‹‹يېڭىسار پىچىقى››ھەققىدە قىسقىچە پاراڭ

ئورنى Wikipedia

   خەلقىمىز شانلىق مەدەنىيەت دۇردانىلىرىگە ئىگە خەلق. قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىمىز سەنئەتلىك قىممىتى، نەپىسلىكى، كۆركەملىكى جەھەتلىرىدىن ئەل ئارىسىدا داڭلىق. پىچاقچىلىقىمىز، جۈملىدىن يېڭىسار پىچاقچىلىقى يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر.

  ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› ئۇ بارلىققا كەلگەن جاي يېڭىسار بىلەن ناملانغان. يېڭىسار دىيارىمىزدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك كامال تاپقان سەنئەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، پىچاقچىلىق بۇ يۇرتتا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› شەكلىنىڭ كۆركەملىكى، نەپىسلىكى، ئۆتكۈرلۈكى بىلەن داڭلىق بولۇپ، 1987  –  يىلى ساياھەت قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى باھالاشتا مەملىكەت بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

  ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› نىڭ نەقىش تۈرى كۆپ. ئاساسلىقى، ھىلال، ئانار، قاپاق، بادام، ھەرخىل گۈل –  گىياھ ۋە گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر بولۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە.

  ئادەتتە بۇنداق پىچاقلارغا ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلمەيدۇ. بەكە –  پىچاقلارنى نەقىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتە بىرىنچىدىن، بەكە –  پىچاقلارنى كۆركەملەشتۈرۈش، ئىككىنچىدىن، بەكە –  پىچاقنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىش، ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ سەنئەتلىك، ساقلاش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئاساسلىقى، خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىككە ھېرىسمەنلىكى، سەنئەتخۇمارلىقىنىڭ شاھىتى. نەقىشسىز، سىدام بەكە – پىچاق بىلەن كۆركەم نەقىشلەنگەن بەكە – پىچاقنىڭ تەننەرخى، ساقلاش قىممىتىدە پەرق زور بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ياقۇت، قاشتېشى، كۈمۈش قاتارلىق ئېسىل ماتېرىياللار بىلەن كۆركەم، نەپىس نەقىشلەنگەن بەكە – پىچاقلارنىڭ تەننەرخىدىن كۆرە سەنئەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.

  ئادەتتە بۇ يۇرتتىن چىققان بەكە –  پىچاقلارغا ‹‹يېڭىسار›› دېگەن خەتلەر ئۇيۇلىدۇ. بۇ، ماھىيەتتە، ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› نىڭ نوپۇزلۇق ماركىسى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹يېڭىسار پىچىقى››نىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل رىۋايەتلەر بار. بۇلاردىن بىرى مۇنداق: بۇ ئەسلى تۇپرىقى ناچار، خەلقى نامرات جاي بولۇپ، بۇ جايدىكىلەرگە تەڭرىنىڭ رەھىمى كېلىپ، بىر ھۈنەرۋەنگە پىچاق ياساپ سېتىپ، شۇ يەردىكىلەرنىڭ ھال – كۈنىنى ياخشىلاشنى بۇيرۇپتۇ. ھۈنەرۋەن تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى دەرھال بەجا كەلتۈرۈپتۇ ۋە نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدىكىلەرنىڭ ئىش – ئوقىتى گۈللىنىپ، داڭقى يېقىن – يىراققا تارقاپ، ئەسلىدىكى ئۈنۈمسىز، نامرات تۇپراقتا يېڭى بىر شەھەر بىنا بولۇپتۇ... بۈگۈنكى گۈللەنگەن يېڭىسارنىڭ نامى ئەنە شۇ ‹‹يېڭى شەھەر››دىن كەلگەن ھەم پىچاقچىلىق يېڭىسارلىقلارغا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تەۋەررۈك ئۇدۇم كەسىپ بولغان ئىكەن. خۇلاسە كالام، رىۋايەتلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆركەم، جەلىپكار دوپپىلىرىمىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چېۋەر قوللىرىنىڭ مەھسۇلى بولغىنىدەك، بەكە –  پىچاقلىرىمىز ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى، شۇنداقلا ئەمگەكچان خەلقىمىزنىڭ بىباھا ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر:  ئالىم ئابدۇكېرەم ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 21 11:29؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/21/content_130640.htm؛