ۋاسىلىي ۋ. بارتولد
ۋاسىلىي ۋلادىمىروۋىچ بارتولد (رۇسچە: Василий Владимирович Бартольд؛ ت. 1869 — ئۆ. 1930) روسىيىلىك شەرقشۇناس. ئاكادېمىك. تېگى نېمىس (گېرمان)
1891 - يىلى پېتېربورگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت بۇ ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1900 - يىلى شەرق تارىخى بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1901 - يىلىدىن باشلاپ پروفېسسور بولغان.
1913 - يىلى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقشۇناسلار كومىتېتىغا ۋە بۇ كومىتېتنىڭ ژۇرنىلىغا رەھبەرلىك قىلغان. شەرقشۇناسلىق كۇتۇپخانىسىنى قۇرغان. كۆپ خىل شەرق تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىدى.
ئەسەرلىرى
[تەھرىرلەش]ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئەرەب تارىخى ۋە ئىسلام دىنى تارىخ تەتقىقاتىدا كۈچ سەرپ قىلىپ، كاتتا ئەسەرلەرنى يازغان. بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە[1]:
- «موڭغۇل ئىستېلاسىدىن بۇرۇنقى تۈركىستان»،
- «1855 — 1905-يىللىرىدىكى پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتى پائالىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»،
- «ياۋروپا بىلەن روسىيىنىڭ شەرقشۇناسلىق تارىخى»،
- «خەلىپە ۋە سۇلتان»،
- «ئىسلام دىنى»،
- «ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى»،
- «ئىسلام دىنى دۇنياسى»
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ ئۇيغۇرچە: تارىخ لۇغىتى