ۋاللەي ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

<ۋاللەي> - ئۇيغۇر تىلىدا بەلگىلىك مەنىگە ئىگە بولمىغان، مۇئەييەن ئاھاڭ ياكى رىتىمىنىڭ ئىشارىلىك بەلگىسى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ چەللەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان، قول ۋە پۇت قاتارلىق بەدەن ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، ئۆپكىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ۋە يۈرەكنى تاۋلايدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئويۇننىڭ نامىدىن ئىبارەت. بۇ ئويۇندا مەخسۇس مەيدان ۋە ئالاھىدە قورال تەلەپ قىلىنمايدۇ. قاتنىشىدىغان ئادەم سانىمۇ چەكلەنمەيدۇ. ئىككى سەپكە بۆلۈنۈپ ئوينىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ۋاللەي ئويۇنى ئۈچۈن ئادەتتە تۈز كەتكەن ئوچۇق مەيداننىڭ بىر چېتىگە رادىئوسى ئەللىك سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر چەمبەر سىزىلىدۇ. بۇ چەمبەرنىڭ مەركىزىگە ئانا ياغاچنىڭ ئۇچى پاتقۇدەك 20 - 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بىر ئۇزۇنچاق ئورەك كولىنىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئەگەر بالىچۇقنى ئانا ياغاچنىڭ ئۇچىدا توختىتىپ ئۇرۇشنى شەرتلەشكەن بولسا، ئورەك كولانمىسىمۇ بولىدۇ. ئانا ياغاچنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 80 سانتىمېتىر، توملۇقى ئالتە سۇڭ ئەتراپىدا كېلىدىغان قاتتىق ياغاچتىن سىلىق ياسىلىدۇ. بالىچۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 - 15 سانتىمېتىر، توملۇقى باشمالتاق قولدەك بولۇپ، قارىياغاچ ياكى يۇلغۇنغا ئوخشاش قاتتىق ياغاچتىن ئىككى بېشى يوق شەكلىدە ياسىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئىككى سەپكە بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىن بىردىن كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئويۇن باشلاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تەرەپنىڭ ئەزالىرى رەت - رېتى بىلەن بالىچۇق ئۇرىدۇ. قارشى تەرەپ ئەزالىرى مەيدانغا تارقىلىپ، ئۇرۇلغان بالىچۇقنى ھاۋادىن يەرگە چۈشكىچە ئارىلىقتا تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر تۇتۇۋالسا بالىچۇق ئۇرغۇچى تەرەپنىڭ توپ ئۇرۇش ھوقۇقى <كۆيگەن> ھېسابلىنىپ، بالىچۇق ئۇرۇش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئۆتىدۇ. ئەگەر بالىچۇقنى ھاۋادىن تۇتۇۋالالمىسا، ئۇ ھالدا بالىچۇق چۈشكەن يەردە تۇتۇپ بالىچۇقنى ئورەككە توغرا قويۇلغان ئانا ياغاچقا نىشانلاپ ئاتىدۇ. بالىچۇق بەلگىلەنگەن چەمبەر ئىچىگە چۈشسە ياكى چەمبەر مەركىزىدىكى ئورەككە توغرا قويۇلغان ئانا ياغاچنى سوقۇپ چىقىپ كەتسە <ئۇتقان> بولۇپ بالىچۇق ئۇرۇش ھوقۇقى ئالمىشىدۇ، ئەگەر بالىچۇقنى چەمبەر ئىچىگە چۈشۈرەلمىسە ياكى ئانا ياغاچ بىلەن بالىچۇقنى چېكىپ ئۆرلىتىپ قايتا - قايتا ئۈچ قېتىم يىراققا ئۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىچۇق قەيەرگە بېرىپ چۈشسە، شۇ يەردىن بىر خىل ئۆلچەم بىلەن چامداپ بالىچۇق ئۇرۇش چەمبىرىگىچە سانايدۇ. بىر تەرەپنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى (چامدام سانى) قاچانكى ئىككى تەرەپ ئالدىن كېڭىشكەن نومۇرغا يەتسە، شۇ تەرەپ غەلىبە قىلغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەڭگەن تەرەپنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بالىچۇق ئۇرۇش مەركىزىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قېتىمدىن بالىچۇق ئۇرىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇرۇلغان بالىچۇقنى قارشى تەرەپ توسۇۋېلىشقا ياكى تۇتۇۋېلىشقا بولمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بالىچۇقنىڭ چۈشكەن ئارىلىقى چەمبەردىن بارغانسېرى يىراقلىشىدۇ. يېڭىلگەن تەرەپنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭ بەدىلىگە بالىچۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن چەمبەرگە قاراپ تىنماي <ۋاللەي ... ۋاللەي... ۋاللەي...> دەپ ۋارقىراپ يۈگۈرىدۇ. ئارىلىقتا تىنماي نىشانغا يېتىپ كېلەلىگەن بولسا مەجبۇرىيەتتىن خالاس بولىدۇ. ئەگەر <ۋاللەي> توۋلاپ نىشانغا يېتىپ كەلگۈچە تىنىۋالغانلىقى سېزىلسە، يەڭگەن تەرەپ بالىچۇقنى تىنغان يەردىن باشلاپ يەنە بىر قېتىم ئۇرىدۇ. يېڭىلگەن تەرەپ يەنە شۇ بالىچۇق چۈشكەن ئاخىرقى چەكتىن باشلاپ <ۋاللەي> توۋلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۆپكە ۋە يۈرىكى چىداملىق كىشىلەر ئەلۋەتتە <ۋاللەي> توۋلاش مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا مەجبۇرىيەت بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ. قائىدە بويىچە ۋاللەي توۋلاش شەرتى بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق ئويۇن ئاخىرلىشىدۇ. <ۋاللەي> ئويۇنىنىڭ جەريانىدىن قارىغاندا، ئۇ ھەم قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك ئويۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا بەدەننى چېنىقتۇرۇشتا ۋە ئەقىل - پاراسەتنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئامىللار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]