Jump to content

ۋەتەن ئاشىقى

ئورنى Wikipedia

شېئىر بىر كۈلتۈرنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر. گېگىلنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، شېئىر بارچە سەنئەتنىڭ خۇلاسىسى، نېگىزى. شېئىر ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزلۈكنىڭ پەرقىگە بارغان، پەلسەپەلەشكەن بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەسىرىدۇر. ئۇ ئويغاقلىقنىڭ چوققىسىنى ئىپادە قىلار. شېئىر نە پەقەت كۈيلىمەيدۇ، بەلكى كۈيلەۋاتقانلىرىنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرىدۇ، شېئىر نە پەقەت تەسۋىرلىمەيدۇ، بەلكى رەسىمگە ئالىدۇ. شائىرلار بۇ تىلنىڭ مېمارلىرى بولۇپ، يۈرەكتىن يېزىلغان شېئىر تىلغا جان، دىلغا روھ بېرىدۇ. «شېئىر يازغان بىر كۈلتۈر قولاي يېڭىلمەس، ئاسانلىقچە پۈكۈلمەس» دەيدۇ مۇتەپەككۇرلىرىمىز. ئانا تىل كۈيلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تىلنىڭ مېمارلىق ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئىزباسارلىقىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان مىننەتسىز ئانا تىل پەرۋىشكارلىرىغا سالام بولسۇن! ئەنە شۇ پەرۋىشكار شائىرەلىرىمىزدىن سەرۋى ھۈسەيننىڭ تۆۋەندىكى يالقۇنلۇق شېئىرى ھۇزۇرۇڭلاردا:


ۋەتەن ئاشىقى

سەرۋى


كېزىپ ئەللەرنى ھېچ كۆرمەم سېنىڭدەك جەننىتى رىزۋان،

تىلىمدا زىكرىدۇر ئىسمىڭ، ئوتۇڭدا يانغىنىم يانغان.

مۇساپىرلىق پېتىپ جانغا، سېنىڭ قەدرىڭنى بىلدۈردى،

كۆزۈمگە تۇپرىقىڭ سۈرسەم، قالارمۇ باشقا بىر ئارمان.

غېرىب باشىمنى ئېپ كەتتىم، سېنى باسقاندا ياۋ - دۈشمەن،

قەرزدارمەن ساڭا مەڭگۈ، شۇنىڭغا زورلىدى دەۋران.

كېچەلەردە چۈشەپ نەچچە سېنى يوقلاپ بېرىپ كەلدىم،

سەھەردە ئويغىنىپ يىغلاپ يۈرەكنى تىلغىدى ئەفغان.

غېرىب ئاتلىق بولۇپ قالدىم، سېنى ئالدى تالاشقانلار،

تۆكۈپ دەردىمنى ياتلارغا پۈتتۈم قانچىلاپ داستان.

كۆزۈمدىن كۆرمىدى ئەكسىن، ماڭا باققان بۇرادەرلەر،

دېدىكى تىندۇرۇپ ئاپتۇ كۆزۈڭنى بىر قارا ھىجران.

ئۆتۈپ كەتتى تالاي ياز - قىش ۋەتەن دەپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ،

ھامان بىر كۈن كۆرەرمەن دەپ ئېيتتىم قانچىلاپ يالغان.

دېسە يۇرتۇڭ ئىدى قانداق، دېدىم: جەننەتكە تەققاس قىل،

ئىدىكى گۈل - گۈلىستانلىق، بېغى ئۇز، بۇلبۇلى خەندان.

ئىدىكى قەشقىرىم خانلىق مەدرىسەم، قەدىم جايىم،

ماكانى ئىلمۇ - ئېرپاننىڭ ئىنايەت ئەيلىگەچ سۇبھان.

مەئىشەتلىك بېغى ئەلۋەك، قېرى - ياشى شېرىن سۆزلۈك،

تاللىق ئارتۇچۇم باغرىم - مازارىم ساتۇق بۇغراخان.

ئىدىكى خەلقى تەقۋادار، تەۋازۇلۇق خوتەن شەھىرىم،

ھەكىملەر بابىدا يەكتا، يەنە بىر نامىدۇر شەھدان.

ئىدىقۇت خانىدانىمنىڭ مىراسى چوغ گۈزەل تۇرپان،

ئۈزۈمزار قوينىدا سانسىز يېتىشكەن ئوت يۈرەك ئوغلان.

قۇمۇل شەھرىم ئىنايەتلىك خەلقى قاپ يۈرەك غەييۇر،

زۇلۇمغا باشىنى ئەگمەس دېگەيسەن ساھىبى كامران.

گۈزەل ئاقسۇغا گەر كەلسەڭ كېتىشنى ئىستىمەس كۆڭلۈڭ،

تارىم بويىدا تىلسىم، غازاتگاھىم ئۆزى مەردان.

ئىدىكى كانى ھىممەتنىڭ گۈزەل غۇلجام سائادەت يار،

جۇۋان ھەم قىزلىرى ھۆردەك، تامام ئەركەكلىرى پالۋان.

ئىدى ئالتاي چىمەنزارىم، بېھىشكە نۇسخىدار باغچەم،

قارا ئىرتىش ئاقار ئۇندا، ئەقىللەرگە كۈمۈش رەخشان*.

ئىدى كورلام دىلىم شادى، پەرىۋەش* قىزلىرى سەرۋەر،

تاھىر-زۆھرەمنى ئۆستۈرگەن، باش ئەگىم بويى سەيلان.

ئىدىكى مۆھتەرەم، ئەۋزەل، ئۈرۈمچى رەستىسى ئاۋات،

ساكلارىم* بېغى تاللىق*، گۇۋاھ تارىخ بېرەر پەرمان.

ئۇچۇم تۇپراقىنى ئالسام، شىمىرلاپ زەرلىرى سۆزلەر،

قەدەم ئاستىم ئەمەس تۇپراق، مىسالى خەزنە - ئالتۇن كان.

قوشنام بار ئىدى بۇندا قارا تاز*، قارغا، قۇزغۇندەك،

گۈزەل يۇرتۇمغا قەست قىلدى، سوزۇپ تىرناقلىرىن چەندان.

نىتەي ئاھ، ھىيلىگەر قەللاب بېسىپ ئالدى گۈزەل يۇرتۇم،

تالاي قىز ھەم يىگىتلەرنىڭ ياتار جايى سوغۇق زىندان.

شۇملۇق خالتىسىن ئاچتى ئۆزى سەت ھىيلىگەر قەللاب،

ئەزىز خەلقىمنى خار قىلدى، ئوقۇپ ئەپسۇن، ھۈرۈپ ھەريان.

كۆرۈڭ خەلقىم ھالى قانداق، كۆيەر ئوتتا، ئاقار سۇدا،

كۈلۈپ خىر - خىر زالىم قەللاب، ئىچىپ قانلار سۈرەر دەۋران.

نىتەي، كەتتى قولۇمدىن يۇرت، مۇساپىر نامىنى ئالدىم،

ئىشىمدۇر ئاھ ئۇرۇپ يىغلاش، شىكايەتتە سېلىپ غەليان.

سۆزۈمنى ئاڭلىبان يارەن دېدى يۇرتۇڭنى راست سۆيسەڭ،

ساداقەت - ھىممىتىڭ ۋەزنى سىناپتۇ قادىرى راھمان.

ئىشق يولىدا ھەر كىملەر ئېتەر دەئۋا، جېنى تاتلىق،

يېشىنى تۆكىدۇ مونچاق، بىلەر ھەممە سۆزى يالغان.

دېمەس ھېچكىم ئاشىق پەرھاد مەگەردە كەسمىسە تاغنى،

جېنىدىن كەچمسىە بولماس ئىشقنىڭ بابىدا سۇلتان.

شىكايەت ئەيلىبان يىغلاپ، قۇرۇق دەئۋاغا كىم مەشغۇل،

نېسىپ بولماس ئاڭا مەڭگۈ ۋەتەن ئاتلىق گۈزەل جانان.

ۋەتەن ئىشقىنى گەر بىلسەڭ ئىماننىڭ پارچىسى ئاشىق،

ۋىسال جامى سېنى كۈتكەي، بېرەر رەززاق زەپەر ئىمكان.

نەزەر سال يەتتە ئىقلىمغا كىمەركى خان، كىمەركى قۇل،

سۇغارغاچ قېنىدا تۇپراق، دىلى سەرخۇش سۈرەر دەۋران.

ۋەتەننىڭ ۋەسلىگە يەتكەن ئاشىقلار دېدى تەھقىق،

مەگەر بۇ كويدا جان بەرسەڭ كېلەر ھەققى يەنە ئەرزان.

بېھىش باغلىق گۈزەل يۇرتۇڭ ئۈچۈن جاندىن كېچىپ چىققىن،

قانات بولسۇن ۋەتەن ئىشقى، زەپەر قۇچقىن جەسۇر مەردان.

بېشىڭنى سەجدىگە قويساڭ ئەزىز تۇپراققا يەتكەندە،

ۋەتەننىڭ ئاشىقى دەرلەر سېنى ھەق، خالىقى - راھمان.

تۆكۈپ بەرگى قىزىل گۈللەر پايانداز بولغۇسى، ئاشىق،

ئاياغىڭ ئاستىدە ئاققاي، بولۇپ گوياكى نۇر ئەفشان.


2020 - يىلى، 15 - مارت، ئامېرىكا


ئىزاھاتلار:

*رەخشان: يالتىراق، پارقىراپ تۇرىدىغان

*ئۈرۈمچى: مىلادى 925 - يىلىدىكى ساك يېزىقىدا يېزىلغان قوليازمىدا ئۈرۈمچى نامى «ئىرۇمجىنىيا» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، ساك تىلىدا ئاڭلاتقان مەنىسى «تاللىق، باراقسانلىق، ئورمانلىق» تۇر. شۇڭلاشقا ئارخېئولوگلار ئۈرۈمچى دېگەن نامنىڭ مەنىسى «تاللىق» دېگەن مەنىدە دەپ پەرەز قىلىدۇ (قۇربان ۋەلى، بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز، 1986).

*ساكلار (ساك): مىللىتىمىزنىڭ قەدىمى قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، توققۇزاق (توققۇز ساك)، ئىكىساق (ئىگە ساق)، ئوغۇساق (ئوغۇز ساك) دېگەن يەر ناملىرى بۇ ساك قەبىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

*پەرىۋەش: پەرىدەك، پەرى كەبى

*قارا تاز: ئەسلىسى تاز قارا، ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن «قارا تاز» دەپ ئېلىندى.

*ئەفشان: چاچقۇچى، تۆككۈچى، دەريا. نۇرئەفشان: نۇر دەرياسى دېگەن مەنىدە.


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى