خرىستىئان دىنى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

ئورنى Wikipedia
Content deleted Content added
ئازراقلا r2.7.1) (Robot: Modifying uz:Xristian dini
ئازراقلا r2.7.3) (Robot: Adding wuu:基督教
230 -قۇر: 230 -قۇر:
[[wa:Crustinnisse]]
[[wa:Crustinnisse]]
[[war:Kristyanismo]]
[[war:Kristyanismo]]
[[wuu:基督教]]
[[xmf:ქირსიანობა]]
[[xmf:ქირსიანობა]]
[[yi:קריסטנטום]]
[[yi:קריסטנטום]]

13:14, 20 نويابىر 2012 تۈزەتكەن نەشرى

مەسىھچىلىك

تارىخ
ئەيسا مەسىھ
مەسىھچىلىك دىنىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى
سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى
دىنىي ئىسلاھات

ئىنجىل تېئولوگىيىسى
ئون پەرھىز
مۇقەددەس روھ
مۇقەددەس روھنىڭ چوقۇندۇرۇشى

قائىدە-يوسۇن
چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى
ھەزرىتى ئەيسا زىياپىتىنىڭ مۇراسىمى

ئىنجىل
تەۋرات
ئېلېزېۋىر نۇسخىسىدىكى ئىنجىل

چوڭ بايرام
روژدېستۋو بايرىمى
پاسخا بايرىمى

دىن تارقىتىش جەمئىيىتى
سۇرىيە دىنىي جەمئىيىتى
نېستورىئان
ئەرمەنىستان دىنىي جەمئىيىتى
پراۋوسلاۋىيە دىنى
كاتولىك دىنى
مەسىھچىلىكلار كېڭىشى

پروتېستانت دىنى
پرېسبىتېرىئاللىق
ئاناباپتىزم
ئانگلىكان دىنىي جەمىيىتى
باپتىست
مېتودىست

پېنتېكوستال مەژىپىدىن
مىسسىيە
ھەقىقى ئەيسا چېركاۋى
ئىرۇسالىمغا قايتىش ھەركىتى
دۇنياۋى خرىستىئان دىنى بىرلەشمە ھەرىكىتى


خرىستىئانلاشماسلىق
يەھۋانى ئىسپاتلاش جەمئىيىتى
ئەيساپەيغەمبەرنىڭ تىرىلىپ قايتا چۈشۈشىگە ئىشىنىدىغان خرىستىئانلار

خىرىستىيان دىنى بولسا ئەيسا ئەلەيھىسسلامغا بىرىلگەن ئىنجىل ئىسىملىك كىتاپنى يەھۇدىلەر ئوزگەرتكەندىن كىيىن شەكىللەنگەن باتىل دىنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر دەپ قارىماستىن قۇتقۇزغۇچى خۇدا دەپ باتىل ئەقىدە بىلەن تونۇيدۇ،ۋە ئۇنى خۇدانىڭ ئوغلى دىگەندەك پىتنىلەرگە ئىتىقاد قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنى خۇدانىڭ ئايالى دىگەندەك باتىل ئىتىقادنى تەرغىپ قىلىدۇ،ئۇ پەقەت يەھۇدى ئالدامچىلىرى تۇزەپ بەرگەن بىر خىل باتىل دىندۇر .ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان ئىنجىل ھازىر ئوزگەرتىلىپ بىرقانچە نۇسخا شەكىللەڭەن بۇلوپ مەزمۇنلىرىمۇ بىر-بىرىگە زىت.

خىرىستىيانلار، ئەھدى قەدىم ۋە ئەھدى جەدىد ھەققىدە يەھۇدىلار ھەزرىتى مۇسانىڭ شەرىئىتىنى ئۆزگەرتىپ،پۈتۈن غېمىنى مال توپلاشقا مەركەزلەشتۈرگەن،ئۇلاردىكى ماددى تەپەككۈر ئالىملىرى ۋە راھىبلىرىغا قەدەر سىڭىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدى ئالىملىرى ھەيكەلگە قۇربانلىق قىلىشقا خەلقلەرنى قىزىقتۇرۇپ مال توپلاش كويىغا چۈشكەن.خەلقلەر گۇناھنىڭ كەچۈرلىشىنى راھىبلارنىڭ رازىلىقا باغلىغان. ` يەھۇدىلار ماددىزىملىقتا چوڭقۇرلاپ روھىيەت ئالىمىدىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەن، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى قىيامەتنى شۇنداقلا ھىساب ۋە جازانى ئىنكار قىلىشقان.ئۇلاردىن كۆپلىرى ھىساب ياكى ئاقىۋەتتىن قورقماي دۇنيا ھاياتىغا تامامەن بېرىلىپ كەتكەن.يىغىنچاقلىغاندا ئېتىقادى بۇزۇلۇپ ۋە ئەخلاقى تۈگەشكەن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى توغرا يولغا قايتۇرىدىغان بىر كىشىنىڭ بولىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان. مۇشۇ چاغدا ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىدۇ، ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ ئاساسى روھقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ماددى ھاياتنى تەرك ئېتىش ئىدى. 3 ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى يەھۇدىلار نەزرىدىكى ئىككى نوقتىنى ئاساس قىلغان: 1. ئۇلارنىڭ ماددىغا پۈتۈنلەي بېرىلىپ كېتىپ، روھقا سەل قارىغانلىقى. 2.ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ تاللانغان خەلقى دەپ دەۋا قىلىشى،شۇنداقلا راھىبلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارسىدىكى ۋاستە دەپ دەۋا قىلىشىغا مەركەزلەشكەن. ئىسائەلەيھىسسالام يەھۇدىلارنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك يىلتىزى ئاساسىغا قارشى دەۋەت ئېلىپ بارغاندا ئۇلار ئىسائەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلىشقا باشلىغان.ئۇنىڭغا ئازغىنا بىر قىسىم يەھۇدىلار ئىمان كەلتۈرگەن. 1 تەۋراتتا مەسىھ(ئىسائەلەيھىسسالام) توغۇرلۇق سۆزلەر بار،لېكىن يەھۇدىلار ئىسائەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرى كۈتۈۋاتقان(مەسىھ )ئەمەس دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئۇلار (يەھۇدىلار) زېمىندىكى بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى بىزگە ئېلىپ بېرىدىغان بۈيۈك بىر پادىشاھ كىلىدۇ، مانا بۇ ھەقىقى(مەسىھ)دەپ قارشىدۇ.يەھۇدىلارنىڭ نەزرىدە ھەزرىتى ئىسايەھۇدىلارنىڭ شەرىئىتىگە كاپىر بولغان ئادەتتىكى بىر ئىنسان.ئۇ يەھۇدىلارنىڭ دەۋىتىدىن ئاجراپ چىققانلىقى ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم يەھۇدىلار تەرىپىدىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان. شۇنى كەسكىن بايان قىلىش لازىمكى، خىرىستىيان دىنى خەلقئارالىق دىن ئەمەس-خەلقئارالىق دىن دېگەن كۆز قاراشنى ھازىرقى خىرىستىيان دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى(بولىس) ئوتتۇرغا قويغان-ئۇ يەھۇدىلارغا ئىبەرتىلگەن خاس دىندۇر. بولىس خىرىستىيان دىنىنىڭ خەلقئارالىق دىنلىقىغا ھەزرىتى ئىيساغا نىسبەت بېرىلىدىغان بىرمۇ دەلىل كەلتۈرگەن ئەمەس، بۇ كۆز قاراشنى ئۆزى توقۇپ ۋە كۈتۈرۈپ چىققان. بولىس خىرىستىيان دىنىنى خەلقئارالىق دىن دەپ دەۋا قىلىپ،خىرىستىيان دىنىغا يەھۇدىلار دىنى بىلەن خىرىستىيان دىنلىرى ئارسىدىكى يوچۇقنى يوقتىۋېتىدىغان باشقا تەلىماتلارنى كىرگۈزگەن. بولسىنىڭ كۆز قاراشلىرى پەيدا بولغاندىن كېيىن ھەقىقى خىرىستىيانلار بىلەن ئۇنىڭ ئارسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان. ,}1 دېمەك، بولىس يەھۇدىلارغا خاس كەلگەن خىرىستىيان دىنىنى خەلقئارالىق دىنغا ئايلاندۇرۇپ، ئۈچ ئىلاھلىق ۋە فىدىيە دېگەندەك ئېتىقادلارنى تۈزۈپ چىققان. ھەزرىتى ئىسا ئۆز ئاغزى بىلەن:"مەن ئېزىپ كەتكەن بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇرمەن "دېگەن.(ئىنجىل مەتتا 21 - قىسىم 24 - بەت ). ئىسا ئەلەيھىسسالام دەۋەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يەھۇدىلاردىن كۆپ قىيىنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ ۋە ئۇلاردىن كۈلپەت تارتىدۇ،ئىسائەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ناچار ئەخلاقلىرى ۋە توغرا يولدىن چەتنىگەنلىگىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۇ بىر قېتىم مۇنداق دېگەن:"ئى زەھەرلىك يىلاننىڭ باللىرى، ئۆزۈڭلار يامان ۋە ئەسكى تۇرۇپ،سىلەر قانداقمۇ ياخشى ئىشلار توغۇرلۇق سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىسىلەر!سىلەر يامان ۋە پاسىق ئەۋلاتلار،سىلەر يالغانچى كەززابلار"(مەتتا ئىنجىلى،12-قىسىم،34بەت). i خىرىستىيانلارنىڭ نەزرىدە مۇقەددەس كىتاب ئىككى قىسىم، بىرسى" ئەھدى قەدىم"، يەنە بىرسى"ئەھدى جەدىد"دەپ ئاتىلىدۇ. (ئەھدى قەدىم)يەھۇدىلارغا ئالاقىدار پارىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەھۇدىلارنىڭ پارىلىرى 39پارە، ئۇ پارىلارنىڭ ئىچىدە مۇسا، داۋۇد، سۇلايمان، دانيال، زەكەرىيا ئەلەيھىسالاملارغا... نىسبەت بېرىلىدىغانلىرى بار. قىستۇرۇپ بايان قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى:ئەھدى قەدىم(تەۋرات ۋە زەبۇر بىلەن قوشۇلۇپ) 39ئەسفار( پارە)، تەلمۇد ۋە بىروتوكىلات) دېگەندىن ئىبارەت.ئۇلار ئەھدى جەدىدقا ئىشەنمەيدۇ. خىرىستىيانلارنىڭ بىروستانت مەزھىبى ئېتىراپ قىلىدىغان (ئەھدى قەدىم)ئۈچ قىسىم: 1.تەۋرات، بۇ بەش پارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. پەيغەمبەرلەر پارىلىرى، يەنى ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ پارىلىرى، بۇ يىگىرمە پارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3.مەكتۇباتلار، بۇ زەبۇر، ئەمسال(سۇلايماننىڭ) ۋە ئۇندىن باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ پارىلارنىڭ ھەممىسى 39 پارە بولۇپ، ئۇنىڭغا بىروستانت چىركاۋى تايىنىدۇ، ئەمما كاتولىك چىركاۋى ئۇنىڭغا يەنە يەتتە پارىنى قوشىدۇ. ئەھدى جەدىد(يەنى ئىنجىل)بولسا خىرىستىيانلارغا خاس بولغان پارىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇ ئاساسەن مەتتا، مورقۇس،لوقا ۋە يۇھەننا ئىنجىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قوشۇمچە رۇسۇللار(ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان 12كىشى)نىڭ ئىش ئىزلىرى، بولس، يەئقۇب، بوترۇس، يۇھەننا، يەھۇزانىڭ رىسالىرىنى(كىتابچىلىرىنى)ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ رىسالىلەرنىڭ سانى جەمئى27 بولۇپ (سەفەر) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسى بىر بىرسىنى كاپىرغا چىقىرۋىتىش ئالاقىسىدۇر:((يەھۇدىيلار:«ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق(يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)»دېدى.ناسارالارمۇ:«يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق(يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)»دېدى.ھالبۇكى،ئۇلار كىتابنى(يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى)ئوقۇيدۇ))بەقەرە سۈرىسى،113- ئايەت. يەھۇدىلار ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدۇ، ھەزرىتى مەريەمگە زىناخور دەپ بەتنام چاپلايدۇ.خىرىستىيانلار ئىيسانىڭ قېنى يەھۇدىلارنىڭ گەدىنىدە، چۈنكى ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە دارغا ئاستى، دەپ قارايدۇ.

شۇنداقتىمۇ خىرىستىيانلار يەھۇدىلارنىڭ كىتابلىرىنى مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ،خىرىستىيانلار تەۋراتنى(بۇرمىلانغان بولسىمۇ)قوبۇل قىلىدۇ، مۇقەددەس بىلىدۇ ۋە ھەقىقىتىنى يوقاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. 5

خىرىستىيانلار دەسلەپقى باسقۇچتا يەھۇدىلارنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇلاردىكى10ۋەسىيەتكە ئەگىشەتتى، ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام:"مەن شەرىئەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كەلمىدىم، بەلكى ئۇ شەرىئەتنى(يەھۇدى دىنىنى)كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم"دەيدۇ.

دېمەك،ھەزرىتى ئىسا يېڭى بىر شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس،ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلگىنى ۋەز نەسىھەت ۋە كەڭچىللىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتۇر، يەنى يەھۇدىلارنى ماددىغا بېرىلىپ كېتىشتىن قايتۇرۇش ۋە يەھۇدى دىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن كەلگەن پەيغەمبەر. ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەھدى قەدىمغا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان.

خىرىستىيانلار، ھەر ئىككى شەرىئەت مۇسا تۇر تېغىدا ئاللاھدىن تاپشۇرۋالغان ۋەسىيەتلەرنى يادلاشقا بۇيرۇيدۇ،دەپ قارايدۇ. خىرىستىيان دىنىنىڭ شەرىئەت جەھەتتە يەھۇدى دىنىدىن پەرقى يوق، پەرقى بار دىيىلسىمۇ ناھايىتى ئاز تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، تالاق قانۇنىدا ئوخشاشمايدۇ، يەھۇدى دىنى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن توسىدۇ،خىرىستىيان دىنى بولسا ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئويلاشتىن ۋە باشقىلارنى يامان كۆرۈشتىن توسىدۇ. يەھۇدى شەرىئىتى زىنا قىلىشتىن توسىدۇ، خىرىستىيان دىنى بولسا ھەر قانداق پاسكىنا ئويلاردىن توسىدۇ.يەھۇدى شەرىئىتى دوسلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە دۈشمەنلەرنى يامان كۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئەمما خىرىستىيان دىنى بولسا دوست ۋە دۇشمەنلەرنى ياخشى كۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ.يەھۇدى شەرىئىتى تالاقنى مۇباھ قىلىدۇ، خىرىستىيان دىنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. يەھۇدى شەرىئىتى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشتىن توسىدۇ، خىرىستىيان شەرىئىتى بولسا مۇتلەق قەسەم قىلىشتىن توسىدۇ. يەھۇدى شەرىئىتى ئىنتىقام ئېلىشنى ئېتىراپ قىلىدۇ، يەنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ، ئەمما خىرىستىيان دىنى ئاھانەتنى قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.يەھۇدى دىنى ئىنسان نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئادالەتنى تۇرغۇزۇش ۋاجىب دەپ قارايدۇ، خىرىستىيان دىنى بولسا مۇھەببەت بىرلەشمىسە ئادالەتنىڭ ئۆزىلا قەلبىنى قاتۇرۋىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مانا بۇ يەھۇدى ۋە خىرىستىيان دىنى ئارسىدىكى پەرق. دېمەك، خىرىستىيان دىنىنى يېڭى دىن دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ نەپسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە كەڭچىللىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان تولۇقلىما دىن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى خىرىستىيانلار ئىستىلىدا بۇ ۋەسىيەتلەرگە ئەگەشمەيدۇ... ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن خىرىستىيان يېتەكچىلىرى يەھۇدى دىنى-يەھۇدى بولمىغان-يېڭى ئەگەشكۈچىلەرگە ئېغىر كىلىپ قالدى دەپ قاراپ مەسئۇلىيەت ۋە ھارام ئىشلارنى ئازايتىشقا باشلىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەتنە قىلىدىغان ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتتى، ھارام ئىشلارنى زىنا قىلىش، ئۆلۈپ قالغان نەرسىنى يېيىش، قاننى ئېچىش ۋە بۇتقا بوغۇزلانغان نەرسىنى يېيىشكە يىغىنچاقىلدى. ھاراق، چوشقا َگۆشى ۋە جازانىنى ھالال قىلىشتى، ۋەھالەنكى بۇ ئىشلار تەۋراتتا ھارام ئىدى. بولىس پەيدا بولغاندا خىرىستىيان دىنىغا يوق نەرسىلەرنى كىرگۈزدى.نەتجىدە خىرىستىيانلار خىرىستىيان دىنىنى ئىيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە بولىستىن تاپشۇرۋىلىشتى. تەدرىجى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بىرلەشمىلەرگە يۆتكىلىپ، ئۇلار ئىلاھلارنى پەيدا قىلىشتى، چاك كىسىدىغان ئىشنى قارار قىلىشتى ۋە پاتكاننىڭ گۇناھدىن خالى ئىكەنلىكىنى بىكىتىشتى. 1869-يىلىغا كەلگەندە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بىرلەشمىدىن پاتكانغا بېرىلدى، ئۇنىڭ چىقارغان قارارلىرى خاتالىقتىن خالى دەپ بەلگىلەندى.پاتكان ھوقۇقىغا تايىنىپ يەھۇدىلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قېنىدىن پاك(يەنى مەسئۇل ئەمەس)دەپ ئىلان قىلدى، شۇنى بايان قىلىشقا تېگىشلىككى، تەتقىقاتچىلاردىن كۆپلىگەنلەر پاتكاننىڭ بۇ قارارىنى قوللىشىپ بەرگەن كارادىلەر(مەسلىھەتچىلەر)نىڭ ئەسلىسى يەھۇدى ئىدى، ئۇلار يەھۇدىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان، دەپ قارشىدۇ. 60-يىللىرى پاتكان:"يەھۇدىلار ئىيسانىڭ قېنىدىن پاك"بۈگۈنكى يەھۇدىلار ئىلگىرىكى يەھۇدىلارنىڭ قىلمىشىدىن ھىسابقا تارتىلمايدۇ، دەپ سىياسى مەنپەئەت بىرلىكىدىن بۇ پەتىۋانى چىقارغان. ھالبۇكى خىرىستىيانلار يېقىنقى دەۋرىگە قەدەر ھەزرىتى ئىسا يەھۇدىلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلدى، دەپ ئېتىقاد قىلىشاتتى. 1964-يىلى ئامىرىدىكى بىروستانت چىركاۋى يەھۇدىلارنى مەسىھنىڭ قېنىدىن مەسئۇل ئەمەس دەپ ئاقلىغان.1973-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى پاتكان ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى گولدا مائىرنى كۈتىۋالغاندا ئىسرائىل دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىپ:"يەھۇدىلارنىڭ خىرىسىتىيانلارنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىرىنى قوغداپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ"دېگەن. `3 2000-يىلى3-ئاينىڭ 12-كۈنى پاتكان قايتىدىن يەھۇدىلارغا ئۆزرە ئېيتقان، ئۇلارنى تارىختىن بۇيان زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگەن،دەپ سۈپەتلەيدۇ.دېمەك، بۈگۈنكى دۇنيادىكى سىياسى مەنپئەت بىرلىگى بىر بىرىگە قان قىساس ئالاقىسى بار ئىككى دۈشمەنلەرنى بېرلەشتۈرگەن. شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش لازىمكى، غەرب ئەللىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى مۇستەملىكە قىلىۋالىغان، ئىسلام دۇنياسدىكى جىھاد ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ تەسىرىدىن پۇت دەسسەپ تۇرالماي مەغلۇب بولۇپ چىكىنىشكە مەجبۇر بولغان.ئەگەر ئۇلار پۇت دەسسەپ تۇرالىغان بولسا ئىسلام ئەللىرىدىن رەسۋالارچە چىكىنمىگەن بولاتتى. ئىسلام دۇنياسىنى پارچىلىغاندىن سىرت يەنىلا سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ۋە ھەربى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈركىگە دۈشمەندىن بىرنى(يەنى يەھۇدىلارنى) تىكلەپ قويۇپ چىكىنىشتى، غەرب ئەللىرى ئۆزىنىڭ شەخىسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىسرائىلدىن ئىبارەت بۇ دۈشمەننى ھەر قانداق ۋاقىتتا تەمىنلەپ تۇرىدۇ ۋە قوللايدۇ.ئىسرائىل دۆلىتى ئاساسەن غەربنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئىسلام زېمىنىدا قۇرۇلغان. يەھۇدىلارنى شەخسى دۆلەت قۇردى، دېگەندىن كۆرە-گەرچە ئۇلاردا سىياسى قابىلىيەت بولسىمۇ- غەرب مۇستەملىكچىلىرى قۇرۇپ بەردى دېگەن تۈزۈكرەك، بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھ.