Jump to content

2025-يىللىق دۇنياۋى ئون چوڭ پەن-تېخنىكا بۆسۈش

ئورنى Wikipedia

2025-يىللىق دۇنياۋى ئون چوڭ پەن-تېخنىكا بۆسۈش


2025-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «خەلقئارا كىۋانت ئىلىمى ۋە تېخنىكىسى يىلى»، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ «15-بەش يىللىق پىلان»ىنىڭ ئالدىنقىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىسىگە يول ئاچىدىغان مۇھىم مەزگىلى.

بۇ يىلدا، ھېسابلاش ئەندىزىسى يېڭىلاندى. «DeepSeek پەيتى» ئېلىپ كەلگەن ھالقىش بىزنى ھېسابلاش كۈچى (تېخنىكىسى) ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى، كىۋانت ھېسابلاش تېخنىكىسىدا بۆسۈشلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى؛ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىدىن تارتىپ قاتتىق تېخنىكىلىق كەسىپلەرگىچە، بۇ دۇنيا كىرىستال لامپا سانىنى دۆۋىلەيدىغان ئۇ دەۋر بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

ماتېرىياللار ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، بىزنىڭ ماددىي دۇنياغا بولغان سەزگۈمىزنى قايتا شەكىللەندۈرمەكتە: مېڭە-كومپيۇتېر ئۆزىكى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە كىردى، كاۋاك يادرولۇق ئوپتىك تالا يىراق ئارىلىققا ئۇچۇر يەتكۈزۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى، مېتال ماتېرىياللار سىقىلىپ ئاڭستروم (Å) دەرىجىلىك «ئىككى ئۆلچەملىك» دۇنياغا كىردى، μ (مىيۇن) زەررىچىسىنىڭ نەزەرىيەۋى مودېلى بىلەن رېئال دۇنيا ئېنىق تۇتاشتى، ئابستراكت ماددىي چەكلەر تېخنىكا ئارقىلىق بىرمۇبىر رېئاللىققا ئايلانماقتا.

ئىنسانلارنىڭ ياشاش مەنزىرىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈپتىن ئۆزگەردى.

جۇڭگو «سۈنئىي قۇياشى» يادرو بىرىكىش رېئاكتورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئالدىن كۆرسىتىپ بەردى، بېنۇ (Bennu) كىچىك سەييارىسىنىڭ ئەۋرىشكىسى يەرشارىنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ياشاش كوئوردېناتى قايتىدىن توغرىلانماقتا.

تۆۋەندىكىسى 2025-يىللىق دۇنياۋى ئون چوڭ پەن-تېخنىكا بۆسۈشى:

DeepSeek-R1: چوڭ مودېلنىڭ «جۇڭگو لايىھەسى»

چوڭقۇر ئىزدەش (DeepSeek) شىركىتى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان DeepSeek-R1 مودېلى، DeepSeek-V3 ئاساسىي مودېلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۈچەيتىپ ئۆگىنىشنى يادرو قىلىپ مەشىق قىلىش ۋە خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ھەقسىز ئوچۇق كودلۇق قىلىنغان.

بۇ مودېل o1 تۈرىدىكى خۇلاسە چىقىرىش مودېلى ئاساسىدا، «كۈچەيتىپ ئۆگىنىش»كە تېخىمۇ بەك تايانغان بولۇپ، مودېل ئۆزى ئۈچۈن قۇرغان ۋە تەڭشىگەن مۇكاپاتلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆز ھەرىكىتىدىن ئىنكاس ئالىدۇ. Math-500 قاتارلىق ئاساسىي سىناقلاردا، R1 ئىنتايىن تۆۋەن ھېسابلاش تەننەرخى بىلەن OpenAI o1 غا تەڭلىشەلەيدىغان خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇردى. «تەبىئەت» (Nature) ژۇرنىلى DeepSeek نىڭ قۇرغۇچىسى لياڭ ۋېنفېڭنى 2025-يىللىق ئون چوڭ شەخس قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا «مۇرەككەپ لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىشنى قول يەتكۈدەك قىلدى» دەپ باھا بەردى.

ئادەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچ كىۋانت توك يولى ۋە ماكرو كىۋانت تونېللاش: كىۋانت پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئۇل تېشىنى جەزملەشتۈردى

10-ئايدا، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى كىۋانت پەن-تېخنىكىسىغا بېرىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچ كىۋانت توك يولى تېخنىكىسىنىڭ زامانىۋى ھېسابلاش ئۆزگىرىشى ئۈچۈن سالغان ماكرو ئۇل تېشى تەقدىرلەندى. John Clarke، Michel H. Devoret ۋە John M. Martinis لار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا جوسېفسون تۈگۈنى (Josephson junction) بار توك يولىدىن پايدىلىنىپ، تۇنجى قېتىم ماكرو كىۋانت تونېللاش ۋە ئېنېرگىيە دەرىجىسىنىڭ تارقاقلىقىنى كۆزەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

بۇ بايقاش كلاسسىك دۇنيا بىلەن كىۋانت دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى چەكنى بۇزۇپ تاشلاپ، نەچچە يۈز مىليون ئاتومدىن تەركىب تاپقان ماكرو توك يولى سىستېمىسىنىڭمۇ مىكرو زەررىچىلەرگە ئوخشاش ئېنىق كونترول قىلىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ بۆسۈش «سۈنئىي ئاتوم» ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچ كىۋانت بىت (Qubit) نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندە Google، IBM قاتارلىق تېخنىكا گىگانتلىرىنىڭ كىۋانت ھېسابلاشنى قۇرۇپ چىقىشىدىكى فىزىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئۇنىۋېرسال كىۋانت كومپيۇتېرى Helios: يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىۋانت ھېسابلاش سودا ئىشىكىنى چەكتى

كىۋانت ھېسابلاش ساھەسىدىكى ئىيون قاپقىنى (Ion trap) لىنىيەسىنىڭ باشلامچى كارخانىسى Quantinuum شىركىتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 3-ئەۋلاد كىۋانت كومپيۇتېرى Helios نى ئېلان قىلدى. Helios جەمئىي 98 فىزىكىلىق كىۋانت بىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەككە كىۋانت بىت دەرۋازىسى مەشغۇلاتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى %99.9975 كە، قوش كىۋانت بىت دەرۋازىسى مەشغۇلاتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بارلىق كىۋانت بىت جۈپلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %99.921 كە يەتكەن ھەمدە 48 دانە خاتالىقى تۈزىتىلگەن لوگىكىلىق كىۋانت بىت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەرشارىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال سودا خاراكتېرلىك كىۋانت كومپيۇتېرى ھېسابلىنىدۇ.

Helios فىزىكىلىق بىت بىلەن لوگىكىلىق بىتنىڭ ئايلىنىش نىسبىتىنى 2:1 گە يېقىنلاشتۇرغان (بۇ ساھەدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيە بولغان نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈزنىڭ بىرگە نىسبىتىدىن كۆپ يۇقىرى) بولۇپ، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس شۆبىسىنىڭ پروفېسسورى Prineha Narang تەرىپىدىن «ئۆزگىچە ۋە كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ» دەپ باھالاندى. ئۇنىڭ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان Guppy پروگرامما تىلى بىلەن ماسلىشىشى، Helios نىڭ دۇنياغا كېلىشى كىۋانت ھېسابلاشنىڭ ھەقىقىي تۈردە سودا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز، يۇقىرى كەڭ بەلۋاغلىق مېڭە-كومپيۇتېر ئېغىزى BISC ئۆزىكى: مېڭىگە «سىمسىز كەڭ بەلۋاغ» ئورنىتىش

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ستانفورد قاتارلىق كوللېكتىپلار 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان BISC ئۆزىكى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن «سىمسىز رەقەملىك كەڭ بەلۋاغ» ئورناتتى. خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنال «تەبىئەت ئېلېكتىرونىكىسى» (Nature Electronics) دا ئېلان قىلىنغان بۇ نەتىجە، 65536 دانە ئېلېكتىروت، توك مەنبەسى ۋە رادىيو چاستوتا مودۇلىنى قېلىنلىقى ئاران 50µm، ھەجىمى 3 كۇب مىللىمېتىر كېلىدىغان يۇمشاق CMOS ئۆزىكىگە يۇقىرى دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئەنئەنىۋى مېڭە-كومپيۇتېر ئېغىزىنىڭ فىزىكىلىق ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

بۇ ئۆزەك چاپلاققا ئوخشاش چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى يۈزىگە سىيرىلىپ كىرەلەيدىغان بولۇپ، بەدەن سىرتىدىكى يەتكۈزۈش پونكىتى ئارقىلىق UWB ئۇلىنىشى قۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى 100Mbps غا يەتكۈزگەن. بۇ ھالقىش يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىگنالنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزەلمەسلىكتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە غايەت زور نېرۋا سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىۋاسىتە سۈنئىي ئەقىل (AI) مودېلىغا كىرگۈزۈپ، تۇتقاقلىق كېسىلىنى كۆزىتىش، يۇقىرى ئەركىنلىكتىكى نېرۋا سۈنئىي پۇت-قول ئەزاسى ۋە قوش يۆنىلىشلىك مېڭە-كومپيۇتېر ئالاقىسى ئۈچۈن يادرولۇق سانلىق مەلۇمات يولى بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى تىپتىكى كاۋاك يادرولۇق ئوپتىك تالا: سىگنال يەتكۈزۈشتىكى خوراش رېكورتىنى يېڭىلىدى

مىكروسوفت قوللىغان Lumenisity تەتقىقات گۇرۇپپىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن يەتكۈزۈش كەڭ بەلۋېغى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ئاجىزلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە مىكرو قۇرۇلمىلىق ئوپتىكىلىق دولقۇن يېتەكلىگۈچىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت فوتونىكىسى» (Nature Photonics) دا ئېلان قىلىنغان بۇ نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى كاۋاك يادرولۇق ئوپتىك تالانىڭ 1550nm دولقۇن ئۇزۇنلۇقى (ئالاقىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دولقۇن بۆلىكى) دىكى ئەمەلىي ئۆلچەنگەن خوراش ئاران 0.091dB/km بولۇپ، 66THz لىق كەڭ بەلۋاغ كۆزنىكى ئىچىدە، خوراش نىسبىتى 0.2dB/km دىن تۆۋەن ساقلانغان.

ئەنئەنىۋى قاتتىق يادرولۇق ئەينەك تالادىن پەرقلىق بولغىنى، بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىلغان ئوپتىك تالا «ھاۋا يادروسى» نى قوللانغان بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئىنچىكە لايىھەلەنگەن ئەينەك مىكرو قۇرۇلمىلار ئارقىلىق نۇرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تېخنىكىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن خورىشىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى بار بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ بەلۋاغلىق كۈچەيتكۈچ بار دولقۇن بۆلەكلىرىدە ئىشلەشنى قوللايدۇ، بۇ يىراق ئارىلىققا ئالاقىلىشىش ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك لازېر نۇرىنى يىراقتىن يەتكۈزۈش ساھەسىنىڭ يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ئاڭستروم دەرىجىلىك» ئىككى ئۆلچەملىك مېتال تەييارلاش تېخنىكىسى: مېتال ئاتوملىرىغا «ئۆلچەم تۆۋەنلىتىش زەربىسى» بېرىش

3-ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىكى جاڭ گۇاڭيۈ گۇرۇپپىسى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنال «تەبىئەت» (Nature) تە ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار «ئاتوم ياسىمىچىلىقىدىكى ۋان دېر ۋالس (van der Waals) سىقىش ئۇسۇلى» نى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، مېتال ماتېرىياللارنىڭ قېلىنلىقىنى ئاڭستروم (Å) دەرىجىلىك چەككە، يەنى چاچ تالاسى دىئامېتىرىنىڭ تەخمىنەن ئىككى يۈز مىڭدىن بىرىگە يەتكۈزگەن. يەككە قەۋەتلىك ۋىسمۇت (Bi) نىڭ توشۇش ۋە رامان (Raman) ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئالاھىدە فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، مەسىلەن، يېڭى فونون (phonon) ھالىتى، كۈچەيتىلگەن توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى، كۆرۈنەرلىك مەيدان ئېففېكتى ۋە غايەت زور سىزىقسىز خول (Hall) توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى قاتارلىقلار.

[Å ئاڭستروم (Ångstrom، قىسقارتىلمىسى ANG ياكى Å) كىرىستال ئىلمى، ئاتوم فىزىكىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى مىكروسكوپلۇق قۇرۇلما قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدە «埃» (ئەي) دەپ ئاتىلىدۇ، بەلگىسى Å. بىر ئاڭستروم (1Å) ئوننىڭ مەنپىي ئونىنچى دەرىجىسى مېتىرغا تەڭ، يەنى بىر نانومېتىرنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.]

ئاتوم دەرىجىلىك نېپىز ئىككى ئۆلچەملىك مېتال ئۇزۇن مەزگىل ئىلىم-پەن ساھەسىدە «ئىمكانسىز ۋەزىپە» دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىزمەت ئىككى ئۆلچەملىك مېتال، قېتىشمىلار ۋە باشقا ئىككى ئۆلچەملىك ۋان دېر ۋالس بولمىغان ماتېرىياللارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك يول ئېچىپ بەردى ھەمدە كەڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كىۋانت ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە فوتونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىش ئىستىقبالى بىلەن تەمىنلىدى.

μ (مىيۇن) زەررىچىسى g-2 تەجرىبىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نەتىجىسى: ئۆلچەملىك مودېل ۋاقتىنچە پۇت تىرەپ تۇردى

6-ئايدا، كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن فېرمى دۆلەتلىك تېزلەتكۈچ تەجرىبىخانىسى (FNAL) نىڭ μ (مىيۇن) زەررىچىسى g-2 تەجرىبىسىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭدا ئۆلچەنگەن μ زەررىچىسىنىڭ بىنورمال ماگنىتلىق پەيتى تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى نەزەرىيەۋى مۆلچەر بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك چىقتى. ئەڭ يېڭى ئۆلچەش نەتىجىسى 2021-يىلى ۋە 2023-يىلى ئېلان قىلىنغان نەتىجىلەر بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەك بولۇپ، ئۆلچەش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن 127ppb (ئون مىليوندىن بىر پۈتۈن يۈزدىن يىگىرمە يەتتە) گە كۆتۈرۈپ، تەجرىبىدە دەسلەپتە بەلگىلەنگەن نىشاندىن (ئون مىليوندىن بىر پۈتۈن تۆت) ھالقىپ كەتتى ۋە نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېنىق بولغان μ زەررىچىسىنىڭ بىنورمال ماگنىتلىق پەيتىنى ئۆلچەش نەتىجىسىنى بەردى.

گەرچە نەزەرىيەۋى ھېسابلاشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى μ زەررىچىسىنىڭ بىنورمال ماگنىتلىق پەيتىدە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولغان «يېڭى ئالامەتلەر»نى ئاجىزلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نەتىجىسى كەلگۈسىدىكى ئۆلچەملىك مودېلنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن ئۆلچەم بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆلچەملىك مودېل يەنە بىر قېتىملىق خىرىستىن ئۆتتى.

نۆلگە يېقىن كاربون قويۇپ بېرىدىغان يېشىل پولات ™SSAB Zero: تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ بېشارىتى

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىۋېتسىيە پولات-تۆمۈر ماگىناتى SSAB ئۆزىنىڭ ™SSAB Zero پولات مەھسۇلاتىنىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى (IEA) نىڭ نۆلگە يېقىن كاربون قويۇپ بېرىش بوسۇغىسىغا يەتكەن ھەمدە FMC نىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمىگە توشقان تۇنجى مەھسۇلات بولۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئايوۋا زاۋۇتىغا تايىنىپ، بۇ مەھسۇلات تاشقاتمىسىز توك، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى ۋە HYBRIT® تېخنىكا لىنىيەسىدىكى ھىدروگېن ئارقىلىق تۆمۈرنى قايتۇرۇش تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، خىمىيەلىك رېئاكسىيە يىلتىزىدىن كاربون قويۇپ بېرىشنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

GE Vernova شۇ كۈنى ئۇنى دەرھال قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىر مۇنارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ «يېشىل ھىدروگېن + يېشىل توك» تاۋلاش ئەندىزىسىنىڭ ئۇقۇمنى دەلىللەش باسقۇچىدىن رەسمىي ھالقىپ ئۆتۈپ، يەرشارى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن كۆلەملەشتۈرۈپ كۆپەيتىشكە بولىدىغان، ئېنىق بۇلغىما ئازايتىش يولىغا ئىگە تۇنجى يېشىل ئۈلگە بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو «سۈنئىي قۇياشى» EAST: «يۈز مىليون گىرادۇس، مىڭ سېكۇنت» دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىگە جايلاشقان تولۇق ئادەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچ توكاماك يادرو يىغىلىش تەجرىبە ئۈسكۈنىسى (EAST) تۇنجى قېتىم 100 مىليون سېلسىيە گىرادۇسلۇق 1066 سېكۇنتلۇق تۇراقلىق ھالەتتىكى ئۇزۇن ئىمپۇلسلۇق يۇقىرى چەكلەش ھالىتىدىكى پلازما يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توكاماك ئۈسكۈنىسىنىڭ تۇراقلىق ھالەتتىكى يۇقىرى چەكلەش ھالىتىدە يۈرۈشۈشى بويىچە يەنە بىر قېتىم يېڭى دۇنيا رېكورتى ياراتتى.

مىڭ سېكۇنتلۇق دەرىجە — يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىنىڭ مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم ئاساس. ئەمما يۈرۈشۈش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، پلازمىنى چەكلەش قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ مىڭ سېكۇنتتىن ھالقىشى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم تەجرىبە ئۈسكۈنىسىدە كەلگۈسىدىكى يادرو بىرىكىش رېئاكتورىنىڭ يۈرۈشۈشى ئۈچۈن كېرەكلىك شارائىتنى تەقلىد قىلىپ، يادرو بىرىكىشىنىڭ قۇرۇلۇش جەھەتتىكى مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسى دېگەن نېمە؟

كىچىك سەييارە بېنۇ تەركىبىدە ھاياتلىق ماددىلىرى بارلىقى بايقالدى: ھاياتلىقتىن بۇرۇنقى دەۋردىكى يەر شارىنىڭ سىرى ئېچىلدى

«تەبىئەت» (Nature) ۋە «تەبىئەت ئاسترونومىيەسى» (Nature Astronomy) ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان كۆپ تۈرلۈك مۇھىم تەتقىقاتلاردا NASA نىڭ OSIRIS-REx ۋەزىپىسى ئېلىپ كەلگەن بېنۇ (Bennu) كىچىك سەييارىسى ئەۋرىشكىسىنىڭ چوڭقۇر ئانالىز نەتىجىسى ئاشكارىلاندى. ئالىملار ئۇنىڭدا ھاياتلىقنى تەشكىل قىلىشقا كېرەكلىك بولغان 14 خىل ئامىنو كىسلاتاسى، يادرو ئىشقار رادىكالى ۋە تەركىبىدە ناترىي بولغان فوسفات تۇزىنى بايقىدى.

ياپونىيە توھوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نوپۇزلۇق ژۇرنال «تەبىئەت گېئو-پەنى» (Nature Geoscience) نىڭ 12-ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، OSIRIS-REx ئالەم كېمىسى توپلىغان بېنۇ ئەۋرىشكىسىنىڭ جەۋھىرىدىن بىئولوگىيە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپ خىل شېكەر تۈرلىرى، جۈملىدىن رىبوزا (RNA نىڭ شېكەر تەركىبى) ۋە گلۇكوزا (مېتابولىزم ئاساسىي ماددىسى) بايقالغان. بۇ شېكەر تۈرلىرىنىڭ بايقىلىشى ھاياتلىقنىڭ ھالقىلىق تەركىبلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تولۇقلاپ، ھاياتلىققا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئۈچ چوڭ تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىلارنىڭ ھاياتلىقتىن بۇرۇنقى دەۋردىكى يەر شارى ۋە باشقا قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلىرىگە تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.


مەنبە: ئالپ سالونى