توك ئېقىمى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى .توك (توك ئېقىمى))

توك ئېقىمى، قىسقىچە توك، ئېلىكتىر زەرىتىنىڭ ئېقىمى بولۇپ، زەرەتلەرنىڭ يۆنۈلۈشلىك يۆتكىلىشى توك دېيىلىدۇ.

توك كەلىمىسى تىلىمىزغا رۇسچىدىن ئۆتكەندۇر.

توك ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەندە ئىسسىقلىق ئېففېكتى، خىمىيىلىك ئېففېكت، يورۇقلۇق چىقىرىش ئېففېكتى قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

توك ئادەتتە I بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . توك مۇقىم توك ۋە ئۆزىگىرىشچان توك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ .

توكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى يۆنىلىش ۋە ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان توك مۇقىم توك دېيىلىدۇ . مەسلەن، بىز ئىشلىتىدىغان باتارىيەدىن چىققان توك.

توكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى يۆنىلىشى ۋە ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان توك ئۆزگىرىشچان توك دېيىلىدۇ

يول بويلىرىدىكى توك سىملىرىدا ئېقىۋاتقان توك . توكنىڭ بىرلىكى ئامپىر A , يەنە mA ,uA قاتارلىق بىرلىكلىرى بار . 1A=1000mA ,1mA=1000uA .

توكنى ئامپىرمېتىر ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولىدۇ ، ئۆلچىگەن چاغدا ئامپىرمېتىر توك يولىغا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىدۇ .