مونترېئال

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Montréal)
مونترېئال

مونترېئال __ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.

مونترېئال بولسا كانادا كۋېبېك ئۆلكىسى دىكىبىخاھار 2006 نوپۇس بار، مونترېئالنىڭ 1،620،693 نوپۇسىبار، 365.13 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 45.30°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 73°40، پوقتانومۇرى رايۇننومۇرى 514 ۋە 438.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :مونترېئال


دۆلىتى :كانادا

ئۆلكىسى :كۇيبىك ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :كانادا كۇيبىك ئۆلكىسىنىڭ مونترېئال رايونى

يەر مەيدانى :365.13 كىۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :1 مىليون 669 مىڭ 237 (2013-يىلى)

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇلۇق خاراكتېرىدىكى نەم كىلىماتقا تەۋە

چەتئەلچە نامى :Montreal


قارمىقىدىكى رايونلار :لاۋرېنتسىيە، ۋېردۇن

چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى :2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980)

دىئالېكتى :فىرانسوز تىلى، ئىنگلىز تىلى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

5پارچەمونترېئالكانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 365.13 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىسىنىڭ %60 نى فرانسۇز، %12 نى ئىنگلىزلارنىڭ ئەۋلادلىرى، %7 نى ئىتالىيە قان سىستېمىسىدىكىلەر، %4 نى يەھۇدىلار، قالغىنىنى نېمىسلار، گرېكلار ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %40 ى فرانسۇز تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇلار مونترېئال ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتەۇراقلاشقان. ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئاھالىنىڭ % 18نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئارالنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپلىرى بار. ئاھالىنىڭ كۆپى رىم كاتولىك دىنىغا، قالغىنى يەھۇدى دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

جۇغراپىيىلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.

ساياھەت نوقتىلىرى[تەھرىرلەش]

مونترېئال پورتى، لاۋرېنتسىيە دەرياسى، بۈۋى مەريەم چېركاۋى، خان جەمەتى تېغى قاتارلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار.

ئىشلەپچىقىرىش ۋە سانائەت تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

5پارچەمونترېئال بۇ جايدا ئەسلى ئىندىئانلىقلار ئولتۇراقلاشقان.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، سودا-سانائەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. شەھەردە ئەنئەنىۋى سانائەت تارماقلىرىدىن ياغاچچىلىق، تېرە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، بۇلاردىن باشقا يېڭى سانائەت تارماقلىرىدىن پاراۋوز، پولات-تۆمۈر، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، ئايروپىلان ياساش، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.

ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى[تەھرىرلەش]

مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى[تەھرىرلەش]

مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

يول-قاتناش تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

مونترېئال شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1966-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.2 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر[تەھرىرلەش]

1642-يىلى فرانسىيىلىكلەر كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان. 1760-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇ شەھەردە 1962-يىلى قۇرۇلغان 45 قەۋەتلىك +(پىلوس) شەكىللىك چوڭ بىنالار، نۇرغۇن يەر ئاستى ماگىزىنلىرى، مېھمانخانىلار، تىياتىرخانىلار، بانكىلار بار.