەن بىر توپلۇم، بىر كوللېكتىپ ئۈچۈن تۈرلۈك ئىدېئولوگىيەلەرگە مەنسۇپلەنگەن بولۇشلارغا قارىماي مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىدە بىر سەپتە تۇرالىشنىڭ، ئادالەتلىك تۇتۇمنى ئىپادىلەش، ھەققانىي بولۇش، ئورمان قانۇنىنى دەستۇر قىلغان پىراگماتىزملىق سىياسەتكە دۈم چۈشمەستىن، گۆدەكلەرچە تەلۋىلىكلەرگە مايىل بولۇپ كەتمەستىن، ھەققانىي تۇتۇم بەلگىلەشتە ئوخشاش سادا چىقىرىش، چىقىرالمىغاندىمۇ زۇلۇمنىڭ تەرىپىنى ئالماسلىق، ئالغاندەكمۇ كۆرۈنمەسلىكتەك ئەقەللىي مىللىي خاراكتېرنى، ئەڭ ئاجىز ئىمان تەلىپىنى نامايان قىلىش، قىرغىنچىلىققا قارشى مۇستەقىللىق يولىدا گىرەلىشىپ تۇرۇپ ئىلگىرىلەش ئەقىللەرگە فانتازىيەلىك تۇيۇلۇشى تەبىئىي. لېكىن مەسىلىنىڭ چارىسىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، مەزكۇر «فانتازىيەنى» رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى يۇقىرىقى مىساللار تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭ چارىسىنىڭمۇ ئېغىزدىكى قۇرۇق شوئارلاردا بولماستىن، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدە، ئەمەلىيەت بىلەن ئىددىئانىڭ بىردەكلىككە ئىگە بولۇشىدا ئىكەنلىكى ئورتادا. سەل دىققەت بەرسەك بىلەلەيمىزكى، مەزكۇر «فانتازىي»نىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنىڭ سىرى كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەلىيدە. ئەلىينىڭ قىممەت ۋە مەنپەئەت ئارىسىدىكى مۇۋازىنەتنى جايىغا قويالايدىغان سىياسىي ئەقىلگە، ھەققانىي روھقا ئىگە بولغانلىقىدا، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى بىلەن بۇنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەنلىكىدە ۋە ھەققانىي تۇتۇملىرى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىيلىقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋام قىلدۇرغان پېشۋالارنىڭ ئىزىنى توغرا باسالىغانلىقىدا. چۈنكى، ئەلىي يىللار ئاۋۋال ئېلىپ بارغان ئىدىيەۋى ئاقارتىشلىرىدا، قەلەم كۈرەشلىرىدە مەنپەئەت بىلەن قىممەت قاراشلار ئارىسىدا يۇمىلاق تاۋۇزلۇق قىلىشنىڭ روھىيەتنى ئېغىر زېدىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە « پىداكارانە روھ بىلەن سەپ ئالدىغا چىققان بىر بېجىرىم ئىنسان (قىممەت ۋە مەنپەئەت ئارىسىدا) ئۆزىنى ئىپادىلەش كېرەك بولغان ۋاقىتتا، سەمىمىيىتىنى مەنپەئەتكە تېگىشمەيدۇ، بەلكى ھەققانىي پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ»، دەپ يازغان بولسا، يىللار ئۆتۈپ بۇ سۆزىنى سىياسىي كۈرەشلىرىدە، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ تارىخى ھەققانىي كۈرەشنىڭ تارىخى بولغان ئىدى. قۇرغان دۆلىتىمۇ زۇلۇم ئۈستىگە، ئىشغال ئۈستىگە، دۈشمىنىگە ئوخشاش يالماۋۇزلىشىش، قىرغىنچىلىق قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلمىغان ئىدى. ئەكسىچە ھەققانىي كۈرەشنى، مەردچە ئېلىشىشنى، مۇسۇلمانلىق شوئۇرغا ئىگە ئادالەتنى مەركەز قىلىشنى، ھەققانىي تۇتۇمنى مەۋقە قىلىشنى پىرىنسىپ قىلغان ۋە شۇ ئاساستا بەرپا بولغان دۆلەت بولغان ئىدى.
3
مەغلۇبىيەت جەڭدە ئۆلۈشتىن ئەمەس، بارغانچە دۈشمەنگە ئوخشاپ قېلىشتىن كېلىدۇ، دەيدۇ ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ. دەرۋقە، جەڭ مەيلى جەڭگاھتىكى ئۇرۇش بولسۇن، سىياسىي تاۋكادىكى رىقابەتلىشىش بولسۇن، ياكى ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش بولسۇن، قىممەت ۋە مەنپەئەت ئارىسىدا مۇۋازىنەت قۇرۇشنى، مەنپەئەتنى چىقىش قىلغاندىمۇ، شامالدەك كېلىپ قۇيۇندەك غايىب بولىدىغان ۋەزنى پۈچەك مەنپەئەتنى قوغلىشىپ قەدەم ئالماسلىقنى، سىياسىي تەقدىرىمىزنى بەلگىلەشتە ئۇزۇن مۇساپىدە يۈزىمىزنى يورۇق، يولىمىزنى داغدام قىلىدىغان چىقىش يوللىرىنى ئىزدەپ تېپىشنى بىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. بولۇپمۇ، مىللىي قىممەتلەرنىڭ سىياسىي مەيدان ئۈچۈن ئۇدۇل كەلگەنچە پاس چىقىرىپ، ئۇدۇل كەلگەن كوماندىنىڭ ۋاراتارىغا ئاپىرىپ تىپىكلەپ ئوينىسا بولىدىغان توپقا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، خاراكتېرسىز سىياسەتچىلىكىمىزنىڭ بەدىلى بىزنى قۇتۇلدۇرۇش تۈگۈل، ھېسداشلىققىمۇ ئەرزىمەيدىغان خاراكتېرسىز مىللەت ئىكەنلىك تامغىسىنى يېيىشكە مەجبۇر قىلىپ قويۇشى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ، خالاس!
كۈنىمىزدە بېرىلگەن پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە تۇتۇلغان بىر تۈركۈم تەشكىلات مەنسۇپلىرىنىڭ، خۇسۇسەن مەسىلىنىڭ ھېچبىر تارىخىي رېئاللىقى، بۈگۈنگىچە مەيدانغا كەلگەن جەريانى قاتارلىقلارنى سىياسىي ئەقىل ۋە ئادالەت تارازىسىغا سېلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلماستىن، دىپلوماتىك تىل ئىشلىتىشكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەستىن بېرىلگەن قارا قويۇق باياناتلارغا، قاتتىق-قۇرۇق ئىزاھاتلارغا شاھىت بولدۇق. شۇنىڭغا پاراللېل ھالدا مىللىي ئىرادىنى زېدىلەيدىغان، يىللاردىن بىرى مىللەتنىڭ سىياسىي سىزىقلىرىنى پېتىقلاپ يۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان، مىللىي قەدەرىيەت ۋە ئىسلامىي قىممەتلىرىنى سېتىپ يەپ جان بېقىشنى دەۋا قىلغانلىق چاغلاپ يۈرگەن سىياسىي ئانسامبىل ۋە ئۇلارنىڭ چاپتىكەشلىرى ۋە لەپەرداشلىرىنىڭ تۇشمۇتۇتۇشتىن چىقىپ مۇستەملىكىچىگە يېقىندىن ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادىلەشلىرىگىمۇ شاھىت بولدۇق. شۇنداقلا مەزكۇر ئانسامبىللار تائىپىسىدە ئىزچىل سەپسەتە ئىشلەپ چىقىرىشنى كۆتۈرە ئالغان شالغۇت زېھنىيەتلىك تىپلارنىڭ، كىرالىق دۇمباقچى قەلەمكەشلەرنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا ياتىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى ئىشغالچىلىرى تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغان سەپسەتەلەر ئارقىلىق قارىلاشتا بەسلىشىشلىرىگە، ئۇلارغا كېلىۋاتقان ۋابالنى گويا ئۇلارنىڭ گۇناھىدەك كۆرسىتىشلىرىگە، يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا ئىشغالچىلىقنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان رەھىمسىز پاجىئەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقتەك، مۇستەملىكچى كۈچنىڭ ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ، زالىملارچە قاتتىق قول سىياسەت ۋە رېجىملىرىنىڭ ھېچبىر ئالاقىسى يوقتەك پەردازلانغان سەپسەتىلەرنى بازارغا سېلىشلىرىغا، ھەتتا غەززەدىكى خەلق ئۆزلىرىنىڭ قېنى ۋە جېنى بەدىلىگە قوللاۋاتقان قوراللىق ھەرىكەتلەرنى مۇستەملىكىچىسىنىڭ تەبىرى بويىچە «تېروررىست»لىق بىلەن ئەيىبلىشىپ پۇخادىن چىقىۋاتقان سەسكىنىشلىك ھالەتلىرىگىمۇ شاھىد بولدۇق. ئەلۋەتتە دەۋانى تۇيۇق يولغا باشلاشنى ھۈنەر قىلىۋېلىشىنى ئادەت قىلغان بۇنداق تائىپىدىن سىياسىي سەھنىلەردە، مېدىيا قاناللىرىدا مىللەتنىڭ خەيرىگە ئىش قىلىشى كۈتۈلمەيدۇ. بولۇپمۇ NED قا ئوخشاش زىيۇنىزمچى يەھۇدىيلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان فوندىلارنىڭ پۇلى بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتقان تەشكىلات تائىپىلىرىدىن ھەققانىي بىر تۇتۇمنىڭ چىقىشىمۇ كۈتۈلمەيدۇ. ۋەتەن ئىچىدە كۆرسىتىپ ئىشەندۈرەلمەيۋاتقان زۇلۇملار، قىرىش ۋە ئۆلتۈرۈشلەر پەلەستىندە بولۇۋاتقان قەتلىئاملاردا دۇنيا خەلقىنىڭ ئېكرانىغا ئەكس ئېتىۋاتقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ رەھىمسىزلەرچە يۈزى پەلەستىن تۇپراقلىرىدا سازايى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، دۇنيا خەلقىگە «سىلەر ئىشەنگىلى ئۇنىمايۋاتقان قىرغىنچىلىق دەل مۇشۇ خىل قىرغىنچىلىق ئىدى. بىزنىڭ ھەققانىي قارشىلىقلىرىمىز مانا مۇشۇنداق تېررورىست قالپىقى ئاستىدا قاتتىق باستۇرۇلغان، بۈگۈنكىدەك قارشىلىق يوق بىر ئەھۋالدىمۇ خەلق سۈپىتىدە پەلەستىننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىنمۇ ئېغىر ۋەھشىيلىكلەرنى ياشاۋاتىمىز، قەبىھلىكتە شىددەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، دېگەن سادالار چىقىش ئورنىغا، زىيونىزمچى يەھۇدىيلارنىڭ لوبىچىلىقىدا بازارغا سېلىنغان بىر قاتار سەپسەتىلەر، ساختا ئىددىئالار ئۇيغۇرچە پىششىقلاشتۇرۇلدى ۋە تەرەپ - تەرەپتىن تۆكمە قىلىپ تاشلاندى. تۆكمە قىلىنغاندىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقى قىلچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا ئويدۇرۇپ چىقىلغان سەپسەتىلەرگە پاراللېل كېلىدىغان رەۋىشتە شەرەپسىزلەرچە تۆكمە قىلىندى. مەسىلەن «قەدىمدىن پەلەستىن يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنى ئىدى»، سەپسەتىسىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن ئىدى»، سەپسەتەسى بىلەن پاراللېللىقى، «پەلەستىنلىكلەر زېمىنلىرىنى يەھۇدىيلارغا قوش قوللاپ سېتىپ مۇستەملىكىگە قالغان» سەپسەتەسىنىڭ «كوممۇنىست پارتىيە كەلگەندە خەلق گۈل كۆتۈرۈپ قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالغان ئىدى»، «شىنجاڭ مانا مۇشۇنداق تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان» قاتارلىق ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىلەن پاراللېللىقى دىققەتكە سازاۋەر. «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇپ، خەلقىنى بومباردىمانغا تۇتۇپ بەردى»، دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتەلەرنىڭمۇ ماھىيەتتە غەززەدە قوراللىق ھۇجۇمنى باشلىغان قوراللىق قىسىمنى ئەيىبلەشتىن بەكرەك، مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ ھەسسىلەپ جان ئېلىشىنى مەشرۇ ئىشتەك كۆرسىتىشكە ياتىدىغان لامزەللىلەرچە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىكەنلىكى ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالمىغان كىشى ئۈچۈن سىر ئەمەس. كېيىنكى كۈنلەردە يۈز بېرىۋاتقان، بىرگە يۈز ھەسسە ئېغىر كۈچ بىلەن دەھشەتلىك قىرغىننى باشلىۋەتكەن مۇستەملىكىچى كۈچلەر شۇنچە قىرغىننى قىلسىمۇ، مېدىيادا تارقاتقان ۋە قىرغىنچىلىقنى مەشرۇ قىلىش كويىدا ئاخبارات سۇپىلىرىدا تارقاتقان سۈرەت، ئىشلىگەن خەۋەر ۋە فىلىملىرىنىڭ ساختىلىقى ئاشكارا تۇرسىمۇ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئوخشاش تارازىدا «تېررورىست»لىق دېيەلمىگەن، ئاشكارا دېيەلمىگەندىمۇ نەپرىتىنى بولسىمۇ قەۋمداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشالمىغان بىر زېھنىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەزلۇم مىللىتىنىمۇ ھەقىقىي چۈشىنىشى، سىياسەت دۇنياسىنى، دۇنيا ۋەزىيىتىنى، ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى باشقا مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۈتمۈشى ۋە ھازىرىنى توغرا ئانالىز قىلالىشى قانچىلىك بولماقچىتى. ئەجەبا «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق»، «خەلقىنى بومباردىمانغا تۇتۇپ بەرگەنلىك» دەپ ئەيىبلىشىپ بېرىۋاتقان بۇ ماڭقۇرت زېھنىيەتنىڭ دەۋاتقانلىرى ۋەتەن ئىچىدە ئېزىلگەن خەلق ئىچىدىن چىققان پىدايىلارنىڭ، مۇجاھىد قەھرىمانلارنىڭ ئېلىپ بارغان پارتىزان ھەرىكەت ۋە كۈرەشلىرىنى خىتاي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ «بۇنىڭ ھەممىسى ئەسەبىيلىك، تېررورىزمنىڭ تەسىرىدىن بولغان، بۇ بىر تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، تىنچ ۋە ئىناق-ئىتتىپاق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىك، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى بالاغا تىققانلىق» دەپ پىپەن قىلىشلىرىدىن نېمە پەرقى؟ ھالبۇكى، ئاشۇ «بالاغا تىقىش» ئىبارىسىدىكى «بالا» زالىم خىتاينىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمىدى؟ قارشىلىق كۆرسىتىشلەر ئاشۇ مۇستەملىكىچىنىڭ زالىم سىياسىتى، ئېزىشى، خورلىشى سەۋەبلىك پارتلىغان قارشىلىق يۈزىسىدىن بولمىدىمۇ؟ زالىم سىياسەتكە ئەقەللى پىكرىنى سۆزلىگەن بىرىگە ئاتالمىش قالپىقى چوڭ جىنايەتلەرنى كەيدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئەتراپىغا بالا بولغان، قارشىلىق كۆرسىتىشتىن باشقا چىقىش يولى قويمىغان زالىم خىتاينىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمىدى؟
مىڭلاپ ئەتەي ئېتىلغان بومبىلاردا شەھىد بولۇۋاتقان بىگۇناھ خەلقنىڭ تىراگېدىيەسىنىڭ سەۋەبچىسىنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر قىلىپ كۆرسىتىپ «تۇخۇمنى تاشقا ئۇردى، خەلقىنى بومباردىمانغا تۇتۇپ بەردى» دەيدىغان بۇ مەنتىقە زالىم خىتاينىڭ «مەن قىرىمەن، سەن سۈكۈت قىلىسەن، باش كۆتۈرسەڭ ئۆزۈڭگە ئىش تاپقان بولىسەن»، دەيدىغان مەنتىقە بىلەن نە قەدەر بىر يەردىن چىققان، ھە؟! ئېنىقكى سەپسەتەۋى ئىددىئالار مۇستەملىكچىلەرنىڭ ئىشغال ھەرىكىتىنى مەشرۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولغاندەك، قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى ئەيىبلەش باھانىسىدىكى يۇقىرىقىدەك باھالارمۇ ئوخشاشلا مۇستەملىكىچىنىڭ زېھنىيىتى بىلەن زېھنىيەتلىنىشتىن مەيدانغا كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ گويا بىر ئۆيدە ياشاپ بىر-بىرىنىڭ خۇيىنى ئالغان ئامراق ئەر-خوتۇن مىسالى ئىشغالچىنىڭ خۇيىدا، ئۇسلۇبىدا ۋە مەنتىقىسىدە تۇرۇپ قىرغىنچىلىقىنى مەشرۇلاشتۇرۇش، زۇلۇمغا ھەسسە قوشۇشتۇر. ئىسيان قىلىۋاتقان ئۆز توپلۇمىنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرۇپ كۈچلۈك زالىمغا قارشى «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماسلىق» ئۇچۇرىنى بېرىش، ئۇلاردىمۇ قىرغىنچىلىققا قارشى پەلەستىن خەلقىدەك بومبا ئېتىپ ئۆي ماكانىمنى تۈزلىۋەتسەڭمۇ، يەتمىش پۇشتۇمغىچە قىرىپ تاشلىۋەتسەڭمۇ جېنىم ئۆزۈمنىڭ تۇپرىقىدا چىقىدۇ ۋە ئەسلا زېمىنىمنى تاشلاپ كەتمەيمەن، دەيدىغان روھتىن ئىلھام ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا زورۇقۇشتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىقىلارنىڭ بەرى زۇلۇم تارتقۇچىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قىلىۋاتقۇچى سىياسىي ئەقىلنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى مۇستەملىكىچىسىنىڭ خۇيىنى ئېلىپ خەلقنى گاڭگىرىتىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سۆڭەك بەرگەن خوجىسىغا قاۋايدىغان ئىت مىسالى زالىمغا بولۇشۇپ قاۋىشىپ بېرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
داۋامى بار...
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-10-23
ھەقىقەت ۋە «مەنپەئەت» توقۇنۇشىدا سىياسەت ۋە ھەققانىيەت كىرىزىسى (2)