ۋەتەن ئەھدىمىز ۋاپا مىزانىدا
ۋەتەن ئەھدىمىز ۋاپا مىزانىدا
(1)
ماقال - تەمسىللىرىمىزدە «ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا» دەيدىغان سۆز بار. قارىماققا بۇ تەمسىل گويا ئىت ۋە ئايال جىنسىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي خاراكتېرلەر سېلىشتۇرما قىلىنغاندەك، ئىتتا بار ۋاپادارلىقنى ئايال زاتىدا تېپىپ بولمايدىغانلىقىدەك بىر خۇلاسىنى يەكۈنلەش مەقسەت قىلىنغان كۆرۈنىدۇ. ھالبۇكى، سۆز ئىچىدە سۆز، مەنە ئىچىدە مەنىلەر يوشۇرۇنغان. ماقال - تەمسىل بىر مىللەتنىڭ ئۈست تىلى كاتېگورىيەسىدە بولۇپ، ھېكمەت ھەقىقەتلىرىنىڭ جەۋھىرى، يۈكسەك ئەقىل - پاراسەت ۋە ھايات تەجرىبىلىرىنىڭ مەھسۇلى. ئەقلىيلىك ۋە ھېكمەت ئارىلاشقان ھېچبىر نەرسىدە ياكى ئىشتا يالىڭاچلىق، ساددىلىق، يۈزەكىلىك يوقتۇر. قىياپىتى ۋە تۇرۇقى كۆرۈنگىنىدەك ئەمەستۇر. ئەقىل ئارىلاشقان ئىشتا تەپەككۇر بار، تەدەببۇر بار، تەئەممۇل ۋە تەھەققۇق باردۇر. مەدەنىيەت تىلىدىن يوقسۇللۇق ۋەزىيىتىمىزنى دىققەتكە ئېلىپ ئاددىيراق ئىپادىلىسەك، ئەقىل ۋە ھېكمەت ئارىلاشقان ئىشتا مەنتىق ۋە مەنتىقە باردۇر. ئۇنىڭدىكى بايان ئۇسلۇبلىرىدا بولسا، بالاغەت ۋە پاساھەت بابىنىڭ زىبۇ - زىننەتلىرى گەۋدىلەنگەندۇر. شۇڭا ئاددىيلىق ياكى يۈزەكىيلىك ئەقلىيلىكنىڭ ئىشى ئەمەس. ھېكمەتنىڭ جۈملىسىدىن تېخىمۇ ئەمەستۇر. ساددىلىققا، تۈزلۈككە، خاملىققا ئەسلا ئورۇن يوقتۇر. ئۇنداقتا يۇقىرىقى ماقال - تەمسىلنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىل پەلسەپەمىزگە مۇراجىئەت قىلىشقا، ئادەت تىلىمىزنىڭ كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ كۆرۈشكە، قىسقىسى مەسىلىنى ئەقلىيلىك غەلۋىرىدىن ئۆتكۈزۈشكە، مەجاز ۋە كىنايە سۈزگۈچلىرىدىن ئۆتكۈزۈشكە، ھېكمەت ھاۋانچىسىدا قايسى دەرىجىدە پىششىقلىنىپ خەلق تىلىغا، ئىدىيومىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىگە قاراپ چىقىشقا مەجبۇرمىز. ئۇنداق بولمىغاندا تارىخىمىزدىكى قايسىبىر رەپرەپ شائىرنىڭ جۆيلىمە مىسرالىرىدا كەلگىنىدەك:
«ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا» دەپتىكەن بىر ساددا،
تىتىرەك، قارا يىللارنىڭ بىر «دانىشمىنى»(!؟)،
دېگەنگە ئوخشاش ئەبجەق قۇرلارنى جىجىلاپ ئولتۇرۇش، ئۆزىنىڭ ساددا چۈشەنچىسى ئىكەنلىكىگە باقماي ئۆزىدىن ئاۋۋالقى ئەجدادىنى تىرناق ئىچىگە مەھبۇس قىلىپ قويۇپ سەپسەتە ساتىدىغانلارغا ئايلىنىپ قېلىش، پاراسەتلىك ئەجدادنىڭ كەچمىشىنى «قارا» رەڭگە بويۇۋېتىپ قاراپ ئولتۇرۇش بىز ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردىكى مەسىلە ئىتنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئايال زاتىدىكى ۋاپاسىزلىقنىڭ قارىمۇقارشىسى قىلىپ نوقۇل ئايال زاتىدىن قاخشاش ياكى ئايال ۋە ئىت ئارىسىدىكى ساداقەت خاراكتېرىنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئايالنى تۆۋەن كۆرۈش مەقسەت قىلىنغان ئەمەس. بەلكى مەقسەت قىلىنغىنى يىگىتلىك ۋە ئەركەكلىك ۋەسپىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولغان «خوتۇن»چە قىلىق ۋە تۇتۇمنى تەنقىدلەش، ئاياللىق جىنسنى ئەمەس، خاراكتېرنى، تۇتۇمنى ئەيىبلەشتۇر. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ماقال تەمسىلدىكى «خوتۇن» سۆزىدىن ئەردەمسىز ئىنسان مەقسەتتۇر. چۈنكى مەسىلە خاراكتېر ۋە پەزىلەت ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولۇپ، مەردلىك، يىگىتلىك سۈپەتلىرى قانداقتۇر ئەرگە ياكى ئايالغىلا خاس بولغان ئۈست پەزىلەت ئەمەس. ئەر زاتىنىڭ زىممىسى دائىرىسىدىكى ھەر تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى بىلىشى، ساداقىتى يولىدىكى پىداكارلىقى، تۇتۇملىرىدا ئەردەم - پەزىلەتلەرگە رىئايە قىلىشى، پىرىنسىپلىرىدىن چۈشۈپ بەرمەسلىكى قاتارلىقلار ئۇنىڭغا يىگىتلىك، ئەركەكلىك ۋەسپىنى قازاندۇرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە بولۇشى ئۇنىڭ بۇ ۋەسىپلەرگە لايىقلاشمىغانلىقىنى، بەلكى خوتۇنچە ۋەسپكە لايىقلىشىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئايال زاتىنىڭمۇ ئاياللىق خۇسۇسىيەتلىرىدىكى پەزىلەت، ساداقەت ۋە مەردلىك ھەمدە پىرىنسىپلىرى، ئىپپىتى، ھاياسى قاتارلىقلاردا شۇئۇرلۇق ئىنسان بولۇشى، ئۇنىڭ ئايال زاتىدا تېپىلىشقا تېگىشلىك ئەردەملەرگە كۆرە ياشىشى، ھاياتنىڭ ھەر تۈرلۈك مەيدانلىرىدا ئەردەملەرنىڭ ئىجراچىلىرىغا، پەزىلەتلەرنىڭ ئۆرنەك كىشىلىرىگە ئايلىنالىشى ياكى بولمىسا شۇنداق بولۇشتا تۇتۇملۇق بولۇشىمۇ ئوخشاش ئۇ ئايالنىڭ يىگىتلىك، ئەركەكچە ئۈست پەزىلەتكە ئىگەلىكىنى دەلىللەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردە تىل ئادىتىمىزدا ئەردەمسىزلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، چىدىماسلىق، سەۋرسىزلىك، ھە دېگەندە كەينىگە دەسسەيدىغان بولۇۋېلىش، ھايات سىناقلىرىدا ھەر تۈرلۈك تۇتۇمسىزلىقلارنى قىلىشتىن تەپتارتماسلىقتەك قىلمىشلارغا قارىتا «خوتۇنچە» سۈپىتىنى بېرىشنىڭ ئايالزاتىنىڭ سۈپىتى بولغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەردەملىك ئايالنىڭ سۈپىتى بولغان «خاتۇن» سۈپىتىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئايالزاتىنىڭ ئەردەمسىزلىشىشىنى، پەزىلەتسىزلىكلىرىنى ۋە پىرىنسىپاللىقتىكى بوشاڭلىقلىرىنى گېزى كەلگەندە «خوتۇن كىشى» دەپ تۈگەللەشنىڭ ئۆزىمۇ «خوتۇن» كەلىمىسىنىڭ «ئەر» كەلىمىسىگە ئوخشاش جىنسى ئايرىمىدىكى ئىسىم قىلىپ ئىشلىتىشتىن تاشقىرى ئەردەملىكنىڭ، مەردلىكنىڭ ۋە ئومۇم پەزىلەتلەردە پىرىنسىپاللىق بولۇش قاتارلىق ئىجابىيلىقلارنىڭ ۋەسپى بولغىنىدەك بىر ۋەسىپدۇر. يەنى ئىجابىيلىقنىڭ قارىمۇقارىشىسى بولغان سەلبىي ۋەسىپدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئايال كىشىنىڭمۇ ئۆز ئەردەمسىزلىكلىرىنى «مەن ئايال كىشى بولغانكىن»، دەپلا گېزى كەلگەندە ئەردەمسىزلىشىشى، پەزىلەتسىزلىكلىرىنى بۇ چۈشەنچىگە باغلاپ ئۆزىگە ۋىجدانىي تەسەللىي ئىزدىشى، يولسىزلىقلىرىغا چىقىش يولى ئىزدىمەكچى بولۇشىمۇ ئوخشاشلا ئەردەمسىزلىك، خاتۇن كىشىلىكىنى لايىقىدا تونۇماسلىق، ئۆزلۈكىنى توغرا تاپالماسلىق جۈملىسىدىندۇر. ماقال-تەمسىلدىكى ۋاپا خۇسۇسىيىتى ئەنە شۇنداق ئۈست ۋە ئانا ئەردەملەردىندۇر. شۇنداقلا ئەر ۋە ئايالدىن ئورتاق ئەمەلىيلىشىشى كۈتۈلىدىغان، ئۇلاردا خاراكتېرگە ۋە پەزىلەتكە ئايلىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئەردەملەردىندۇر. مەزكۇر ماقال - تەمسىلدە «خوتۇن» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ ماھىيەتتە ئەركەكلىك ۋە يىگىتلىك ۋەسىپلىرىگە ئوخشاش ئەر ۋە ئايال زاتىنىڭ ھەر ئىككىسىدە تېپىلىشى كېرەك بولغان ئىجابىي ئەردەملەرنىڭ قارىمۇقارىشىسى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۆرنەك سۈپىتىدە ئىتتا تېپىلىدىغان ۋاپادارلىق، ساداقەتنىڭ ئىنساندا تېپىلماسلىقىنىڭ «خوتۇن» ۋەسپىگە لايىقلىقى، ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەركەكلىككە زىت ئىكەنلىكى، بۇ تۈر پەزىلەتكە يات بولغان خاراكتېر ھەمدە قىلمىشلارنىڭ ئىنسان زاتىغا ياراشمايدىغانلىقى كىنايە قىلىنغان. بۇ نۇقتىنى مەزكۇر ماقال - تەمسىلدىنمۇ ئوچۇق ۋە روشەن سىياقتا كەلگەن يەنە بىر ماقال - تەمسىلىمىز، يەنى: «ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى قان قىلۇر، ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى ماي قىلۇر»، دېگەن ماقال - تەمسىلىمىز تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ.
يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەر بويىچە ماقال - تەمسىلنىڭ مەنىسى: ۋاپادارلىق تىمسالىنى ئىتتىن كۆرۈۋال. ۋاپاغا جاپانى ئەركەك ۋە يىگىتلىكنىڭ قارىمۇقارىشىسى بولغان «خوتۇنچە» كىشىلىكتىن كۆرۈۋال، دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەكچىكى، ۋاپادارلىق ھايۋاندا تېپىلسىمۇ تەقدىرلەشكە ھەقلىق. ۋاپاسىزلىق ھەر كىمدە تېپىلسا جىنسىيىتى نېمە بولسۇن، ئۇنىڭ ۋەسپى ۋە خاراكتېرى «خوتۇنچە» دۇر. ماقال - تەمسىل يەنە بۇ ئارقىلىق ۋاپاسىزلىقتىن ساقلىنىش، ساداقەتسىزلىكتىن ئاگاھ بولۇشنى تەرغىب قىلىدۇ. ۋاپادارلىق خۇلقىنى تىكلەشنىڭ ئەركەكلىك، يىگىتلىك جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى كىنايە شەكلىدە ئۇرغىلىماقچى بولىدۇ.
مەدەنىيەت تىلىمىزغا مۇراجىئەت قىلىدىغان بولساق، قۇرئاننىڭ ئەھدىگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى، ساداقەتپەرۋەرلىكنى يىگىتلىك ۋە ئەركەكلىك جۈملىسىدىن سانىغانلىقىنى، بولۇپمۇ دەۋاسى يولىدا بەدەل تۆلەش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە پىداكارلىقلىرى بىلەن ساداقىتىنى ئىپادىلەشنى «ئەركەك»، «يىگىت»، «قەھرىمان» قاتارلىق مەنىلەرگە جوراشقا بولىدىغان «رىجال» سۆزى بىلەن تەرىپلىگەنلىكىنى، مەدھىيە ماقامىدا تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. [ئەھزاب: 23 – ئايەتكە قاراڭ]. مەلۇمكى ئايەتتىكى رىجال سۆزى ئەر كىشى مەنىسىدىكى رەجۇل (رجل) سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «رىجال» ئەر جىنسىنىڭ ئىسمىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ تەپسىرشۇناسلار كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك ئادىمىيلىك سۈپەت ۋە ئەردەم - پەزىلەتلەرنىڭ يۇقىرى چوققىسىنى بىلدۈرىدىغان بىر مەرتىۋە، بىر ماقامنىڭ نام - شەرىپىدۇر. شۇنداقلا ساداقىتى ۋە ۋاپادارلىقىنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە ھازىر ۋە نازىر تۇرغۇچىلارنىڭ، ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ساداقىتى ۋە ۋاپادارلىقى جەننەت بىلەن تارتۇقلىنىدىغان شىرمەت كىشىلەرنىڭ خاس مەرتىۋىسىدۇر. ئەرەب تىلىدىكى ئەركەكلىك سۆزىنىڭ «رەجۇل» كەلىمىسىدىن ياسالغان «رەجۇلەت» سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىشى، ھەمدە بۇ سۆزنى خۇددى كۈلتۈرىمىزدىكى تىل ئادىتىمىزدە ئىشلەتكىنىمىزگە ئوخشاش ئەر ۋە ئايال جىنسقا ئەمەس، بەلكى ئەرلىك ياكى ئاياللىق جىنستىن بىرەرسىگە خاسلاپ قويماستىن ھەر ئىككىسىگە، ئىنسان تۈرىنىڭ ئۈست ئەردەملىرىنىڭ يىغىندىسىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئىشلەتكەنلىكى مىللىي كۈلتۈردىن ھالقىغان جاھانشۇمۇل بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپلىرىدىكى پاراللېللىقنى، مەدەنىيەت تىلىدىكى ئورتاقلىقنى ئەكس ئەتتۈرمەي تۇرالمايدۇ. مانا بۇ نۇقتىئىنەزەرلەر تىلىمىزدىكى «خوتۇن» سۆزىنى ئىستېمالدىن چىقىرىپ تاشلىۋېتىلگەن «خاتۇن» سۆزىدىن پەرقلىق ھالدا ئەرنىڭ جۈپتى ھالالىغا قارىتىپ ئىشلەتكەندىن تاشقىرى ئەركەكلىك ۋەسپىنىڭ قارىمۇقارىشىسى سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، سۆزلۈكنى بۇ خىل تەرزدە ئىدىيوملاشتۇرۇشنىڭ جىنسىي ئايرىمچىلىقتىن ياكى كەمسىتىش ۋە تۆۋەن كۆرۈش نۇقتىسىدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى ۋاپاسىزلىقنىڭ، ساداقەتسىزلىكنىڭ «خوتۇن»چە ئىشلىقىنى ئۇرغۇلاشنىڭ ئەردەمسىزلىككە، ئىتچىلىك ئەقىلدىن يوقسۇللۇققا ئىشارەت قىلىش ۋە قامچىلاش ئارقىلىق كىشىنى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا پەس ۋە نىجىس كۆرۈش ئومۇملاشقان «ئىت» ئەخلاقىدىنمۇ تۆۋەنلەيدىغان ئەردەمسىزلىككە يېقىن يولىماسلىققا تەرغىب قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھايۋاندىمۇ تېپىشقا بولىدىغان بۇ خىسلەتنىڭ ئادەم بالىسى تەرك قىلسا، سەل قارىسا بولمايدىغان ماقام ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇشبۇ مەفھۇمنى ئەكسىگە جورىغىنىمىزدا بولسا، ماقال - تەمسىلنىڭ ئىنساننىڭ ۋاپا خۇلقىدىن يوقسۇزلىشىشنىڭ، ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەركەكلىكنىڭ زىتى ۋە قارىمۇقارىشىسى بولغان «خوتۇن»چە خۇلق ئىكەنلىكى، ئەر ياكى ئايال زاتىنىڭ بۇ خىل سەلبىي خۇلق بىلەن خاراكتېرلىنىپ قېلىشىنىڭ مەدھىيە ماقامىدىن بىۋاسىتە ئىتتىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ. دېمەك ئىت بولسىمۇ ۋاپاسى بىلەن مەدھىيەگە سازاۋەردۇر. ئادىمىزات ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنياسىنى قانچە بېزىمىسۇن، ئۇنىڭ خاراكتېرىدە ۋاپا خۇلقى بولمىسا ئۇ بىر جاپادۇر. دەۋاسىغا ساداقىتى بولمىسا، ۋاپا تۇيغۇسى بولمىسا، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىغا ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت زورلۇق، مۇشەققەت ۋە كۈلپەت بولىدۇ، خالاس!
(2)
ئىسلامنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق كۆرسەتمىلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا تونۇشتۇرغان، شۇنداقلا بۇنى ئۆتمۈشتىكى سەلەف - ئەجدادلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي ۋە پىكرىي بايانلىرىنى، مەۋقە - تۇتۇملىرىنى بايان قىلىش تەرزىدە يورۇتۇشقا تىرىشقان مەشھۇر فەقىھلەردىن، دەۋرىنىڭ ئەللامىسى ۋە پېشىۋالىرىدىن شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مۇفلىھ (م 1308 - 1362) ئۆزىنىڭ شەرئىي ئەدەپ - ئەخلاق توغرىسىدا يازغان كاتتا ئەسىرىدە ۋاپادارلىق ھەققىدىكى خۇسۇسلارنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقتە قەدىمكىلەردىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋاپادارلىق ئەخلاقىنىڭ ئۆلچىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان شۇ نەقىلنى كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ: ھۆكۈمالاردىن بىرىگە «كىشىنىڭ ۋاپادارلىقى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە بۇنى نېمىگە ئاساسلىنىپ بىلگىلى بولىدۇ؟»، دەپ سوئال قويۇلدى. ھۆكۈما جاۋاب بەردى: «ئۇنىڭ ۋەتىنىگە (يۇرت - ماكانلىرىغا) بولغان ئوتتەك سېغىنىشىدىن، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىغا قاراپ ئۆكۈنۈشىدىن بىلگىلى بولىدۇ».
ئۇ يەنە مۇنۇ نەقىلنى كەلتۈرىدۇ: ئىمام ئەلئەسمەئىي (م 741 - 831) شۇنداق ئېيتقانىدى: «سەن بىراۋنىڭ ۋاپادار ياكى ئەمەسلىكىنى، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى بىلەي دېسەڭ، شۇلارغا دىققەت قىلىپ كۆر: ۋەتىنى ئۈچۈن ئوت بولۇپ يانامدۇ يوق، قېرىنداش يار - بۇرادەرلىرىنى سېغىنامدۇ يوق، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىغا ئۆكۈنۈپ ياش تۆكەمدۇ يوق».
دەرۋەقە، كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىنى باغلاپ تۇرىدىغانلارغا ۋاپاسىنى ئىپادىلىشى، ۋاپادار كۆرۈنەلىشى تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى مۇناسىۋەت زەنجىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىق رىشتى، دوست - بۇرادەرچىلىك قائىدە - يوسۇنلىرى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل شارائىتلارغا بېقىنغان ھالدا كۆرسىتىلگەن ۋاپانى سىناقتىن ئۆتكەن، سەمىمىيلىكىگە شەك چۈشمىگەن، رىيادىن خالىي بولغان ۋاپا دېگىلى بولمايدۇ. مەرد مەيداندا سىنالغىنى كەبى ۋاپانىڭ چىن ياكى ئەمەسلىكىمۇ پىراگماتلاشمىغان، مەنپەئەت ياكى رىياغا ياتمايدىغان رەۋىشتە خالىسلىقىنى نامايان قېلىشى زۆرۈر. مۇساپىرانە ھايات، سۈرگۈن تۇرمۇش، ھىجرانلىق دەملەر بولسا خالىسلىقنى نامايان قىلىشنىڭ پۇرسىتى. سەمىمىيەتنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان مەزگىل. ۋاپا بولسا سەمىمىيەتنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن كېلىدۇ. ۋەتەن مېھرى، قېرىنداشلىق رىشتى ۋە ئۇنىڭدا ئۆتكەن ئۇنتۇلغۇسىز كەچمىشلەر بولسا، ئۇشبۇ مەزگىلدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، كىشىنىڭ ئەس - خاتىرىسىنى غىدىقلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ چاغدىكى سېغىنىشمۇ، سۆيۈشمۇ، ئەسلەشمۇ چىن بولىدۇ. ۋاپا خۇلقى قانچە كۈچلۈك بولسا، ھىجراندىن كېيىنكى سېغىنىش ئوتىمۇ شۇنچە لاۋۇلداپ تۇرىدۇ. تەن ھەرجايدا بولسىمۇ، ئەمما ئوي - خىيال ۋەتەندە، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتتا، ئۇنىڭدىكى ئەسلىمىلەردە، رىشتىلەردە بولىدۇ. ئاخىرقى نەپەسنى ئۇنىڭدا بېرىش، ئۇنىڭغا قايتىشنىڭ كويىغا چۈشۈش، ئۇنىڭ تۇپرىقى ئاستىغا كۆمۈلۈش، ھەسرەتتە ياشاش، ھەمدە ئۇنىڭدا ياشناشقا تېگىشلىك ھۆرلۈك ۋە ئىززەتنى، قەدىر - قىممەتنى سېغىنىپ ئۆتۈش ۋە بۇ يولدا تېپىرلاش ئۈزۈلمەيدۇ. دانىشمەنلەرنىڭ ۋاپادارلىقنىڭ سىناق تېشىنى ۋەتەن سۆيگۈسىگە، يۇرت مۇھەببىتىگە، يار - بۇرادەرلەرگە مۇشتاقلىققا باغلاپ تارازىلاشنى تەۋسىيە قىلىشىنىڭ ھېكمىتى ئەنە شۇنىڭدىندۇر.
ئىبنى مۇفلىھ يەنە ئۆز ئەسىرىدە ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ: «ئەھدەمگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ياشىغاندىن چۆلدە سۇسىز قېلىپ ئۆلۈشنى ئەلا بىلىمەن» دېگەن سۆزىنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق جاھالەت تامغىسى بېسىلغان بىر جەمئىيەتتىمۇ كىشىلەردە ۋاپا خۇلقىنىڭ بولغانلىقىنى، ھاياتنىڭ ھەر بىر دوقمۇشلىرىدا ۋاپا ئەخلاقىدىن ئايرىلىپ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دەرۋەقە، ۋاپادارلىق شۇئۇرى ئەمەلىي تۇرمۇشتا رولىنى يوقاتسا، پىرىنسىپاللىقى بولمىسا، ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن ئاجرىسا، سۆزلىنىدىغان ئەمما ئىش - ئەمەلدە، ھەرىكەت ۋە تۇتۇمدا سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خاراكتېرسىزلەشسە بۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ يىمىرىلىشىگە، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان مۇھىم ھالقىنىڭ ئۈزۈلۈشىگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى ۋاپادارلىق يالغۇز خۇلق ۋە خاراكتېردىن مەيدانغا كېلىدىغان خىسلەتلا ئەمەس. ئۇ يەنە ئىنساننىڭ پېئىل - ئەتۋارلىرىنىڭ ھەممىسىدە يوشۇرۇن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئالاھىدە تۈرتكە. ئادىمىيلىك ئەخلاق مىزانىدا ئىنساننىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى شەرەپ، ئىززەت، ئۇلۇغۋارلىق، سەباتلىق، ئىپپەت، ساداقەت، مەردلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە شىجائەت قاتارلىق بىر قاتار ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ھەيدەكچى ئامىلى. ئاتىنى ئەۋلادىغا، ئانىنى بالىغا، بالىنى ئائىلىگە، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە، مەھەللىنى رايونغا، خەلقنى يۇرت - ماكانغا باغلاپ تۇرغۇچى رىشتە ئىنساندىكى ۋاپا خۇلقىدۇر. ئائىلىلەردىن تەركىبلەنگەن جەمئىيەتنىڭ زەنجىرسىمان ۋە قاتلاملاشقان چوڭ گەۋدىسىنى مۇستەھكەملىگۈچى ئۇل - پىرىنسىپلاردىن بىرىمۇ دەل مۇشۇ ۋاپا خۇلقىدۇر. بىر توپلۇمنىڭ جەمئىيەت ھالىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئارقىسىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدا بىر - بىرىگە ئىگە چىقىش، ھەمدەم بولۇش، ئۇيۇشۇش، پۈتۈنلۈكنى ساقلاش، ئاسايىشلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئورۇندىلىشى بار دېسەك، بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئانا خۇلق مەزكۇر جەمئىيەت روھىدا يىلتىز تارتقان ۋاپا شۇئۇرىنىڭ تىرىكلىكىدىندۇر. ئوخشاشلا يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن، چۈشكۈنلۈككە پاتقان ۋە پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن بىر جەمئىيەت، بىر ئائىلە، بىر توپلۇم مەيدانغا كەلگىنىدە ئۇنىڭ جەۋھىرىدە ۋاپا خۇلقىنىڭ ھاياتىيلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە بولىدۇ. ۋاپا خۇلقىغا تويۇنمىغان جەمئىيەت ئۆلۈك جەمئىيەتتۇر. بۇنداق جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئومۇملاشمىغان، بىر-بىرىگە تارتىشىپ ياشاش، بىر - بىرىگە خىزمەت قىلىپ، بىر - بىرىنى قامداپ ياشاش ئېڭى بولمايدۇ. بىر - بىرىگە موھتاجلىقىنى، ئوخشاش تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتى ئاساسىدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغاندىلا بىر جەمئىيەت، بىر مىللەت، بىر خەلق سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ ياشاشتەك ئەقەللىي بولغان ئىنسانىي روھ يوقىغان، يوقسۇزلاشقان، مەسئۇلىيەتسىزلىك باش كۆتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق روھسىز جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەت، مەسئۇلىيەت، پىداكارلىق، مۇھەببەت كۈتۈپ بولسۇنمۇ؟!
يۇقىرىقى تەھلىل ۋە مەزمۇنلاردىن كېيىن شۇنداق دېيىش كېرەك بولىدۇ: ۋاپادارلىق كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىنىڭ سىناق تېشى. ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەنگە خىزمەت، ۋەتەننى ئەزىزلەش بولسا، ۋاپادارلىقنىڭ سىناق تېشىدۇر. بۇنى ئەڭ يارقىن ۋە سەمىمىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ۋىجدانىي جاۋابكارلىقلارغا قارىتا رىياسىز ھالدا جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغان مەيدان ۋەتەن ھىجرانىغا مۇپتىلا بولغان زامان - ماكانلاردۇر. ناۋادا سىزدە تېپىرلاش توختىغان، ئۆزگە يۇرتنىڭ، ئۆزگە ئىقامەتگاھلارنىڭ قەغەز يۈزىدىكى «ۋەتەنداش» قىلغانلىق رەسمىيەتلىرى، خاتىرجەم بىر ئەلدە قورساق توقلۇقى ياكى شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىگە باغلىنىپ ئۆتۈۋاتقان ئۆمۈر سىزنى ۋەتەنگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتىن توسۇپ قويسا، ئەكسىچە ۋىجدانى مەسئۇلىيەتلىرىڭىزنى سۇسلىتىشتىن باشقىغا يارىمىسا، ئىتتىن كېلىدىغان ۋاپاچىلىك سۈكۈتنى بۇزدۇرالمىسا، ساداقەتكە چاقىرالمىسا بۇ سىزدىكى كىشىلىك خاراكتېرنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاپادارلىقتىن يوقسۇزلىشىپ بولغانلىقىنى ئىشارەتلەيدۇ. ئەگەردە ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقلىرى ئارا راھەتلىك ئىزدەپ كېتىۋاتقان، ياكى جان ساقلاشتا ئۆتۈۋاتقان بۇ پەيتلەر سىزنى ۋەتەن سېغىنىشىدىن مەشغۇل قىلىۋاتقان، شۇنداق تۇرۇپ سىز بۇنىڭ پەرقىگە بارماستىن جاھاندارچىلىققا كىرىپ كېتىۋاتقان بولسىڭىز، ياكى ۋەتەننىڭ زىيىنىغا قاراپ قەدەم بېسىۋاتقانلارنىڭ سېپى سىزنى جەلپ قىلىپ كەتكەن، خىيانەتچىلەر سېپىنى تاشلاشقا جۈرئەت قىلىشتىن، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشتىن قېچىپ ياشاۋاتقان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ۋاپادارلىق ئەردەملىرىگە رىئايە قىلىدىغان «ئەركەكلىك»، «مەردلىك» ۋەسپىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولغان ۋاپاغا جاپا سالىدىغان «خوتۇن» ۋەسپىدىكى بىرىگە ئايلىنىپ قېلىش بىلەن ئىت مىسالى ۋاپادارلىقنى جارى قىلدۇرغۇچى ئارىسىدا قارارسىز قېلىۋاتقان بېرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەسكە سېلىشقا يېتەرلىك. ۋەتەندىكى ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ سۇسلاۋاتقانلىقى، ئانا تۇپراقتا ئۆتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىىز كەچمىشلەرنىڭ سىزنىڭ پىنھان دەقىقىلىرىڭىزدە يۈرەك تارىڭىزنى چەكمەس بولۇپ قېلىشى، نېمە ئۈچۈن قايتالماس پالاندىغا، قوغلاندىغا، سۈرگۈندىگە ئايلىنىشقا مەجبۇر قالغانلىقنىڭ ۋاپا تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرەلمەيۋاتقانلىقى، يۇرت - ماكانلىرىڭىزغا كەلگۈندى بولۇپ زورىغا كەلگەنلەرچىلىك ئادەم مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلمەس بولۇپ قېلىشنىڭ غورۇرىڭىزنى بىئارام قىلماسلىقى، ھۆر ئىرادە بىلەن كىرىپ، يەنە ھۆر ئىرادە بىلەن قايتىپ چىقىشتەك ئەقەللىي ھەقنىڭ قولىڭىزدا بولماسلىقىغا ئىچىڭىزنىڭ پۇشماس بولۇپ كېتىشى ۋاپا تۇيغۇسىدىن روھىڭىزدىن ئېرىغدىلىۋاتقانلىقنىڭ سىگناللىرىدۇر. بولۇپمۇ رىۋايەتلەردىكى ئايلىق باسىدىغان مۇساپىلەرنى سائەت ۋە دەقىقىلەرگە سىغدۇرىدىغان تىلسىملار يېشىلگەن، رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغان بىر زاماندا تۇرۇپ سىز بىلەن ۋەتەن ئارىسىغا ھاڭنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سىرلىرى سىزنى قىزىقتۇرمايدىغان بولۇپ قېلىشى، يار ۋە قېرىنداشلىقلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئەسلەشكىمۇ ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدىغان كىمەرسەلەر بولۇپ قېلىشى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىت ۋاپاسىدىنمۇ تۆۋەن بىر ياشام يولىدا كېتىۋاتقانلىقىڭىزغا سىگنالىدۇر.
خاتىمە
ۋەتەنگە مەنسۇپلەنمەك ۋاپادارلىقتۇر. ۋەتەنگە خىزمەت ۋاپادارلىقتۇر. ۋەتەنگە پىداكارلىق ۋاپادارلىقتۇر. ۋەتەن بىزگە ئاۋات قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئورۇنباسارلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى بەجا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، كەلىمەتۇللاھنى ئۈستۈن قىلىپ، ئىنساندەك ياشىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر. ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئالماق ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەھدى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى تاجاۋۇزچىغا يەم قىلماسلىقنى، قەدىر - قىممىتىنى دەپسەندە قىلغۇچىغا يول قويماسلىقنى، بىزنى ئۇندىن ئايرىشقا، ئۇنى بىزدىن ياتلاشتۇرۇشقا، بىزنى ئۇنىڭ باغرىدا ھۆر ياشىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تۇتۇنغۇچىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ۋەتەن ئەھدىسىدۇر. ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بۇرچتۇر. ساداقەتتۇر. ئەركەكلىكتۇر. ئەھدىنى ئۇنتۇش بولسا، ۋاپاسىزلىقتۇر، ساداقەتسىزلىكتۇر. ئۇنى زايە قىلىش خىيانەتتۇر. ۋاپاسىزلىق ۋە خىيانەت ئارىسىدا دەۋرى قىلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئامانەت كۆز ئالدىمىزدا ھالاكەتلىك خەتەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامانەتلىك ۋەتەن ئىپادىلەپ بولغۇسىز دەرىجىدە قاباھەتلىك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلىرىدە ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالغان ھەقىقىي ساداقەتپەرۋەر ساھىبلىرىنى سېغىنماقتا. ھۆرلۈك يولىدا قېنىنى ئاققۇزغان، بارلىقىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شەھىدلىرىنى ياد ئەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىزباسارلىرىدىن ۋاپا مىزانىغا ئولتۇرغۇزغىلى بولغىدەك جاراڭلىق سادانى كۈتمەكتە. تاجاۋۇزچىلارنىڭ دەھشەتلىك دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بارلىقىنى ئاتىغان، ۋاپادارلىق شۇئۇرى ئۆلمىگەن سادىق قوشۇننى ساقلاپ تۇرماقتا. بولمىدى دېگەندە دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنىڭ رىتىمىنى بولسىمۇ ئاستىلىتىشقا يارايدىغان، بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، خەتەرنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتۇشىنى، بۇنىڭدىنمۇ ئەدەشكە يۈزلىنىۋاتقان خەتەرگە ئالدىن توغان سېلىشنى بىلىدىغان ئاۋانگارتلارنى، ۋاپادارلىقىنى «قاۋاش» چاغلىق ھەققانىي پوزىتسىيە بىلەنمۇ بولسا ساھىب چىقىشنى ئويلايدىغان ۋاپاكار ۋەتەن مەنسۇپلىرىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-07-29
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى