ئەھمەت زىيائى

ئورنى Wikipedia

ئەھمەد زىيائى ( 1913 - 1989 - 27 - ئۆكتەبر) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى ، پېشقەدەم شائىر ، تالانتلىق درامماتورگ ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 19 47- يىلىلا « توزىماس چېچەكلەر » « لاداخ يولىدا كارۋان » « ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە » قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ناھايىتى شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇشقۇن ھېسسىيات ، باي تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە كەيپىياتى بىلەن تولغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇرچاچىدۇ .


27- ئۆكتەبىر 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندە – مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ ۋاپاتىغا 26 يىل تولغان كۈن.

كىشىلەر «ئەھمەت زىيائى» دېگەن بۇ نامنى ئاڭلىغىنىدا ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر «كۆۋرۈك» شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر گېزىتچىلىكى تارىخىدىكى بىر «ئۇل تاش» دەپ قارىشىدۇ.

ئەھمەت زىيائى ھەقىقەتەنمۇ بىر «كۆۋرۈك»، ئۇ 20-ئەسىردىكى زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كلاسسىك تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ باي ئەنئەنىلىرىگە باغلىغان ۋە بۇ جەھەتتە «كۆۋرۈك» لۈك رول ئوينىغان بىر شەخس.

ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرىگە ئالاھىدە زور باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەھمەت زىيائى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كىرگەن ۋە ئۇنى يېڭىچە مۇھىتتا بېيىتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور ئابلەت سەمەتمۇ مەرھۇم ئەھمەت زىيائى ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ، مەرھۇم ئەھمەت زىيائى بىر شائىر، بىر يازغۇچى، بىر ئاخباراتچى بولۇپلا قالماستىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى ھەم ئۆتكۈر تىلچىدۇر، دەپ قارايدۇ.

ئەھمەت زىيائى 1913-يىلى 17-ئاپرېلدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئەھمەت زىيائىنىڭ دادىسى موللاخۇن 14 ياش ۋاقتىدا ھەجگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەدرىسىلەردە 12 يىل ئوقۇپ، 26 يېشىدا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئابدۇقادىر داموللام بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئەھمەت زىيائىنىڭ دادىسى قەشقەر خانئېرىقتا 24 ھوجرىلىق مەدرىسە بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇدەررىس بولغان.

ئەھمەت زىيائى موللائاخۇن ھاجىم ئائىلىسىدىكى 13 بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت پەيزىمۇ ئۆز دەۋرىدە يېتىلگەن ئىلىم ئىگىلىرىدىن بولغان. ئەھمەت زىيائىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاكىسى مۇھەممەت پەيزى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش ۋاكالەتخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان.

1934-يىلى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئەھمەت زىيائى قەشقەر شەھىرىدە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنىۋاتقان «يېڭى ھايات» گېزىتىدە كاتىپ ۋە ياردەمچى تەھرىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان.

ئەھمەت زىيائىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، شۇ يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ پارسچىنى ياخشى بىلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىراندا چىقىدىغان «تېھران گېزىتى»، ئافغانىستاندا چىقىدىغان «ئامان ئافغان» گېزىتلىرىنىڭ خەلقئارا خەۋەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، «يېڭى ھايات» گېزىتىگە تەييارلىغان. بۇ گېزىت كېيىنچە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. ئەھمەت زىيائىي بۇ گېزىتتە تاكى 1943-يىلىغىچە تەھرىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

1943-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەھمەت زىيائى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرلەر بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان.

ئۇ، شۇ يىلى «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىنى يېزىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان. ئەپسۇسكى، 1944-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، تاكى 1946-يىلىنىڭ بېشىغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتىدۇ.

تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، لاداق يولىغا ئاتلىنىدۇ ھەمدە قەشقەر بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا سودىگەرچىلىك قىلىدۇ. 1946-يىلى «11 بىتىم» ئىمزالانغان كۈنلەردە ئۇ يەنە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» گە قايتىپ كېلىپ باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلايدۇ.

1947-يىلى ئۇ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە گومىنداڭ قانۇن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ ھەمدە نەنجىڭدە 72 كۈن تۇرىدۇ. 1948-يىلى 5-ئايدا نەنجىڭدىن قايتىپ چىقىپ يەنە «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» دە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ.

1949-يىلىدىن كېيىن شائىرنىڭ ھاياتى سىياسىي داۋالغۇشلارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆتىدۇ. ئۇ، ئۇزۇن مەزگىل تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن چىقىدۇ. 1980-يىللاردا «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى نەشرگە تەييارلاشتا مۇھىم كۈچ قوشىدۇ.

دوكتور ئابلەت سەمەت يەنە مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن مول ۋە كۆپ قاتلاملىق ئەدەبىي، ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئاخىرىدا، ئەھمەت زىيائىنىڭ «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ساياھەت خاتىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەھمەت زىيائى ئەپەندىنىڭ 1946-يىلى نەشر قىلىنغان «لاداق يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.

ئاپتۇرى: قۇتلان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى