يەكەن

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Yeken)
Jump to navigation Jump to search
Yarkand-calles-d05.jpg

يەركەن بولسا تەڭرېتېغېنيڭ جەنۇبيغا،تەكليماكاننڭ غەربيگە جايلاشقان بولوپ،ئۇيغۇر رايونيدكى ئەڭ چوڭ ناھېيەلەرنيڭ بيريدۇر.يەر مەيدانى 850كۇۋادرات كيلوميتيردين ئاشيدۇ.ئۇيغۇر خەلقى ئومومى نوپۇسنيڭ 98پيرسەنتيني تەشكيل قيليدۇ. ئاھاليسى 760 ميڭدين ئارتۇق بولوپ،ئۇيغۇر مەدەنييتى مەركەزليريدين بيريدۇر.ئۇيغۇرلەر تاريخيديكي سەئۇدېيە خانليقينيڭ مەركيزيدۇر.ئۇيغۇر مۇقامليرى ( ئون ئىككى مۇقام) خانيش، شائيرە ئاماننيساخان تەريپيدين مۇشۇ جايدا توپلينيپ رەتلەنگەن.


يەكەن غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي دۆلەت. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۋۇ 5 - يىلى (29 - يىلى) خېشى بۈيۈك سانغۇنى دۇروڭ يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىنىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، پەزىلەتلىك خان بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا قارىغان. كېيىن غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى ( 1883 - يىلى) يەكەن بىۋاستىە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ يەكەن مەھكىمىسى قىلىنىپ، سارىقول، مارالبېشى ئايمىقى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنى باشقۇرغان. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) يەكەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 18 - يىلى (1929 - يىلى) يەكەن، زەرەپشان دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) يەنە قوشۇۋېلىپ، بىر ناھىيە قىلىنغان. يەكەندە 10 - مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت 4 ناھىيىنى باشقۇرغان. 1949 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندى كېيىن، يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.


2. جۇغراپىيە يەكەن ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شى؛مالىي ئېتىكىگە، پامىر ئېگىزلىكى باغرىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى يوپۇرغا، مارالبېشى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 56 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 7960.5 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 7 رايون، 7 بازار، 22 يېزا، 512 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە ئاپتون رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1449 كىلومېتىر. 1995 - يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 568 مىڭ 800 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 95.02% نى، خەنزۇلار 4.10% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى، تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدىغان يەلپۈگۈچسىمان تىنما بولۇپ، تاغلىق يەر 39.6% نى، تۈزلەڭلىك 60.4% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 7 مىليارد 226 مىليون كۇب مېتىر (ئەمەلىيەتتە پايدىلىنلىۋاتقىنى 1 مىليارد 880 مىليون كۇب مېتىر). تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر؛ 21 سۇ ئامبىرى بولۇپ، يىللىق سۇ ساقلاش مىقدارى 175 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، سوغىگۈل، قانتېپەر، يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، فوسفور، گۈڭگۈرت، گەژ، تاش پاختا، كۋارتس، قاش تېشى، چىرىمتال، كۆمۈر قاتارلىقلار بار. يەكەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.0 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4162.5℃، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 43.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2244.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 78 مىڭ 300 گېكتار ( 1 مىليون 174 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 48 مىڭ 600 گېكتار (728 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 16 مىڭ 600 گېكتار (249 مىڭ 300 مو) ئورما، 48 مىڭ 700 گېكتار (730 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق پاختا مەھسۇلاتى 50 مىڭ توننا ( 1 مىليون دەن) دىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاشلىق، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار. يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 4000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. Example.jpg