Wikipedia:پورباجىن قەدىمى شەھىرى

ئورنى Wikipedia
پىروبايجىننىڭ 1963-يىلى ۋاجنىستىن تەرىپىدىن سىزىلغان چېرتىيوژ
2007-2008 يىلى روسىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ ئەلبېشى پۇتىن تۇۋادا زىياردەت ۋاقتىدا پىروبايجىنغا قىلىغان ساياھىتىدىن بىر كۆرۈنۈش

پىروبايجىن (باشقىچە ئاتىلىشى: پىرو بايجىن پىرو-بايجىن، پىروبەيجىن، پور-باجىن، پورباجىن؛ ئېنگلىزچە: Por-Bazhyn؛ تۇۋاچە: Пор-Бажың؛ ئورۇسچە: Пор-Бажын) ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋىردە سېلىنغان مانى دىنى بۇدخانىسنىڭ ھازىرقى ئارخلوگىيىلىك قېزىش نۇقتىسدۇر. بۇ تاشلاندۇق بۇتخانا ھازىرقى روسىيە فېدىراتسىيەسى، تۇۋا جۇمھۇريىتىنىڭ ئېگىز تاغلىقى رايونىدىكى بىر كۆلىنىڭ ئىچىدىكى ئارالغان سېلىنغان بۇلۇپ، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ مانى دىننى سوۇرنى ئەزەلدىن ئىشلىتىپ بېقىلىمىغان. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا بۇ قۇرلۇش مىلادىدىن كېيىنىكى 775-777 يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا پۈتۈپ تاماملانغان. شۇ دەۋىردە ، ئۇيغۇر خاندانلىقى (ياكى ئۇيغۇر قاغانلىقى) نىڭ قاغانى تەڭرى بوگۇخان. شۇ دەۋىرلەردە بوگۇ خان خاندانلىقتا مانى دىنىغا ئېتقاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارشى چىققان ئاۋام بىلەن بولغان جەڭدە مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يېڭىدىن سېلىنىپ پۈتكەن مانى بۇتخانىسى شۇ پېتى ئىشلىتىلمەي، كېينىكى دەۋەىردە بىر نەچچە قېتىملىق يەر تەۋىرەش، ئوت ئاپتىدە ۋەيران بولغان. 1891-يىلى روسىيەلىك ئارخىلوگ ۋانجىستىن تەرىپىدىن بايقالغان. پىرو بايجىن تۇۋا تىلىدا لاي ئۆي دىگەن مەنىدە. بۇيەردىكى ئۆيلەر ئاساسى جەھەتتىن تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان.

پىرو-بايجىن پور-باجىن Por-Bazhyn
پىروبايجىن 2008 يىللىق قايتىىدىن قۇراشتۇرۇلغان جانلاندۇرۇم كۆرۈنۈشى

پىروبايجىننىڭ 2007 قېزىشتىن بۇرۇنقى ھاۋادىن تارتىلغان كۆرۈنۈشى

ئورنى روسىيە، تۇۋا
كوردىناسىيەسى 50°36′54″N 97°23′5″ECoordinates: 50°36′54″N 97°23′5″E
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگى 1300 مىتىر (4265 فىت)
تىپى چىڭىتىلىغان قورغان
يەر مەيدانى 10.2 گېكتار
تارىخى
قۇرۇلغان 770-790 يىللار
مەدەنيەت باغلىنىشى ئۇيغۇر
ئەسكەرتىش
قېزىلغان چېسلا 1957-63, 2007-08
پىروبايجىندىن تېپىلغان بۇيۇملار
پىروبايجىندىكى بۇيۇملار


مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. https://www.zmescience.com/science/uyghur-archaeology-complex-16062020/