ۋۇجىڭ(ئويۇنچى)

ئورنى Wikipedia

ۋۇجىڭ 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋىرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسورى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋۇجىڭ
باشقا نامى گۇمپىچى سولتەك
مىللىتى مانجۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
كەسپى ئارتىس، رېژىسسور
توختاملاشقان شىركەت 音华娱乐
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吴京
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ
بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋىرسىتېتى
چەتئەلچە نامى Jason Wu、오 경

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ۋۇجىڭ فىلىمدە

ۋۇجىڭ 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋىرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسورى.

1989-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك چامباشچىلىق ئەترىتىگە كىرگەن.

1994-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى بىلەن چېمپىيون بولغان.

كەسپى ھاياتى[تەھرىرلەش]

1998-يىلى «تەيجى گۇمپىسى پېشۋاسى» ناملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرغا قاتنىشىپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

1999-يىلى«ئۇچقۇر پىچاق» تېلىۋىزىيە-تىياتىرغا قاتناشقان.

2001-يىلى «جىياڭشەن ئوغۇل-قىزلىرى» ناملىق تېلىۋىزىيە-تىياتىردا باش رول ئالغان.

2012-يىلى 12-ئايدا «مەن ئالاھىدە ئەسكەر 2» ناملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرغا قاتناشقان.

ۋۇجىڭ كىنو ساھەسىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسلارنىڭ بېرى بولۇپ، ئۇ قاتناشقان كىنو-فىلىملەر دېگۈدەك مۇكاپاتلىنىپ كەلمەكتە.

2015-يىلى ئۇ قاتناشقان «جەڭ بۆرىسى» ناملىق كىنو كەڭ كىنوخانلاردا قويۇلغان.

ۋۇجىڭ 2012-يىلى 12-ئايدا يېڭى يىلدا يېڭى كىيىم مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەلچىسى»، نىڭشيا خەييۈەندىكى كىچىك دوستلار ئۈچۈن ئىللىقلىق يەتكۈزگەن. ۋۇجىڭ بالىلارغا يەنە 500 قۇر يېڭى يىللىق يېڭى كىيىم ئىئانە قىلغان.

ۋۇجىڭ بىلەن شيې نەن بىرلىكتە 2013-يىلىدىكى شاڭخەي سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى يۈرەك فوندى ئۇيۇشتۇرغان «2013-يىللىق جۇڭگو خەيرى-ساخاۋەت كەچلىك زىياپىتى»گە قاتناشقان ھەمدە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلىغان.

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 30–نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئەزىز مېھمان بۇلۇپ قاتناشقان.

شان شەرەپ[تەھرىرلەش]

فىلىم ساھەسىدە[تەھرىرلەش]

2007-يىلى 10-ئايدا  44-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ھەرىكەتلىك فىلىم ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ئەڭ ياخشى ماھارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ئەڭ ياخشى مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشى لايىھەلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ھەرىكەت ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 5-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) ئادەتتىكى ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېل ئاسىيا تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 5-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) ئادەتتىكى ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېل ئاسىيا تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 6-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) بىرىنچى، 12-نۆۋەتلىك كىنو توغرىسىدا قانال ئاخبارات مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  

2015-يىلى 6-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) بىرىنچى، 12-نۆۋەتلىك كىنو توغرىسىدا قانال ئاخبارات مۇكاپاتى تەشكىلىي كومىتېتى تونۇشتۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 6-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) بىرىنچى، 12- نۆۋەتلىك كىنو توغرىسىدا قانال ئاخبارات مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 5-ئايدا 22-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالى ئەڭ ياخشى تۇنجى ئىجادىيەت شەرىپىگە ئېرىشكەن.

2016-يىلى 8-ئايدا 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو خۇابياۋ كىنو مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 8-ئايدا 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى بارچە گۈللەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 8-ئايدا 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى بارچە گۈللەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 8-ئايدا 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى بارچە گۈللەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى سېنارىست مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

گۇمپىچىلىق ساھەسىدە[تەھرىرلەش]

1984-يىلى بېيجىڭ چامباشچىلىق مۇسابىقىسى چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1986-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى مۇشت، مىلتىق، قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1987-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى مۇشت، مىلتىق، قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1989-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى مۇشت، مىلتىق، قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1991-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى نەيزىۋازلىق، مەشىق قىلىپ چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى ماھىرلىرى مۇسابىقىسى نەيزىۋازلىق، مەشىق قىلىپ چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى جۇڭگو گۇمپىسى يېڭى كۈچلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مودىللىق ساھەسىدە[تەھرىرلەش]

2013-يىلى سوخۇ مودا مۇراسىم يىللىق مودا ئەر چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

شەخسى ھاياتى[تەھرىرلەش]

ۋۇ جىڭ 2014-يىلى 1-ئايدا داڭلىق رىياسەتچى شې نەن بىلەن توي قىلغان.

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى