ھەمدۇللا ۋەلى

ئورنى Wikipedia
ھەمدۇللا ۋەلى

Hemdulla Weli

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1968-يىلى 8-نويابىر (54 ياش)

توقسۇن ناھىيىسى

مىللىتى ئۇيغۇر
ھازىر ئەھۋالى سەئۇدىدا تۇتقۇندا
كەسپى

ھەمدۇللا ۋەلى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Hemdulla Weli) بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقسۇن ناھىيىسى دە توغۇلغان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

ھەمدۇللا ۋەلى ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە توغۇلغان.

  • تۈركىيەدە نۇرىمانگۈل، سۈمەييە ئايتۈرك قاتارلىق قىزلىرى بار، ۋە ھەسەنجان ئىسىملىق كۈيئوغلى بار.

تۇتۇقلىنىشى[تەھرىرلەش]

ھەمدۇللا ۋەلى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان. كېيىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يول تاقىلىپ قالغاچقا، تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن.[1]

سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن تۇتۇپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يا قويۇپ بەرمەي، يا بىر تەرەپ قىلماي تۇتۇپ تۇرغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 3-يانۋار سەئۇدى دائىرىلىرى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار ئىكەن.

بۇ خەتەرلىك ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزى سۇمەييە ئايتۈرك دادىسى ھەمدۇللا ۋەلىنى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

  • 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى پەيشەنبە كۈنى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان نۇرمەمەت روزى ئەپەندىمنىڭ سابىق ئايالى بۇخەلچەم ئابلا ۋە 13 ياشلىق قىزى مەككە ئەتراپىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ 2020-يىلىدىن بېرى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەت روزى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ئۇختۇرۇلغان.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى