ۋالېرى: دېڭىز قەبرىستانى
ۋالېرى: دېڭىز قەبرىستانى
ئاپتور ھەققىدە: دۇنيا شېئىرىيەت سەھنىسىدە تۇتقان ئورنى، باشقا شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى جەھەتتىن «20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەڭ بۈيۈك شائىر»(ئېلىئوت) سانالغان ۋالېرى (1871-1945) فرانسىيە سىمۋولىزملىق شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇنەۋۋەر ۋەكىلى. ئۇ شېئىرىيەتتە ھېسسىي تەسىرات بىلەن ئابستراكت تەپەككۇرنى بىرىكتۈرۈپ ئاڭ قاتلىمى بىلەن غەيرىي ئەقىل قاتلىمىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ ئوبزورچىلار تەرىپىدىن «ئەقلىي مىستىتىزمچى» دەپمۇ ئاتالغان. «دېڭىز قەبرىستانى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دېڭىز قەبرىستانى
ئاپتورى: ۋالېرى(فىرانسىيە)
تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر روزى
بۇ تىمتاس ئۆگزىدە چايقىلار كەپتەر،
ئارچىزار، مازارنى ئارىلاپ چاقنار،
ئادىل «چۈش» يالقۇندىن ياسايدۇ دېڭىز،
ئاھ، دېڭىز ئەبەدىي باشلىنار تەكرار!
ئويلاردىن يېشىنىپ ئېزگۈ رەھمەت ئاھ،
ساماۋىي سۈكۈتكە ئاغدۇردۇڭ نىگاھ!
ئالماستەك دۇردانە ماغزاپلار سانسىز،
ئەۋرىشىم چاقماقتىن ياغماقتا مېھنەت،
ئىجادقا سىڭمەكتە جىمجىتلىق ھەيۋەت!
تەگسىز ھال كۆكىدە دەم ئالار قۇياش،
پاك ئەمگەك مەڭگۈلۈك ئۈچۈندۇر پەقەت،
«زامان» چاقنىماقتا، «چۈش» تۇر پاراسەت.
مېنىرۋا[1]، بۇتگاھى، تۇرغۇن خەزىنە،
تاغدەك جىم، تارتىنچاق، ئۆزىنى بايقار.
ئوت پەردە ئاستىدا ئېغىر ئۇپقۇن ئەي،
دېڭىز، سۇ كەچكەن كۆز پىنھانە باقار.
سۈكۈتۈم روھىمنىڭ تەكتىدە ئايۋان،
مىڭ ئاجراپ - يېپىشقان زەر ئۆگزەمگە زار!
«زامان» بۇتخانىسى ئاھ ئۇرار ھامان،
بۇرجۇمغا ئۆرلەيمەن، لايىقمەن ئاڭا،
ئۇپۇقۇم ئىچىدە بويلايمەن دېڭىز؛
بولدۇم سامالارغا يۈكسەك ئارمىغان،
چەكسىزلىك ئىچىدە جىمجىتلىق چاقناپ،
مەسخىرە ياغدۇرار ئاسمانغا شۇ تاپ.
خۇشاللىق تامغاندەك مېۋىلەر ئېرىپ،
ۋە يوقاپ كەتكەندەك شېرىنلىك بېرىپ،
ئۇ ئېغىز شەكلىدە بولىدۇ غايىب،
شورايمەن كەلمىشنىڭ تۇمانىنى مەن،
باھارىم شەكىللىك ئەرۋاھلار سىياق
شاۋقۇندا كۈيلىنەر شەكىللىك قىرغاق.
ئەي گۈزەل، پاك ئاسمان، مەن ئەجەب رەڭۋاز!
ئۆتكۈزدۈم كۆپ يىلنى ئۇرغىنىمچە لاپ،
يىغىلىپ، تارقىلىپ، تاشساممۇ قايناپ،
نۇرلۇق چەكسىزلىكتە تۇردۇم قەد رۇسلاپ؛
ئەرۋاھىم قەبرىنى بېغىرلاپ ئۆتەر،
ئايلاندىم ئاڭا بوپ مەنمۇ ھەمسەپەر.
ئەكس روھىم، تومۇزغا ئوت ياققان ئوتقاش،
تەشۋىشلىك نۇرلاردىن تاشقان ئادالەت،
دەللەڭ تىكىلىمەن ئوق بولساڭمۇ گەر!
قايتۇردۇم ئەسلىگە يالىڭاچ ئەنە،
كەلگەنسەن ئەينەكتىن...قايتساڭمۇ نۇرغا
سىرلارنى چىللايسەن ھاڭلاردىن يەنە.
ئاھ، تەنھا بىر ئۆزۈم ئۈچۈن يېقىنمەن -
قەلبىمگە، شېئىرلار بۇلاقلىرىغا،
يوقلۇق ۋە ساپ ھەرىكەت ئوتتۇرىدا دەل
كۈتىمەن ئەكس سادا، ئىچكى سەلتەنەت.
(كۆلچىكىم جاراڭلىق، قىرتاق ۋە تۇتۇق)
بار ياڭراق روھىمدا ئەبەدىي بوشلۇق.
بىلدىڭمۇ ياپراقنى قوغلاشقان بوغۇر،
تۆمۈر قاشالارنى يالمايسەن بەرھەق،
كۆزۈمنى يۇمساممۇ غىدىقلار سىرلار،
قاي گەۋدە كۆزۈمگە كۆرسەتتى يايلاق؟
سۆڭەكلەر يۇرتىغا ئەۋەتتى قاي باش؟
مەن يۈتكەن يۇرتۇمنى ئەسلەر بىر يۇلتۇز.
قىستاڭ، پاك، شەكىلسىز يالقۇنلار تولغان-
بۇ تۇپراق نۇرلارغا بولدى ئارمىغان،
ئوتقاشلار كۆتۈردۈم، ئامراقمەن ئاڭا،
سايىلەر تەۋرىنەر، زەر تاشلار سانجاق،
ھەربىر روھ ئۈستىدە تىترەر بىر مەرمەر،
پاك دېڭىز قەبرەمدە ئۇخلايدۇ پىنھان.
سادىق ئىت قوغلايدۇ بۇتپەرەسلەرنى،
قوي مېنى يىگانە، كۈلدى چوپاندەك؛
باقىمەن خاتىرجەم سىرلىق قويلارنى -
قوغلىغىن تارتىنچاق كەپتەرلەرنى ھەم،
گۈزەل پەرىلەرنى چۈشلەرنى بۇ دەم!
كەلمىشتە ئەزمىلىك لىق، كەلدى ئادەم؛
تومۇزغا چىر - چىرى تۇپراقنى سىپار،
كۆيدى ۋە يوقالدى كۈل بولۇپ ھەممە،
ئايلاندى پاك بىر خىل جەۋھەرگە يەنە...
تۇمانلار تارار مەست چەكسىزدۇر ھايات،
ئاچچىق بولدى تاتلىق، ھۇش روشەن ھەيھات!
ئۆلگەنلەر قەبرىدە دەم ئالار بىغەم،
يەر تەپتى سىرلارنى قۇرۇتار قاقلاپ؛
يۈكسەكتە تۇرغان «چۈش» قىمىرلىماس «چۈش»
زەن سالار بارىمغا، تۇرىمەن چاقناپ...
ھەيۋەتلىك گۆھەر تاج، ئەي مۇپەسسەل باش،
مەن سىرلىق ئۆزگەرگەن تەركىبىڭ ئوخشاش.
مەن سېنى كۆتۈرگەن ۋەھىمە پەقەت!
مەندىكى خورلىنىش تەشۋىش ۋە گۇمان،
چەككەندۇر دەل بۈيۈك گۆھىرىڭگە دەز!
مەرمەر تاش تەكتىدە ئەي تىرەن زۇلمەت،
تۆھپەڭنى بىر - بىرلەپ قوبۇل ئەيلىبان،
يىلتىزغا يېقىنلار غۇۋا ئالامان.
ئېرىگەن بوشلۇققا ئايلىنىپ ئۇلار،
يۇتقان ئوخشاشلىقنى گۈلگۈن پاتقاقلار،
گۈل - گىياھ ھاياتقا بېغىشلار راھەت،
ئۆلگەنلەر يوسۇنى، يەككە سالاپەت،
دىلكەشلىك قەيەردە بۈگۈن، بارمۇ - يوق؟
ياش تۇغقان كۆرلەردە يىپ ئېشەر بۇزۇق.
قىزلار چىرقىرايدۇ قوزغاپ ھاياجان،
كۆزلىرى بۇلاقتەك، كىرپىكلىرى نەم،
ئوت بىلەن ئويناشقاق ئېزىتقۇ ئەمچەك،
لەۋلەر يېقىنلاشسا چېھرى شەلپەر ھەم.
ئەۋرىشىم بارماقلار ئاداققى تارتۇق،
تۇپراققا قايتىشتى، بولدى چۈشتەك يوق.
خىيالىي مەنزىرەم نەقەدەر رەڭدار،
سەندە يوق بۇندىكى سۈزۈكلۈك ۋە زەر،
سەن بۈيۈك روھىنىڭ تارتۇقى كۆزگە.
ئىستەك تارايسەنۇ تىنمايسەن كۈيلەپ!
بولدى بەس، مەۋجۇتمەن، بوشلۇقۇممۇ بار،
مۇقەددەس تىتمتاسلىق كەلمەس ھەم تەكرار.
داق سۆڭەك بۇرجىنى پۈركىۋالغان تۈن،
ئۆلمەسلىك تاجىدا بەزلەيدۇ ھەردەم،
ئۆلۈمنى كۆرسىتىپ ئانىلىق قۇچاق؛
ئەي گۈزەل ئالۋون، ئەي، بۇزرۇكۋار ئويۇن!
بىر قاراپ كۆرەلمەس ھېچكىممۇ سېنى،
ئالدىنار قۇپقۇرۇق - سۆڭەككە ھەررەت،
ئەبەتلىك كۈلكىنى تىڭشايدۇ پەقەت!
ئەي چاللار، ئېڭىڭدىن يوقالغان ماكان،
تەنلىرىڭ يۈكلىگەن پاتقاقلارنى ھەم،
تۇپراقتا ماڭساقمۇ ئاڭلىيالماس ھېچ؛
تاش تاختاي ئاستىدا ئۇخلىغان ئاۋام؛
بىر بالا نەپسىم بار، شەكسىز بار مەددە،
ئۇ ياشار، باغرىمدىن ئايرىلالماس ھېچ!
سۆيگۈمۈ، ئۆزۈمگە نەپرەتتۇر بەلكىم؟!
ئۇ سىرلىق چىش بىلەن ھەمنەپەس ماڭا،
نېمە دەپ ئات قويسام لايىقتۇر ئاڭا!
كۆرەلەر، يېيەلەر، ئويلىيالار ئۇ،
تېنىمگە بەك ئامراق، ئەگىشەر ھامان،
ئۇ ھايات بولغاچقا سۈرىمەن دەۋران!
ئەي زېنو، ئەي ۋەھشىي ئېلېئالىق زىنو!
باغرىمنى چاك قىلدى سەن ياغدۇرغان ئوق،
ئۇ مەيلى تىترىسۇن، ئۆچسۈن - ئۆچمىسۇن
ئۇ ئۈنلەپ جان بېرەر، تەگسىلا جان يوق!
ئەي قۇياش، كۆردى كۆپ ئىشلارنى روھىم،
يەلتاپان ئاكېللىس بوپ قالدى ھەم جىم!
ياق، ياق!.. تۇر! ئۈزۈلمەس - كەلمىشكە تاشلان!
ئەي تىنىم، ئېزىلگەن، ئويغاق غەرق شەكلىم!
ئەي باغرىم، ھامىلە شامالغا ئېچىل!
قايتۇردى روھىمنى دېڭىز سۈرگەن دەم.
ئەي تۇزلۇق شىجائەت! دېڭىزغا چۆكتۈم،
لەيلىسەم شىجائەت تەڭ لەيلەيدۇ ھەم!
تۇغما مەست دېڭىزغا مەنسۇپمەن بەرھەق!
گۈزەل مۈرە يوپۇقتا، قاپلان پوستىدا،
رەڭگارەڭ تۈس بىلەن بالقىيدۇ قۇياش،
زەڭگەر تېنىڭنى دەپ يىلانلار سەر خۇش،
چىشلەيدۇ يالتىراق قۇيرۇقۇڭنى ھەم،
تىپتىنچ سەتھىڭدە قوزغايدۇ سۈرەن.
ياشاشتۇر بىرلا يول!... ئۆرلىدى شامال،
كىتابنى ۋاراقلاپ - ياپتى ھەم ھاۋا،
دولقۇنلار تىك ھاڭدىن چاچرىتار بۇژغۇن!
ئۇچۇپ كەت ۋاراقلار قاماشتۇرماي كۆز!
ئاق يەلكەن دان ئىزدەر، بۇ تىنچ ئۆگزىنى،
زەرپ بىلەن يىرتىۋەت، كېرىلىپ دولقۇن!
ئىزاھلار:
[1] مېنىرۋا - رىم ئەپسانىلىرىدىكى سەنئەت ۋە ئەقىل ئىلاھى.
[2] [1] زېنو مىلادىدىن ئىلگىرىكى 490-432- يىللاردا ئۆتكەن قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. ئۇچۇۋاتقان ئوق مىدىرلىمايدۇ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.