ۋېي لياڭتاۋ
ۋېي لياڭتاۋ (خەنچە:魏良弢؛ پىنيىن:Wèiliángtāo؛ 1933.08.03، شەندۇڭ، چاڭيى، لوڭچى يېزىسى —) خەنزۇ، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى. سابىق جۇڭگو مىللەتلەر تارىخى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى. ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارى خانلىقلىرىدىن يەركەن خانلىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان.
كەچمىشى
[تەھرىر]1949 — 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ۋېيفاڭ (潍坊) شۆبىسىدە بوغالتىر بولۇپ ئىشقا چۈشكەن.
1956 — ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەكەن ناھىيىسىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مائارىپ خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان.
1978 — شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى ۋە بۆلۈم باشلىقى بولغان.
1985 — نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە 1987-يىلى تەتقىقاتچىغا ئۆستۈرۈلگەن.
ئەسەرلىرى
[تەھرىر]ئاساسلىق كىتابلار:
[تەھرىر]- «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان» (《喀喇汗王朝史稿》) (خەنزۇچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986 - يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2000 - يىل.
- «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان» (《叶尔羌汗国史纲》) (خەنزۇچە)، خېيلوڭجياڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1994 - يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999 - يىل.
- «غەربىي لياۋ سۇلالىسى تارىخى تەتقىقاتى» (《西辽史研究》)، (خەنزۇچە) نىڭشيا خەلق نەشرىياتى، 1987-يىل،
- «غەربىي لياۋ سۇلالىسى تارىخىدىن ئومۇمىي بايان» (《西辽史纲》)، خەلق نەشرىياتى، 1991- يىل.
- «ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تارىخى» (中亚民族史)، 刘正寅 بىلەن بىرگە، سەنلىيەن كىتاب دۇكىنى (三联书店)، 2024 - يىل.
ئاساسلىق ماقالىلەر:
[تەھرىر]- «قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئىسمى توغرىسىدا» (《关于喀喇汗王朝的起源及其名称》)، تارىخ تەتقىقاتى (《历史研究》) ژۇرنىلى، 1982 - يىل (2)
- «قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۇيغۇر كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تولۇقلىما دەلىل» (《喀喇汗王朝起源回鹘说补证》)، تارىخ تەتقىقاتى ، 1983 - يىل (2)
- «قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىقتىسادىغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە» (《喀喇汗王朝经济的几个问题》)، مىللەتلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى، 1983 - يىل (4)
- «غەربىي لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە خەن مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، (《西辽时期汉文化对中亚的影响》) تارىخ تەتقىقاتى، 1985 - يىلى (4)
- «يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇستەھكەملىكىنشى» (《叶尔羌汗国的创建和巩固》)، شنجاڭ ئۇنىۋ. ئىلمىي ژۇرنىلى پەلسەپە، ھۇمانىتار ئىلىملەر ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر سانى (《新疆大学学报哲学人文社会科学版》)، 1991 - يىل (3)
- «غەرب دىيار تارىخىدىكى بىر خىيال: «مۇقەددەس ئىسلام دۆلىتى» ياكى «خوجالار دەۋرى» ھەققىدە تەتقىقات (《西域史上的一个幻影——“伊斯兰神圣国家”或“和卓时代”考实》)، جۇڭگودىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى، 1992 - يىل (4)
- «ۋاپادارلىقنىڭ تارىخى تەتقىقاتى: ئالدىنقى چىن دەۋرى» (《忠节的历史考察:先秦时期》)، نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ژورنىلى (پەلسەپە، ھۇمانىتار ئىلىملەر ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر)
- «جۇڭگو تارىخىدىكى چوڭ ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار جەريانىدا ئۆلىمالارنىڭ قىممەت يۆنىلىشى» (《中国历史上社会大动乱时期士人的价值取向》)، «جياڭخەي ژورنىلى» (《江海学刊》)، 1998 - يىل (1)
- «قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلە» (《关于喀喇汗王朝起源的几个问题》)، مىللەتلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى، 2000 - يىل (4)
- «تۈرك قاغانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» (《突厥汗国与中亚》)، غەربىي رايون تەتقىقاتى (《西域研究》)، 2005 - يىل (3)
مەنبەلەر
[تەھرىر]نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئورگان تور بېتى. 2025- يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇقىمدالدى.