3. رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد( 1935-2003 ) نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىنى نەزەرىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ شەرق مىللەتلىرىنىڭ ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتتە غەرپ لايىھىلىگەن ئېدى. ئۇ بەرپا قىلغان كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك تەلىماتى بويىچە غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ئەسىرلەر بويى ھىچ بىر ئۆزگەرمىگەن بولۇپ پەقەت ئىلگىركى تەننى قۇل قىلىشتىن ھازىرقى روھنى ئەسىر قىلىشقا تەرەققىي قىلغان بولۇپ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىنمۇ خەتەرلىك ئېدى.

بۇلارنى ئويلىغانسىرى ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇش ھەققدىكى خىيالىم بەكمۇ گۆدەكلىك بولۇپ تۇيۇلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمما شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىردىكى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇكەممەل ئېنگىلىزچە توربېتى بارلىرىنى ئاساسەن تاپالمىدىم. شۇ چاغلاردا مەن چوڭ بىلىدىغان ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرس جەدۋېلىنى توردىن تاپالماي ئېچىنغانىدىم. (بەلكىم ھازىر بۇ ئىشلار جىق ئۆزگەرگەندۇر). ئىراننىڭ ئالى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئىگىلىزچە ئۇچۇرلارنى تاپقان بولساممۇ شۇنچە ساقلاپ تىگىشلىك جاۋاپ ئالالمىدىم. شۇ چاغلاردا خەنسۇ زىيالىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ۋە بۇنىڭغا ماس ئەۋج ئالغان كوڭزىچىلىق غەرپنى كۈچەپ ئىنكار قىلىۋاتاتتى. بىزدىمۇ ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ژورناللاردا ”غەرپنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى، مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى“ دېگەندەك ئۇقۇملار كۆپىيىشكە باشلىغان ئېدى.

بىر قىسىم زىيالىلار خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تەشەببۇسلىرىدىن ئىلھاملىنىپ غەرپ ئىددىيىلىرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن ئېدى. بۇ كەيپىيات ئوقۇرمەنلەردىمۇ ئەكىس ئېتىپ چەتئەل ئەسەرلىرىدىن سوۋۇش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە دىنغا ۋە تارىخقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ بازىرى بەكلا ياخشى ئېدى. رىياللىققا ئائىت ئەسەرلەردىن ”ئىللەت“ لەر سۆكۈلگەن ۋە ياتلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە دائىر ئەسەرلەر ئالاھىدە خېرىدارلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەرپتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقاردىم ۋە غەرىپتىن ئۆگىنىشتىن تولۇق ۋاز كەچتىم. ئىنگىلىزچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا تۈركىيە تۈركچىسى ۋە پارىسچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.

مەكتەپ ئاسپىرانتلاردىن ئۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇلى ئالمايتتى. بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى بەك ئاز بولۇپ ئەڭ تىجىگەندىمۇ ئون بەش كۈنگە ئاران يېتەتتى. ياتاق پۇلى، كۈندىلىك خىراجەتكە پۇل تاپمىساق بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامغا يارىدەملىشىپ نەشىرىياتچىلىققا كىرىشتىم. كۈنلىرىم خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى ئوقۇش، تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە تۇغقان تۈركى تىللاردىن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى. بۇ ماڭا زىيالىنىڭ بىلىمىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر يول بولۇپ تۇيۇلدى. مەن مۇشۇ كىتاب سودىسى قىلىش جەريانىدا سېتىلىۋاتقان كىتابلارغا قاراپ كىشىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەرىپەتسۆيەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە ئەدەبىياتچىلارچە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇم.

بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر سېتىلغان بىلەن پەننىي كىتابلارنى خەق ئوقۇمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن مەن «پەن ۋە تۇرمۇش» «بىلىم كۈچ» «ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى» دېگەندەك ئۇيغۇرچە پەننى ژورنال ۋە باشقا ئەدەبىي ژورناللارنى ئىككى يىل پايدسىغا سېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى پۈتكۈزىۋالدىم. (يۇقاردا ئىسىمىنى تىلغا ئالغان پەننى ژورنالدىن بىرنى ھۆددىگە بەرسە، شۇنىڭدىن پايدا ئېلىپ گۈلدەك ياشاپ كېتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ). شۇ چاغلاردا مېنى سۆيۈندۈرگىنى كىتاب يېزىپ ۋە نەشىر قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. (مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم يارمۇھەممەد تاھىر ئەپەندى.) 1999-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇرلاردا كىتابچىلىقنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغانىدى. غالىبىيەت، مورتۇم، ئىدىقۇت، ساچىيە، قۇتادغۇبىلىك قاتارلىق كىتابچىلىق شىركەتلىرى دەۋر سۈرگەنىدى. مەن ئىككى يىل مۇشۇ ئىشنىڭ نېنىنى يىدىم. شۇ چاغدا مەخسۇس پەلەسەپە ۋە تېبابەتكە دائىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇرلادىن نەشرىياتچىلىق قىلىپ ۋەيران بولغىنى يوقكەن. مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە خەنسۇ بۆلۈمدىن قالسىلا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىختىسادىي ئۈنىمى ياخشىكەن. كېيىن ئىزدىنىش ئارقىلىق خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىقنىڭ جوڭگۇدا خەنسۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردىلا بىر سودا تۈرى بولۇپ شەكىللەنلىكىنى بايقىدىم. شۇ چاغلارداقايسى ژورنالىنى ھۆددىگە بېرىدىكەن، قايسى نەشىرىياتنى ھۆددىگە بېرىدىكەن دەپ تامادا يۈرگەن ئۇيغۇر جىق ئېدى (مەن دەل شۇلارنىڭ بىرى ئېدىم). چۈنكى مەن «ئانا يۇرت» نىڭ قاچاق باسمىسىدىن باشقا 30مىڭ پارچە سېتىلغىنىغا گۇۋاھ بولدۇم.

ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن كىتابتىن قەشقەردە يېرىم يىل ئىچىدە 4000نى ساتتىم. «مەھمۇد كاشغەرى» گە ياركەنت كىتابخانىسىنىڭ بىر يىللىق 5000 تىراج بەرگىنىنى كۆردۈم. «لېيىغان بۇلاق» كەم دېگەندە 50،000 پارچە سېتىلدى. 1998-يىلى مەن «ئىز» ھەققىدە ماقالە يازاي، دەپ كىتابنىڭ داڭقىغا ئىسپات ئۈچۈن قارىسام ،تىراجى قايتا قايتا بېسىلغىنىنى ھىساپلىغاندا سەكسەن نەچچە مىڭغا چىققانىكەن. كىتاب سودىسىغا ئارىلاشمىغان بولسام ئۈمىتسىزلىكتىن نە كويغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مىڭلاپ، يۈزمىڭلاپ سېتىلىۋاتقان كىتابلار مېنى رىغبەتلەندۈرگەن، شۇ چاغدا كىتاب ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ ئوقۇرمەنى بار ئۈمىتلىك بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى بولۇش مېنى ئۈمىدكە تولدۇرغانىدى. كىتاب سودىسى جەريانىدا يەنە بىر بايقىشىم، بىزدىكى مۇئاشلىق زىيالىلار بىلەن مۇئاشسىز(دىندا ئوقۇغان، ياكى دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەنلەر) زىيالىلار خۇسۇسى نەشرىياتچىلىقنىڭ مەزگىللىك گۈللىنىشى جەريانىدا بىر بىرىنى بايقىدى ۋە ھەمكارلاشتى. بولۇپمۇ مۇئاشسىز زىيالىلارنىڭ نەشىرىياتچىلىققا ئارىلىشىشى ئاۋامنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئويۇمدا خەلق قىزىقمىغان غەرپنىڭ ئادەم ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان تۈرلۈك ئىددىيە ئېقىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدىم.


ئالدىنقى: 4. نېمە قىلىش كىرەك؟

كـىيىنكى: 2.ئىزدىنىش سەپىرى