23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس

ئورنى Wikipedia

بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلقاناللىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ھادىسە خەۋەر قىلىندى ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. رىياسەتچى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياشلىق ئاق تەنلىك بالىلارغا تېرىسىنىڭ ئاق قارىلىقى بويىچە رەتكە تىزىلغان قونچاق رەسىملەرنى كۆرسىتىپ “قايسى بالا ئەسكى (دۆت، ناچار، سەت) ؟ قايسى بالا ياخشى (ئېسىل، ئەقىللىق، چىرايلىق)؟“ دېگەن سۇئاللارنى سورىدى. بالىلار ھىچ ئىككىلەنمەستىن تېرىسى ئەڭ قارا بولغان بالىنى دۆت، ناچار، سەت دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىنى تېرىسىنىڭ قارا بولغانلىقى دېدى. تېرىسى ئەڭ ئاق بولغان بالىنى بولسا ئەقىللىق، ياخشى، چىرايلىق، ئېسىل دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىگە تېرىسىنىڭ ئاق بولغانلىقىنى ياكى ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى سەۋەب قىلدى. شۇ نەق مەيداندا بالىلارنىڭ ئانىلىرى بار بولۇپ نەتىجىدىن تولىمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ھەتتا بىر ئايال ”مەن بالامغا ئىرق توغرۇلۇق ھىچ نېمە دېمىگەن. مېنىڭ ھەر خىل ئىرق ھەر خىل مىللەتتىن دوستلۇرۇم بار. مەن بالامدا نېمىشقا بۇنداق ئوي شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدىم. قارىغاندا مېنىڭ باشقا ئېرقتىكىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ بالامغا ئىنساننىڭ ئىرىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرشۇم يېتەرلىك بولمىغان ئوخشايدۇ“ دەپ يىغلاپ كەتتى.

تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن 130 بالىنى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياش گورۇپپىسى بويىچە تەكشۈرگەن بولۇپ 4-5 ياش گورۇپپىسىدا 76% بالا تېرىسى قارا بولغان قونچاقلارنى ”دۆت، ناچار، سەت“ بالىلارغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن. 9-10 ياشلىق بالىلار گورۇپپىسىدا بۇنداق قاراش 59% بولغان. بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسىگە بەزىلەر قارشى چىقىپ بۇ تەجرىبىنىڭ لايىھەلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان. بەزى ئىنكاسچىلار ”ئاق تەنلىك بالىلار قايسى قونچاق ئۆزىگە ئوخشىسا شۇنى ئەقىللىق، چىرايلىق ۋە ئېسىل دەپ تەرىپلىدى“ بۇنىڭ ئىرقچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېدى. بۇنداق دېگۈچىلەر يەنە ”قارا رەڭنىڭ قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت، ياۋۇزلۇق دېگەندەك كۆچمە مەنىلەردە قوللۇنىلىشى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، بۇ پەقەت رەڭ ھەققىدىكى تونۇش مەسلىسى ئېرقچىلىققا كىرمەيدۇ،“ دەپ قارىدى. يەنە بەزىلەر بۇنداق قاراشقا ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەت سەۋەپچى دەپ قارىغان، بالىلار گۇناھسىز، ئۇلارنى ئىرقچى دېگىلى بولمايدۇ، دېدى.

ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ ئىرق قارىشى ھەققىدىكى بۇ تەتقىقات قارا تەنلىك بالىلار ئارىسىدىمۇ يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ بۇ باللاردىمۇ ئاق تەنلىككە ئوخشۇتۇلغان قوچاقلارنى ئىجابى باھالاش خاھىشى كۆرۈلگەن. بۇنداق تەتقىقات ئامېرىكىدا 1940-يىللىرىمۇ ئىشلەنگەن بولۇپ ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىك بالىلارغا توم قارا قورچاقتىن تارتىپ ئاپئاققىچە بولغان قورچاقلاردىن بىرىنى تاللاش تەلەپ قىلىنغان. قورچاقلارئەڭ ئامراق، سەل ئامراق دېگەندەك ئامراقلىق دەرىجىسى بويىچە تۈرگە ئايرىلغاندا ئاق قورچاق قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىك بالىلارنىڭ ئورتاق ئامرىقى بولۇپ چىققان. بۇنىڭ سەۋەبىگە چۈشەنگەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قارا تەنلىكلەرنى ئايرىم مەكتەپ ۋە ئايرىم سىنىپلاردا ئوقۇتىدىغان ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇندىن كېيىن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم مەلۇم ساندا ئوخشىمىغان ئېرقتىن بولۇشى بەلگىلەنگەن ئىكەن. يۇقارقى تەتقىقاتنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

http://www.cnn.com/2010/US/05/19/doll.study.reactions/index.html?iref=allsearch

مەن يۇقارقى مەسىلىنى مۇنداق ئويلۇدۇم. ئامېرىكىدا بالىلار كىچىكىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلىنىدۇ. بالىلارنىڭ كىچىككىنە نەتىجىسىمۇ قالتىس، كارامەت دەپ تەرىپلىنىدۇ. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلار بالىلىرنىڭ كىچىككىنە قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن چىقىپ قالسا قانچە پۇل، قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قولدىن بەرمەيدۇ. نەتىجىدە بالىلاردا ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ يېتىلىدۇ. يۇقارقى تەجرىبىدە ئاق تەنلىك بالىلارنىڭ ئاق قونچاقلارنى ئەقىللىق، چىرايلىق، ئېسىل دەپ قارىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ”ماڭا ئوخشىغاچقا شۇنداق“ دەپ چۈشەندۈرىشى يۇقارقى ئىشەنچنىڭ ئىپادىسى. مەزكۇر تەجرىبىدە مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر مەسىلە قارا تەنلىك قىز بالىلارنىڭ ”تېرىڭىزنىڭ قانداقراق رەڭدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭىز؟“ دېگەن سۇئالغان ئاقراق قونچاقلارنى كۆرسەتكىنى بولدى. مەنچە بۇنىڭ سەۋەبى تېلۋىزور ۋە كىنولاردا ساھىپجاماللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاق تەنلىك بولغىنىدىن بولسا كېرەك.

تەتقىقاتتا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نوقتا، ئاق تەنلىك بالىلاردىكى ئۆز ئىرقىغا بولغان مايللىقنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ ئاجىزلىشىشى. مەنچە بۇ جەمئىيەت تەربىيىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مائارىپتىكى يېتەكلەشنىڭ مەھسۇلى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ھەرخىل ئىرقتىكى، ھەرخىل مىللەتتىكى بالىلارنىڭ بالىلارنىڭ بىرلىكتە ئوقۇشى رىغبەلەندۈرىلىدىكەن. بۇ يالغۇز ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئەمەس ئالى مەكتەپتىمۇ شۇنداقكەن. مەن بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇنۋېرىستىتتىكى ھەممە پاكۇلتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىگە قاراپ باقتىم، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىك بولغان بىرمۇ پاكۇلتىت يوقكەن. بىز تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاق تەنلىكلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان، باشقا ئېرقلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ ئاز يەر دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، مەن مەيلى تاللا بازىرىغا باراي، ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا باراي پۈتۈنلەي ئاق تەنلىك ئىشلەيدىغان ئىشنى كۆرمىدىم. كۆرۈپ باقاي دەپ سوتنىمۇ زىيارەت قىلىپ كەلدىم، قارا تەنلىك كاتىپ قىز شۇنداق قىزغىن كۈتىۋالدى. ئوندەك سوت زالىغا قاراپ باقتىم، ئۈچ سوتچى قارا تەنلىككەن. بۇ شەھەرنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسىدا قارا تەنلىكلەر بەش پىرسەنتىكىمۇ يەتمەيدۇ. دېمەك، ئامېرىكىلىق بالىلار يۇقارقى رىياللىققا يۈزلىنىپ ياشاش جەيانىدا، ئەقلىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان ئىرقىي تەرەپتارلىقتىن قۇتۇلۇپ ماڭىدىكەن.

بالامنىڭ يەسلىسىدە قونچاقلار قارا، قوڭۇر ۋە ئاسىيا چىراي قىلىپ ھازىرلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەد بالىلارنىڭ كاللىسىغا ئىرقىي چۈشەنچىنىڭ ئورناپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن. بالام بىلەن يەسلىدە بالىسى بىللە ئوقۇيدىغان بىر چىڭخەيلىك ئايال بار ئېدى. بىر كۈنى بالىلار ساغلاملىق مەركىزىگە بىللە باردۇق. بالىسى تۇنجى قېتىم تەكشۈرىلىۋاتقان بولغاچقا ئېغىرلىقى، بويى، تۇغۇلغان كۈنى قاتارلىق ئۇچۇرلار سورالدى. بالىسنىڭ ئىرقى سورالغاندا ”ئاق“ دەۋاتىدۇ. ھەيرانلىقمنى يوشۇرالمىدىم. سەۋەبىنى سورۇسام، ”ناۋادا بالامنى ئاسىيالىق دەپ بەرسەم، پاكىستان، بېنگاللىقلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە تەكشۈرىشى مۇمكىن. مېنىڭ ئۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۆچرەتتىمۇ تۇرغۇم يوق. ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم بىلىدۇ بالىلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل بارمۇ تېخى“. قىزىق يېرى بۇ ئايال ئامېرىكا دېگەن يەردە قارا تەنلىكنى ئايرىم، ئاسىيالىقنى ئايرىم ئۆچىرەتكە تىزمايدىغانلىقىنى، ئايرىم تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىنسا قانۇنى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ پەرەز قىلالمايدۇ. مەن بۇلارنى بىلگەچكە گەپ قىلمىدىم، ئۇنىڭ قىلمىشىدىنمۇ ئاغرىنمىدىم، پەقەت ئىنسانلىقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تونۇيالماي مۇشۇ ياشقا كەلگنىگە ئېچىندىم. ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇنداق ئىرقچىلىقنى سىڭدۈرگەن موھىتتىن، ئۇنى ئايرىمچىلىققا مايىل يېتىشتۈرگەن جەمئىيەتتىن ئەپسۇسلاندىم.

يەسلىدە مەن دىققەت قىلغان يەنە بىر ئىش ئوغۇل قىزلارنىڭ ئوخشاشلا قونچاق ئوينىشى بولدى. بالىلار قونچاقلىرىغا تاماق يىگۈزىشەتتى، كىتاپ ئوقۇپ بېرىشەتتى، قۇراشتۇرۇش، تىزىش، سىزىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىشەتتى. بۇلاردىن مەن ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ گۆدەكلىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنى مەلۇم جىنىسقا مەنسۇپ دەپ قارىۋېلىپ بالىلارنىڭ ئىنسان ئورتاق ئېرىشىدىغان خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قالماسلىقى نەزەرگە ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدىم. مەن بۇنى ئۆزەمگە سېلىشتۇرسام، قىزىمغا قىز بالا دېگەن ئۇنداق بولىدۇ، بۇنداق بولمايدۇ، ئۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلمايدۇ، دېگەنلەرنى تىلى چىققاندىن بېرى سىڭدۈرۈشكە باشلاپتىمەن. ئايالىممۇ ”تاماقنى پاكىز يەڭ، بالىڭىز سەت بولۇپ قالىدۇ. چېچىڭىزنى تاراپ قوياي قىزبالا دېگەن چىرايلىق ياسىنىپ تالاغا چىقىدۇ…“ دېگەندەك گەپلەنى كۆپ دەيدۇ. مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىدىكى جىنس پەرقىنى مەقسەتلىك تەكىتلىمەسلىكى ئامېرىكىدا بالا تەربىيىسىگە ئائىت پەننى بىلىمنىڭ ئومۇلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. ئىلمىيلىكتىن ئالغاندا جىنىس تەبىئى ھادىسە بولغان بىلەن ئىنساننىڭ جىنىس ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تەربىيىنىڭ، موھىتنىڭ مەھسۇلى. ئەگەر بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ جىنسى پەرق، جىنسى ئىش تەقسىماتى، پەرقلىق جىنىسقا خاس خۇي مىجەزلەر بەكرەك تەكىتلەنسە ۋە بۇلارغا ئائىت ئىشلار مەزگىلسىز ئۆگىتىلسە ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق خاراكتىرى بۇرمىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.


ئالدىنقى: 24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق

كـىيىنكى: 22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ