25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم

ئورنى Wikipedia

1. بازارىمىز بىر، مازارىمىز بىر-نېمىشقا يىغىلىپ قالدۇق؟ ئامېرىكىغا كەلمەستە يازغۇچى مالىك كېۋىرنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇر قىزى ھەققىدە يازغان خاتىرىسىنى ئوقۇغان ئېدىم. بۇ قىز ئەسلى ئۆزبەكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ نىيويوركتىكى قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا كىرخانا ئاچىدىكەندۇق. قىز پاجىيەگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئائىلىسىگە ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بېرىپتۇ. باغىرى قان ئاتا ئانا قىزىنىڭ جەسىدىنى نىيويوركتىكى تۈركلەر قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىلىپتۇ. ۋەتەنسىزلىك، ئامالسىزلىق، غېرىپلىقنىڭ ئازاۋېنى بىر ئۆمۈر تارتقان ئوتتۇرا ئاسىيا كۆچمەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ سەرگەردان ئەۋلادى ئانا توپراقنى قۇچاقلاپ ياتالماي يات يەرلەردە قاپتۇ. رەببىمىزگە ھەمىدلەر بولسۇنكى، قانداقلا بولمىسۇن شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا يېتىپتۇ. ۋەتەندىكى چېغىمداماڭا بۇ گەپ بەك تەسىر قىلغان ئېدى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىگە بولغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جەسىدىمىزگىمۇ ئارامجاي بېرىشى مېنى ھاياجانغا سالغان ئېدى. شۇ چاغلاردا مالايسىيەدىن بىرسى كېلىپ يېنىمدا بىرەر ھەپتە تۇردى. بىزنىڭ باشقا بىر ئاغىنە بالا ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىكى تۈركچە ئامىلغا دىققەت قىلىپتۇ. مەن قارىساممۇ بۇ بۇرادەرنىڭ گېپى بىر قارىسا تۈركىيە تۈركچىسىدەك تەسىر بېرەتتى. سەۋەبىنى سورۇسام مالايسىيەگە ئورۇنلۇشۇپ قالغان بىر تۈرك كىشىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى بۇ تۈرك كىشى بىلەن تۈركىيەدە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئۇچرۇشۇپ قالدىم. ئالدىغا كەلگەن ئۇيغۇر بالىلرىغا ياخشى مەسلەھەت ۋە مەدەتلەرنى بېرىپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ھەتتا كورىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، مەسجىدىمىز، ھېيىت بايراملىرىمىز، مەدەنىيىتىمىزدىكى ئورتاقلىق دۇنيانىڭ قايەرىگە بارايلى بىزنى ماگىنىتتەك بىر بىرىمىزگە يېپىشتۇرۇپ تۇراتتى. ئەۋەتتە، سەۋەپ بۇلار ئەمەس. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەر قانداق ئورتاقلىق ۋە بىرلىك مائارىپسىز، مەقسەدلىك تەربىيىسىز كۈچلىنەلمەيدۇ.

ۋەتەن سىرتىدىكى ئانا تىل ئوقۇتىشى ھەققىدە ئىزدەنگەن چېغىمدىمۇ ياۋۇرپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيەلەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ شۇ يەرلەردىكى تۈرك مەكتەپلىرى ۋە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) مەركەزلىرىدە تەسىس قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش ئادىتىم بولۇپ قالغانمۇ قانداق تۈركىيەگە بارغاندا بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈشنى نىيەت قىلغان ئېدىم. 2005- يىلى تەلىيىمگە تۈرلۈك ئىمتىھان ۋە تاللاشلاردىن ئۆتۈپ زىيارەتچى تەتقىقاتچى سالاھىيىتىدە ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتىگە ئەۋەتىلدىم. تەكشۈرۈشۈمچە تۈركىيە ئاساس مائارىپىنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلار بېرىلىدىكەن. تارىخ دەرسىدىكى مەلۇمات بىر قەدەر تەپسىلى بولۇپ دىيارىمىزنىڭ تارىخى تاكى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيە دەۋلىتى يېقىلغانغا قەدەر ئۆتىلىدىكەن. ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ”دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك“ تىن پارچىلار ئۆتۈلۈشكە باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ناۋايىغىچە ئۆتۈلىدىكەن. ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋە ھەرقانداق كەسپكە زۆرۈر دەرسلىك بولغان ”تۈركچە“ (بىزدىكى ئالى مەكتەپ تىل ئەدەبىياتىغا تەڭ كېلىدۇ) دەرسلىككە ”دىۋان“ دىن پارچىلار ۋە ”قۇتادغۇبىلىك“ تىن نەمۇنىلەر بېرىلىدىكەن. دېمەك بىر تۈرك ئوقۇغۇچى مەكتەپ يۈزى كۆرگەنلا بولسا ئۇيغۇرلار ۋە دىيارىمىز ھەققىدە مەلۇماتلىق بولماي قالمايدىكەن. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئوقۇغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئېسىمىزدە قالمىغاندەك ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى ھەممە كىشىنىڭ ئېسىدە قالماسلىقى تەبىئى ئىش. دېمەك، تۈركلەر بىلەن بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەممەلا يېرىدە ھىچ بىر مەنپەئەت ۋە سىياسىنىڭ مەجبۇرلىشى ياكى قىزىقتۇرشىسىز بىر ئاراغا يىغىلىپ قېلىشىمىز، تىرىكلىكىمىزدە بازارىمىزنىڭ، ئۆلسىەك مازارىمىزنىڭ بىر بولۇشى يۇقارقى ئامىللارغا باغلىق ئىكەن.

2. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ئۇيغۇر قىزى 2009- يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا چەتئەلگە يۈزلىنىش تېخىمۇ تەخىرسىز تاللاش بولدىمۇ قانداق ياۋۇرۇپا، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېلىدىغان ئادەم كۆپرەك بولدى. بۇ يەردە كۆپ بولدى، دېگىنىم بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن يىلىغا بىرەر يۈزگىمۇ يەتمىگەن كىشى چەتئەلگە چىققان بولسا ھازىر بۇ سان بىراقلا 150 بولۇپ كەتتى دېگەنلىك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە بەك جىق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇيغۇردەك جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىلا نوپۇسى ئون مىليۇندىن ئاشىدىغان مىللەتكە بۇ سان تولىمۇ ئاز. مۆرىتى كەلگەندە شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چەتئەلگە يەنى ياۋرۇ-ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇ يەرلەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن يەنىلا ئاز. بۇنى باشقا قوشنا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرساق پەۋقۇلاددە ئاز. مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم، ئامېرىكىدا موڭغۇلىيەدىن كەلگەن موڭغۇللار 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن. موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى 2.9 مىليۇن. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ”چەتئەل قىزغىنلىقى قوزغۇلۇپ كەتتى، چەتئەلگە تەلپۈنۈش ئەۋج ئالدى“ دېيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، شۇ يۈز نەچچە ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولۇپ بىر ئۇيغۇر قىزى قوشنا شىتاتقا ئوقۇشقا كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي كۆرۈشتۇق. سىڭلىمىز بىزنى كۆرۈپ بەك ھاجانلاندىمۇ، يا شۇ چاغلار يىغا زارە دەۋرى بولغاچقىمۇ، يىغلىشىپ كەتتۇق. ئۇيغۇرچە تاماق، ئۇيغۇرچە چاخچاق مۇساپىرلىقىمىزنى ۋە غەم غۇسسىلىرىمزنى بىر پەس بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇردى. كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان بىر ئىش ساھىپخانغا قاچا يۇيۇشۇپ بېرىۋاتقان سىڭىلىمىزنىڭ تولۇق خەنزۇچە سۆزلىشى بولدى. داستىخاندا بىللە بولغاندا ئەجەپ كەمسۆز قىزكەن دەپ ئويلىغانتىم. ئەسلى كەمسۆز-كەمزۇۋان ئەمەس خەنزۇۋان ئەمەستۇ؟ ساھىپخان بىلەن قىلىشۋاتقان گەپلەردىن ئۇنچىۋالا كەمسۆزلۈك ئەكىس ئەتمەيتتى. ئىچىمدە خەنزۇۋان قىزدىن ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ساھىپخاندىن ئەپسۇسلاندىم، ماڭا ئۇ كۈنلەردە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خەنچە سۆزلىشىشى ”ئۇيغۇر!، ئۇيغۇر!، ئۇيغۇر!“ دەپ بوغۇلغان ئۈنلەر، تۆكۈلگەن ياشلارغا قىلىنغان خىيانەت بولۇپ تۇيۇلماقتا ئېدى.

مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ بىلدىمكى بۇ قىز راستىنلا خەنسۇچە ئوقۇغانىكەن. دادىسى دوختۇر، باي بولغاچقا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىشىگىلا ۋاستىچى شىركەتلەرگە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئامېرىكىغا يولغا ساپتۇ. مەكتەپكە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەپ ۋەتەن سېغىنچىنى بېسىپ يۈرۈپتۇ. ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىنى بولسا ئىزدەپمۇ قويماپتۇ. بىر تۈرك قىز جوڭگۇدىن بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىزلەپ كىرگەن بولسىمۇ ئۇيغۇرچىسى راۋان بولمىغاچ ئالاقە قىلالماي قاپتۇ. ئەڭ قىزىق يېرى، تۈرك قىزنىڭ ئېنگىلىزچە “ تىلىمىز ئوخشايدۇ، مەدەنىيىتىمىز بىر“ دېگىنىگە، ”تۈركچە دېگەن تۈركچە، ئۇيغۇرچە دېگەن ئۇيغۇرچە ئىككىسى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ئوخشايدۇ دېسە ئۇيغۇرچە خەنسۇچىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرچىدا نۇرغۇن خەنسۇچە سۆز بار. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار گەپ قىلسا 30% خەنسۇچە قوشۇپ سۆزلەيدۇ“ دەپ چۈشەنچە بېرىپتۇ. ماڭا بۇلارنى خەنسۇچىلاپ تەبىئى دەپ بېرىۋاتقان مۇنۇ ئۇيغۇر قىزىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم. تۇيۇقسىز ئېسىمگە مەن ئامېرىكىدىكى قايسى بىر شەھەردە ئۇچراتقان قازقاقىستانلىق بىر قازاق قىزىنىڭ ”ئۇيغۇرچە بىلەن قازاقچە ئوخشايدۇ“ دېگىنىمگە، ”ئوخشىمايدۇ، قازاقچە دېگەن قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى، ئۇيغۇرچە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. بۇ ئىككى قىزنىڭ ئورتاقلىقى قازاق قىز رۇسچە ئوقۇغان، ئۇيغۇر قىز خەنسۇچە. قازاق قىز قازاقچە ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ سۆزلىيەلمەيدۇ، قازاقچە ناخشا ئوقۇمايدۇ ھەم ئاڭلىمايدۇ. مۇناسىۋەتى ئاساسەن روسلار ۋە رۇس تىللىقلار بىلەن. ئۇيغۇر قىزمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدۇ. ئۇيغۇرچە مۇقام، ناخشا ئاڭلىمايدۇ. پەرقى ئانا تىلغا چولتا قازاقىستانلىق قازاق قىز گۆشلەرنىڭ ھەممىنى ئايرىماي يەيدۇ. ئۇيغۇر قىز ھېلىقى گۆشتىن باشقىنى ھالال دەپ بىلىدۇ. قازاق قىز ئىككىنچى ئەۋلات روسزۇۋان، ئۇيغۇر قىز بىرىنچى ئەۋلات خەنزۇۋان. قارىغاندا بۇنداق يات زۇۋاندا ئوقۇغان بىرىنچى ئەۋلات تىلدىن قېلىپ، ئىككىنچى ئەۋلات مۇسۇلمانلىقنىڭ شەكلەن بەلگىسى يىمەكلىك چەكلىمىسىدىنمۇ قالىدىغان گەپ ئوخشايدۇ.

ئارىدا ئۇ سىڭىلىمىز بىلەن ئانچە مۇنچە كۆرۈشۈپ تۇردۇق، پاراڭلاردا مەن جاھىللارچە ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم، شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ماڭا بەك بىر ئېچىلىپ گەپ قىلىپ كەتمىدى. بىر مەزگىل ئۆتۈپ بۇ قىزنىڭ شەرقى ساھىلدىكى شەھەرلەرگە كەتكىنىدىن خەۋەر تاپتۇق. (بۇ رايۇنلاردا نوپۇس بىر قەدەر زىچ، ئىش تاپماقمۇ سەل ئاسان) ئارىدىن بىر يىل ئالتە ئايلار ئۆتۈپ بىر كۈنى تۇيۇقسىز تېلىفون قىلىپتۇ. ئۇيغۇرچىسى شۇنداق راۋان. ھەيرانلىقتا قانداق قىلىپ ئانا تىلدا بۇنچە تېز ئىلگىرلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورۇدۇم. دېيىشىچە قىزچاقنىڭ شەرقى ساھىلدا تونۇشلىرى باركەن. ئۇلارنىڭ يارىدىمىدە بىر تۈرك ئاشخانىسىدىن خىزمەت تېپىپتۇ. (ئامېرىكىدا ئاشخانىدا ئىشلەش ئەڭ مودا، پۇلنى جىق تاپقىلى بولىدۇ. سەل چاققانراق بولسا ئاشپەزلىكنىمۇ ئۆگىنىپ بىر ھۈنەرلىك بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىستىن تولۇق قۇتۇلالمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئاشپەزلىك ئەڭ ئاسان ئىش تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ بولۇپ قالدى). ئاشخانىدا ئىشلەش جەريانىدا تۈرك قىزلار بىلەن بىر يىل بىرگە تۇرۇپ تۈركچە ئۆگىنىپتۇ. تۈركچىسى تولۇق چىققاندىن كېيىن بىر ئۇيغۇر ئاچاش بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۇيغۇرچىسىنى پۇختىلاپتۇ. ياتاقتا ئۇيغۇرچىغا كىم بىر ئېغىز خەنچە ئارىلاشتۇرسا ئون دوللار جەرىمانە ئالىدىغانغا كېلىشىپتۇ. ”تۈركچە بىلسە ئۇيغۇرچە شۇنداق ئاسانكەن، تۈركلەر بىزنى ئۆز مىللىتىدەكلا ياخشى كۆرىدىكەن. ئاشخانىدا شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىشلەۋاتىمەن. بۇ يىل ئالى مەكتەپكە كىرەي دەپ ھازىرلىق قىلىۋاتىمەن. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئەڭ خوش بولغىنىم تۈركلەرگە يولۇققۇنۇم ۋە ئۇلاردىن تىل ۋە ئىتىقاد ئۆگەنگىنىم بولدى…“ دەپ ھاياجانلىق ھىكايىلىرىنى مەن بىلەن ئورتاقلاشتى.

3. ”يالغۇز دېيىلسەن“ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەكتىپىمىزدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا خەت يېزىپ جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغان خەت يازدىم. بىر كۈنگە قالمايلا جاۋاپ خەت كەلدى. مەكتەپكە كەلسەم چوقۇم ئىزدىشىمنى ئېيتىپتۇ. مەن سورۇغان مەكتەپكە دائىر سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ قايتتۇرۇپتۇ. مەكتەپكە كېلىپ باشقا ئىشلار بىلەن ئىزدەپ بولالمىدىم. ئارىدا ئېلخەتلىشىپ كۆرۈشىدىغانغا كېلىشتۇق. دېيىشكەن كۈنى ئولتۇرسام ئىشىك ئالدىمدا تۈركچە پاراڭلاشقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ كەتتى قارىسام ئىككى تۈرك بالا. شۇ پاراڭلاشقانچە ھەپتە ئاخىرلىرىنى غېرىپلىقتىن خالى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. شۇ يىلى تومۇزدىن كېيىن كۈنلەر مۇسۇبەتتە تولىمۇ تەستە ئۆتتى. تېلىپون يوق، تور يوق، باشتا غەم بار، چىرايلاردا قان يوق. مېڭىپ يۈرگەن بىلەن پۇت-قولدا جان يوق. شۇنداق كۈنلەردە تۈرك دوستلۇرۇم تېخىمۇ بەكرەك ھالىمغا يەتتى. بىر كۈنى باشقا شىتاتتىكى بىر ئۇنۋېرىستىتقا بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۆزگۈر (ئەركىن مەنىسىدە) ماڭا تېلىپون قىلىپتۇ. ئۈچ سائەت ماشىنا ھەيدەپ مېنى ئۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ كەلدى. يېڭى كەلگەن ئىككىلا ئۇيغۇر بۇ ياخشىلىقتىن تەسىرلەندۇق، يېڭى كەلگەن بولغاچ ئىككىلىمىزنىڭ ماشىنىسى يوق ئېدى. ئۇ قارا كۈنلەردە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تېپىشىپ قانغۇدەك يىغلىشىۋىلىشمۇ ئادەمنى باشقىچە يېنىكلىتەتتى. غەملەر تارالماي تۇرۇپ رامازان كەلدى. ھەپتىسىگە بىر قانچە قېتىم بىللە ئىپتارلاشتۇق. قۇربان ھېيتمۇ كەلدى. بىللە ناماز ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن قولۇمغا بىر خالتىنى تۇتقازدى. ئانىسى تۈركىيەدىن قۇربانلىق گۆشتىن ئەۋەتكەنىكەن. بىللە يەيلى دەپ يېرىمىنى ماڭا ئاتاپتۇ.

ئائىلەم كەلگەندىن كېيىن بېرىش كېلىشىمىز بارغانچە قويۇقلاشتى. بىر كۈنى بالام قەۋزىيىتى تۇتۇپ بىئارام بولۇپ كەتتى. ئەسلى ئۇ كۈنى يىغىلىپ پاراڭلىشىدىغان كۈنىمىز ئېدى. بالامنىڭ سالامەتلىكى يار بەمىگەچكە بارالمايدىغانلىقىمىز دەپ ئۆزرە قويدۇق. بىر قانچىسى بالامنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سوراشتى. ئەتىسى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ تۆت دوستىمىزنىڭ بالىمىزغا ئالغان دورىسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. تۈرك دوستلۇرۇمنىڭ ئۆيىدە سۆھبەت قىلىپ ئولتۇرۇپ بەزەن ئۆزەمنى قەشقەردىكى مەلۇم مەھەللىدە، خوتەن يا غۇلجىدىكى قايسى بىر كوچىدا مېھمان بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ماڭا ئەڭ ياققان بىر شەكىل تۈرك دوستلارنىڭ سۆھبەتلىرى. بۇ سۆھبەتلەر ھەپتىدە بىر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بىللە يەمەك يەپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھەممىمىز ياقتۇرغان بىر قانچە كىتاپنى مۇلاھىزە قىلغاچ بىللە ئوقۇيمىز. سۆھبەتكە كىچىك بالىلارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرى ۋە مۇلاھىزىلىرى يېشىغا ماس سەبىلەرچە بولسىمۇ دىققەت بىلەن ئاڭلايمىز، ۋە يېشىغا مۇناسىپ چۈشەنچە بېرىمىز. بۇنداق سۆھبەت ئاياللارنىڭ ئايرىم بولۇپ ئايالىم شۇ سۆھبەلەردە يۈرۈپ ئىككى ئايغا قالماي تۈركچە ئاڭلاپ چۈشەنگىدەك بولدى. ھازىر سۆھبەتلەردە پىكىر بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتىن بەھىر ئېلىپ دىلىم ئېرىگەندە ھېلىقى قارا كۈنلەردە ئۆزگۈرنىڭ دېگەن مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەيمەن. “ قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ. قايغۇدا يىغىمىز تاقىلىپ بولغان ھېلىقى ئىشىك ئۈچۈن بولمىسۇن، غەيرىتىمىز بىلەن ئاللاھ بىزگە ئاچقان ئوچۇق ئىشىكلەرگە يۈزلىنەيلى. بىز شۇ ئىشىكلەردە سېنى ساقلاۋاتىمىز. سەن يالغۇز دېيىلسەن (ئەمەسسەن)“

يېقىندا بىر دوستىمىزنىڭ ئايالى كۆزەيدى. ئايالى دوختۇرخانىدىكى بىر قانچە كۈندە قىزىمىز بىلەن بىر ياشلا پەرقلىنىدىغان چوڭ قىزىنى ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ قويدى. خۇددى ئانامنىڭ قەشقەردىكى قوشنىسى ئىشى چىقىپ قالسا نەۋرىسىنى بىزنىڭ ئۆيىگە قويۇپ پۈتۈن كۈن خاتىرىجەم سىرىتتىكى ئىشىنى تۈگۈتۈپ كەلگەندەك. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بۇلار ئۇيغۇرمۇ يا مەن تۈركمۇ، نېمانچە ئوخشاشلىق بۇ!

4. تۈركلۈك پىداكارلىقتۇر مەكتىپىمىزدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسنى قوشسا قىرىققا ئاران بارىدۇ يا بارمايدۇ. شۇ قىرىققا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بەدىلىگە مەكتىپىمىزدە ھەقسىز تۈركچە دەرس ۋە دىنلار ئارا دىيالوگ پائالىيىتى يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ھەقسىز تۈركچە دەرسنىڭ مەۋسۈمدە بىر ئېچىلىدىغان خۇلاسە يىغىنىغا قاتناشتىم. تۈركچە دەرس بەرگەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈركچىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئۆگەتكىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىدا تەييارلاپ كەلگەن دوكىلاتلىرىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرى قىلىشتى. كۆپىنچىسى تەبىئى پەنلەردە ئوقۇيدىغان بۇ بالىلارنىڭ تىل ئۆگىتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقان مەنتىقىلىق مۇلاھىزىلىرىگە قاراپ ھۆر، دېمۇكراتىك ئەلدە، مەلۇم ھۆكۈمران ئىدولوگىيەگە بېقىنمىغان مائارىپتا ھەقىقى بىلىم ئالغان كىشىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىنى كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم.

دىنلار ئارا دىيالوگ مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتۇقۇچىلىرنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن پائالىيەت. بۇ پائالىيەتكە كۆپىنچە ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ ھەرقايسى مەزھەپ ۋە سۈلۈكلىرىگە مەنسۇپ دىنىي ئۆلىمالار تەكلىپ قىلىنىدۇ. پائالىيەت شەكلى لېكسىيە، مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە شەكلىدە بولىدۇ. ئەسلى بۇددىستلارنىمۇ تەكلىپ قىلماقچى بولغان، ئەمما مەن كەلگەندە ھىچ بۇنداق بىر پۇرسەت بولمىدى. ھەر قېتىمقى پائالىيەتكە تۈرك قىزلار تۈركچە لەززەتلىك تاتلىقلارنى ۋە پىچىنە پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇپ تىزىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىملىق پائالىيەت تۈرك مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر كۆرگەزمىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەر جەريانىدا تۈرك تاماقلىرىغا كۆنگەن خېرىدارلارنى ئاساس قىلىپ كانزاس شەھرىدە بىر تۈرك تاماق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى. تۈرك دوستلىرىمىز ئەسلى ئايالىمنىمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى قوشۇپ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە ئايالىم ئىشلەۋاتقان بولغاچ يېتىشەلمەي قالدۇق. شۇ قېتىمقى ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇدىغان بىر پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىپ قالغىنىغا ھېلىمۇ بەك ھېچىنىمەن.

بىر قېتىملىق دىنلار دىيالوگىدىن كېيىن مەن بەك ھاجانلىنىپ دوستلۇرۇمغا ”مەكتىپىمىزدە ئۈچ تۆت يۈز ئەرەب ئوقۇغۇچى، ئەللىك ئاتمىش ھېندىستان ۋە پاكىستانلىق مۇسۇلمان بار. مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىزنىڭ سانىمىز جىق ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ مۇسۇلمان مىللىتىمىز ۋە دىنىمىزنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىڭلار تېخى باشقا بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن يوق. مەن ئوزەمنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغانلقىمدىن ۋە سىلەرنىڭ پائالىيىتىڭلارغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. سىلەردىن پەخىرلىنىمەن“ دېدىم. ”ئەستەغپۇرۇللاھ ئابى، ئەسلى قولۇمىزدا جىق ئىمكانلار بار. قىلايلى دېسەك نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەر بار. شۇ بەزەن نەپسىمىزگە بېرىلىپ ياكى قىلغىنىمىزغا تەمەننا قىلىپ قالىدىكەنمىز. ئاللاھ كىبىردىن، قانائەتتىن ساقلىسۇن. بىز ئەسلى ھازىر قىلغان ئىشىمىزدىن نەچچە يۈز ھەسسە پايدىلىق خىزمەتلەردە بولساق بولاتتى. ھەپسىلەردە يېتىۋاتقان باغىرلىرىمىزغا ئۆزىمزنى سېلىشتۇرۇشتىن نومۇس قىلىمىز. ئاللاھ باغىشلارسا ئىنسانلىقنىڭ قىممىتى، مۇسۇلمانلىقنىڭ شاراپىتى، ئاللاھ قەلبلىرىمىزگە چاچقان سۆيگۈنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئىنسانغا بىلدۈرەلىگەن بولساق ئۆزىمىزنى نەتىجىلىك ھېس قىلغان بولاتتۇق. ئابى مۇسۇلمانلىق پىداكارلىقتۇر. تۈركلۈك مۇسۇلمانلىقتۇر، شۇڭا تۈركلۈك پىداكارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.


ئالدىنقى: 26. ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ

كـىيىنكى: 24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق