Jump to content

ئات

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى At)

ئات ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنتايىم مۇھىم ئۇرۇندا تۇردىغان ھايۋان.

ئات __توپ ئاتىلىشى__ يىلقا .

ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق .

ئەركىكى __ ئايغىر .

چىشىسى __ بايتال .

يېڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قۇلۇن .

ئات ۋە ئۇيغۇرلار

[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللانغان مىللەت بولغاچقا، ھايۋانلارغا قارىتا كۈچلۈك سېزىمچانلىق ۋە ئىنچىكە كۆزىتىش، پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. مەسلەن، ئات ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللىگەچكە «ئەر قانتى ئات » دىگەن ماقال بىلەن تەرپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار «ئات»نى ناھايىتى ئىنچىكە پەرقلەندۈرگەن. بىر ياشقا توشمىغان يىلقا «ياباغۇ»، بىر ياشلىق يىلقا «قۇلان»، ئىككى ياشلىق يىلقا «تايچاق،تاي»،ئۈچ ياشلىق يىلقا «غۇنان»، ئۈچ ياشلىق چىشى يىلقا «بىيە»،تۆت ياشلىق ئەركەك يىلقا «دۆنەنچىن»، تۆت ياشلىق بايتال «دۆنەنچىنبىيە»، يېتىلگەن ئەركەك يىلقا «ئايغىر»، يېتىلگەن چىشى يىلقا «بىيە»، پىچىۋىتىلگەن يىلقا «ئات» دەپ ئاتىلىدۇ.ئاتلارنى رەڭگىگە ئاساسەن « كۈرەڭ ئات، بوز ئات، سۈر ئات، ئاق بوز ئات، تورۇق ئات ،چىلان تورۇق ئات، قارا تورۇق ئات »دەپ ئىنچىكە ئايرىغاندىن باشقا، ئاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە كۆزۈتۈلۈپ ،ئايرىم سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. مەسلەن: ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىش «ئاياڭدىماق»، سىلىق مېڭىش «پايپاڭدىماق»، سوكۇلداپ مېڭىش «بۇلاڭلىماق»،ئۇششاق قەدەم بىلەن يۈگۈرۈش «بۈلكۈرمەك»، مىسىلداپ مېڭىش «كىتىڭلىماق»دەپ ئېلىنغان.بۇنىڭدىن باشقا يىلقىنىڭ ئوخشىمىغان كىشنىشى، يىلقا جابدۇقلىرى،يىلقىچىنىڭ يىلقىلارنى چاقىرىشى، يىلقىنىڭ باشقا ھەركەتلىرنىمۇ ئالاھىدە بەلگىلىگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن.يىلقىلا ئەمەس باشقا كالا، قوي، تۈگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ شۇنداق. بۇسۆزلەردە روشەن بولغان يايلاق مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى ساقلىنىپ قالغان.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]