ئۇيغۇر تىلى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
ئازراقلا r2.6.4) (Robot: Adding simple:Uyghur language
390 -قۇر: 390 -قۇر:
[[qu:Uyq'ur simi]]
[[qu:Uyq'ur simi]]
[[ru:Уйгурский язык]]
[[ru:Уйгурский язык]]
[[simple:Uyghur language]]
[[sk:Ujgurčina]]
[[sk:Ujgurčina]]
[[sv:Uiguriska]]
[[sv:Uiguriska]]

09:28, 3 دېكابىر 2011 تۈزەتكەن نەشرى

مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.


ئۇيغۇر تىلى‎
ئۇيغۇرچە‎ / ئۇيغۇر تىلى‎

Uyghurche / Uyghur tili

Uyƣurqə / Uyƣur tili

Уйғурчә / Уйғур тили

قوللىندىغان دۆلەتلەر
قوللىندىغان كىشى سانى 10 مىليۇن
دۇنيادىكى تەرتىپى 76
تىل سېستىمىسى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى
رەسمى ئەھۋالى
رەسمى تىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئورگان
تىل كودلىرى
ISO 639-1 ug
ISO 639-2 uig
ISO 639-3 uig
ئىزاھات

ئۇيغۇر تىلى

قوللىنىلىش دائىرىسى (تېرىتورىيىسى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (ج خ ج) ياكى (چىن)نىڭ شىنجاڭ/شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيىتى،پاكىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە بەزى يېقىن ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەزى مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاغىزاكى ۋە يازما تىلدا قوللىنىلىدۇ.

بۇ تىلنى قوللانغۇچىلار ئاھالە نوپۇسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېرىتورىيى ئىچىدەياشىغۇچى 11 مىليون ئۇيغۇر ۋە ئاھالىي نوپۇسى ئېنىڭ بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپادا ياشىغۇچى باشقا ئۇيغۇرلار.

يېزىقhttp://www.uymaarip.org/http://www.uymaarip.org/

ئۇيغۇرلار تارىختا قاچاندىن باشلاپ يېزىق بىلەن خاتىرىلىنىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق تېرىتورىيىلەردە سىلاۋيان يېزىقىدا،تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە تۈرك يېزىقىدا، جۇڭگو/چىن مەملىكىتىدە ئەرەب يېزىقى،لاتىن يېزىقى ۋە خەنزۇچە/خىتايچە/چىنچە يېزىقلاردا خاتىرىلىنىدۇ. تىلشۇناسلار كۆپىنچە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇشۇ تىلنى ئىشلىتىدۇ. ئۇندىن

تىلنىڭ تەۋەلىكى

ئۇيغۇر تىلى ئۇرال- ئالتاي تىللىرىى سېستىمىسى、 تۈركىي تىللار ئائىلىسى、شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقى، ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى توپلىمى ،ئۇيغۇر تىلى بولۇپ تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەك تىلى ئەڭ يېقىن تىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىككىلىسى چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ بەئزى ئالىملار تەرىپىدىن ئەينەن بىر تىل دەپ قارىلىدۇ.

دېئالىكىت ۋە شىۋىلەر

چوڭ جەھەتتىن مەركىزىي دېئالىكىت، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتى قاتارلىق ئۈچ ۋارىيانتى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئاساسلىق مەركىزىي دىئالىكىتتىن مەنبە ئالىدۇ. كىتابىي تىل ياكى يېزىق تىلى ئاغزاكىي تىل ياكى خەلق تىلى بىلەن ئاساسەن يېقىن ياكى بىر ئاز پەرىقلىق، خالاس. مەتبۇئات، خەت -چەك ئالاقە، كىنۇ - فىلىم، سەھنە ياكى ئۇچۇر-ئاخباراتلاردا ئەدەبىي تىل قوللىنىلىدۇ ۋە قوللىنىلىشى شەرت.ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قانۇنىي يېزىق بولۇپ،ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەركىزىي دېئالىكىت: ئۈرۈمچى،تۇرپان، قۇمۇل،غۇلجا،ئاقسۇ،ئاتۇش،قەشقەر، گۇما، كورلا شىۋىلىرى

خوتەن دېئدلىكتى: خوتەن شىۋىسى

لوپنۇر دېئالىكتى: لوپنۇر شىۋىسى

ئۇيغۇر تىلى

No uyghur ereb Yëziq Yëngi Yëziq Uyghur latin yëziqi Cyrillic yëziqi IPA
01 ا a a а a
02 ە ə e ә ɛ
03 ب b b б b
04 پ p p п
05 ت t t т
06 ج j c җ ʤ
07 چ q ch ц ʧʼ
08 خ h x х x
09 د d d д d
10 ر r r р r
11 ز z z з z
12 ژ ʐ zh ж ʒ
13 س s s с s
14 ش x sh ш ʃ
15 غ ƣ gh ғ ʔ
16 ف f f ф f
17 ق q қ
18 ك k k к k
19 گ g g г ɡ
20 ڭ ng ng ң ŋ
21 ل l l л l
22 م m m м m
23 ن n n н n
24 ه‍ h һ h‍
25 و o o о o
26 ۇ u u у u
27 ئ ɵ ö ө ø
28 ۈ ü ü ү y
29 ۋ w/v v в v
30 ې e ë е e
31 ى i i и i
32 ي y y й j
Hemme adem zatidinla erkin, izzet-hörmet we hoquqta babbarawer bolup tughulghan. ular eqilghe we wijdan'gha ige hemde bir-birige qérindashliq munasiwitige xas roh bilen muamile qilishi kérek ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلگە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك

يېزىق

قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يېزىقلار:

ھازىرقى رەسمى ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

ئويغان!


[[ئاپتورى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

1921-يىل، تۇرپان


ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.


قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!

رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!

كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.


ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟

چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟


كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،

كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.


ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،

سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.

كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،

ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!


كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،

شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.]]


رەسمى بولمىغان، ئەمما توردا كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق:ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

[[Oyghan

Aptori : Abduxaliq Uyghur

1921-Yil, Turpan



Hey, péqir uyghur, oyghan, uyqung yéter,

Sende mal yoq, emdi ketse jan kéter.

Bu ölümdin özengni qutqazmisang,

Ah, séning haling xeter, haling xeter.


Qop! dédim, béshing köter, uyqungni ach!

Reqibning bishini kes, qanini chach!

Köz échip etrapqa obdan baqmisang,

Ölisen armanda, bir kün yoq ilaj.


Hélimu jansizgha oxshaydu téning,

Shunga yoqmu anche ölümdin ghéming?

Chaqirsam qimirlimayla yatisen,

Oyghanmay ölmekchimu sen shu péting?


Közüngni yoghan échip etrapqa baq,

Öz istiqbaling heqqide oylan uzaq.

Ketse qoldin bu ghenimet, pursiti,

Kilechek ishing chataq, ishing chataq.


Échinar könglüm sanga, hey uyghurum,

Sebdishim, qirindishim, bir tuqqunum.

Köyünüp halinggha oyghatsam séni,

Anglimaysen zadi, néme bolghining?!


Kélidu bir kün pushayman qilisen,

Tektige gepning shu chaghda yétisen.

"Xep" déseng shu chaghda ülgürmey qalur,

Shunda, uyghur, sözige ten bérisen.]]


قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان رەسمى يېزىقى:ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى


[[Ойған!
Автори : Абдухалиқ Уйғур
1921 – жил, Турпан.

Һәй, пеқир уйғур, ойған, уйқуң йетәр,
Сәндә мал йоқ, әмди кәтсә жан кетәр.
Бу өлүмдин өзәңни қутқазмисаң,
Аһ, сениң һалиң хәтәр, һалиң хәтәр.

Қоп! дедим, бешиң көтәр, уйқуңни ач!
Рәқипниң бешини кәс, қанини чач!
Көз ечип әтрапқа обдан бақмисаң,
Өлисән арманда, бир күн йоқ илаж,.

Һелиму жансизға охшайду тениң,
Шуңа йоқму анчә өлүмдин ғемиң?
Чақирсам қимирлимайла йатисән,
Ойғанмай өлмәкчиму сән шу петиң?

Көзүңни йоған ечип әтрапқа бақ ,
Өз истиқбалиң һәққидә ойлан узақ .
Кәтсә қолдин бу ғенимәт пурсити,
Киләчәк ишиң чатақ, ишиң чатақ .

Ечинар көңлүм саңа, һәй Уйғурум,
Сәбдишим, қериндишим, бир туққунум.
Көйүнүп һалиңға ойғатсам сени,
Аңлимайсән зади, немә болғиниң?!

Келиду бир күн пушайман қилисән.
Тәктигә гәпниң шу чағда йетисән.
“Хәп” десәң шу чағда үлгүрмәй қалур,
Шунда, Уйғур, сөзигә тән берисән.

قاراڭ

پايدىلانغان مەنبەلەر

     。