ھەييام رۇبائىلىرىدىن 40 پارچە
ھەييام رۇبائىلىرىدىن 40 پارچە
خەلقئارالىق ئالىم ۋە زەبەردەس شائىر ئۆمە ھەييام (1040-1123) فارس شائىرى. ئۇ شائىرلا ئەمەس، جاھانشۇمۇل ئالىم، پەيلاسوپ، ئاستىرونوم ۋە ماتېماتىك. ئۇنىڭ پەلسەپە، ئاستىرونۇمىيە، ماتېماتىكا ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئون نەچچە كاتتا ئەسىرىنىڭ بارلىغى مەلۇم.
ھەييام خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى نىشاپور شەھىرىدە قول – ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسىدىن يىتىم قېلىپ، 17 يېشىدا سىرتقا چىقىپ مۇستەقىل تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي تەكلىپ بىلەن سەمەرقەنتكە كەلگەن. كېيىن بۇخارا ھاكىمى ھوزۇرىدا، ئاندىن سۇلتان مەلىك شاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىشلىگەن، رەسەتخانا مەسئۇلى بولغان. يەنە بىر كالېندارمۇ ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كالېندار ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان شەمسىيە كالىندارىدىنمۇ مۇكەممەل ۋە توغرا ئىكەن.
ئۆمەر ھەييامنى ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە قىلغىنى ئۇنىڭ 300 كوپلېتتىن ئارتۇق (بەزىلەر 456 دەيدۇ) رۇبائىيسىدۇر. ئۇنىڭ رۇبائىلىرى 1970- يىلىغىچە ئېنگلىز، نېمىس، فرانسۇز، ئىتالىيان، ياپۇن قاتارلىق كۆپلىگەن تىللاردا 80 نەچچە قېتىم نەشىر قىلىنغان. گېرمانىيەلىك روفىروفىسسۇر كارىل زوسھايىمنىڭ يېزىشىچە، ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى پەقەت 1913- يىل ئىچىدىلا ئىنگىلىز تىلىدا 120 تۈرلۈك نۇسخىدا بېسىلغان.
رۇبائىيلار
خىيالىم مېنىڭكى ساپ شارابتىلا،
قۇلىغىم مېنىڭكى نەي، راۋابتىلا.
توپامدىن كوزىچى ئەتسە بىر كوزا،
ئۇ تولار مەي دېگەن ئوتلۇق ئابتىلا.
ئۆمرۈمنىڭ دەرىخى يىقىلسا، سۇلسا،
ئاجرىسا تەنلىرىم، مىڭ پارە بولسا؛
تىرىلگەي تۇپرىقىم، بولغايمەن ھايات،
ياسىلىپ شىشە، ئۇ شارابقا تولسا.
كوزىچى قېشىغا باردىم ممەن يېتىپ،
تۇراتتى دۇكاننىڭ چاقىنى تېپىپ.
باش ياسار كوزىغا شاھنىڭ بېشىدىن،
گادانىڭ پۇتىدىن ئاڭا قول ئېتىپ.
دۇنيا بىر مەنزىلكى ئۆتۈشكە تۇرۇپ،
ھاسىلى بولدى غەم ئۆتتۇق قايغۇرۇپ.
كەتتۇق بىز مىڭ ئىشتىن ھەل بولماي بىرى،
ھەسرەتلەر يۈرەكتە قالدى ئاھ ئۇرۇپ.
ئىشقىڭنىڭ دامىغا چۈشتى بۇ بېشىم،
بولمىسا، مەي بىلەن مېنىڭ نە ئىشىم؟
توۋىنى ئاڭ بەردى، جانانىم بۇزدى،
تون تىكتى سەۋرى ئۇ، يىرتتى دەۋرانىم.
بىر جامكى، ئەيلىمىش ئىختىرا ئەقىل،
قەدىرلەپ شۇ جامغا يۈزنى سۆيدى، بىل...
«پەلەك» نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ، ئۇرىدۇ سىجىل...
ئاقمىغاي تەقدىرگە نارازا بولۇش،
ئاقمىغاي ئالەمدە بىرىيا بولۇش.
قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم،
كەتكۈزدى، ئاھ – قازا، تەدبىرىمنى بوش.
خوشال ئوت، ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىر دەم،
بۇ تۇپراق− تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم.
قىل قىياس بىر خىيال، ئالدىنىش يا چۈش،
ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم.
بولمىساڭ ئوۋچىسەن، ئوۋدىن قىلما بەھس،
بىلمىگەن نەرسەڭنى تەپسىر قىلما، تەس...
كىم مەنا سورىسا، سەن كۆرگەننى ئېيت،
ھېچقاچان ئۇستازىڭ كۆرگەننى ئەمەس.
گۈل دىدى: يۈسۈپ مەن، مىسرىدۇر چىمەن،
ئاغزىمدا لەببا – لەپ زەر – ياقۇت دىگەن...
مەن دېسەم دەلىل تاپ، ئېيتتى ئۇ ماڭا:
مانا قان، قاراپ باق كۆينىگىمگە سەن.
پەلسەپە چادىرىن ھەييام تىكەردى،
ئاتەشى غەمگە ئۇ چۈشتى... ئۆرتىدى!
كەستى ئۆمۈر تانابىن ئەجەل قايچىسى،
دەللال ھەم باھاسىن بەك ئەرزان دىدى.
بىر سەھەر قاۋاقتىن كەلدى بۇ نىدا:
«ئورنىڭدىن قوپ ئەمدى، بىزنىڭ ئەي گادا؛
كوزىمىز جامىغا تولماستىن تۇپراق،
تولدۇرغىن قەدەھنى مەيدىن ۋاقتىدا...»
مەي ئىچكىن گۈزەلنىڭ يۈزلىرىدىن تا−
غەم ئاتلىق يىلانغا ئەنە شۇ داۋا.
ئىچىمەن، يايرايمەن، مەن ئۆزەم ئاداش،
ئىچمىسەڭ نە قىلاي؟ يىگىن سەن توپا...
شەيخ دېدى پاھىشە ئايالغا: «ئۇيات،
مەس بولۇپ ئۆتىسەن قولدىن – قولغا پات...»
ئۇ دېدى: «شۇنداقمەن− كۆرۈنگىنىمدەك،
سېنىڭ بۇ شەكلىڭگە قىلمىشىڭدۇر يات...»
دوست بولساڭ ئەڭ ئوبدان ئىشنى سەن ئەسلەت،
مەي بىلەن غەملەرنى ھەيدىگىن، يوق ئەت!
بۇ تېنىم بولسا بىر توپا، خىش قويۇپ،
مەيخانا تېمىنى ئوڭلاشقا ئىشلەت!
مەي ئىچسەڭ قەلبى نۇر دەنا بىرلە ئىچ!
ياكى سەن بىر گۈزەل رەنا بىرلە ئىچ!
كۆپ ئىچمە، ئىچ ئۇنى بەزى – بەزىدە،
مەخپى ئىچ، چىرايلىق، ھايا بىرلە ئىچ!
كەلمەكنىڭ، كەتمەكنىڭ پايدىسى نەدە؟
جاھاندا تۇرماقنىڭ مىۋىسى نەدە؟
كۆيدى كۆپ پاك تەنلەر پەلەك ئوتىدا،
باق، ئۇنىڭ تۈتۈنى يا ئىسى نەدە؟
ئىچكەندە ئەقلىڭدىن بولما بىگانە،
ئېسىڭنى يوقىتىپ جاھالەتخانە.
ئويلىساڭ مەينى سەن بولسۇن دەپ پاكىز،
رەنجىتىپ ھەركىمنى بولما ئەپسانە.
دۇنيادا ئىچ شاراب خوشاللىق بىلە،
دەۋرى ئۇ، ئايلىنار بىرگە جەۋرىلە...
كەلگەندە نۆۋىتىڭ ۋاي دىمە، بۇ جام−
بىر جامكى، ئالىمىز ئۆچىرەت ئىلە.
كۆردۈممەن، بازاردا كوزىچى ئىشلەر،
كوزىغا لاي ئېتىپ، پىتىقلار، دەسسەر.
لاي دېدى ئۇستىغا: «ئاستىراق تەپكىن،
بىر ۋاقىت سەندەك مەن ئىدىم كوزىگەر».
ھۇشۇڭ تاپ، تېنىڭدىن بۇ جېنىڭ كېتەر،
ئۇ پەلەك سىرىنىڭ كەينىدىن ئۆتەر...
شاراب ئىچ، خوشال ئوت، بىلمەيسەن چۈنكى
قەيەردىن كەلدىڭسەن؟ بارىسەن قەيەر؟
بۇ كوزا مەندەك بىر ئاشىق ئىدى زار،
مەشۇقى ئۇنىڭكى سۇمبۇل چاچ نىگار.
كوزىنىڭ تۇتقۇچى− يارنىڭ بوينىغا
سېلىنغان قول ئىدى بىر چاغ بەختىيار.
كەمسىتمە ئىچكەننى، ئىچمىسەڭ ئەگەر،
قىلغايمەن توۋىنى نۆۋەت كەلسە گەر.
قىلارسەن ئىپتىخار، مەي ئىچمەيمەن دەپ،
يۈزلەرچە ئىش قىلدىڭ، ئىچكەندىن بەتتەر.
رۇمكىغا شارابنى كەپلەپ ئىچ ئاداش،
دىلرەبا بىر قىزنى ئەسلەپ ئىچ ئاداش.
مەي ئۆزۈم قېنىدۇر، دەيدۇ ئۇ ساڭا:
ياخشى دەپ قېنىمنى سۆزلەپ ئىچ ئادا.
نەۋ باھار كېلىش ھەم زىمىستان ئۆتۈش−
ھاياتنىڭ ياپرىغىن بىر – بىرلەپ تۆكۈش...
ئىچ شاراب، يىمە غەم؛ دۇنيانىڭ غېمى−
بىر زەھەر؛ دورىسى قەدەھنى ئۆپۈش.
دۇنياغا كەلمەيتتىم مەندە بولسا ئەرك،
كەتمەيتتىم جاھاندىن، يەتسە كۈچ دىمەك.
كەلمىسەم، بولمىسام، كەتمىسەم مەنچە،
شۇ «بولۇش – يوقۇلۇش» يېرىدە تىلەك.
دۇنياغا پاك كېلىپ بىز بولدۇق ناپاك،
بەك خۇشال كېلىپ بىز، بولدۇقكى غەمناك.
تۆكۈلدۇق سۇ بولۇپ دىلنىڭ ئوتىغا،
ئۆمۈرنى ئالدى يەل، بىز بولدۇقكى خاك.
ئاغزىمنى كوزىغا قويدۇممەن دېمەك،
مەقسىتىم كۆپ ياشاش چارىسىن بىلمەك.
ئۇ دېدى: لېۋىنى لېۋىگە قويۇپ:
«مەي ئىچكىن، قايتا يوق جاھانغا كەلمەك!»
قەلبىمگە پىچىرلاپ ئېيتتى بۇ پەلەك؛
«ھەر ئىشنى مەندىنلا كۆرمەك نە كېرەك؟
ئىش ئۈچۈن گەر بولسا مەندە ئىمتىياز،
يۈرەمتىم چۆرگىلەپ مەن ئۆزۈم دېمەك.»
ئالەمنى تۈزگەندە، تۈگۈچى ئىلىك،
نېمىشقا قىلماپتۇ، بۇندا تەكشىلىك؟
تۈزۈلمە ياخشىكەن، بۇزۇش نە ئۈچۈن؟
گەر يامان دېگەندە، كىمدە كەمچىلىك؟
ئەۋۋەلدە ئۆزۈمگە ئاشىنا قىلدىڭ،
سوڭ نىچۈن ئۆزەمدىن سەن جۇدا قىلدىڭ؟
ئېتىراپ قىلىپسەن باشتا بولمىغىم،
ئالەمدە نە ئۈچۈن بىناۋا قىلدىڭ؟
ھىساب ئال ئۆزۈڭدىن! بار ئىكەن ئەقلىڭ،
نە ئېلىپ كەتمەكچى، نە ئېلىپ كەلدىڭ؟
ئېيتىسەن: ئۆلۈم بار، ئىچمەيمەن شاراب،
ئىچسەڭ ھەم ئىچمىسەڭ، مەۋجۇت ئۆلۈمىڭ.
غىزايىم ئۈچۈن سىز ماڭا مەي بېرىڭ،
قەھرىۋا يۈزۈمنى ياقۇتتەك قىلىڭ.
مەن ۋاپات بولغاندا مەي بىلەن يۇيۇپ،
تال ياغاچلىرىدىن جىنازام ئېتىڭ.
چىرايلىق بىر كۈندە جامنى قولغا ئال،
يېنىڭدا ئولتۇرسۇن بىر گۈزەل جامال.
مەي ئىچكىن شات – خورام، چۈنكى بۇ پەلەك
چۆرگىلىپ سېنى ئۇ ئەيلىگەي زاۋال.
كۆڭلىمىز ھۆرمىتى، يارىم قېنى كەل!
مىڭ مۇرات – مەقسەتتىن ئەيلە بىرنى ھەل.
بىر كوزا مەي ئەپكەل، كۆتىرەي ئۇنى،
توپامدىن كوزىلار ياساشتىن ئەۋۋەل.
كاشكى بىر تىنغۇدەك جاي بولسا، گۈزەل...
يەتكۈزسە يولىمىز شۇ ئورۇنغا دەل؛
ئۈنسىمۇ يۈز مىڭ يىل ئۆتۈپ توپىمىز−
ئىچىدىن گۈل – چىمەن، كاشكى بىر مەھەل.
بۇ ئىككى ئىشىكلىك جايدا بار ھوسۇل:
رەنجىش ۋە جان بېرىش... ياخشى ۋاقىپ بول!
شات كۆڭۈل ھەركىمكى، ئۇ ئەمەس تىرىك،
بەختلىك− ئانىسى تۇغمىدى ئۇ شول.
بىر كۈنى خۇمدانغا مەن بارغان ئىدىم،
كوزىلار سۆزلەردى، بەزىبىرىسى جىم.
گەپ قىلىپ بىر كوزا ئېيتتى ئۇ، ماڭا:
ئەتكۈچى، ئالغۇچى نەدە بىزنى؟ كىم؟
بۇ جاھان ئەمەسكەن بىزگە جاي مۇقىم،
يارسىزلىق، ئىچمەسلىك− خاتالىق ئېزىم.
سىز «قاچان يارالدى دۇنيا؟» دېمەكلە...
مەن كەتسەم، بۇ دەۋا بىلەن نە ئىشىم!
ئۆتكۈنچى جاھاندىن زەررە يىمە غەم،
شات ياشا، خوش ئۆتكۈز، بار ئىكەن بىر دەم.
دۇنيانىڭ خۇلقىدا بولغاندا ۋاپا،
باشقىدىن تەگمەيتتى نۆۋەت ساڭا ھەم.
بۇ پەلەك قەستىدۇر يوقىتىش ھامان،
سەندىن ھەم، مەندىن ھەم ئالماقچىدۇر جان.
بىر زامان بوستاندا ئولتۇرايلى، كەل!
توپىمىز ئۈستىدە كۆكلىگەي بوستان.
ئىچ شاراب، ياتارسەن يەردە كۆپ زامان،
بولمىغاي يولدىشىڭ، مۇڭدىشىڭ ئىنسان!
ئېيتمىغىن ھېچكىمگە بۇ مەخپىي سىرنى،
بىر قېتىم سولغان گۈل ئېچىلغاي قاچان؟!
(نۇرمۇھەممەت ئېركى تەرجىمىسى)