Jump to content

ۋىتامىن «س» نىڭ 30 خىل پايدىلىق رولى

ئورنى Wikipedia

ۋىتامىن «س» نىڭ 30 خىل پايدىلىق رولى


ۋىتامىن C ئىنسان ئورگانزىمى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكىچە تېزىپ چىقىشقا بولىدۇ:

1. بەدەننىڭ ھەرخىل بۇلغىنىشلارغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

2. سوغۇق تېگىشكە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ۋە چىداملىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

3. ھالەت ئۆزگىرىش رېئاكسىيىسىگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

4. راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5. مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

6. جىگەر، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

7. بۆرەكنى قوغدايدۇ.

8. ئۇمۇرتقا، ئۇستىخان ئۆسمىسى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.

9. بەل قايرىلىپ كېتىش ۋە سانجىق تۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

10. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

11. سۇنۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە تاشقى جاراھەتنى تېز ساقايتىدۇ.

12. كۆيۈكنى تېز ساقايتىدۇ.

13. كۆك يۆتەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

14. تولغاقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

15. قوقاققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

16. كىشىنى قېرىتمايدۇ.

17. زېھنىي كۆرسەتكۈچنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، مۈڭگۈز پەردىنى قوغدايدۇ.

18. خولېستېرىننىڭ تۆۋەنلىشىدە، شۇنداقلا روھىي كەيپىياتنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

19. كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆزنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىش، كۆرۈش پەردىسى ئاجراش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

20. بوغۇم ياللۇغىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

21. رېماتىزم خاراكتېرلىك قىزىتمىلىق كېسەللەرنى يەڭگىللىتىدۇ.

22. ھامىلدارلىق ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

23. ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

24. تاش ئۇيۇشۇش ۋە ھەر خىل تاش چۈشۈش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

25. تاماكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

26. نېرۋا كېسەللىكى ۋە ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىنى يەڭگىللىتىدۇ.

27. قەنت سىيىش كېسەللىكىنى يەڭگىللىتىدۇ.

28. قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسەللىكىنى يەڭگىللىتىدۇ.

29. قاندىكى «خولېستېرىن» مىقدارى ۋە ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

30. ھۆل تەمرەتكە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.


ۋىتامىن C غا ھەممە ئېھتىياجلىق

  1. ئاسان چارچايدىغان كىشىلەر كۈنىگە 0.5-0.3 گرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  2. كۈچلۈك ھەرىكەت ياكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەرىكەت ياكى ئەمگەكتىن ئىلگىرى 0.5-0.3 گرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  3. سۆڭىكى ئاسان سۇنىدىغانلار كالتسىي تولۇقلاش بىلەن بىرگە ھەر كۈنى 0.5 گرام ۋىتامىن C تولۇقلىشى شەرت.

  4. قان ئازلىق كېسىلى بارلار ھەر ۋاقىت تاماقتىن كېيىن 0.3 گرام ۋىتامىن C تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.

  5. 50 ياشتىن ئاشقانلار ھەر كۈنى كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C نى قوشۇپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  6. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى 0.03 گرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  7. قاندىكى مايسىمان تەركىبىي يۇقىرى كىشىلەر كۈنىگە 0.5 گرام ۋىتامىن C نى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.

  8. يۈزىدە چوڭقۇر پىگمېنت بارلار ھەر كۈنى 0.5 گرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  9. كېسەل سەۋەبىدىن ۋىتامىن C كۆپ مىقداردا خوراپ كەتكەنلەر ھەر كۈنى 0.5 گرام ئەتراپىدا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

قىش مەزگىلىدىكى ۋىتامىن C

  تەتقىق قىلىنىشىچە: ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن C قىش مەزگىلىدە ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا ئۇنى تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قارىغاندا، ۋىتامىن C نى تۆۋەندىكىدەك يېمەكلىكلەردىن تولۇقلاشقا بولىدىكەن:

  1. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى: قىش كۈنلىرى پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلغاندا ئۇنىڭدىن ۋىتامىن C غا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

2. قازغان سەيلەر، مەسىلەن: بەرەڭگە، خۇڭشۇ قاتارلىق سەيلەردە ۋىتامىن C مول بولۇپ، قىش كۈنلىرى ساقلانغان بەرەڭگە، خۇڭشۇ قاتارلىق سەيلەردىن خېلى كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C غا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

  3. تۇرۇپ: تۇرۇپتىمۇ ۋىتامىن C كۆپ بولۇپ، قىش كۈنى ساقلانغان تۇرۇپتىنمۇ ۋىتامىن C غا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

  4. جىگەرلەر: تۈرلۈك ھايۋانات جىگەرلىرىدە ۋىتامىن C كۆپ بولىدىكەن. ئۇنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن C غا ئېرىشىپلا قالماستىن يەنە كۆپلىگەن مىنېرال ماددىلارغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

  5. مېۋىلەر: قىش كۈنلىرىدىكى مېۋىلەر ئىچىدە چىلان، ئاپلېسىن، دۇلانا قاتارلىق يېڭى مېۋىلەردىنمۇ مول بولغان ۋىتامىن Cغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن.