ئابدۇقادىر جىلانى

ئورنى Wikipedia


(1077 ~ 1078) ئەل جىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەنبەلىيە ئېقىمىدىكى مۇتەكەللىمۇن. كېيىن قادىرىيە پىرقىسىنى قۇردى. قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى جىلانلىق (ھازىرقى ئىران چېگرىسى ئىچىدە). 18 يېشىدا باغداتقا بېرىپ ئوقۇدى. ياش چاغلىرىدا پەلسەپە، فىقھە ۋە ھەدىس ئۆگەندى. كېيىن تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆگەندى. 1127 - يىلى <قۇرئان كەرىم> دىن، ھەدىستىن، فىقھەدىن ئاشكارە لىكسىيە سۆزلەپ، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلارنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرۇۋەتتى. مۇسۇلمانلاردىن تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇراسىملىرىنى ئادا قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق ئەقىدىسىنى چۈشەنگەندىن باشقا، سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي ۋەزىپىلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەشەببۇسى ھەنبەلىيەلەرنىڭ تەشەببۇسىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. <ھەقىقەت ئىزدىگۈچىنىڭ قانائىتى>، <خۇتبە توپلىمى> ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك يېزىلغان. ئىنسان دىلىدىكى يامان نىيەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىشى، ئاللاغا تامامەن بويسۇنۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. باغداتتا ئالەمدىن ئۆتتى. كېيىنكىلەر ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ تۇردى.