Jump to content

ۋەتەن دېگەن نېمە؟

ئورنى Wikipedia

جۇمھۇرىيەت مىللىي مەپكۇرىسىدىن تەرمىلەر (1)

ۋەتەن دېگەن نېمە؟

ئىلاۋە:

ھېچبىر مىللەت تارىخ يۈزىگە بىردىنلا مىللەت پېتى ئاپىرىدە بولۇپ قالغان ئەمەس. خۇددى شۇنىڭدەك، مىللىي مەپكۇرىمۇ ئۆز - ئۆزىدىن شەكىللىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان نەرسە ئەمەس. مىللىي مەپكۇرە ئۇزاق تارىخىي يىلتىزغا ئىگە. ئۇ ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىش ۋە تاكامۇللىشىشنىڭ مەھسۇلى. ئەسىرلەر مابەينىدە پۈتۈنلەشكەن، ئۆزلۈككە ئايلانغان ئورتاق غايىلەرنىڭ يىغىندىسى. بىر مىللەتنىڭ، بىر ئۇلۇسنىڭ، بىر خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغان ئىدىيەلەر تېزىسىنىڭ، بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان غايىلەر ۋە قىممەتلەر تېزىسىنىڭ ئومۇم نامىدۇر مىللىي مەپكۇرە. ئۇ جەمئىيەتنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئالىي غايىلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى ئومۇمىي چۈشەنچ ۋە ئىدىيەلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن «مىللىي» دېمەك «دۆلەت» دېمەككە تەڭ بولغان ۋە زامان – زامان بۇ ئىككى ئۇقۇم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغان. مەپكۇرە ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنىڭ ئۆز قەدەرىيەتلىرىنى، مۇقەددەساتلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشتە يېتەكچىلىك رولىنى ئۆتەيدۇ. بىر جەمئىيەت ئىچىدىكى پەرقلىق تەبىقىلەر، ئوخشىمىغان گۇرۇھ ۋە ئىدېئولوگىيە ئىگىلىرىنى بىر نىشان تەرەپكە يېتەكلەش، بىر بايراق ئاستىغا جەملەش، بىر غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى يەكۋۇجۇدلۇقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. مەپكۇرەسىزلىك بولسا، ئۇنىڭ دەل ئەكسى. مەپكۇرەسىزلىك بىرلىشەلمەسلىكنىڭ مەنبىئى. ئىچكى نىزا ۋە ئاجىزلىقنىڭ قارارگاھى. مەپكۇرىسىزلىق مىللىي گەۋدىنىڭ، يەكۋۇجۇدلۇقنىڭ پارچىلىنىشنىڭ، توزۇپ يوقىلىشنىڭ ئامىلى. چېچىلاڭغۇلۇق، ئورتاق غايە ئۈچۈن بىرلىشەلمەسلىك، سەپەرۋەر بولالماسلىق، چۈشىنىشەلمەسلىك، تۈگەل توقۇنۇشتىن، تەپرىقىدىن ۋە گۇرۇھلىشىشتىن باش كۆتۈرەلمەسلىك، قۇتۇپلىشىش ۋە مەۋجۇتلۇق تەھدىتى ئالدىدا بارچە پەرقلەرنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرۇپ خەتەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش روھىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مانا بۇ مەپكۇرىسىزلىك تۈپكى سەۋەب سۈپىتىدە يەر ئالغاندۇر. تارىخىي يىلتىزى چوڭقۇر بولغان، ئۇلى مەزمۇت، شاخلىرى باراقسان بولغان، كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەش يولىنى داغداملاشتۇرىدىغان، كېلەچەكنى تۇتۇق كۆز بىلەن ئەمەس، نۇرانە ۋە ئوچۇق كۆز بىلەن نەزەر سېلىپ مېڭىشقا خەرىتە بولىدىغان بىر مىللىي مەپكۇرىنىڭ بولماسلىقىدەك بۇ ھالەت ئۆزىنى بۈگۈنكى ئەبجەق ھالىتى بىلەن مىللەت چاغلاپ يۈرۈۋاتقان بارچىمىزنىڭ چوڭ كىرىزىسى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، چوڭ يېتەرسىزلىكى ۋە يوقىتىشلىرىدىن بىرى. ھەر گۇرۇھنىڭ ئۆزى بىلگەننى ئوقۇشىنى مەپكۇرە، ھەر ئانسامبىلنىڭ ئۆزى چالغانغا ئۆزى ئۇسۇل ئوينىشىنى ھەرىكەت، دېيىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەنە كېلىپ قەدەرىيەتلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆز قىممىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىنماس ھالغا كەلگەن، ھېچبىر دىنىي، سىياسىي قىممەتلەر ئۆز ماقامى ۋە ئورنى بويىچە ئەمەل قىلىنمايۋاتقان، مەنپەئەتپەرەسلىك، شۆھرەتۋازلىق، ئۆز مەپتۇنلۇق ۋە ئىلىمسىزچە  بىلجىرلاشلار گويا شۇغۇللىنىۋاتقان مەسلەكنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىسالى سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە ئەكس ئېتىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ھالىتىمىزدە، قايسى بىرىنىڭ ئىسلاھىغا يېتىشىش، توغرا يولغا سېلىشتا قايسىغا ئاۋۋال نۆۋەت بېرىش، قايسىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشمۇ بەسى مۈشكۈل بىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى، جىددىيلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى جەھەتتىن كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشقا بولغان ئېھتىياجى بىر – بىرىدىن كەم ئەمەس. بىرىنىڭ ئاۋۋاللىق دەرىجىسىمۇ يەنە بىرىدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، تۆۋەن ئەمەس. ئەجەبا، بۇ دەرىجىدىكى چۇۋالچاق ۋەزىيەتكە قانداق بولۇپ پېتىپ قالدۇق، قانداقسىگە بىزنى بىرلەشتۈرۈشنى، بىر مەپكۇرە ئەتراپىغا مەجبۇرىي ئۇيۇشۇشنى تەقەززا قىلىدىغان سەۋەب – ئامىللار ئېشىپ - تېشىپ تۇرۇشىغا قارىماي يەكۋۇجۇدلۇق مىللەتتىن، يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك، ئىزىپ سۇقۇلغان ئۇندەك پارە - پارە ئەزاغا، ئورتاق ئەقلىيەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە ئورتاق يۈرەكنىڭ سوقۇشى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان تىرىك مىللەتتىن قانداق قىلىپ ھەر ئەزاسى ئايرىم - ئايرىم پەدىگە ئوينايدىغان باشباشتاق ۋە تۇتۇرۇقسىز توپلۇمغا ئۆزگىرىپ كەتتۇق، دېگەن سوئاللار مەغلۇبىيەت ۋە قانسىراش گىردابى ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ھەر كۈن ۋە ھەر دەقىقىدە ھەل قىلغۇچ جاۋابقا مۇنتەزىر بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ قەدەر ئىختىلاپ، بۇ قەدەر ئەبگالىق، بۇ قەدەر چېچىلاڭغۇلۇقلارنىڭ، ياتلىشىش، يولىدىن ئادىشىش ۋە زالالەتكە پاتقان بىر توپلۇمقا ئايلىنىشقا تەييارلىقىنى جار سېلىشتەك بۇ پاجىئ‍ەلىك قىسمەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئارقىسىدىكى سەۋەبنى ئاختۇرۇپ كۆرگەندە، مەلۇم بولدىكى، مەسىلە ئېكراندا كۆرۈنۈۋاتقىنىدا ئەمەس، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى پىروگراممىسىدا، رەڭگىدە ئەمەس، روھىدا، ئالامەتلىرىدە ئەمەس، يىلتىزىدا. يىغىپ ئېيتقاندا، مەسىلە مەپكۇرەسىزلىكتە.

يىلتىزسىز دەرەخ كۆكلىمىگەندەك مەپكۇرە مەسىلىسى ئەڭ ئالدى بىلەن يىلتىزى بىلەن ئۇچراشمىقى، ئىزىغا چۈشۈش ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئىزىنى تېپىشى، ئەسلى بىلەن يۈزلىشىشى، ئەسلىدىن قانچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى پەرق ئېتىشى، ئەسلىنى ئۆزىگە ئەينەك قىلغان ھالدا، ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىدراك قىلىشى ئەمەلىيەتتە توغرا مەپكۇرىگە قايتىشنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يوقىتىپ قويغان مەپكۇرىنى تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ، شۇنداقلا ئەجدادتىن ئەۋلادقا تۇتاشقان بۇ ئۇلۇغ كارۋان ئىزىنى كېلەچەككە توشۇشنىڭ يولىنى ياساپ چىقىشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدىندۇر. بۇ ۋەجىدىن بىز سەھىپىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچلىرىدا، مىللىي مەپكۇرىمىزنى تىرىلدۈرۈشكە، يوقىتىپ قويغان ئېسىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئۆتمۈش بىلەن دادىل يۈزلىنىپ تۇرۇپ كەلگۈسى ئۈچۈن چارە ئىزدەشكە بەل باغلاشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا، 20 – ئەسىر جۇمھۇرىيەت تارىخىمىزدا بىزگە ئۆرنەك ۋە ئەينەك بولغۇچى، مىللىي مەپكۇرىمىزگە ۋەكىللىك قىلغۇچى ئەسەرلەر بىلەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ئۇچراشتۇرماقچىمىز. ئەلۋەتتە ئەينى دەۋرنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي مۇساپىسىدە قولىمىزدا بار بولغان ماتېرىياللار دۆۋىسى ئارقىلىق قايسىسىنىڭ ئۆز مەپكۇرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ كەلگۈندى مەپكۇرە ئىكەنلىكىنى ۋە قايسى تۈر مەپكۇرىلەرنىڭ مۇستەملىكە چاڭگىلىغا چۈشكەن يىللار مابەينىدە بىزگە «مىللىي» نامى بىلەن يۇتقۇزۇلۇپ تەلقىن قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئايرىش ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس. بۇنى ئايرىۋاشلاش پەقەت جۇمھۇرىيەت قۇرغان ۋە قۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان، قەلەم ۋە ئەلەم بىلەن بۇ يولدا بارلىقىنى پىدا قىلغان پاسىبان ئەجدادلارنىڭ، قەھرىمان ئاتىلارنىڭ، يولباشچى رەھنامالارنىڭ ئىلمىي، پىكرىي ۋە سىياسىي يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى چۈشىنىش، ئۇلار مەنسۇبلانغان پىكرىيات دۇنياسىنى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مەنسۇبىيىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەپكۇرىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىلىم – مەرىپەت مەنبەسىنى ئۆگىنىپ چىقىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا قايسى دۇنيا قاراشقا مەنسۇبلىنىشنىڭ قايسى خىل سىياسىي يۆنىلىشكە يۈزلىنىشنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشمۇ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرىدىن بىرى.  بىز بۇ خۇسۇستا جىددىي بىر تەتقىقات سەمەرىسىنى قولغا كەلتۈرگۈچى، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ۋە باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان مۇنەۋۋەرلەر سېپىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇرمەنلەرنى «جۇمھۇرىيەت مىللىي مەپكۇرىسىدىن تەرمىلەر» سەرلەۋھەسى ئاستىدا ئۆز دەۋرىدە ئېلان قىلىنغان، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدا تەسىس قىلىنىپ تاكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلەت ھالىتىدىن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۆلكىسى ھالىغا چۈشۈشكە قەدەر پىكرىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالە – ئەسەرلەر بىلەن ئارىدا بىر ئۇچراشتۇرۇپ تۇرماقچىمىز. ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىنىڭ ئەدەبىي تىلىدا بولۇپ، چۈشىنىشكە ئاسان، ھەزىم قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ھەممىسى دېگۈدەك چاغداش ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇلدى ۋە بۇ ئاساستا ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىنغۇسى.

-ھۆرمەت بىلەن: ئويغاقلار دۇنياسىدا – بۇرھان سەھىپىسى

2024-05-08

.......................................................................

ۋەتەن دېگەن نېمە؟

ئىنسان ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ۋەتەن بار. بىرىنچىسى، ئۆزى ۋە ئەھلى ئائىلىسى تۇرىدىغان، ئىسسىق - سوغۇقتا دالدا بولىدىغان، ئىچىدە راھەت ۋە ئارام ئالىدىغان جاي. ئىككىنچىسى، بىر مىللەتنىڭ ياكى بىرقانچە مىللەتنىڭ بىر مەملىكەت ئىچىدە ئۆزئارا سىغىشىپ، بىرلىكتە ئاش - نانلىرىنى يەپ، سۇلىرىنى ئىچىپ، ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ، پايدىلىنىپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەق - ھوقۇق ھەمدە قانۇنلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقان ئومۇمىي ۋەتەندۇر. بىرىنچى مەنىدىكى خۇسۇسىي ۋەتەندە كىشىنىڭ جېنى، مېلى ۋە ئەھلى - ئائىلىسىگە قانداقلا بىر زەرەرنىڭ كېلىشىدىن ئەمىن بولۇش كېرەك بولغان بولسا، ئىككىنچى مەنىدىكى ئومۇمىي ۋەتەندە ھەم شۇنداق ئەمنىيەت ۋە ئازادلىق بولۇشى كېرەك. دانىشمەن سىياسىيونلار: «ئازادلىق يوق بىر مەملىكەتتە ۋەتەن بولمايدۇ» دېگەنىكەن. ئادەم بالىلىرىنىڭ ئۆز ئۆيىنى مۇھاپىزەت قىلىشى قانداق زۆرۈر بولغان بولسا، ئومۇمىي ۋەتەن بولغان مەملىكەتنىمۇ شۇ دەرىجىدە ھەر تۈرلۈك تەئەررۇز (بېسىپ كېلىش) ۋە تەئەددىي (تاجاۋۇزلۇق) دىن قوغداشقا غەيرەت ۋە ھىممەت سەرپ ئەتمىكى مەجبۇرىيەتلىك بىر ئىشتۇر. ۋەتىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئار – نومۇسنى ساقلاش دەپ بىلمىگەنلەر، خۇسۇسىي ۋەتىنى بولغان ئەھلى ئائىلىسىنى تۈرلۈك تاجاۋۇزلۇقتىن توسۇپ قالمىغان ۋە مۇداپىئە قىلمىغان نامۇسسىزلار بىلەن ئوخشاشتۇر. ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىش يولىدىكى جەڭ ۋە ئۇرۇشلار ئۆز نۆۋىتىدە فى سەبىيلىللاھ (ئاللاھ يولىدىكى) مۇقاتەلە (كۈرەش) دۇر. جانابى ھەقتائالا ئۆزىنىڭ شەنى بۈيۈك بولغان قۇرئان كەرىمىدە «ئۇلار: ‹يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟› دېدى. ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى جىھاد قىلىشتىن باش تارتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر». [بەقەرە: 246] دېيىش ئارقىلىق گويا رازىلىق ۋە قوبۇل كۆرگەنلىك ئۇسلۇبى بىلەن بىزگە بۇنى بايان قىلىپ بەرگەن. دېمەكچىكى، بىز ۋەتەن ۋە يۇرت - دىيارلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان تۇرساق، نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلمىغۇدەكمىز، نېمىشقا كۈرەش قىلمىغۇدەكمىز؟! يەنى، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئۇرۇش قىلىمىز، دېگەنلىكتۇر. فىرانسۇزلارنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپى ئەبرويز شۇنداق دېگەن ئىكەن: «مۇستەبىتلىك ۋە زۇلۇم ئىچىدە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ. مەن كېڭىرودا خورلۇق ۋە خارلىق ئىچىدە ھەق – ھوقۇقتىن مەھرۇم ياشىسام، ئۇ يەرنىڭ ۋەتىنىم بولغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟».

ۋەتەننىڭ ئىززەت - نومۇسى، قەۋم - مىللەتنىڭ ئەزىزلىكى ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى بار كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ئۆتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى ۋە زۆرۈرىدۇر. ۋەتەننى، شۇنداقلا مىللەتنى خار ۋە زەبۇنلۇقتىن پاك تۇتمىغان كىشىلەرنى ئىنسان دەپ ئاتاشمۇ خاتا. ئۇنداق كىشىلەر توپىنىڭ ھايۋانلار توپىدىن پەرقى بولمايدۇ. دۇنيانىڭ ئۇلۇغ داھىيلىرى، رەھنەما (يولباشچى پاسىبان) لىرى شۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەت يۇرت - ۋەتەنلىرى ئۈچۈن جېنى، پۇل - مېلى ۋە نوپۇز - ئابرۇيلىرىدىن پىداكارلىق كۆرسىتىپ كېچىشنى بىلمىسە، ئۇنداق مىللەت دۇنيادا خار ۋە زەبۇن ياشاشقا مەھكۇم، (بۇنداق مىللەت) نامەرد ۋە پەس مىللەتتۇر» …

ۋەتەن - باغرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ سۈت بەرگۈچى ئانىسىدۇر. ئەجەبا، ئادەم بالىسى دېگەننىڭ مېھرىبان ئانىسىنى ھەر خىل باسقۇنچىلىق ۋە تاجاۋۇزلۇقتىن قوغدىشى، غەيرەت كۆرسىتىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان ئەنە شۇنداق بىزلەرنىڭ ئورتاق ۋەتىنى. بۇ مېھرىبان ئانىمىزنى پىداكارانە ھەرىكەتلەر بىلەن ساقلاپ ئاسرىماق بىزگە دىنىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي قەرزدۇر. مۇقەددەس ۋىجدانىي بۇرچتۇر.

ئەي غەرىب بىكەس (ئىگە - چاقىسىز) ئانىمىز! مۇھتەرەم شانلىق ۋەتەن،

ئىززەت ۋە شەنىڭ ئۈچۈن بولسۇن پىدا مال ۋە بەدەن.

ئەركىن تۈركىستان گېزىتى، 1934 - يىل، 25 - يانۋار، كاشغەر

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى