Jump to content

ۋەلى ئاخۇن يولداشېۋ

ئورنى Wikipedia
ۋەلاخۇن يولداشېف

ۋەلى ئاخۇن يولداشېۋ ياكى ۋەلىباي (ھ. 1254—1334، م. 39~1838—16~1915) ئىلى شۇنداقلا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مۇھىم كىشىلەردىن بىرى، ئۇيغۇر كارخانىچى ۋە خەير - ساخاۋەتچى زات. ئۇ گىلديا (بىرىنچى دەرىجىلىك سودىگەر) ۋە ۋېرنىي (ھازىرقى ئالمائاتا) نىڭ پەخرىي پۇقراسى ئىدى. ئۇ يەنە سېمىرېچىيە ۋە ياركەنت رايونلۇق يېتىم بالىلار ئۆيى ھەيئەتلىرىنىڭ پەخرىي ئەزاسى ئىدى. ياركەنت مەسچىتىنى قۇرۇشقا باشلىغانلىقى بىلەن داڭلىق ۋەلىباي مەنچىڭ ۋە چاررۇسىيە دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن؛ جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەن ئېلىش ۋە تەقدىرلەش يۈزىدىن چار ئىككىنچى نىكولاينىڭ تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئىلى دەرياسىدا پاراخوتچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان.

ئەسلى ئىسمى ۋەلاخۇن يولداشمەت بولۇپ، غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. ياركەنتتە ئۆلگەن.[1]

«يېرىم پادىشاھ»

[تەھرىر]

1871 - يىلى ئىيۇن ئېيىدا تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ گېنرال – گوبىرناتورى (ۋالىيسى) كولپاكوۋېسكىنىڭ قوماندانلىقىدىكى روس ئارمىيىسى بورخوجا چېگرا پۇنكىتىدىن چىقىپ، ھېچقانداق قارىشلىقسىزلا ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ مەركىزى غۇلجىغا كىرىپ كېلىدۇ. ئەلاخان سۇلتان قورغاس دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى ۋە قورال – جابدۇقلارنى گېنرالغا تاپشۇرىدۇ. چار پادىشاھ ھاكىميىتى ئىلى سۇلتانلىقىنى تېزلا بەربات قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلار روسىيە پۇقراسى بولۇش خاھىشىنى بىلدۈردى. لېكىن، 1881 - يىلى 12 - فىۋرالدىكى «پېتىربورگ كېلىشىمى» بويىچە ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ روسىيىگە قاراشلىق بىر قىسمىدىن باشقا بارلىق قەدىمىي ئۇيغۇر يەرلىرى، ئىلى ئۆلكىسى يەنىلا چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن گېنرال – گوبىرناتور  كولپاكوۋېسكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق بېيى ۋېلىباي يولداشوۋنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى يەتتەسۇغا كۆچۈرۈش مەقسىدىدە بولىدۇ. چۈنكى، ۋېلىباي يولداشوۋ يەتتەسۇدا ناھايىتى چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە شەخس ئىدى. ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاشكەنتتىن يەتتەسۇغا كەلگەن گېنرال – گوبىرناتور ئالتۇن ئەمەلدە ۋېلىباي يولداشوۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنى يەتتەسۇغا كۆچۈرۈپ چىقىشقا ياردەملىشىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى يەتتەسۇغا كۆچۈرۈش تەشۋىقاتى يۈرگۈزۈلۈپ، تەييارلىق ئىشلىرى باشلىنىپ كىتىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە روسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس كومسىسىيە قۇرۇلىدۇ. 1881 - يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا گوبىرناتورى كولپاكوۋېسكى سىردەريا ۋىلايىتى ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى، گېنرال مايۇر فېردىنى ياركەنت يېزىسىغا كەلگۈسى شەھەرنىڭ مەركىزىنى سىلىشقا مەسئول قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئۇ 1881 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا كېلەچەك شەھەر ئۈچۈن، ياركەنت يېزىسىنىڭ تېرىتورىيىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، شەھەرنى ئۆسەك دەرياسىنىڭ بېشىغا سېلىشقا، روس ۋە يەرلىك سودىگەرلەرنى، قول - ھۆنەرۋەنلەرنى ۋە دېھقانلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولىدىغانلىقى توغرىلىق كولپاكوۋىسكىيغا خەت يازىدۇ. شۇ يىلنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىن نويابىر ئېيىغىچە تاشكەنت شەھرى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، ئىنژىنېر تېخنېلوگ ئابراموۋ تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدۇ. ئۆسەك دەرياسىغا كۆۋرۈك، ئۇنىڭ جەبوبىي قىسمىغا تۈگمەن ۋە باشقا ئىنشائاتلارنى سېلىش قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىشلارغا ۋېلىباي يولداشوۋمۇ ئارلاشقان دېگەن گەپ بار.

ياركەنتنىڭ رەسمىي شەھەر سۈپىتىدە بەرپا قىلىنىشى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ھۆججەت 1881 - يىلى 7 - نويابىردا ئىمزالانغان بولۇپ، شەھەرنى سېلىش ۋە پىلانلاشتا كۆچەت تىكىش ۋە باغۇ - بوستانلىق قىلىشقا چوڭ ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋېلىباي فرونزا (بېشكەك) شەھىرىدىكى دۆلەت باغلىرى بىلەن كۆچەتخانىلىرىدىن ناھايىتى كۆپ كۆچەت ئېلىپ كېلىدۇ. پىلان بويىچە شەھەرنىڭ تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان ھەر بىر رايۇنىنى 25X  25 مېتىر، كوچىلارنىڭ كەڭلىكىنى 17 مېتىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن شىمالدىن جەنوبقا قاراپ سوزۇلغان كەڭلىكى 25 مېتىر بولغان بەش ئولتۇراق رايۇن، شۇنداقلا جەنۇپتىن شەرىققە قاراپ يەنە شۇنداق 9 ئولتۇراق رايون سېلىش بەلگىلەندى. شەھەر كوچىلىرىنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھاۋا تازلىقىنى تەمىن قىلىپ، ئۆسەك سۈيىدىن  چوڭ – چوڭ ئېرىقلار تارتىلىشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىندى. گېنرال – مايۇر فېردى ئۆزىنىڭ 1881 – يىلى دېكابىردا بەرگەن دوكىلاتىدا مۇنداق دەپ بىلدۈردى: « ئۆسەكتە 1500 ئائىلىنى كۆچۈرۈپ كەلگىلى بولىدۇ، ئاساسى خەلقتىن ( ئۇيغۇرلار ) تاشقىرى يەنە 400 ئائىلە روس، تاتار ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ بارلىقى 1900 ئائىلە كۆچۈپ كەلگىلى بولىدۇ »… شۇنداق قىلىپ ئۇلۇغ « كۆچ – كۆچ » باشلىنىپ كەتتى. ئىلىدىن ئاھالىنىڭ كۆچۈشى 1882 – يىلى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، 1884 – يىلىغىچە داۋام قىلدى. ۋېلىباي يولداشوۋ دەسلەپكىلەردىن بولۇپ، ئۆزى بىلەن 45 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئىلى دىيارىدىن ياركەنتكە ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۆسەك ۋادىسىغا ئاتلىنىشى باشقا ئادەملەرگە ئىجابىي تەسىر قىلدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتەسۇغا كۆچۈشىدە ۋېلىباي يولداشوۋنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقى ھەقىقەت. شۇنىڭ ئېيتىش كېرەككى، بۇ ياققا كۆچۈپ چىققان دېھقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاجرىتىپ بېرىلگەن يەرلىرىنى ئۆزلەشتۈرۋېلىشىغا چاملىرى يەتمەيتتى. شۇڭا ئۇلار يەتتەسۇ گوبىرناتۇرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۋېلىشىنى ، يا بولمىسا ئىجارىگە بېرىشكە رۇخسەت بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان. چۈنكى ئۇلار پايدىلانماي قالغان يەرلەرگىمۇ سېلىق تۆلەيتتى. شۇنداق قىلىپ گوبىرناتۇردىن رۇخسەت ئالغان دېھقانلارنىڭ بىر قىسمى ئوشۇق يەرلىرىنى ئىجارە بېرىشكە باشلايدۇ. ئىجارىچى ئاساسەن ۋېلباي يولداشوۋ بولىدۇ. ئۇ پەقەت ياركەنت رايۇنىدىلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 10 مىڭ 364 گېكتار ( 155 مىڭ 460 مو ) يەرنى ئىجارىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر يىللىق ئاقچا ئايلىنىمى بىر نەچچە مىليۇن سۇمغا يېتىدۇ. يوقىرى ھوسۇل ئېلىنغان يىلى ۋېلىباي ساڭلىرىغا 200 مىڭ پۇتقىچە ئاشلىق قويۇلاتتى. ۋېلىباي يولداشوۋ ئۆزىنىڭ ئاشلىقىنى يەتتەسۇ ، تاشكەنتتىلا سېتىپ قالماي، چەت ئەللەرگىمۇ چىقىراتتى. چار پادىشاھ ئەسكەرلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكىمۇ ياردەملىشەتتى. شۇنداقلا ۋېلىباي يولداشوۋ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، جۈملىدىن كان سانائىتىگە، بولۇپمۇ ئالتۇن قېزىشقا سەرپ قىلدى. ۋېلىباي يولداشوۋنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىش بويىچە قوللانغان ئۇسۇلى، يەتتەسۇ تارىخدىكى بىر يېڭىلىق بولدى. ئۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرى يەتتەسۇغا كۆچۈۋاتقان  يىللىرىدا ئەنگىلىيىدىن كېمە سېتىۋېلىپ، ئىلى دەرياسىدا يۈك توشۇشنى باشلىغان ئىدى. ئاتاپ ئېيتقاندا ئۇ ئىنژىنېر پاكىلېوۋىسكى بىلەن بىرلىشىپ كېمە بىلەن ئىلى دەرياسىدا ئادەملەرنى، تۈرلۈك يۈكلەرنى توشۇپ، سودىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان. ئۇلارنىڭ ئىلى دەرياسى ئارقىلىق غۇلجىدىن چۆيۈن تاۋلاش زاۋۇتىنى يەتتەسۇغا كۆچۈرۈپ چىقىش توغرىسىدىكى ئويى گېنرال – گوبىرناتور كولپاكوۋېسكى تەرىپىدىن قىزغىن قوللاپ – قۇۋەتلەنگەن. نەتىجىدە چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن يەتتەسۇ دىن غۇلجىغىچە بولغان سۇ يولىنى ئېچىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، تەييارلىق قانات يايدى. 1892 – يىلى 14 – ماي كۈنى يىگىرمە مىڭ پۇت ئاشلىق بېسىلغان كېمە غۇلجىغا ئاتلاندى. ئۇ كېمە ئالتە كۈندىن كېيىن يەنە ئېلىسكىغا قايتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئىلى دەرياسى سۈيىدىن پايدىلىنىپ سودا – سېتىق يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرى باشلىنىپ كەتتى. ياركەنت شەھىرى كېڭىيىپ، گۈللىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قوينىدا سودا ئىشلىرى ئەۋج ئالدى. ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ قاتارى كېڭەيدى. سودا ئورۇنلىرى يېڭىلىرى بىلەن تولۇقلاندى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ۋېلىباي يولداشوۋغا تەئەللۇق ئىدى. 1887 – يىلى بىر نەچچە تۈگمەن، خىش زاۋۇتى، ئىككى تېرە زاۋۇتى ۋە باشقىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى سېلىنىپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. شەھەر قوينىدا كۆپلىگەن دۇكانلار ئېچىلىدۇ. دەسلەپكى مەكتەپلەر بارلىققا كېلىدۇ. جۈملىدىن 1886 – يىلى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى بۇ شەھەردە دەسلەپكى ئاغرىقخانا ( شىپاخانا ) سېلىنغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ شەھەرنىڭ تەرەققىياتنىڭ شۇنداق تېز بولۇشىغا بۇ شەھەرنىڭ يەتتەسۇنى ، بىر تەرەپتىن جوڭگۇ شىنجاڭ بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيە بىلەن باغلاشتۇرىدىغان ئۇلۇق يىپەك يولى بويىغا جايلاشقانلىقى كۆپ جەھەتتىن سەۋەب بولدى. يىللار ئۆتكەنسىرى يەتتەسۇدىكى قازاق، ئۇيغۇر، روس، تۇڭگان، تاتار ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىلىرى ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات تېزلەشتى. شۇ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنىڭ گۈلتاجى بولۇپ، ياركەنت شەھرىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئاتىلار يادىكارلىقى، ۋېلىباي مەدرىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. نامىدىن بەلگىلىككى،  بۇ تەبىرچان، ئىسلاھاتچى باي، ۋېلىباي يولداشوۋنىڭ خەلققە قالدۇرۇپ كەتكەن ئاجايىپ ۋە ئۆلمەس مىراسىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەتكەن بۇ ھىممىتى ئۆزىنىڭ ماھىيىتى، ئېتىبارى بىلەن ناھايتى قىممەتلىك بولۇپلا  قالماي، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەۋەررۈك روھى مۈلكىدۇر. بۇ نادىر قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنىشى توغرىلىق ئەل ئارىسىدا ھەر خىل گەپلەر مەۋجۇت. شۇلارنىڭ بىرىدە مۇنداق ئېيتىلىدۇ: مەدرىسنى سېلىش مەيدانىغا كەلتۈرۈلگەن ياغاچلار تاغ – تاغ بولۇپ دۆۋلىنىپ كىتىدۇ. ياغاچلارنىڭ كېسىلىپ، تەييارلىنىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغان بولسىمۇ، باش مىمارچى خون پېكنىڭ ئىش باشلاش ھەرىكىتى سېزىلمەيدۇ. ئۇ غاڭزىسىنى چىكىپ، ماتېرىياللارنى تەييارلىتىۋېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىز كۆز يۇمۇپ قېلىشى مۇمكىنغۇ. بۇ ئەھۋال باينى ئويلاندۇرۇپ تەشۋىشكە سالىدۇ. تاقىتى پۈتكەن ۋېلىباي باش مىمارچىدىن ئىشنى باشلاشنى قەتئىي تەلەپ قىلىدۇ. ئاخىرى خون پىك كەلگۈسى مەدرىسنىڭ ئىككى خىل مودىلىنى ياساپ بايغا كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنىڭ سەل ئالدىراۋاتقىنىنى ھەم ئېيتىدۇ. مودىلنىڭ بىرىنجىسىدە مەدرىسنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى، ئىككىنچىسىدە بولسا ئۈچ قەۋەتلىك بىنا بولۇپ، باش دەرۋازا بىلەن چوڭ جامە مەسچىتىنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك دەھلىز قوشۇلۇپ تۇراتتى. ۋېلىباي شۇ ئىككى مودىلنىڭ بىرىنجىسىنى تاللىۋالىدۇ. شۇ چاغدا باش مىمارچى « ئۇنداق بولسا يەنە ئىككى يىل ياغاچ توشۇپ تەييارلىشىمىز كېرەك » دەيدۇ. ۋېلىباي ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ 1892 – يىلنىڭ باشلىرىدا مەدرىسنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە 1895 -يىلغىچە ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مەسچىت، مەدرىسخانىلىرى، بارلىقى 24 بۆلمە، كىچىك مەسچىت ۋە باش دەرۋازىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاياغلىشىدۇ. مەدرىستە پەقەت ياركەنت تەۋەسىنىڭلا ئەمەس، قوشنا ئىلى ۋە باشقا يەرلەردىن كەلگەن تالىپلار دەرس ئالغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا تۆت سىنىپلىق مەدرىستە دىنى ئوقۇتۇش بىلەن بىر قاتاردا ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ ۋە باشقا پەنلەرمۇ ئوقۇتۇلغان. ۋېلىباينىڭ ھەشەمەتلىك مەدرىسى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن بەرپا قىلىنغان. ئۇنىڭغا چېكىلگەن ھەر خىل نەقىشلەر، چىرايلىق پۈتۈلگەن يېزىقلار قەيىرىگىلا قارىماڭئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ بىر ئەسىردىن ئوشۇق ۋاقىت داۋامىدا بىر مىقسىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. گۈل كەبى چىرايلىق ئىشلەنگەن، نەچچە مىڭلىغان ياغاچ دانىلىرى بىر – بىرىگە شۇقەدەر چاپراس كەلتۈرۈلگەنكى، ئۇنىڭ سىرىنى شۇ زاماننىڭ ئۇستىلىرى ئۆزىلا بىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا قارايسەندە ئويلىنىسەن: « ھە، بۇ بىنا ئەقىل ۋە ماھارەت مەھسۇلى، ئۇ 19 – ئەسىردە ئاتىلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان تارىخى، مەدەنىي يادىكارلىقى ». مەدرىسنى زىيارەت قىلغان ھەر قانداق كىشىھەيران بولىدۇ – دە، ئۇنى بەرپا قىلغۇزغان ۋېلىباي يولداشۇۋغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلىدۇ. چۈنكى مەسچىتكە كىرىدىغان ئىشىكنىڭ پىشانىسىگە ئەرەب يېزىقىدا « ئەگەر سىز بۇ چوڭ بىنانىڭ ئىگىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇ مەن بولىمەن – ۋېلاخۇن يولداشوۋ » دېگەن سۆزلەر يېزىلغان… ۋېلىباي يولداشوۋ ھەر تەرەپلىمە يېتىلگەن، پەم – پاراسەتلىك، ۋەتەنپەرۋەر شەخس بولغان. ئۇ مەدەنىيىتىمىز تەرەققىياتىغىمۇ چوڭ ھەسسە قوشقان ئىنساندۇر. مەسىلەن: ئۇنىڭ 1913 – يىلى ئالمۇتادا يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەمەلىي سەنئىتى كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى مەلۇم. ھاياتى يېتىمچىلىك، كەمبەغەلچىلىكتىن باشلانغان ۋېلىباي يولداشوۋ  ئۆزىنىڭ  تەدبىرچانلىقى ۋە پەم – پاراسىتى بىلەن ئىلى، يەتتەسۇ تەۋەسىدىلا ئەمەس، روسىيىگىمۇ كەڭ تونۇشلۇق. 1892 – يىلى ئۇ « روسىيىنىڭ پەخرى پۇقراسى »ۋە « ئالىي پەزىلەتلىك سودىگەر » دېگەن پەخرى ناملارغا سازاۋەر بولىدۇ. ياركەنت شەھرىدىكى نادىر مەدرىسە بىناسىنى سېلىشتىكى ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا « ئاخۇنۇم » دېگەن شەرەپلىك ئاتاق بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ يەتتەسۇدىكى ئەڭ پەم – پاراسەتلىك چوڭ بايلارنىڭ قاتارىدا تىلغا ئىلىنىشقا باشلايدۇ. ۋېلىباي 1892 – يىلى ئومىسكى شەھرى ئەتراپىدا پادىشاھ تەختىنىڭ مىراسخۇرى ياش نىكولاينى كۈتۈۋىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. كېيىنچىرەك سانكىت – پېتىربورىگقا بېرىپ پادىشاھ نىكولاي 2 نىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنىدۇ. كۆپلىگەن يوقىرى دەرىجىلىك يىغىن، سورۇنلارغا قاتنىشىدۇ. پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە ئوردىن ۋە مىداللىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇنداق چوڭ ئابرۇي – ئاتاققا ئېرىشكەن ۋېلىباينى يەرلىك خەلق « يېرىم پادىشاھ » دەپ ئاتاپ كەلگەنىدى. ياركەنتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا شەھەر بىلەن بىللە پەيدا بولغان كونا بىر قەبرىستانلىق بار. ئاسىراشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن بۇ چوڭ قەبرىستانلىق بارا – بارا مال ئايىغىدا چەيلىنىپ، خارابلىققا ئۇچرىغان ئىدى. ئېلىمىز مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، ساۋابلىق ئىشلارغىمۇ كەڭ مۇمكىنچىلىك يارىتىلدى. جۈملىدىن مەزكۇر قەبرىستانلىقمۇ تۆمۈر – بىتۇنلار بىلەن قورشىلىپ، ئىچى تازلىنىپ رەتكە سىلىندى، كۆچەتلەر تىكىلدى. مۇشۇ قەبرىستانلىققا ئاتاقلىق زاتلار دەپنە قىلىنغان. بۇنىڭدىن بىر ئاز يىل ئىلگىرى كۆكتاللىق مۆتىۋەر تارىخچى ئوسمان ئاكىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋېلىباي، نىزامىدىن ئاخۇنۇم ۋە بىلال نازىمىلارنىڭ خارابلىققا ئۇچرىغان قەبرىلىرى تىپىلدى. قەبرە تاشلىرىنىڭ بىرىدىن  « ۋېلىباي يولداش ئوغلى 1838 – يىلى  1915 ج . ج » دېگەن خەتلەرنى ئوقۇيسىز. دېمەك ئۇلۇغ زات ۋېلىباي يولداشوۋ ئۆزى بەرپا قىلغان يۇرتتا ۋاپات بولۇپ، مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.[2]

مەنبە

[تەھرىر]
  1. ئابدۇۋەلى مۇقىيىت، «ۋەلىباي يولداشېف»، ماقالە، شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيەتى ژۇرنىلى، 2013، (ئۇمۇمىي) 47 - سان، 83—97- بەتلەر.
  2. ئابدىكىرىم تۇردىيارۇۋ، يېرىم پادىشاھ – ۋېلىباي يولداشوۋ، ئىلى دەرياسى ژورنىلى 2008- يىل 3 - سانى.