Jump to content

ھەق نامايان بولماقتا، سەپسەتىچىلىك چېنىپ بارماقتا

ئورنى Wikipedia

ھەق نامايان بولماقتا، سەپسەتىچىلىك چېنىپ بارماقتا

يېرىم يارتا ئىلىمدارلىق ئەقىلنى بۇزار، دەيدۇ دانالار. ئەقىل بۇزۇقلۇقىنىڭ كۆڭۈل بۇزۇقلۇقىغا، ۋىجدانىي ئۆلۈكلۈك ۋە قەلب مەرەزلىكلىرىگە ئېچىلغان يول ئىكەنلىكىمۇ شۈبھىسىز، ئەلۋەتتە. ھەدىسلەردە «ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغانلار ئىش بېشى بولغىنىدا قىيامەتنى كۈتكىن» دېيىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئۆز نۆۋىتىدە ئىشنى ئەھلى بولمىغانلار ئىگىلەپ ياتقاندا، نائەھلىلەر ئىش بېشى بولۇپ مونوپوللۇق باش كۆتۈرگەندە شۇ ئىشنىڭ قىيامىتىنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىغا، يەنى ئۇ ئىشنىڭ ئەسلا راۋاج تاپمايدىغانلىقىغا، بەلكى زىيىنىنىڭ خۇددى قىيامەت ھەممىگە ئومۇم بولغاندەك ئومۇم بولۇپ تارتقۇلۇقنى ھەممە تەڭ تارتىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار، دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداق مۇتەئەسسىپ تەلۋىلەرمۇ بولىدۇكى، ھە دېگەندە ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەقىقەتنى كېرىلىپ سۆزلەشلىرىگە چىدالماي ھەسرەتلىنىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي ھودۇقىدۇ. ھەق ئىگىلىرىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىغا چىدىماي تۆھمەت ۋە ئىغۋالارنى چاپلاپ ئۈلگۈرىدۇ. ئۇمۇ يەتمەيدۇ، بەلكى ھەق سۆزلەرنى ھەق ئەھلىگە قارشى ئىشلىتىپ تەسەللى ئىزدەشكە، چوماقچىلىرى توپىدىن سۈنئىي چاۋاكلارنى چالغۇزۇش ئارقىلىق تەسكىن تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ. ھالبۇكى، ھەق ئەھلىگە ھەق سۆزلەر ئارقىلىق ئۇلارنى باتىللىق بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇرۇنۇش، ئۇلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنى باتىللار كاتېگورىيەسىگە تىزىش ئارقىلىق زېدىلەشكە ئۇرۇنۇش ئەمەلىيەتتە، بەنى ئىسرائىل موللىلىرى كەبى ئايەتنى ئايەت بىلەن سوقۇشتۇرۇشقا ياتىدىغان ياكى شۇنىڭ شەكلىنى ئالغان بىر تۈرلۈك ھەسەت ۋە ئىچ قوتۇرلۇقنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ئىلىم قالپىقىنى كىيىپ يۈرۈۋاتقانلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۆتە مۇغەمبەرلىك، بىچارىلىك، بۇنىڭدىن ئارتۇق سەپسەتىۋازلىق، چىركىنلىك بولسۇنمۇ؟

شۇنىڭغا پاراللېل ھالدا بىز يەنە سىياسىي قاناتلاردىكى شالغۇتلار ۋە ماڭقۇرت تائىپىلەر ئارىسىغا ئىسلاھ قىلىش ئىرادىسى بىلەن كىرگەن ۋە ئۆزلۈكتىكى جەۋھەرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېرىتىۋەتمەستىن ساقلاپ ماڭغان ئايدىڭ ئىنسانلىرىمىزنىڭ ئەل - ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىغا پالتا ئۇرىدىغانلاردىن سەپ ئايرىغانلىقىنى، خەلقنىڭ، ھەقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئوخشاش شەكىلدە مەجرۇھ زېھنىيەتلىك «ئۆلىما» ۋە خاراكتېرسىز موللىلار توپى ئارىسىدىنمۇ ئەقلى ۋە روھىيىتىنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتۇپ كەلگەن، ئىلىمنىڭ يولىدىن شاشماي ماڭغان ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزنىڭمۇ ھەقنىڭ ۋە خەلقنىڭ ھەققانىي يولىدا توغرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش بىلەن ئۆرنەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز.

  ھەقنىڭ مەيدانىنى ئۆز مەيدانى بىلىپ كەلگەن، پاكىتنى ھۆرمەت قىلىپ ھەق قارشىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت تەرەپدارلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كەلگەن، مەيدان - مەۋقەلىرىنى بىلدۈرگەن ئايدىڭلىرىمىزدىن، ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! شۇنداقلا تېخىچە «ئىمان»غا كېچىكىپ كېلىشنى تاللاپ ئولتۇرغان، ۋاقتى كېلىپ تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن سۆرەپ چىقىپ ئىبرەتى ئالەم قىلىنغۇچىلار تائىپىسىگە ئايلىنىپ كېتىشىنى كۈتۈپ ياتقان توپلارنىڭمۇ ۋاقتىدا  ئەقلىنى تېپىپ ھۆر ئىرادە ۋە مۇستەقىل ئەقلى بىلەن توغرىنىڭ، پاكىتنىڭ ۋە ھەقنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىۋېلىشلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىلىم ئەھلىلىك بۇرچ بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسلىتىمىز ۋە ئەسكەرتىمىز.  ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ سەمىدە بولغايكى، «ئىلىم ئاللاھنىڭ توغرىغا يېتەكلىگۈچى نۇرىدۇر. ۋە لېكىن ئاسىيلىق يولىدا ماڭغۇچىلار بۇ نۇردىن  ئەسلا ھىدايەت ئالالمايدۇ». – ئىمام شافىئىي

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-01-05


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى