ئالما شىركىتى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
ئازراقلا r2.7.1) (Robot: Modifying pt:Apple
ئازراقلا r2.7.2) (Robot: Adding zu:Apple
351 -قۇر: 351 -قۇر:
[[zh-min-nan:Apple Inc.]]
[[zh-min-nan:Apple Inc.]]
[[zh-yue:蘋果集團]]
[[zh-yue:蘋果集團]]
[[zu:Apple]]

20:46, 6 ئاپرېل 2012 تۈزەتكەن نەشرى

ئالما شىركىتى- باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سان فىرانسىسكونىڭ كوپىرتىنوغا جايلاشقان بولۇپ، 2009-يىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىراقلا 101 رەت ئالدىغان سۈرۈلۈپ 280-ئورۇنغا چىققان يىللىق تىجارەت سوممىسى 12مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان دۇنياۋى شىركەت.

NASDAQتىكى شەرتلىك بەلگىسى: AAPL

خىزمەتچى سانى : (2009-يىلى7-ئاي) 21400 ئادەم

تور بېتى: www.apple.com

شىركەتتىكى مۇھىم ئادەملەر

باش لىدىر: Steve Jobs

ئىجرائىيە ئەمەلدارى: Timothy D. Cook

مالىيە ئەمەلدارى: Peter Oppenheimer

بازار پىلانلاش دىرىكتورى: Philip W. Schiller

مەھسۇلات لايىھەلىگۈچى: Jonathan Ive

ئالما شىركىتى تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا قايتا تىرىلدۈرگۈچىسى، ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتېۋ جوبېسنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ تارىخىنى سۆلەش ماھىيەتتە سىتېۋ جوبېسنىڭ تارىخىنى سۆزلەش بولۇپ ، پەقەت سىتېۋ جوبېس بولغاچقىلا ئالما شىركىتى بولغان دىسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.

1972-يىلى سىتىۋېن جوبىس Reeds ئىنىستىتۇتىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ئۇ بۇ ئىنىستىتۇتتا پەقەتلا بىر مەۋسۇم ئوقۇغانىدى. جوبىس ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كىيىن، دائىم HP شىركىتىنىڭ لىكسىيىسىگە قاتنىشىپ تۇراتتى. بۇ يىلى ئۇ HP شىركىتىنىڭ يازلىق خىزمەتچىسى بولدى. ئارقىدىنلا HP شىركىتىدە ئىشلەيدىغان، كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇشىدىن توختاپ قالغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان سىتېۋېن ۋوزنىك بىلەن تۇنۇشتى. بۇ چاغدا ۋوزنىك ئۆزى ئىشلىگەن ئۇزۇن ئارىلىقتىن چاقىرىش ئۈسكۈنىسىنى سېتىش بىلەن ئاز تولا داڭقى بار ئىدى. جوبىس ۋوزنىكقا ياردەملىشىپ، بۇنداق ئۈسكۈنىدىن نۇرغۇنىنى سېتىشىپ بەرگەن. 1974-يىلىنىڭ باشلىرىدا، جوبىس Atari شىركىتىنىڭ ئېكران لاھىيىلىگۈچىسى بولدى. ئۇ يىغقان پۇللىرى بىلەن ھىندىستانغا ساياھەتكە بېرىپ، ئۇيەردىن روھى ئىلھام ئىزدىدى. 1974-يىلى كۈزدە، جوبىس ھېندىستاندىن قايتىپ كىلىپ، ۋوزنىكنىڭ "ئۆز مەملىكەتتە ئىشلەپ چىقارغان كومپيوتېر كۇلۇبى" يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى باشلىدى. ئۇ چاغدا ۋوزنىك پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئېلىكتېر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىجاد قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى. جوبىس بولسا شەخسلەر كومپيوتېر بازىرىغا دېققەت قىلىشقا باشلىدى. جوبىس ۋوزنىكقا بىرلىكتە شەخسلەر كومپيوتېرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى.

1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە

1975-يىلى جوبىسنىڭ ھوجرىسىدا جوبىس بىلەن ۋوزنىك ئالما 1 كومپيوتىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى؛ 1976-يىلى ئالما 1 كومپيوتېرنىڭ تەتقىقات خىزمىتى تاماملىنىپ، جوبىسنىڭ ماشىنا رىمونتخانىسىدا ئۇلار ئالما 1 كومپيوتېرىنى ياساپ چىقتى. ۋوزنىك HP شىركىتىگە ئالما 1 كومپيوتېرىنى تونۇشتۇردى، لىكىن بۇ شىركەتتە ئۇنىڭ كومپيوتېرىغا قىزىقىدىغان ئادەم چىقمىدى. رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كىيىن، جوبىس ئالما 1 كومپيوتېرىنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىشىپ، جوبىس ماشىنىسىنى، ۋوزنىك كومپيوتېرىنى سېتىۋىتىپ، بىرلىكتە 1250 دوللار يىغىپ، ئالما 1 كومپيوتېرىنىڭ ئاساسىي تاختىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى.

1976-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋوزنىك، جوبىس ۋە Ron Wayne بىرلىكتە ئالما كومپيوتېر شىركىتىنى قۇردى. Ron Wayne ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى ماركىسىنى لاھىيىلىدى. 1976-يىلى 5-ئايدا، ئالما 1 كومپيوتېر 666.66 دوللار بىلەن بازارغا چىقتى. بىر كومپيوتېر سېتىش دۇكىنى ئالما 1كومپيوتېرىدىن 50نى سېتىۋالدى. 1976-يىلى يازدا، Ron Wayne ئالما شىركىتىدىن ئايرىلدى. 1976-يىلى كۈزدە، ۋوزنىك ئالما 2 كومپيوتېرىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى تاماملىدى. 1977-يىلى Rob Janov ئالما شىركىتىنىڭ ئىككىنجى ماركىسىنى لاھىيىلەپ چىقتى. بۇ ماركا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. Mike Markkula ئالما شىركىتىگە 92000 دوللار مەبلەغ سالدى. 1978-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى جوبىسنىڭ قىزى Lisa Nicole تۇغۇلدى، كىيىنكى قېتىم ئىشلەپچىقىرىلغان ئالما كومپيوتېرى قىزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئالما لىزا دەپ ئاتالدى. 1979-يىلى ئالما 2+ كومپيوتېرى بازارغا سېلىندى. باھاسى 1195 دوللار. 1979-يىلى يازدا، ئالما لىزا ۋە ئالما Macintosh تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا باشلىدى.

1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە

1980-يىلى ئالما 3 كومپيوتېرى سەھنىگە چىقتى. سەپلىمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، 4340 دوللاردىن 7800 دوللارغىچە باھا قويۇلدى. ئالما شىركىتىنىڭ پاي چىكى بازارغا چىقىپ، زور مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتى. 1981-يىلى جوبىس Macintosh نىڭ تۈر گۇرۇپپىسىغا قاتناشتى. Mike Markkula ئالما كومپيوتېر شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى بولدى. 1981-يىلى 2-ئايدا، ۋوزنىك بىر قېتىملىق ئايروپىلان ۋەقەسىدە يارىلىنىپ، ئارقىدىنلا ئالما شىركىتى ۋە Macintosh نىڭ تۈر گۇرۇپپىسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلدى. ۋوزنىك توي قىلغاندىن كىيىن، كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا قايتىپ، ئېلىكتېر قۇرۇلۇشى ۋە كومپيوتېر كەسپى ئۇنۋانىنى داۋاملىق ئوقۇدى.

1981-يىلى 8-ئايدا، IBM شىركىتى تۇنجى شەخسلەر كومپيوتېرى IBM-PC نى بازارغا سالدى. گەرچە IBM-PC ئالما 2 ۋە ئالما 3 كومپيوتېردىن كىيىن بارلىققا كەلسىمۇ، ئەمما ئۇ غايەت زور مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتى.

1981-يىلى 11-ئايدا، ئالما كومپيوتېر شىركىتى بىلەن قاپلىق قۇرت پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن مەخپى كىلىشىم تۈزدى. 1982-يىلى، لىزا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تاماملىنىپ، ئېلان قىلىنىشقا تەييارلىق قىلىندى. ئالما شىركىتىنىڭ ئېلان ۋاكالەتچىسى Chiat/Day بولسا Macintosh TV spot ئېلانىنى ئىشلەپ چىقتى."1984" 1983-يىلى باھاسى ئايرىم ھالدا 9998دوللار ۋە 1395 دوللار بولغان لىزا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە Apple Iie ئېلان قىلىندى،.ئالما شىركىتى تارىختىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان شىركەت بولدى.

1983-يىلى باھاردا، Macintosh نىڭ ئېلانى"1984" قايتا ئىشلەندى.

1983-يىلى 4-ئايدا، John Sculley ، PepsiCo نىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش دېرىكتورى ئالما شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ۋە CEO بولدى. 1983-يىلى 6-ئايدا، سىتىۋېن ۋوزنىك ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلدى.

1983-يىلى 12-ئايدا، ئالما 3+ ئېلان قىلىندى. باھاسى 2995 دوللار. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، IBM-PC نىڭ سېتىلىش مىقدارى 1مىليوندىن ئاشتى. 1984-يىلى، ئالما شىركىتىنىڭ ئېلانى "1984" پۈتۈن ئامىرىكىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلدى. 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، "1984" ئېلانى Super Bowl XVIII دا قويۇلدى. 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، Apple Macintosh ئېلان قىلىندى. Macintosh دا پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان ئىنقىلاب خارەكتىرىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇ كومپيوتېر كەسپى تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر ئابىدە بولدى.

1984-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، 5بۇرجەكلىك بىنا Macintosh نىڭ سوتسىيالىزم دۆلەتلىرىگە سېتىلىشنى چەكلىدى. بۇ چاغدا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا Macintosh دا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىنى تېخى ھېچكىم بىلمەيتتى.

1985-يىلىنىڭ باشلىرىدا، Mac XL ، ئالما 2 كومپيوتېرىنىڭ كۈچەيتمە نەشرى ئېلان قىلىندى. جوبىس ئالما شىركىتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىكى مەسىلە جوبىس بىلەن Sculley ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، جوبىس Sculley نى كومپيوتېرنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ دەپ قارايتتى، Sculley بولسا، جوبىس باشقۇرۇشقا ماھىر ئەمەس ، بۇ شىركەتكە نىسبەتەن خەتەرلىك دەپ قارىدى.

1985-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، جوبىس سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق Sculley نى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولدى. ئۇ Sculleyنىڭ جوڭگودا يىغىنغا قاتنىشىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئالما شىركىتىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇندى. ئاخىرقى پەيتتە، ئۇنىڭ پىلانى مەلۇم ئادەم تەرەپتىن Sculley غا ئاشكارىلاپ قويۇلدى.

1985-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، Sculley بىلەن جوبىس ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بەس-مۇنازىرە بولدى. Sculley مۇدىرىيەتتىن جوبىس ۋە ئۆزىدىن بىرىنى تاللاشنى تەلەپ قىلدى.

1985-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، Sculley جوبىسنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، پەقەت ئالما شىركىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنىلا ساقلاپ قالدى. ئەمما جوبىسنىڭ شىركەتتە ھەرقانداق بىر قارارىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى قالمىدى.

1985-يىلى يازدا، Sculley ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر رەھبىرى بولدى. ئۇ چاغدا شىركەتتە 1200 خادىم بار ئىدى.

1985-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، سىتىۋېن جوبىس ئالما شىركىتىدىن رەسمىي تۈردە ئىستىپا بېرىپ چىكىندى. ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇلارغا ئالما شىركىتىنىڭ 5 ياللانما خادىمىنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1985-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئالما شىركىتى سىتىۋېن جوبىس ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

1985-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، John Sculley ئالما شىركىتىنىڭ تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ ئەسكى بىر توختامنى ئىمزالىدى. ئۇ ئەگەر مىكروسوفت داۋاملىق ئالما شىركىتى ئۈچۈن يۇمشاق دىتال ئىشلەپچىقارسا، (Word,Excel دىگەندەك)، ئالما شىركىتىنىڭ بىر قىسىم سۈرەت كۆرۈنمە يۈز تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىگە قوشۇلدى. ئەگەر Sculley بۇ توختامنى تۈزمىگەن بولسا، Windows بەلكىم مەڭگۈ ئارىغا كىرەلمەيتتى. Windowsنىڭ MacOS گە ئوخشىشىپ كىتىشىدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئالما شىركىتى مىكروسوفتقا قارشى تۇرىدىغان ھەرقانداق بىر دەۋادا ئاسانلا ئۇتۇۋالالايدۇ.

1985-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، ئالما شىركىتى Macintosh Office نى ئېلان قىلدى، ھەمدە تۇنجى قېتىم LaserWriter ۋە AppleTalk تور تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ Mac قا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇردى.

1986-يىلى 1-ئايدا، ئالما شىركىتى سىتىۋېن جوبىسقا ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى توختاتتى. سىتىۋېن جوبىس ئالتە ئايغىچە ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە ۋە ئالما شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ھەرقانداق بىر شىركەتنى قۇرمايدىغانغا قوشۇلدى، شۇ يىلى NeXT شىركىتىنى قۇردى. سىتىۋېن جوبىس George Lucas دىن Pixar كومپيوتېر كارتۇن ئىشلەش ئىشخانىسىنى سېتىۋىلىپ، 10 مىليون چىقىم قىلدى. 1986-يىلى 9-ئايدا، Apple IIgs ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 دوللار. 1987-يىلى ئالما شىركىتى قۇرۇلغىنىنىڭ 10 يىللىقى بولۇپ، Mac SE بىلەن Mac II بازارغا سېلىندى. 1988-يىلى 1-ئايدا، مىكروسوفت شىركىتى Windows 2.0.3 نى ئېلان قىلدى. 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى مىكروسوفت شىركىتى بىلەن HP شىركىتى ئۈستىدىن يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارنى ئالما شىركىتىنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلدى دەپ ئەرز قىلدى. چۈنكى Windows 2.0.3 دا Mac قا ئوخشاپ كىتىدىغان سىنبەلگىلەر ئىشلىتىلگەن ئىدى. 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ، NeXT كومپيوتىرى ئېلان قىلىندى، باھاسى 6500 دوللار. (سەپلىمىسى 25MHz لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 250MB لىق قاتتىق دېسكا، FPU ، Faxmodem ، 17 ديۇملۇق ئېكران). 1989-يىلى 2-ئايدا، قاپلىق قۇرت پىلاستىنكا شىركىتى ئالما شىركىتىنى 1981-يىلى ئىمزالانغان توختامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەرز قىلدى. ئەرزدە ئالما شىركىتى توختامنىڭ بىرىكمە مۇزىكا ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيوتېر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدى دىيىلدى.

1989-يىلى 9-ئايدا NeXTstep 1.0 ئېلان قىلىندى.

1990-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە

1990-يىلى Windows 3.0 ئېلان قىلىندى؛ NeXTstation ئېلان قىلىندى؛ ئالما شىركىتى Mac Iifx ، Classic ، LC ۋە Mac Iisi قاتارلىق تۆت خىل تىپتىكى كومپيوتېرلارنى بازارغا سالدى.

1991-يىلى، IBM شىركىتى بىلەن ئالما شىركىتى ئىتتىپاقلاشتى. IBM شىركىتى ئالما شىركىتى ئۈچۈن RISC بىر تەرەپ قىلغۇچ (PowerPC) نى تەتقىق قىلىپ بەردى، Mac Classic II,PowerBook 100, PowerBook 140, PowerBook 170, Quadra 700 ۋە Quadra 900 ئېلان قىلىندى. Pixar كومپيوتېر كارتون ئىشلەش ئىشخانىسى بىلەن دېسنىي شىركىتى فىلىم ئىشلەشتە ھەمكارلاشتى. Pixar كومپيوتېر كارتون ئىشلەش ئىشخانىسى فىلىم ئىشلەپ، دېسنىي شىركىتى تارقاتتى، ئىككى تەرەپ چىقىمنى تەڭ چىقىرىپ، كىرىمدىن تەڭ بەھىرلەندى.

1991-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالما شىركىتى قاپلىق قۇرت پىلاستىنكا چىقىرىش شىركىتىگە 26 مىليون 500 مىڭ تۆلەم بېرىپ، ئەرزنى ئاخىرلاشتۇردى.

1992-يىلى NeXTstep3.0 ئېلان قىلىندى، مىكروسوفت Windows 3.1 نى ئېلان قىلدى.

1993-يىلى 2-ئايدا، سىتىۋېن جوبىس NeXT شىركىتىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشاتتى، قاتتىق دىتال بۆلۈمىنى قالدۇرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، NeXT شىركىتىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1993-يىلى 4-ئايدا، بىرىنجى يۈرۈش PowerPC 601 بىر تەرەپ قىلغۇچ Motorola تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. ئىجرا قىلىش سۈرئىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 50MHz، 66MHz ۋە 80MHz . NeXT شىركىتىنى قۇرغۇچى ئاخىرقى ئادەم شىركەتتىن ئايرىلىپ، سىتىۋېن جوبىس NeXT شىركىتىنىڭ بىردىنبىر رەھبىرى بولۇپ قالدى. (NeXT شىركىتى ئىسمىنى NeXT كومپيوتېر شىركىتى دەپ ئۆزگەرتتى).

1993-يىلى 6-ئايدا، Michael Spindler بولسا Sculley نىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ، ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى بولدى. Sculley داۋاملىق تۈردە ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولدى.

1993-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئالما شىركىتى تۇنجى PDA(Newton MessagePad) ئېلان قىلدى. گەرچە Newton MessagePad ئوخشاش تۈردىكى باشقا رىقابەتچىلىرىدىن (مەسىلەنWindows CE PDAs,Palm PDAs قاتارلىق) ئۈستۈن تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىنتايىن بىچارە ھالەتتە ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ PDA بۆلۈمى Newton MessagePad ئېلان قىلىنىپ، تۆت يىلدىن كىيىن تارقىتىۋىتىلدى.

1993-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، سوت 1985-يىلىدىكى ئالما شىركىتى بىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ دەۋاسىغا قارار چىقىرىپ، Windows2.0.3 دەخلى-تەرۈز شەكىللەندۈرمىدى دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

1993-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، Sculley ئالما شىركىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، Spectrum شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى، قوشۇمچە CEO بولدى.

1994-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى،بىر يۈرۈش Power Mac6100,7100,8100 ئېلان قىلىندى.

1994-يىلى 6-ئايدا، MacOS7.5 ئېلان قىلىندى، ئالما شىركىتى 7.1.2+SU3 دىن ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەمنى باستى.

1994-يىلى يازدا، ئالما شىركىتى MacOS كە ئالاھىدە ئىجازەت قىلىشقا باشلىدى.

1994-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئالما شىركىتى ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ ۋاستىلىق سىستىما، يەنى توردا ئويۇن ئويناش، ئۆگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان Pippin نى ئېلان قىلدى،

1994-يىلى قىشتا، IBM بىلەن Motorola شىركىتى PowerPC 603 بىلەن PowerPC 604 نى ئېلان قىلدى.

1995-يىلى 2-ئايدا، PowerPC 603e ئېلان قىلىندى.

1995-يىلى 5-ئايدا، دېسنىي شىركىتى تەرىپىدىن Pixar شىركىتىنىڭ تۇنجى فىلىمى " Toy Story" (قونچاق ھېكايىسى) نى قويۇلدى. 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە نۇسخىسى Macintosh ئېلان قىلىندى.

1996-يىلى 10-ئايدا، مەشغۇلات سېستىمىسى System 7.5.5 ئېلان قىلىندى.

1996-يىلى 12-ئايدا ئالما شىركىتى 430مىليون ئامىرىكا دوللىرى بىلەن NeXT كومپيوتېر شىركىتىنى سېتىۋالدى. 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، MacOS 7.6 ئېلان قىلىندى.

1997-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، NeXT شىركىتى سېتىۋىلىنغانلىقتىن، سىتىۋېن جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلدى. MacWorld يىغىنىدا، يېڭى MacOS سىتىراتىگىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1997-يىلى 3-ئايدا، Bandai ياپونىيىدە Pippin Atmark ئېلان قىلدى.

1997-يىلى 4-ئايدا، Motorola شىركىتى 300MHz لىق PowerPC 603e نى ئېلان قىلدى.

1997-يىلى 6-ئايدا، Gil Amelio ئالما شىركىتىنىڭ ئىككىنجى مالىيە پەسلىدە 740مىليون ئامىرىكا دوللىرى زىيان تارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى،Macintoshنىڭ 20يىللىق خاتىرە نۇسخىسى بازارغا سېلىندى. مەزكۇر ماشىنىنىڭ ئاساسىي چاستوتىسى 250MHz، توپلاشتۇرۇلغان BOSE ئاۋاز سېستىمىسى سەپلەنگەن. بۇ Macintosh چەكلىك تارقىتىلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

1997-يىلى 7-ئايدا، Gil Amelio ئالما شىركىتىدىكى باش دېرىكتور ۋە CEO لىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.

1997-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، MacOS 8 ئېلان قىلىندى. ئۇ بىر Mac OS 1.0 گە ھەقىقىي ئوخشىمايدىغان كومپيوتېر ئۈستەل يۈزى سېستىمىسى بولۇپ، بۇرۇنقى بارلىق سېستىمىلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تېخىمۇ مۇقىم.

1997-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، سىتىۋېن جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مىكروسوفت شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ 150مىليون ئامىرىكا دوللارلىق پاي چىكىنى سېتىۋالدى. ئالما شىركىتى مىكروسوفتنىڭ IE كۆز يۈگۈرتكۈچىنى ئالما كومپيوتېر سېستىمىسىغا توپلاشتۇرۇپ كىرگۈزىدىغان بولدى.

1997-يىلى 9-ئايدا، Motorola شىركىتى PowerPC750(G3) بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئېلان قىلدى. ئالما شىركىتى ئىجازەتنامىنى قايتىدىن سېتىۋالدى. 1997-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سىتىۋېن جوبس ئالما شىركىتىنىڭ iCEO بولدى (ۋاقىتلىقCEO ).

1997-يىلى 11-ئايدا Bandai ئامىرىكىدا Pippin@World نى ئېلان قىلدى، باھاسى 600 ئامىرىكا دوللىرى.

1997-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، “Apple Event” دە Power Macintosh G3 بىلەن Apple Store غەلىبىگە ئېرىشتى.

1998-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالما شىركىتى ھەقىقىي تۈردە قايتىدىن پايدىغا يۈزلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سىتىۋېن جوبىس 1998-يىللىق مالىيە پەسلىدە 47مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1998-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، Newton تۈرى توختىتىلدى. ئاساسىي سەۋەبى مەزكۈز تۈر زور زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن (ئالما شىركىتى Newton تۈرىگە 500مىليون ئامىرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان) ۋە ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. شۇڭا بارلىق مۇھىم بولمىغان ۋە كىرىم كىرمەيدىغان مەھسۇلاتلار (مەسىلەن باسما ماشىنىسى ۋە قوشۇمچە دىتاللار) ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى.

1998-يىلى 5-ئايدا، iMac بىلەن خاتىرە كومپيوتېر PowerBook G3 ئېلان قىلىندى.

1998-يىلى 7-ئايدا، ئالما شىركىتى 1998-يىللىق 3-مالىيە پەسلىدە 101مىليون كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، Motorola شىركىتى 333MHz، 366MHz ۋە 400MHz لىق PowerPC G3 بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئېلان قىلدى. 1998-يىلى 8-ئايدا، iMac نى زاكاس قىلىش تالونى 150مىڭ دانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

1998-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى iMac بازارغا سېلىنغان ھەمدە تارىختىكى سېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان شەخسلەر كومپيوتېرى بولغان. 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، MacOS 8.5 ئېلان قىلىنغان.

1999-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئالما شىركىتى Power Macintosh G3 Yosemite ۋە 5 خىل ئوخشىمىغان رەڭدىكى 266MHz لىق iMac نى كۆزگەرمىگە قويغان.

1999-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مالىيە پەسلىدە، Power Macintosh G3 Yosemite نىڭ سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولغان. Mac OS X Server ئېلان قىلىنغىنى بىلەن 3-ئايغا كەلگەن چاغدا ئاندىن بازارغا سالغان.

1999-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، 333MHz لىق 3-نۇسخا iMac ئېلان قىلىنغان.

1999-يىلى 4-ئايدا، QuickTime 4 Beta ئېلان قىلىنغان. ئالما شىركىتىنىڭ تور بىتىدە QuickTime 4 فورماتىدىكى كىنو “Episode One / The Phantom Menace” نىڭ مۇقەددىمىسىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. بۇ كىنو مۇقەددىمىسىنى 25مىليون ئادەم توردىن چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئېنتېرنېت تور تارىخىدىكى چۈشۈرۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولۇشتەك رىكورتنى ياراتقان.

1999-يىلى 6-ئايدا، يېڭى خاتىرە كومپيوتېر PowerBook G3 Lombard ئېلان قىلىنغان. ئۇ بۇرۇنقى خاتىرە كومپيوتېرلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ يىنىك، تېخىمۇ كىچىك. 300MHz لىق Power Macintosh G3 Yosemite ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلىپ، يىڭىدىن 450MHz لىق Yosemite بازارغا سېلىنغان. كەسپى كۆرۈنۈش تەھرىرلەش يۇمشاق دىتالى Final Cut Pro ئېلان قىلىنغان.

1999-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، نيوروكتىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە، iBook ئېلان قىلىنغان.

1999-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، iBook نى زاكاس قىلىش تالونى 140 دانىدىن ئىشىپ كەتكەن. سىتىۋېن جوبس Seybold يىغىنىدا دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيوتېر Power Macintosh G4 نى نامايەن قىلغان، 500MHz لىق G4 بىر تەرەپ قىلغۇچ ھەر سىكۇنتىغا 1مىليارد قېتىم لەيلىما نۇقتا ھېسابلىشىنى ئىجرا قىلالايدۇ. ئۇ دەل بۇ سەۋەبلىك ئامىرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىكىسپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان قورال ياساش تېخنىكىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

1999-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، Pixar شىركىتىنىڭ ئىككىنجى كىنوسى “Toy Story 2” تۇنجى قويۇلغان.بۇنىڭ بىلەن Pixar شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىكى كومپيوتېر كارتون كىنوسى ساھەسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. “Toy Story” ، “Toy Story 2” ۋە "A Bug’s Life" نىڭ دۇنيادىكى ئومۇمىي بىلەت كىرىمى 1مىليارد 200مىليون ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

1999-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، 350MHz لىق ، 400MHz لىق iMac ئېلان قىلىنغان. بەزىلىرىگە DVD نۇر دېسكا رايونى سەپلەنگەن. iMove (Final Cut Pro نىڭ ئاددى نۇسخىسى) باغلانغانiMac DV ۋە iMac DV نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى بازارغا سېلىنغان.

1999-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، MacOS 9 ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە Sherlock 1 نىڭ كۈچەيتمە نۇسخىسى Sherlock 2 نىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېلىپ كەلگەن.

2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە

2000-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، سان-فرانسىسكودىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Mac OS X نامايەن قىلىنغان، Mac OS X بولسا Rhapsody نىڭ سىتىراتىگىيىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى،NeXT مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئوخشاش UNIX سېستىمىسى. ئالما شىركىتى MacOS X دە يېڭى “Aqua” كومپيوتېر ئۈستەل يۈزىنى تونۇشتۇرغان. Mac OS X ئاممىۋى سىناق نۇسخىسى 2000-يىلى ياز پەسلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى 2001-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىش پىلان قىلىنغان. سىتىۋېن جوبس يەنە بىر قېتىم ئالما شىركىتىنىڭ CEO (گەرچە ئۇنۋانى يەنىلا “iCEO” بولسىمۇ، ۋاقىتلىق CEO ئەمەس) سى بولغان. ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دىتالى AppleWorks 6 ئېلان قىلىنغان. ئالما شىركىتىنىڭ تور بىتىگە iTools نىڭكىگە ئوخشايدىغان يىڭى ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلغان. iTools ئالما شىركىتىنىڭ Mac ئىشلەتكۈچىلىرى ۋە iReview ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۈرلۈك ھەقسىز Web بوشلۇقى مۇلازىمىتى.

2000-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، PowerBook G3 Pismo ، iBook نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى ۋە 500 MHz لىق Power Macintosh G4 توكيونىڭ MacWorld كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان. AirPort سىمسىز تور سەپلەنگەن 400MHz لىق، 500MHz لىق PowerBook G3 مۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. iBook نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى iMac DV نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسىنىڭ رەڭگىنى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسىي چاستوتىسى 366MHz. 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالما شىركىتى 2000-يىللىق 3-مالىيە پەسلىدىكى كىرىمىنىڭ 233مىليون ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

2000-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، نيوروكتىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە ئالما شىركىتى يېڭى بىر يۈرۈش iMac (iMac، iMac DV ، iMac DV+ ، iMac DV SE ) نى ، يېڭى PowerMac G4 Cube ۋە قوش بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن PowerMac G4 ( قوش 500MHz لىق PPC G4 بىر تەرەپ قىلغۇچ) نى ئېلان قىلغان.

2000-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، پارىژدىكى كۆزگەزمىدە، ئالما شىركىتى يېڭى iBook نى ئېلان قىلغان. يىڭىدىن ئېلان قىلىنغان iBook نىڭ (كۈلرەڭ ۋە سۆسۈن رەڭ) ئوخشىمىغان ئىككى رەڭلىك نۇسخىسى بولۇپ، ئاساسىي چاستوتىسى 366MHz ۋە 466MHz . ئۇنىڭدىن باشقا، Mac OS X سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپ، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە ۋە فىرانسىيىنىڭ Apple Store دا 30 ئامىرىكا دوللىرىدىن سېتىلىشقا باشلانغان، مىكروسوفت شىركىتى ئالما نۇسخىسىدىكى Office 2001 نى ئېلان قىلغان، ئۇ Windows نەشرىنىڭ MS Office 2000 دىنمۇ ياخشى دەپ قارالغان. 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئالما شىركىتى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى 2000-يىللىق 4-مالىيە پەسلىدىكى تەخمىنىي كىرىمنى ئېلان قىلغان. دەسلەپكى 4-مالىيە پەسلىدىكى تەخمىنىي كىرىم 165 مىليون ئامىرىكا دوللىرى بولغان بولسا، ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى تەخمىنىي كىرىم 110مىليون ئامىرىكا دوللىرى بولغان. بۇ بايانات سەۋەبىدىن ئالما شىركىتىنىڭ پاي چىكى بىر كىچىدىلا 45 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، ھەر پاي چىكى 53.50 ئامىرىكا دوللىرىدىن 29.13 ئامىرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان.

2000-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئالما شىركىتى 2001-يىللىق 1-مالىيە پەسلىدە 259مىليون ئامىرىكا دوللىرى زىيان تارتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ 3 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم زىيان تارتىشى ئىدى. 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، MacWorld يىغىنىدا، سىتىۋېن جوبس بىر يۈرۈش ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغان. قاتتىق دېسكا جەھەتتە، ئالما شىركىتى پۈتۈنلەي يىڭى بولغان PowerMac G4 كومپيوتىرىنى نامايەن قىلغان. يىڭى G4 تىتاندىن ياسالغان، شۇنداقلا ئەڭ تېز بولغان G4 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە CD-RW ياكى DVD-RW نۇر دېسكا رايونى سەپلەنگەن. ئالما شىركىتى يەنە DVD ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشىپ، DVD studio Pro بىلەن iDVD نى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى ھۆكۈمەت تورىنى قويۇش، كودلاشتۇرۇش ۋە MP3 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتال iTools نى ھەقسىز چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلىگەن. ئالما شىركىتى يەنە MacOS 9.0.4 نىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى MacOS 9.1 نى ئېلان قىلغان.

2001-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئالما شىركىتى توكيودىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە CD-RW نۇر دېسكا رايونى سەپلەنگەن يېڭى بىر يۈرۈش iMac ئېلان قىلغان. بۇ بىر يۈرۈش يېڭى iMac لار "ئىندىگو كۆكى" ، "دارماتىيان كۆكى"، "گۈل كۈچى" ۋە سۈرمە تاش رەڭدىن ئىبارەت تۆت خىل رەڭلىك بولۇپ، ئاساسىي چاستوتىسى 500MHz ۋە 600MHz. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركىتى G4 Cube نىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.

2001-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئالما شىركىتى 62مىليون ئامىرىكا دوللارلىق پاي چىكى بىلەن PowerSchool شىركىتىنى سېتىۋالغان. PowerSchool شىركىتى مەكتەپلەرنى سان-سىفىرلارنى باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ، PowerSchool Server ئېنتېرنېت تورى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان، شۇڭا Web كۆز يۈگۈرتكۈچتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. ئالما شىركىتى PowerSchool شىركىتىنى سېتىۋالسا، مەكتەپنى مۇكەممەل بولغان سېستىما توپلاشتۇرۇش بىلەن تەمىنلىگىلى، ئوقۇغۇچىلارنى iMac بىلەن تەمىنلىگىلى، ئوقۇتقۇچىلارنى Power Macintosh كومپيوتېرى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. Power Macintosh G4 Server بولسا، PowerSchool يۇمشاق دىتالى بىلەن AirPort سىمسىز تور سۇپىسى بولالايدۇ.

2001-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئالما شىركىتى Mac OS X 10.0 نى ئېلان قىلغان. ئوخشاش مەزگىلدە Mac OS X نىڭ كۆپلىگەن ئۈچىنجى تەرەپ يۇمشاق دىتاللىرى ئېلان قىلىنغان.

2001-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالما شىركىتى بۇ يىللىق مالىيە پەسلىدە 43 مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 9 مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم Mac OS X دىن كىرگەن. 5 مىليون دانە سېتىلىش مىقدارى بىلەن، iMac ھازىرغا قەدەر ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخسلەر كومپيوتېرى بولغان.

2001-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭى iBook ئېلان قىلىنغان، يېڭى iBook نىڭ قېپى ئاق رەڭلىك پلاستىك ماتىرىيال ، 500MHzلىق G3 بىر تەرەپ قىلغۇچ، كۆرۈنۈشنى پەرق قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1024x768 پېكسىل بولغان.

2001-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ تۇنجى پارچە سېتىش دۇكانلىرى ئېچىلغان، بۇ دۇكانلار ئايرىم ھالدا لوس-ئانجىلىس ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىغا جايلاشقان. ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى قاتتىق دىتال ۋە Macintosh يۇمشاق دىتاللىرى بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا ئالما قاتتىق دىتالىنىڭ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ھازىرلىغان. ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ سېتىش دۇكانلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى 5%لىك بازار ھەجىمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرماقچى بولغان، 2001-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، پۈتۈن ئامىرىكىدا پارچە سېتىش دۇكىنىدىن 25نى ئاچقان.

2001-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، WWDC 2001 يىغىنىدا ئالما شىركىتى Mac OS X نىڭ ئىختىيارىي قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركىتى WebObject 5 ۋە 17 ديۇملۇق تەكشى ئېكرانلىق يىڭى Studio كۆرسەتكۈچنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، PowerMac G4 Server نىڭ دەرىجىسىنى 533MHz G4 بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۆتۈرگەن. WebObject 5 بولسا Web قوللىنىش پروگراممىسىنى تۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان دەسلەپتىكى بىر قورال.

2001-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئالما شىركىتى Power Macintosh G4 Cube بىر يۈرۈش مەھسۇلات لىنىيىسىنى رەسمىي تۈردە توختاتقان.

2001-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى 2001-يىللىق 3-مالىيە پەسلىدە 61 مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2001-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، نيوروكتىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئالما شىركىتى يىڭى G4 كومپيوتېرىنى ئېلان قىلغان،ئاساسىي چاستوتىسى 867MHz غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قوش 800MHz لىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سىكونتىغا 12مىليارد لەيلىمە نۇقتا ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئالما شىركىتى Mac OS X 10.1(Puma) نىڭ 9-ئايدا بازارغا سىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالما شىركىتى 733MHz لىق Power Macintosh G4 Server نى ئېلان قىلغان. ئالما شىركىتىنىڭ يەنە بىر پارچە سېتىش دۇكىنى ئوخېئودا ئېچىلغان.

2001-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇزۇن مەزگىللىك كۈتۈش ئاخىرى ئاياغلىشىپ، ئالما شىركىتى Mac OS X نىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى Mac OS X 10.1 نى ئېلان قىلغان. ئۇ Mac OS X قارىغاندا ھېسابلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، CD ئۇيۇپ سىنغا ئېلىشنى قوللايدۇ، DVD لىق قويغۇچ ھەمدە يىڭى كۆرۈنمە يۈزى ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا Mac OS X Server v10.1 نى ئېلان قىلغان. 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، تېخىمۇ تېز بولغان، 550MHz لىق ۋە 667MHz لىق PowerBook G4، 600MHz لىق iBook ،شۇنداقلا قوش 800MHz لىق G4 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن PowerMac G4 Server بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

2001-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى 2001-يىللىق 4-مالىيە پەسلىدە 66 مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

2001-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، سىتىۋېن جوبس جامائەتكە ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان MP3 قويغۇچ iPod نى ئېلان قىلغان. iPod قا 5GB لىق (MP3 ناخشىدىن 1000نى قاچىلىغىلى بولىدىغان) قاتتىق دىتال، 2 ديۇملۇق LCD كۆرسەتكۈچ، سىفىرلىق چوڭايتقۇچ ۋە نائۇشنىك سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركىتى يەنە MP3 ھۆججىتىنى Mac تىن iPod قا چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتال قورالى iTunes 2 نى ئېلان قىلغان.

2001-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، “Monsters Inc.” ئامىرىكىنىڭ بارلىق كىنوخانىلىرىغا تۇنجى قويۇلغان. “Monsters Inc.” بولسا Pixar شىركىتىنىڭ تۆتىنجى كارتون فىلىمى بولۇپ، تۇنجى قويۇلغان بىرىنجى ھەپتىسىدىلا 63مىليون 480مىڭ ئامىرىكا دوللىرىلىق بىلەت كىرىمىغا ئېرىشكەن.

2001-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، AirPort 2 ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭغا Windows PC نى قوللاش ئاشۇرۇلغان، ئۇلانمىسى 50 گە يەتكەن ۋە 128 بىتلىق پىرسلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.

2001-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، Final Cut Pro 3 ۋە MacOS 9.2.2 ئېلان قىلىنغان.

2002-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئالما شىركىتى يىپيىڭى LCD iMac نى نامايەن قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 14 ديۇملۇق iBook بىلەن رەسىم تەھرىرلىگۈچ يۇمشاق دىتالى iPhoto نى نامايەن قىلغان.

2002-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالما شىركىتى 2002-يىللىق 1-مالىيە پەسلىدە 38مىليون ئامىرىكا دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ پەسىلدە ئالما شىركىتى 74.6 دانە Mac ساتقان.

2002-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭى PowerMac G4 ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ ئاساسىي چاستوتىسى 1GHz غا يەتكەن ، 2MB لىق DDR نىڭ L3 ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. قوش 1GHz لىق G4 بولسا 2GHz لىق Pentium 4 دىن 72% تېز.

2002-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئالما شىركىتى، سونى ئېرىكسون شىركىتى QuickTime سىزىقلىق تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، بىرلىكتە ھەرە كۆنىكى تېلىفونىنىڭ كۆپ ۋاستىسىغا ئىشلىتىلىدىغان سىستىمىنى تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2002-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى،ئالما Mac OS X يىراق مۇساپىلىق ئۈستەل يۈزى ئېلان قىلىنغان. بۇ Mac OS تورىنى باشقۇرۇش ئاساسىدىكى يۇمشاق دىتال قورالى.

2002-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، iPod يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى ۋە 23 ديۇملۇق Cinema كۆرسەتكۈچ توكيودىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان. ئالما شىركىتى 4-ئايدا Mac OS X نىڭ كۆك چىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2005-يىلى سىتېۋ جوبېس بۇندىن كېيىنكى ئالما كومپىيۇتېرلىرىغا INTEL شىركىتىنىڭCPU لىرىنى سەپلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2006-يىلى گوگۇل شىركىتىنىڭ لىدىرى ئېرىك سىمىت ئالما كومپىيۇتېر شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ ئالما شىركەت مۇدىرىيىتىگە كىردى. 2007-يىلى 1-ئايدا ئالما شىركىتى شىركەت نامىنى ئلما كومپىيۇتېر شىركىتىدىن ئالما شىركىتى دەپ ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلاتى بولغان ئايفون تېلفونى بازارغا سېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگىچە ئالما شىركىتى دۇنيادىكى تېلفون ئىشلەپچىقىرىدىغان 3-چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.

مەنبەلەر