سۇناي

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Sunay)

سۇناي - قەدىمقى چالغۇلارنىڭ بىرى . ئۇ ئادەتتە ئۆرۈك ،چىلان ياكى قاتتىقراق ياغاچلاردىن ياسىلىدۇ .ئۇنىڭ كىچىك ئۇچىدا قومۇشتىن ياسالغان ئاۋاز چىقىرىش پىپىكى بولۇپ ،ئۇنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ .چوڭ ئۇچى بارغانسېرى كېڭىيىپ سىلىندىرلىق كاناي شەكلىدە ياسىلىدۇ .ئۈستىدە كۆپلىگەن تۆشۈكچىلەر بولۇپ ،تۈز تۇتۇپ ،بارماق بىلەن بېسىپ ،پۈۋلەپ چېلىنىدۇ .ئادەتتە ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 43 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ .ئۈستۈنكى تەرىپىدە يەتتە ،ئاستىنقى تەرىپىدە بىردىن جەمئىي سەككىز ئاۋاز تۆشۈكى بولىدۇ .ئۇ بىر خىل ياڭراق چالغۇ بولغاچقا ،قەدىمدە ناغرا -دۇمباقلار بىلەن ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلگەن .ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت -بايرام ،توي -تۆكۈن ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا خۇشاللىقنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە داۋاملىق ئىشلىتىلمەكتە.

ھۆججەت:Sunay.jpg
سۇناي