Jump to content

ئىشلەتكۈچى:ئىزدەن

ئورنى Wikipedia

ﻛﯩﺘﺎﺏ - ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ

-1972 ﻳﯩﻠﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ «ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ»ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، « ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ»ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻯ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﻛﯩﺘﺎﺏ - ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﯧﻠﻮﺩﯨﻴﻪ.ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺯﻭﻕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯧﭙﯩﻨﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﯘﺯﯗﺭ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯗ.ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.

ﻛﯩﺘﺎﺏ - ﺳﯩﺮﺩﺍﺵ ﺩﻭﺳﺖ.ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﺴﯚﮬﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ.ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.

ﻛﯩﺘﺎﺏ - ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﺎ.ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﻻﭖ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻻﻕ ﺳﯜﻳﻰ، ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻟﻪﻳﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺑﯘﻟﯘﺕ.ﺋﯘ ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺳﯘ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻍ، ﺩﯦﮫﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻮﻝ ﮬﻮﺳﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ.

ﻛﯩﺘﺎﺏ - ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ.ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﺳﯩﻤﺎﭼﯩﻴﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ« :ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﺯﮔﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ.»ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ، ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﺎﻡ-ﺋﺎﺑﺮﯗﻱ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؛ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺷﯘﯕﻐﯘﭖ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻳﻠﻰ.ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻪﺳﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻟﯩﺮﯨﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻍ-ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻧﻪﺳﺮ-ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ « :ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﻯ»ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ