Jump to content

ۋىجدانسىز مەھبۇسلۇق ۋە قەدىرلەنمەيۋاتقان پۇرسەتلىرىمىز

ئورنى Wikipedia

ۋىجدانسىز مەھبۇسلۇق ۋە قەدىرلەنمەيۋاتقان پۇرسەتلىرىمىز

ئىنسان ئەسلىدە تەبىئىتىدىن سۈزۈك روھلۇق يارالغان. پىترەت (تۇغما ساپ ئىنسانىي تەبىئەت) بولسا ئاشۇ سۈزۈك روھلۇق ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى جەۋھەردۇر. ئىنساندىكى بارلىق ئەخلاقىي قىممەتلەر، گۈزەللىك ۋە سەتلىك ئېڭى، ھەقىقەت ۋە ئادالەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت ۋە ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتلەر پىترەتتىن ئىبارەت بۇ جەۋھەردە مۇجەسسەملەنگەن. دەۋرنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى دىكارتنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، پىترەت تەڭرىنىڭ ئىنساندىن ئىبارەت بۈيۈك ئىجادىغا باسقان تامغىسىدۇر. مەزكۇر پىكىر ئىسلامدىكى پىترەت چۈشەنچىسى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان نەرسە ئۇنىڭدىكى پىترەت ۋە بۇ پىترەتكە يۇغۇرۇلغان ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي قۇۋۋەتلەر ھەمدە قىممەت قاراشلاردۇر. ھەقىقىي مەنىدىكى ياشاش يولىمۇ ماھىيەتتە پىترەتكە ئۇيغۇن ياشاش يولىدۇر. بىلىم - مەرىپەت، ئەقىل، دىن ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ پىترىتىگە ئۇيغۇن ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت. ھەممىسىنىڭ خىزمىتى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى تاماملاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. بۇ سەۋەبتىن بىلىم ئەگەر پىترەتتىن ياتلاشسا رولىنى يوقىتىدۇ. دىن پىترەتتىن ياتلاشسا ئازغۇنلىشىدۇ. ئەقىل پىترەتتىن ياتلاشسا ئاشقۇنلىشىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىنى بىر جۈملىگە يىغىشقا توغرا كەلسە «پىترەتلىك ياشاش ياكى پىترەتنى تاماملاش جەريانى» دەپ ئىپادىلەش مۇمكىن.

ئىنسانىي پىترەتنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى كونكرېت ئىپادىسى، كىشىنىڭ ئۆزىگە، ياراتقۇچىسىغا ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىدە، مەسئۇلىيىتى ۋە سەمىمىيىتىدە مەلۇم بولىدۇ. پىترەتنىڭ تىپىك ئىپادىسىنى يەنە ئىنساننىڭ پىنھان چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن ھېساب ئالالايدىغان ۋىجداننىڭ بولۇش - بولماسلىقى بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن. چۈنكى ۋىجدان كىشىلىك ئەخلاق، قانۇن - تۈزۈمدىن ۋە باشقا ھەرقانداق تەلىمات ۋە بۇيرۇقلاردىن ئاۋۋال ئىنسانغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىدىغان، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى توغرىلىققا يېتەكلەيدىغان مۇھىم ئامىل. ۋىجدان بىلەن يۈزلىشىشنى بىلمىگەن ئىنسانلىقىدىن ياتلىشىدۇ، مەنپەئەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق تىپلاردا نۇمۇس تۇيغۇسى ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئادىمىيلىك مىزانلىرى ھېچ نەرسە. كۈنىمىزدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ھېلىقىدەك ھېچقانداق ئۇلۇغۋار دەۋاسى يوق، مەنپەئەت ئۈچۈن گاھ ئاتىدىغان، گاھ ياتىدىغان، گاھ دوڭغىيىدىغان تىپلار ئەنە شۇنداق پىترىتى ئۆلگەن، نۇمۇس - ھايانى يوقاتقان تىرىك مۇردىلاردۇر. ۋىجداننىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئادەمدىن ئادىمىيلىك، ئىنسانلىق كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. كىشىلىك جەمئىيەتتە ئەخلاقىي مىزانلارنىڭ رولى جىددىي. ئىنسان ئىنسانىي ئاتموسفېرادا ياشايمەن ۋە بۇ ئاتمۇسفېرانى قوغدايمەن دەيدىكەن، ئۇنىڭدىكى قىممەتلەرگە، ئادىمىيلىك مىزانلىرىغا رىئايە قىلىپ ياشىشى ۋە بۇنى ئىنسانىيلىق جەھەتتىن ھەرقانداق شارائىتتا يوقىتىپ قويسا بولمايدىغان ئايرىلماس مىزانى، شەرىپى ۋە بۇرچى دەپ بىلىشى لازىم.

دەرۋەقە، ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى ئىنسانىي توپنىڭ ھالاكىتى. بىر جەمئىيەت ئەزاسى ئۈچۈن ئەخلاقىي مىزانى يوق بولغان ياشاشنى تاللىشى تەۋەلەنگەن جەمئىيەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي تەۋەلىكتىن ئىبارەت شەرەپ مەرتىۋىسىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئۆزىنى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىيدىغان تۈپ پەرقنى يوقىتىش تاللىشىدۇر. بۇنداق ئىنسان تىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە كەلسەك، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارىنىڭ زامانىمىز مائارىپى ئىكەنلىكىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز. ئەگەر مەۋجۇت كىرىزىسلىرىمىزنىڭ چوڭ قىسمىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەيدىغان بولساق، مائارىپ بۇنىڭ ئەڭ توغرا ئادرېسى بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى دۇنيا مائارىپىنىڭ ئەخلاق ۋە ئەدەپ - يوسۇنغا تۇتقان مۇئامىلىسى، ئەخلاقىي قىممەت قاراش ئىدىيەسى دەل ئىنساننى ئىنسانلىق مەرتىۋىسىدىن تۆۋەنلەتكۈچى ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراشنى مەنبە قىلغان، پىترەتنى مەركەز قىلمىغان روھسىز ئەخلاق ئىدىيىسىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، بۈگۈنكى زامانىۋى مائارىپ ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغا، يۈرۈش تۇرۇشىدىن تاكى مىجەز - خۇلقى، تەبىئىتىگە قەدەر پوزىتىۋىزملىق ۋە ماتېرىيالىزملىق تەسىرىنى يۇقتۇرۇش بىلەن خاراكتېرلەنگەن. ئەلۋەتتە بۇ خىل خاراكتېر ھەرقايسى جەمئىيەتلەردىكى كۈچى، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قوللىشى، تەربىيە سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارغا بېقىپ پەرقلىق نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەسىرنىڭ ئىنسانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەلۋەتتە بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىمۇ مەزكۇر مائارىپ ھۆكۈم سۈردى ۋە سۈرۈپ كەلمەكتە. مائارىپىمىز ئۆز قولىمىزغا تەگمەي ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ئاسارەتلىك ھاياتتا زور بىر قىسىم ئەۋلاد ئەنە شۇ ماتېرىيالىستىك مائارىپ تۈزىمىنىڭ يېغىدا قورۇلۇش قىسمىتىدىن خالىي بولالمىدى. گەرچە ئىپتىدائىي شەكىلدە داۋاملىشىپ كەلگەن مەدرىسە مائارىپىمىز ئېغىر توسالغۇلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىمىزنى قوغداپ، مەدەنىي مىراسلىرىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالقان بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىسلاھسىز قېلىش ۋە ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىشتەك تۈرلۈك تۈمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەزىپىسىنى يېتەرلىك ئادا قىلالمىدى. تەسىرى جەھەتتىنمۇ مىللەتنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالدى. بەلكى ئاشۇ ئاز بىر قىسىملار ئىچىدىمۇ بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، كۆرۈلگەن بۇ يېتەرسىزلىكلەر ئوخشاشلا كۈتۈلمىگەن كىرىزىسلارنى تۇغدۇرۇشتىن ساقلىنالمىدى. ئەخلاقىي كىرىزىس ئەنە شۇ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەر جۈملىسىدىندۇر.

زامانىمىز ئۇيغۇرلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئەخلاقتىن ياتلىشىش، شەخسىيەتچى، مەنپەئەتخومار بولۇش، دۇنياپەرەسلىشىش، ئەنئەنىنى تاشلاپ خاراكتېرى باشقا مىللەت ۋە باشقا دىنغا مەنسۇپ بولغان، ھەمدە ئىدىيە ئاساسى ماتېرىيالىزمغا تۇتىشىدىغان ياكى شۇنىڭدىن كەلگەن مەدەنىيەتكە يۈزلىنىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى. مانا بۇ تۇپراقلىرىمىزغا قەدەر ھۆكۈمىنى ئۆتكۈزگەن زامانىۋى مائارىپنىڭ ئېلىپ كەلگەن كىرىزىسى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەكلىك دائىرىگە ۋە چەكلىك ئىمكانىيەتكە ئىگە بولالىغان مەدرىسە مائارىپىمۇ ئىپتىدائىيلىقى ۋە قاتماللىققا يۈزلىنىپ كېتىشى سەۋەبلىك بىنورماللاشقان ئەخلاق مودېلىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقىشتەك يەنە بىر كىرىزىسنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى. بەش ۋاقىت نامازدىن قالمايدىغان، ئەمما كىشى ھەققىدىن قاچمايدىغان، ساقال ۋە تۇرقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، لېكىن مەنىۋى ئەخلاقىغا، ئادىمىيلىك مىزانلىرىغا رىئايە قىلىپ كەتمەيدىغان، خۇدا بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدە شەكىلۋاز، رىياكار، بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلىدە شەپقەتسىز ۋە سەمىمىيەتسىز بولىدىغان، يات مىللەت ۋە يات مەدەنىيەتلەرگە ھەۋەسلىنىپ ئۆز - ئۆزىدىن كەمىسىنىدىغان، ئائىلىسىگە ۋە ئەتراپىغا نەپرەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، دۇنيانى، مەنپەئەتنى دەپ قان - قېرىنداشلىق، دىنداشلىق، ۋەتەنداشلىق، يۇرتداشلىق رىشتىنى بۇزىدىغان، بىر تېررىتورىيەنىڭ، بىر قىبلىنىڭ ئەھلى تۇرۇپ يۇرتۋازلىق قىلىدىغان بىنورمال ئىنسان تىپىنىڭ، پارادوكسلىق ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە مەزكۇر مائارىپتا ئوتتۇرىغا چىققان يېتەرسىزلىكلەرنىڭ چوڭ ھەسسىسى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، كوممۇنىزملىق ئىدىيەسىنى مەركەز قىلغان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېھنى بىلەن ئويناش، زەھەرلىك ئىدىيە ۋە قاتمال دۇنيا قاراش تىكلەشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مىللەتتىكى پىترەت بۇزۇقلۇقى، ئاڭ بۇلغىنىش، ئەخلاقىي ئاينىش قاتارلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك توزغاق ھالىغا كەلگەن، چىقىشالماس، چۈشىنىشەلمەس، كېلىشەلمەس، كېلىشسىمۇ كېلىشكىنى بويىچە ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلالماس بىر توپلۇمغا ئايلىنىپ قېلىشىمىزدا، بىرلىشىشتىن ئىبارەت ئوخشاش ئىستەككە ئىگە ئەمما پەرقلىق يوللارغا چېچىلغان، ئورتاقلىق قۇرالمايدىغان بىر خەلق بولۇپ قېلىشىمىزنى دەۋرىمىزدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدىن، رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئەخلاقىي يىمىرىلىش ھەقىقەتەن بىر جەمئىيەتنىڭ ھالاكەت سىگنالى. بۇ پەقەت ئەخلاقشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ كۈچلۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بولۇپلا قالماي سىياسىيونلارنىڭمۇ ئورتاق تەشەببۇسىدۇر. ناپالىئوننىڭ ئېيتقان مۇنۇ سۆزى پىكرىمىزنىڭ جانلىق دەلىلى: «ئەخلاقىي پىرىنسپلىرىنى يوقاتقان مۇئەسسەسەلەر چوقۇم ۋەيران بولۇپ تۈگەيدۇ».

ئەخلاقىي يىمىرىلىش قاپلىغان توپلۇمدا ئىناقلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمىغىنىدەك، ئىناقسىز توپلۇمدىن بىر غايە ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغان كوللېكتىپنىڭ چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خەلق تۇرمۇشىدا، مۇئامىلە، يۈرۈش تۇرۇش، كېيىم كېچەك، سەنئەت ۋە قۇرۇلۇشلىرىدا مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلار ئەكس ئەتمىسە، خاسلىقى، پەرقى گەۋدىلەنمىسە، قىممەت قاراشلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ھاياتىدا كۆرۈلمىسە، رولى يوقىسا، ئېنىقكى بۇنداق جەمئىيەتتە ئەخلاقىي يىمىرىلىش ۋە چۈشكۈنلۈك بازار تاپقان بولىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە بىلىمنىڭ ئەمەس نوپوزنىڭ، ھەقىقەتنىڭ ئەمەس سەپسەتىنىڭ ئېتىبارى ئاشىدۇ. ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرغۇچى دىن، تىل، مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ سۇيئىستېمالچىلىق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ساھەلەرنى نائەھلىلەرنىڭ قاپلاپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم مەنىدە توپلۇمنىڭ ئەخلاقىي يىمىرىلىشقا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر بىر توپلۇم يۇقىرىقىدەك قىسمەتكە مۇپتىلا بولسا، بۇ توپلۇم چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى زۆرۈر. ئىسلاھات يولى ئىزدەنمەك بۇ توپلۇمنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بۇرچى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن قانات يايدۇرۇش بۇ توپلۇم ئىچىدىكى سەرخىللارنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەتلىرىدىندۇر. ئەكسىچە بۇنداق بىر يۆنىلىش مەيدانغا كەلمەي ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن، ئۆز تېرىكچىلىكى ۋە دۇنيالىق غەملىرى بىلەن ئۆتۈپ كەتكىنىدە، توپلۇمنىڭ بارار يولى ھالاكەت بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەلۋەتتە ھالاكەت كەلگەنگە قەدەر ئاشۇ ھالاكەتكە ھەقلىق بولغان توپلۇم تولۇق شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ. ھالاكەت ئۆز نۆۋىتىدە ئىلاھىي جازادۇر. ۋەتىنى تۇرۇپ ۋەتەنسىز قېلىش، مەدەنىيىتى تۇرۇپ مەدەنىيەتسىزلىشىپ كېتىش، ئېتىقادى تۇرۇپ ئىمانسىزلىشىپ كېتىش، ئىنسان تۇرۇپ ئادىمىيلىكىنى يوقىتىش، بايلىقى تۇرۇپ يوقسۇز قېلىش، قۇرئانىي تۇرۇپ ھىدايەتسىز قېلىش، تىلى تۇرۇپ چۈشىنىشەلمەسلىك، دەردى تۇرۇپ ھېچيەرگە سۆزىنى ئاڭلىتالماسلىقلار ھالاكەتتىن ئاۋۋالقى سىگناللاردۇر. بۇ خۇددى قۇرئاندا مىسال قىلىنغان غايەت زور كەلكۈن ئېلىپ كەلگۈچى شىددەتلىك يامغۇردىن ئاۋۋال بېشارەت بەرگۈچى گۈلدۈرماما، دەھشەتلىك چاقماق ئاۋازلىرىغا ئوخشايدۇ. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئۆتمۈشتە ئىلاھىي جازالار ئۇشتۇمتۇت كېلىش بىلەن گەدەنكەشلىكىدە چىڭ تۇرغان، ئىسلاھاتنى سۆيمەيدىغان مىللەتلەرنى ھالاك قىلىپ تاشلىغان. بىراق بۇ ئۈممەتنىڭ ئەھۋالى پەرقلىق. چۈنكى بۇ ئۈممەت پەرقلىق ئۈممەت، پەرقىنى جارى قىلدۇرۇش پوتېنسىيالغا ئىگە، بۈيۈك قۇرۇلۇشلارغا كېرەكلىك خام ماتېرىياللىرى تولۇقلاپ بېرىلگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىلگەن ئۈممەت. ئاخىرقى پەيغەمبەردىن ئىلگىرىكى دۇنيا بىلەن كېيىنكى دۇنيانىڭ يۆنىلىشى پەرقلىق بولغانلىقىدەك رېئاللىقتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھالاكەت بۇ ئۈممەتنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۇنداق ئۇشتۇمتۇت كېلىشى ناتايىن. ھەدىستە ئېيتىلغاندەك، زالىمنىڭ قولىدا جازالىنىش، ئىچكى يىمىرىلىش كەبى ئاستا خاراكتېرلىك ۋە ئېچىنارلىق بىر شەكىلدە باشلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭغا يەنە ئەخلاقىي يىمىرىلىش، ئىلمىي چېكىنىش، مەدەنىي ياتلىشىشقا ئوخشاش كۈنىمىز رېئاللىقىنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرىنىمۇ باغلاشقا بولىدۇ. سىناقلار ۋە سىگناللار ئالدىدا سەگەك تۇرۇش تەقدىرىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. ھېلىھەم ئۈمىدىمىز يوقالمىغان بولسا، ئۆز - ئۆزىمىزدىن «ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئەستايىدىل بولىۋاتامدۇق يوق، ئىسلاھ بولۇشنى يۈرەكتىن سۆيمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدۇقمۇ، يوق، مۇنداقچە ئېيتقاندا، داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىغان ئاڭلىق بىمار مىسالى ئىرادىسى قەتئىي، پوزىتسىيەسى سەمىمىي بولىۋاتامدۇق يوق» دېگەنلەر ئۈستىدە ۋىجدانىمىزدىن سوراپ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەگەر ۋىجداندىن سىزنى چۈچۈتكىدەك، ياتقان يېرىڭىزدىن تىك تۇرغۇزۇۋەتكىدەك ئىنجا چىقماي قالسا بىلىڭكى سىز ۋە ئۇرۇقىڭىز دۇنيانىڭ جازا كۈتۈپ ياتقان بىر مەھبۇسى، مەھبۇس بولغاندىمۇ ۋىجدانسىز مەھبۇسىدۇر.

بىز قاسساپ ئېغىلىدا جان بېرىش كۈنىنى ساناپ ئۆتكۈزۈۋاتقان چاھارپايدىن پەرقى يوق مەھبۇس ئەجدادلاردىن بولۇپ قېلىشنى تاللامدۇق، ياكى غەپلەتتىن ئويغىنىپ ئىلىمنىڭ، ھېكمەتنىڭ، مەرىپەتنىڭ ئىزىدىن يۈرەمدۇق، شۇنىڭدەك، ئېڭىمىزنى، زېھنىيىتىمىزنى ئىشغال قىلغان پارازىت ئىدىيەلەردىن قۇتۇلۇش كۆرىشى ئېلىپ بېرىپ سىياسىي ئەركىنلىكىمىزنى ئەبەدىيلىكتە تۇتۇپ تۇرغۇچى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسانىي ھۆرلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتلىنامدۇق، روھىي، زېھنىي قۇللۇق ھالىتىنى تەلتۈكۈس پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىلاھىي يېتەكچىلىككە ماس بولغان ئىسلاھاتنى قولغا كەلتۈرەمدۇق، يوق دېگەنلەر ھەققىدە كاللىمىزدا ئېنىق سان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بىزنى بىز قىلىپ تۇرغۇچى قىممەتلىرىمىز، مەدەنىي ۋە دىنىي مىراسلىرىمىز قولىمىزدىلا بولىدىكەن، بۇلاردىن ئېتىقاد يولىمىزنى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىمىزنى، مىللىي مەپكۇرىمىزنى، ئۇيغۇرلۇق روھىمىزنى قايتا شەكىللەندۈرۈپ چىقىشقا ھەر قاچان ئۈمىد بار. ئۈمىد بار دېگەنلىك، ھېلىھەم دۈشمەن ئالدىدا تىك تۇرالايدىغان قەددىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەلەيمىز دېگەنلىكتۇر. ئۈمىد بار دېگەنلىك ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش يولىمىز تۈگەپ قالمايدۇ، بىزنى ھۆرلۈكتىن مەھرۇم قېلىش بىلەن توختاپ قالماي، ئۈمىدىمىزنىمۇ پاچاقلاپ تاشلاش كويىدا بولۇۋاتقان، ئىزچىل روھىيتىمىزنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغان رەزىللىكى قالمىغان ياۋنى ئۈمىتىسز قالدۇرۇش، ئۇرۇنۇشلىرىنى يوققا چىقىرىش، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىمىز بار دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، بىزنىڭ غەلىبىمىز شەكسىز ھالدا دۈشمىنىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر.

يازار: بۇرھان مۇھەممەد

2019-07-23


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى