Jump to content

ۋلادىمىر مىنورسكي

ئورنى Wikipedia

ۋلادىمىر فيودوروۋىچ مىنورسكي (رۇسچە:Владимир Фёдорович Минорский؛ 1877-02-05—1966-03-25)[1] ئاق ئورۇس ئاكادېمىك، تارىخچى ۋە شەرقشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى؛ بولۇپمۇ ئىران ۋە ئىرانىي خەلقلەر (پارسلار، لۇرىيلەر ۋە كۇرتلار) بىلەن كارتۋەل لاز خەلقىنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، جوغراپىيەسى ۋە كۈلتۈر مەدەنىيەتى توغرىلىق قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن داڭلىقتۇر.

ھاياتى

[تەھرىر]

مىنورسىكى 1877 - يىلى 5 - فېۋرالدا موسكۋانىڭ شىمالىي غەربىدىكى، ۋولگا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا جايلاشقان تۋېر گوبىرنىيەسىگە قاراشلىق كورچېۋا شەھىرىدە تۇغۇلغان. بۇ شەھەر كۈنىمىزدە ئىۋانكوۋو سۇ ئامبىرى ئاستىدا قالغان.[2] دادىسى فىئودور م. مىنورسىكى، ئانىسى ئولگا مىنورسىكا (قىزلىق ئىسمى گولۇبىتسكى) ئىدى. مىنورسىكى موسكۋادىكى 4 - گىمنازىيە مەكتىپىنى ئالتۇن مېدال پۈتكۈزگەن.

1896-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىغا كىرىپ، 1900 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئاندىن كېيىن لازارېف شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىغا كىرىپ، 3 يىل دىپلوماتىيە كەسپىگە تەييارلانغان. 1902 - يىلى تۇنجى قېتىم قاجار ئىرانىغا سەپەر قىلىپ، ئۇ يەردە ئەھلى ھەق (Ahl-i Ḥaqq) دىنىغا دائىر ماتېرىياللارنى توپلىغان.

1903-يىلى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كىرىپ، ئىراندا دىپلومات بولۇپ خىزمەت قىلغان؛ ئالدى بىلەن تەبرىزدە باش كونسۇلخانىدا، كېيىنچە تېھراندىكى ئەلچىلىكتە (1904–1908)، شۇنداقلا سانكت-پېتېربۇرگتا (1908–1912) خىزمەت قىلغان.

1911 - يىلى تۆت دۆلەتلىك كومىتېت (ئەنگلىيە، رۇسىيە، ئوسمانلى ۋە ئىران) تەركىبىدە، شىمالىي غەربىي ئىراندا تۈرك-ئىران چېگراسىنى بەلگىلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان. شۇ يىلى ئۇ ئەھلى ھەق دىنى توغرىسىدا بىر ئەسەر نەشر قىلىپ، موسكۋادىكى ئىمپېرىيە تەبىئىي پەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئېتنۇگرافىيە بۆلۈمىدىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

بۇ مەزگىلدە ئۇ قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم كۇردچە قوليازمالارنىڭ بىرى، ھاجى نېئ‍مەتۇللاھ يازغان «فۇرخانۇل ئەخبار» ناملىق ئەسەر بولۇپ، مىنورسىكى كېيىنچە بۇ ھەقتە «Etudes sur les Ahl-i Haqq, I» ئاتلىق ماقالىسىنى يازغان (1928). ئۇنىڭ ئىراندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى، شۇنداقلا 1915 - يىلى سانكت-پېتىربۇرگتا رۇسىيە ئىمپېرىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شەرقنى تەتقىق قىلىشقا دائىر ماتېرىياللار» ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك مەنبە بولغان.

1915–1917 - يىللىرى ئارىلىقىدا تېھران رۇس ئەلچىلىكىدە ۋاكالەتچى ئەلچى (chargé d’affaires) بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1917 - يىلدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇسىيەگە قايتىش قىيىنلاشقانلىقى ئۈچۈن، 1919 - يىلى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە كۆچۈپ، ئۇ يەردە رۇسىيە ئەلچىلىكىدە ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە كاپكاز رايونىغا دائىر بىلىملىرى ۋېرسال ۋە ترىئ‍انون تىنچلىق كېلىشىملىرى مەزگىلىدە ناھايىتى پايدىلىق بولغان.

1923 - يىلى پارىژدىكى دۆلەتلىك شەرق تىللىرى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى (INALCO) دا پارس ئەدەبىياتىدىن دەرس بېرىشكە باشلىغان، كېيىنچە تۈركولوگىيە ۋە ئىسلام تەتقىقاتىنىمۇ ئوقۇتقان.

1930 - يىلى لوندوندىكى پارسى سەنئىتى خەلقئارا كۆرگەزمىسىنىڭ شەرق ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1932 - يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى مەكتىپى\SOAS تا پارس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان؛ 1933 - يىلى پارس ئەدەبىياتى ۋە تارىخى بويىچە دوتسېنت، 1937 - يىلى پروفېسسور بولغان، 1944 - يىلى پىنسىيەگە چىققان.

1934 - يىلى ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن فېردەۋسى مىڭ يىللىقى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە SOAS كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىگە كۆچۈرۈلگەن، مىنورسىكىلار شۇ يەردە ياشىغان. 1948–1949 - يىللىرى ئارىلىقىدا بىر يىلغا يېقىن مىسىر ھىدىۋلىكىنىڭ باشبالىقى قاھىرەدىكى فۇئاد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس بەرگەن.

1960 - يىلى مىنورسىكى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 23 - نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقشۇناسلار يىغىنىغا سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇسىيەگە قايتىپ باقمىغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كۈلى نوۋودېۋىچى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان؛ شەخسىي كىتابخانىسىنىڭ زور قىسمى لېنىنگرادقا بېغىشلانغان.

مىنورسىكى ھاياتى داۋامىدا نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن؛ جۈملىدىن:

  • 1943 — ئەنگلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى،
  • 1946 — پارىژ سوسىيېتە ئاسياتىكنىڭ شەرەپلىك ئەزاسى،
  • 1948 — بۇرۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتورى بولغان.

بەزى ئەسەرلىرى

[تەھرىر]

مىنورسىكى ناھايىتى مول ھوسوللۇق ئالىم بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالە نەشر قىلغان.

  • «مۇكرى كۇردىستانىدىكى موڭغۇل يەر ناملىرى» (Mongolica).
  • «ماكو قەدىمىي يادىكارلىقلىرى: سەپەر خاتىرىلىرى» — پېتروگراد، 1916-يىل.
  • «لۇلى سىگانلىرى ۋە پارس لۇرلىرى» — پارىژ، 1931-يىل.
  • «گۇران»، شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات مەكتىپىنىڭ بۈللېتىنى (Bulletin of the School of Oriental and African Studies)، XI-توم، 1943–1946-يىللار، 75–103-بەتلەر.
  • «كېلياشىن، توپۇزوۋ يېنىدىكى تاش ستون ۋە ئۇرمىيە كۆلىنىڭ ئەڭ قەدىمىي يادىكارلىقلىرى» — 1919-يىل.
  • «كۇردلار: خاتىرىلەر ۋە تەسىراتلار» — پېتروگراد: ۋ. ف. كىرشباۋم باسماخانىسى، 1915-يىل.
  • «كافكاز تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلار» — لوندون، 1953-يىل؛ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1957-يىل.
  • «قارا قويۇنلۇ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قەبىلىسى».
  • «شىرۋان ۋە دەربەنت تارىخى» — كامبرىج، 1958-يىل؛ موسكۋا، 1963-يىل.
  • «سۇلتاننىڭ رۇسىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا» — موسكۋا: А. А. لېۋېنسون تېز باسما شىركىتى، 1902-يىل.
  • «تۈرك–پارس چېگراسىنى بەلگىلەش» // رۇسىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتى خەۋەرلىرى، LII-توم، 5-سان — پېتروگراد، 1916-يىل.
  • «تەمىم ئىبن باھىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان سەپىرى».
  • «تَذْكِرَةُ المُلوك: سەفەۋىيلەر دەۋرىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش قوللانمىسى» — لوندون، 1943-يىل، 356 بەت.
  • «پارس دىنىي مەزھىپى ‹ھەقىقەت ئادەملىرى› ياكى ‹ئالى-ئىلاھىي›نى تەتقىق قىلىشقا دائىر ماتېرىياللار»، 1-قىسىم — موسكۋا: «كىرىستنىي كالېندار» باسماخانىسى، 1911-يىل.
  • «ئىستانبۇلدىكى كۆڭۈل ئېچىشلار: يازلىق تەسىراتلاردىن» / ۋ. ئو. م–سكى. — تىفلىس: گ. مېلىك-قاراقوزوف، 1903-يىل.
  • «ئىرانىكا» — لوندون، 1964-يىل.
  • «ئوتتۇرا ئەسىر ئىرانى ۋە ئۇنىڭ قوشنا رايونلىرى»، لوندون، 1982-يىل. (1931–1967-يىللىرى ئارىلىقىدا ئىنگلىزچە ياكى فىرانسۇزچە نەشر قىلىنغان ژۇرنال ماقالىلىرىنىڭ قايتا نەشرى؛ ئەرەبچە، گۇرانى-كۇردچە، پارسچە ۋە تۈركىي تىللاردىكى پارچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)
  • «ئوتتۇرا ئەسىر ئىرانى ۋە ئۇنىڭ قوشنا رايونلىرى» (ئىنگلىزچە) / مۇقەددىمە: C. E. Bosworth — لوندون: Variorum Reprints، 1982-يىل، 2-جىلد، 336 بەت. (توپلانما تەتقىقاتلار، № CS166). ISBN: 978-0-86078-114-1.
  • «ئەھلى ھەق» — ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.
  • «ئەھلى ھەق ھەققىدە تەتقىقاتلار» — دىنىي تارىخ ژۇرنىلى (Revue de L’Histoire des Religions)، XCVII-توم، 1-سان، 1928-يىل يانۋار.
  • «ئەھلى ھەق مەزھىپى ھەققىدە ئىزاھاتلار»، مۇسۇلمان دۇنياسى ژۇرنىلى (Revue du Monde Musulman)، XL-توم، 1920-يىل، 20–97-بەتلەر؛ XLIV–XLV-توملار، 1921-يىل، 205–302-بەتلەر.
  • «ئەھلى ھەق مەزھىپى ھەققىدە ئىزاھاتلار»، كىتاب شەكلىدە، پارىژ، 1922-يىل، 182 بەت (ماقالىلەرنىڭ 1920-يىللىق نەشرىگە ئاساسلانغان).
  • «15-ئەسىردىكى ئىران: تۈركىيە بىلەن ۋېنېتسىيە ئارىسىدا»، پارىژ: لېرو، 1933-يىل.
  • «10–11-ئەسىرلەردىكى شىرۋان ۋە دەربەنت تارىخى»، كامبرىج، 1958-يىل.
  • «‹ئەكمەل مەرجان›دا خازارلار ۋە تۈركلەر».

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. Минорский ماددىسى، 2025-12-18- كۈنى مۇقىمدالدى.
  2. Lang, D. M. (1966). "Obituary: Vladimir Fedorovich Minorsky". Bulletin of the School of Oriental and African Studies. 29 (3). University of London: 694–69.