Jump to content

ئامېرىكىدا سۈنئىي ئەقىل رېتسىپ يېزىپ دورا بېرىشكە باشلىدى

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكىدا سۈنئىي ئەقىل رېتسىپ يېزىپ دورا بېرىشكە باشلىدى

2026.01.12


يەرلىك ۋاقىت 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، «بايلىق» (Fortune) ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا يۇتا شىتاتىدىكى سۈنئىي ئەقىل (AI) سىستېمىسى نۆۋەتتە دوختۇرلارنىڭ ئارىلىشىشىسىز بىمارلارغا دورا يېزىپ بېرىشكە باشلىغان.

بۇ شىتات يېقىندا بىر سىناق تۈرىنى باشلىغان بولۇپ، AI دورا رېتسېپى يېزىپ بېرەلەيدىكەن، بۇ ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ نازارىتىسىز AI غا كىلىنىكىلىق ھوقۇق بېرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تۈر ئالدىنقى ئاي باشلانغان. AI سىستېمىسى بىمارلارنىڭ رېتسېپ خاتىرىسىنى دەلىللەپ، كىلىنىكىلىق سوئاللارنى سورىيالايدۇ ھەمدە تەستىقلانغان داۋاملىق دورا بېرىش (تەكرار رېتسېپ) نى بىۋاسىتە دورىخانىغا ئەۋەتەلەيدۇ. شىتات ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇسۇل تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، دورا ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ، بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، چۈنكى بۇنداق رايونلاردا داۋالاش بايلىقى ئەسلىدىنلا جىددىي ئىدى.

دوختۇرلار ئىنسانلارنىڭ نازارىتى كەمچىل بولۇش ئۇسۇلىدىن ئەنسىرىمەكتە، يەنى كىچىك دائىرىدىكى كىلىنىكىلىق قارارلارمۇ خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا تېببىي جەمئىيىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون ۋايت زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مۇۋاپىق دوختۇر نازارىتى كەمچىل ئەھۋالدا چىقىرىلغان ھەر قانداق كىلىنىكىلىق قارار بىمارلارنى خەتەرگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن. تېببىي ئىلىم پەقەت بىر جاۋابقا ئېرىشىشلا ئەمەس، بەلكى يەنە ھۆكۈم قىلىش، ۋەزىيەت ۋە مەسئۇلىيەتكە چېتىلىدۇ».

بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىناق تۈرىدە باسقۇچقا بۆلۈپ كېڭەيتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر بىر خىل دورا تۈرىدىكى ئالدىنقى 250 دانە داۋاملىق دورا بېرىش رېتسېپى چوقۇم دوختۇر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن AI مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېيىنكى %10 ئالاقە جەريانى ئىختىيارىي تاللىنىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، AI نىڭ داۋالاش ساھەسىدە ئىنقىلاب قىلىش ئۈمىدى بار، لېكىن باشقا ساھەلەرگە سېلىشتۇرغاندا، داۋالاش ساھەسى بۇ تېخنىكىنى قوللىنىشتا تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولماقتا. بۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توسالغۇسىدا: داۋالاش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئادەتتە باشقا ساھەلەردىن تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ، چۈنكى داۋالاشتىكى خاتالىق خەۋپى بىمارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

دوختۇرلار AI نىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ قولاي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ۋە تەكرارلىنىدىغان ۋەزىپىلەرنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دائىملىق داۋالاش خىزمىتىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى شىتات دەرىجىلىك قانۇن-نىزاملارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، قانۇن چىقارغۇچىلار يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىمارلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق تېپىشتا قىينالماقتا.


مەنبە: ئالپ سالونى